09 – توۋا

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: توۋا.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

لۇقا 13:5

مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.

ماركۇس 9:43-44

ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.

پېترۇس «2» 3:9

رەب ئۆز ۋەدىسىنى [ئورۇنداشنى] (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ [ۋاقىتنى سوزماقتا].

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 517 ئابزاسلار

يارىتىلىش 2:16-17

پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛ ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، دېدى.

يارىتىلىش 17:1

ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن.

مىسىردىن چىقىش 20:20

مۇسا خالايىققا جاۋابەن: قورقماڭلار؛ چۈنكى خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، يەنى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 32:26

مۇسا چېدىرگاھنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ: كىمكى پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدە بولسا مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن! دېدى. شۇنى دېۋىدى، لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلدى.

لاۋىيلار 1:4

ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ.

لاۋىيلار 5:5

بىرسى يۇقىرىقى ھەرقايسى ئىشلاردا مەن گۇناھكار بولدۇم دەپ بىلسە، ئۇ ئۆز گۇناھىنى «مەن مۇنداق گۇناھ قىلدىم» دەپ ئىقرار قىلسۇن؛

لاۋىيلار 6:7

كاھىن بۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەرقايسى ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.

لاۋىيلار 16:16

ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كافارەت قىلسۇن.

لاۋىيلار 16:30

چۈنكى شۇ كۈنىدە سىلەرنى پاكلاشقا سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك بولىسىلەر.

لاۋىيلار 17:11

چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ.

لاۋىيلار 20:7

شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

لاۋىيلار 23:28-29

ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كافارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كافارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر. ھەركىم شۇ كۈنى نەپسىنى تارتماي ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

لاۋىيلار 26:40

ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ،

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 5:6

سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە،

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:7

خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز ئاغزىمىزنى بۇزۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەم ساڭا ھۇجۇم قىلىپ، يامان گەپ قىلىپ گۇناھ قىلدۇق؛ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلساڭ، ئۇ بۇ يىلانلارنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەي، — دېۋىدى، مۇسا خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

قانۇن شەرھى 4:29-31

سىلەر شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئىزدەيسىلەر؛ پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر. سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ.

قانۇن شەرھى 5:32

ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار!

قانۇن شەرھى 6:5-9

سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن. مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛ ئۇلارنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛ سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن.

قانۇن شەرھى 6:13

سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن، ئىبادىتىدە بولغىن ۋە قەسەم قىلساڭ ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم ئىچكىن.

قانۇن شەرھى 7:4-6

چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ. سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان.

قانۇن شەرھى 18:13

سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز مۇكەممەل بولۇشۇڭ كېرەك؛

قانۇن شەرھى 30:6

پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن سۆيۈشكە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قەلبىڭنى ۋە نەسىللىرىڭنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھايات ياشايسىلەر.

باتۇر ھاكىملار 10:15

ئەمما ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ: بىز گۇناھ قىلدۇق! ئەمدى نەزىرىڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە بىزگە شۇنداق قىلغىن، بىزنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا قۇتقۇزۇۋالغايسەن! دېدى.

سامۇئىل «2» 22:24

مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم.

سامۇئىل «2» 24:10

داۋۇت خەلقنىڭ سانىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋىجدانى ئازابلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: بۇ قىلغىنىم ئېغىر گۇناھ بولۇپتۇ. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمەقانىلىك قىپتىمەن، دېدى.

پادىشاھلار «1» 8:23

مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن.

پادىشاھلار «1» 8:38-39

سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا، ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛

تارىخ-تەزكىرە «1» 16:23

پۈتۈن جاھان، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار، نىجاتىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار!

تارىخ-تەزكىرە «1» 28:9

ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

تارىخ-تەزكىرە «2» 6:36-39

ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆز زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ دۇئا قىلسا، سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن؛

تارىخ-تەزكىرە «2» 7:12-15

ئاندىن پەرۋەردىگار كېچىدە سۇلايمانغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ بۇ جاينى «قۇربانلىق ئۆيى» بولۇشقا تاللىدىم. ئەگەر مەن ئاسماننى يامغۇر ياغمايدىغان قىلىپ ئېتىۋەتسەم ياكى چېكەتكىلەرگە زېمىندىكى مەھسۇلاتلارنى يەپ تاشلاشنى بۇيرۇسام ۋە ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا تارقىتىۋەتسەم، [شۇ چاغدا] نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن. ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ.

