10 – چوقۇندۇرۇش
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: چوقۇندۇرۇش.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: چوقۇندۇرۇش.
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس! ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر.
”پېترۇس ئۇلارغا: توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.
”(ئەمدى [يەھيانى] ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى).
”ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى.
”شۇڭا كۆڭلۈڭلارنى خەتنىلىك قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلماڭلار.
”مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇۋەتكەيسەن، گۇناھىمدىن مېنى تازىلىغايسەن.
”مېنى [گۇناھلىرىمدىن] زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن.
”ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛
”ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟
”ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن. مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن. مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛
”ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا: ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!
”پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.
”شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ: ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ دېدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى. ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دەپ ئاڭلاندى. مەسىھنىڭ دەۋرىدە، قانائان
”ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن. يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: بىلمەيمىز، دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، دېدى ئۇ ئۇلارغا.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
”كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يەھيا [پەيعەمبەر] چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشقا باشلىدى. پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەر ۋە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. يەھيا بولسا تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى؛ يېمەكلىكى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرى مەندىن كېيىن كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
”شۇ كۈنلەردە، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسارەت شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلاردىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
”ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: مەنمۇ سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن: ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ! ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى). بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: بىلمەيمىز، دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، دېدى ئۇ ئۇلارغا.
”ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ. ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ،
”ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى.
”يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا: ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» دېدى.
”بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى.
”يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن: مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.
”شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ، مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
”(ئەمدى [يەھيانى] ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى).
”يەھيا يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: مەن روھنىڭ پاختەك ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى. مەن دەرۋەقە شۇ ئىشنى كۆردۈم، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىم!
”ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! دېدى. نىكودىم: ئادەم قېرىغىنىدا قانداقمۇ قايتىدىن تۇغۇلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتا كىرىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟! دەپ سورىدى. ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس! ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر. ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما.
”بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. شۇ چاغدا يەھيا [پەيغەمبەرمۇ] سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى
”[شۇ ۋاقىتلاردا] يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى. ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزۈڭ [تەرىپلەپ] گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ، دېدى. يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئەگەر ئۇنىڭغا ئەرشتىن ئاتا قىلىنمىغان بولسا، ئىنسان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ.
”ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىن (ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى) ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى.
”ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.
”ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر».
”ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى.
”پېترۇس ئۇلارغا: توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.
”شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى [جامائەتكە] قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، [ئېتىقادچىلارنىڭ] بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى. ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى.
”لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە [فىلىپ] كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.
”يېرۇسالېمدىكى روسۇللار سامارىيەلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى؛ ئىككىيلەن ئۇ يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىغۇچىسى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدى. چۈنكى مۇقەددەس روھ تېخى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمىگەنىدى؛ ئۇلار پەقەت رەب ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئاتا قىلىندى.
”ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. [مۇشۇ يەردىلا] چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ دېدى. ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ۋە ئاغۋات ئىككىسى بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. ئۇلار سۇدىن چىققاندا، رەبنىڭ روھى فىلىپنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئاغۋات ئۇنى قايتا كۆرمىدى، ئەمما ئۇ شادلىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى؛ ئۇ شۇ يۇرتنى كېزىپ، شۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلگۈچە بولغان ھەممە شەھەرلەردە خۇش خەۋەر جاكارلىدى.
”سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
”ــ مۇشۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشاش مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغۇچى بولغان بولسا، كىم ئۇلارنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى توسالىسۇن؟! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ رەبنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلار پېترۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى ئۆتۈندى.
”شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟ ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! دېيىشتى.
”ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا [پەيغەمبەر] چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى [بىلدۈرىدىغان] چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى.
”ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. رەب ئۇنىڭ قەلبىنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاچتى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ بىزدىن ئۆتۈنۈپ: ئەگەر سىلەر مېنى [ھەقىقەتەن] رەبگە ئېتىقاد قىلغۇچى دەپ بىلسەڭلەر، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇڭلار! دەپ چىڭ تۇرۇپ بىزنى ماقۇللاتتى.
”رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! دېدى ئۇلار. شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى. كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا [گۇندىپاي] ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛
”ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
”ئۇلاردىن: سىلەر ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردا، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ دەپ سورىدى. ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. پاۋلۇس يەنە: ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ دەپ سورىدى. بىز يەھيا [پەيغەمبەر] يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، دېدى ئۇلار. پاۋلۇس: يەھيا [پەيغەمبەر] خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، دېدى. ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى. پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.
”شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى.
”ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟ بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى [مەسىھنىڭ] ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن (چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ). مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز.
”شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار.
”لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر.
”بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار.
”چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق.
”شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى!
”چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار.
”ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ،
”ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)، بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛
”تەن بىردۇر، روھ بىردۇر، خۇددى چاقىرىلغىنىڭلاردا، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئۈمىدكە چاقىرىلغىنىڭلاردەك، ــ رەب بىردۇر، ئىمان-ئېتىقاد بىردۇر، چۆمۈلدۈرۈلۈش بىردۇر،
”[مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
”سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن [گۇناھلىق] ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، (ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!
”سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى.
”مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ
”ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر!
”