تارىخ-تەزكىرە «2» 15:12

ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛

ئەزرا 9:3-5

مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا كۆڭلەك بىلەن تونۇمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ غەم-قايغۇغا چۈشۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم. كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ،

ئەزرا 10:1

ئەزرا دۇئا قىلىپ، گۇناھىنى تونۇپ يىغلاپ خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتقان چاغدا، ئىسرائىللاردىن ناھايىتى چوڭ بىر جامائەت، ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يىغىلدى؛ كۆپچىلىكمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.

نەھەمىيا 1:4-7

مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، بىرنەچچە كۈنگىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، ئاسمانلاردىكى خۇدا ئالدىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق! بىز سېنىڭ يولۇڭغا تەتۈر ئىش قىلىپ، سەن قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلىغان ئەمرلىرىڭ، بەلگىلىمىلىرىڭ ۋە ھۆكۈملىرىڭنى ھېچ تۇتمىدۇق.

نەھەمىيا 10:28-29

قالغان خەلق: كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر، ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقىپ، خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا قايتقانلارنىڭ ھەربىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى قاتارلىق ھىدايەت تېپىپ يورۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۆتىۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ: «ئۆزىمىزنى قارغىش قەسىمى بىلەن ئەھدىگە باغلاپ، خۇدانىڭ قۇلى مۇسا ئارقىلىق جاكارلىغان تەۋرات قانۇنىدا مېڭىپ، رەببىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى، ھۆكۈم-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىمىز؛

ئايۇپ 13:23-24

مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر! نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟

ئايۇپ 19:26

ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!

ئايۇپ 31:6

(مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى! ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!)

ئايۇپ 33:27-28

ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: «مەن گۇناھ قىلدىم، توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن، بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى! ئۇ روھىمنى ھاڭغا چۈشۈشتىن قۇتقۇزدى، جېنىم نۇرنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرىدۇ» دەيدۇ.

ئايۇپ 42:5-6

مەن قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن، بىراق ھازىر كۆزۈم سېنى كۆرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم».

زەبۇر 4:3

بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ئىخلاسمەنلەرنى ئۆزىگە خاس قىلغان؛ مەن ئۇنىڭغا نىدا قىلغىنىمدا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ.

زەبۇر 9:7-8

بىراق پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ئولتۇرۇپ [ھۆكۈم سۈرىدۇ]؛ ئۇ ئۆز تەختىنى سوت قىلىشقا تەييارلاپ بېكىتكەن؛ ئالەمنى ھەققانىيلىق بىلەن سوت قىلغۇچى ئۇدۇر؛ خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛

زەبۇر 9:10

نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن.

زەبۇر 13:5

بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛ يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛

زەبۇر 18:23

مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم؛

زەبۇر 25:5

مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛

زەبۇر 25:7

مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛

زەبۇر 25:18

دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن!

زەبۇر 29:2

پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شانۇ-شەۋكەت بەرگەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار!

زەبۇر 31:5

مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى.

زەبۇر 32:1

داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى بەختلىكتۇر!

زەبۇر 32:5

ئەمدى گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم، قەبىھلىكىمنى سەندىن يوشۇرىۋەرمەيدىغان بولدۇم؛ مەن: «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن» دېدىم، شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ رەزىل گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلدىڭ. سېلاھ!

زەبۇر 33:8

پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛

زەبۇر 34:15-18

پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار

زەبۇر 34:22

قۇتقۇزار تەقۋادارلىرىنىڭ ھاياتىنى پەرۋەردىگار، كىمكى ئۇنى پاناھ قىلسا جازادىن خالىي بولار

زەبۇر 38:18

چۈنكى مەن ئۆز يامانلىقىمنى ئىقرار قىلىمەن؛ گۇناھىم ئۈستىدە قايغۇرىمەن.

زەبۇر 41:4

مەن ئىلتىجا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» دېدىم.

زەبۇر 51:1-4

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ [كۈي] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن! مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇۋەتكەيسەن، گۇناھىمدىن مېنى تازىلىغايسەن. چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى تونۇپ ئىقرار قىلدىم؛ گۇناھىم ھەمىشە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. سېنىڭ ئالدىڭدا، پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، نەزىرىڭدە رەزىل بولغان ئىشنى سادىر قىلدىم؛ شۇ ۋەجىدىن، سەن [مېنى ئەيىبلەپ] سۆزلىسەڭ، ئادىللىقىڭ ئىسپاتلىنىدۇ؛ [مېنى] سوراق قىلغىنىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

زەبۇر 51:7

مېنى [گۇناھلىرىمدىن] زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن.

زەبۇر 51:9-11

گۇناھلىرىمدىن چىرايىڭنى يوشۇرۇپ، يامانلىقلىرىمنى ئۆچۈرىۋەتكەيسەن. مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن. مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن.

زەبۇر 69:5

ئى خۇدا، مېنىڭ نادانلىقىم ئۆزۈڭگە ئايان؛ مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەستۇر.

زەبۇر 74:12

بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر.

زەبۇر 78:10

ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى.

زەبۇر 79:8-9

ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى، نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛

زەبۇر 86:5

چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن!

زەبۇر 103:8

پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ.

زەبۇر 103:10-12

ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس، بىزگە قەبىھلىكلىرىمىزگە قارىتا تېگىشلىكىنى ياندۇرغان ئەمەس. ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر. شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى.

زەبۇر 103:17-19

لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر. لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر. پەرۋەردىگار تەختىنى ئەرشتە قۇرغان، ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛

زەبۇر 106:6

بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق، يامانلىق ئەيلىدۇق.

زەبۇر 111:10

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.

زەبۇر 115:1

بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن، ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن.

زەبۇر 119:1-3

نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار، ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار، ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر، ھېچبىر ھەقسىزلىقنى قىلمىغانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدۇ.

زەبۇر 119:11

گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن، سۆزۈڭنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈۋالدىم.

زەبۇر 119:136

كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ.

زەبۇر 130:7

ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛

زەبۇر 147:11

پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 1:7

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 3:5-7

ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.

پەند-نەسىھەتلەر 4:14-15

يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە، رەزىللەرنىڭ ئىزىنى باسما. ئۇلارنىڭ [يولىدىن] ئۆزۈڭنى قاچۇر، [يولىغا] يېقىن يولىما؛ ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەت، نېرى كەتكىن.

پەند-نەسىھەتلەر 8:13

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن.

پەند-نەسىھەتلەر 28:9

كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار.

پەند-نەسىھەتلەر 28:13-14

ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر. [پەرۋەردىگاردىن] ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار.

ھېكمەت توپلىغۇچى 7:20

بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.

ھېكمەت توپلىغۇچى 12:13-14

بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛ چۈنكى ئادەم قىلغان ھەربىر ئىش، جۈملىدىن بارلىق مەخپىي ئىشلار، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، خۇدا ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ.

يەشايا 1:16

ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛

يەشايا 1:18

ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ.

يەشايا 5:20-21

ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي! ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي!

يەشايا 6:7

ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» دېدى.

يەشايا 42:6

مەنكى پەرۋەردىگار سېنى ھەققانىيلىق بىلەن شۇنىڭغا چاقىرغانمەنكى، سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىمەن، سېنى قوغداپ ساقلايمەن، ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن؛

يەشايا 43:25-26

مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن، مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن. ئەمدى ئۆتمۈشۈڭ توغرۇلۇق مېنى ئەسلىتىپ قويغىن، مۇنازىرە قىلىشايلى، ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن!

يەشايا 44:22-23

ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم. ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!».

يەشايا 45:21-22

ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛ مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن! كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟ كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟ ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر. ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر، ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار! چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛

يەشايا 51:11

شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.

يەشايا 53:5-6

لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى.

يەشايا 55:6-9

ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛ ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار! رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى، ناھەق ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىدۇ؛ خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ زور كەچۈرۈم قىلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛ چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.

يەشايا 57:15

چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن.

يەشايا 61:1-3

«رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى، ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا، بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى. زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.

يەشايا 64:6

ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى.

يەشايا 66:2

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان، ئۇلار شۇنداق بولغاچقىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمىدى؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار، لېكىن مەن نەزىرىمنى شۇنداق بىر ئادەمگە سالىمەن: مۆمىن-كەمتەر، روھى سۇنۇق، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ تىترەك باسىدىغان بىر ئادەمگە نەزىرىمنى سالىمەن.

يەرەمىيا 3:13

پەقەت سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭنى، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزۈڭنى ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا يات ئىلاھلارغا بېغىشلىغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمغا ھېچ قۇلاق سالمىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلساڭلا [مەندىن رەھىم-شەپقەت كۆرىسەن] دەيدۇ پەرۋەردىگار.

يەرەمىيا 3:25

نەتىجىدە بىز ئۇيات-خىجىللىق ئىچىدە ياتتۇق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئالاقزادىلىك بىزنى قاپلىۋالدى؛ چۈنكى ياشلىقىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەممىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ كەلدۇق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدۇق.

يەرەمىيا 4:14

ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟

يەرەمىيا 6:19

ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان.

يەرەمىيا 8:6

مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ.

يەرەمىيا 9:13-14

پەرۋەردىگار دەيدۇ، چۈنكى ئۇلار مەن ئۇلار ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇننى تاشلىۋەتكەن، مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭدا ماڭمىغان، بەلكى ئۆز قەلبىدىكى جاھىللىققا ئەگەشكەن، ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەندەك بائاللارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كەتكەن،

يەرەمىيا 14:7

ــ ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرگىنى بىلەن، ئۆزۈڭنىڭ نامىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلغايسەن! چۈنكى بىزنىڭ يولۇڭدىن چىقىپ كېتىشىمىز ئىنتايىن كۆپتۇر؛ بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.

يەرەمىيا 14:20

ئى پەرۋەردىگار، رەزىللىكىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى تونۇپ ئىقرار قىلىمىز؛ چۈنكى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.

يەرەمىيا 17:14

مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن!

يەرەمىيا 24:7

مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ.

يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 3:22-23

توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى، ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر!

يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 5:15-17

شاد-خۇراملىق كۆڭلىمىزدىن كەتتى، ئۇسسۇل ئوينىشىمىز ماتەمگە ئايلاندى. بېشىمىزدىن تاج يىقىلدى؛ ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق! بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلدى؛ بۇلار تۈپەيلىدىن كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلاشتى ــ

ئەزاكىيال 18:4

مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ.

ئەزاكىيال 18:20

گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛

ئەزاكىيال 18:21-23

ۋە رەزىل كىشى بارلىق سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. ئۇنىڭ سادىر قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۇنىڭ ھېسابىغا ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ قىلغان ھەققانىيلىقى بىلەن ھايات بولىدۇ. مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھۇزۇر ئالامدىمەن؟ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ئەكسىچە، مەندىكى ھۇزۇر ئۇنىڭ ئۆز يولىدىن يېنىپ توۋا قىلغانلىلقىدىن ئەمەسمۇ؟

ئەزاكىيال 18:24

ھەققانىي كىشى ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلغان، رەزىل ئادەملەرنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىيلىقلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۆتكۈزگەن ئاسىيلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ ئىچىدە، ئۇ ئۆلىدۇ.

ئەزاكىيال 18:25

ئەمما سىلەر: «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئەمدى، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ئاڭلاڭلار؛ مېنىڭ يولۇم ئادىل ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئادىلسىزلىك ئەمەسمۇ؟

ئەزاكىيال 18:26

ھەققانىي كىشى ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ؛ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى بىلەن ئۇ ئۆلىدۇ.

ئەزاكىيال 18:27-28

ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ. چۈنكى ئۇ ئويلىنىپ، بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن ياندى؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ.

ئەزاكىيال 18:29

لېكىن ئىسرائىل جەمەتى «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيدۇ؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مېنىڭ يوللىرىم ئادىل ئەمەسمۇ؟ ئادىل بولمىغىنى سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەسمۇ؟

ئەزاكىيال 18:30-32

شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ. ئۆزۈڭلاردىن بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار؛ نېمىشقا ئۆلمەكچىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ چۈنكى ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ شۇڭا يولۇڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىپ ھايات بولۇڭلار!».

ئەزاكىيال 20:43

سىلەر ئۇ يەردە ئۆز يوللىرىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بارلىق قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كۆزگە ئىلمايسىلەر، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.

ئەزاكىيال 33:18-19

ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى سادىر قىلسا، ئۇ بۇنىڭدا ئۆلىدۇ. رەزىل ئادەم ئۆز رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈرسە، بۇ ئىشلاردىن ھاياتقا ئىگە بولىدۇ.

ئەزاكىيال 36:25-26

ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن. مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن.

دانىيال 9:3-6

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم! بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، شۇنداقلا سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتكۈل زېمىندىكى خەلققە سۆز-كالامىڭنى يەكۈزگەن قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە زادى قۇلاق سالمىدۇق.

دانىيال 9:8

ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.

دانىيال 9:9-10

ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ. بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق.

دانىيال 9:20

مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ،

دانىيال 12:2

تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ.

ھوشىيا 14:1

ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.

يوئېل 2:12-13

بىراق ھەتتا ھازىرمۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار، چىن كۆڭلۈڭلەر بىلەن، روزىلار بىلەن، يىغىلار بىلەن ماتەم تۇتۇپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار؛ كىيىم-كېچىكىڭلارنى ئەمەس، بەلكى يۈرەك-باغرىڭلارنى تىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر، يامانلىقتىن يانىدىغان [خۇدا]دۇر.

يوئېل 3:14

ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى.

يۇنۇس 3:5-10

نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى. بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛ كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى.

مىكاھ 7:9

مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدىم ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگۈزگۈچە كۈتىمەن؛ ئۇ مېنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمەن.

مىكاھ 7:18-19

قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان، ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن، ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟ ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن.

ماتتا 1:21

ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.

ماتتا 3:2

كىشىلەرگە: توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى! دەپ جاكارلاشقا باشلىدى.

ماتتا 3:5-6

ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.

ماتتا 3:7-8

لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا: ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!

ماتتا 3:10-12

پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.

ماتتا 3:13-15

شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ: ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ دېدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى.

ماتتا 4:16-17

قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى». شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جار قىلىشقا باشلىدى.

ماتتا 5:3-10

مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ. مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر. مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ. مۇبارەك، رەھىمدىللار! چۈنكى ئۇلار رەھىم كۆرىدۇ. مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار! چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ. مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى! چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر.

ماتتا 5:18-20

چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەققانىيلىقىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن ئاشمىسا، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھېچقاچان كىرەلمەيسىلەر.

ماتتا 5:29-30

ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل.

ماتتا 5:48

شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار.

ماتتا 6:9-13

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي. بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن. بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».

ماتتا 6:14-15

چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.

ماتتا 6:22-23

تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

ماتتا 6:24

ھېچكىم [بىرلا ۋاقىتتا] ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

ماتتا 6:33

شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.

ماتتا 7:13-14

تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.

ماتتا 7:17-20

شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، پور دەرەخ ناچار مېۋە بېرىدۇ. ياخشى دەرەخ ناچار مېۋە بەرمەيدۇ، پور دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر.

ماتتا 7:21-23

ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.

ماتتا 10:22

شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ.

ماتتا 10:28

تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار.

ماتتا 10:32-33

شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن.

ماتتا 10:37-39

ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.

ماتتا 11:20

ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ

ماتتا 15:19

چۈنكى يامان ئويلار، قاتىللىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار قەلبتىن چىقىدۇ.

ماتتا 16:26

چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!

ماتتا 18:3

ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر.

ماتتا 18:6

لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.

ماتتا 18:8-9

ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ماتتا 18:21-22

ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم!

ماتتا 18:35

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

ماتتا 19:29

مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ.

ماتتا 20:28

ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.

ماتتا 21:32

چۈنكى گەرچە يەھيا [پەيغەمبەر] سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.

ماتتا 22:11-14

پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ. پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر.

ماتتا 22:37-40

ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ.

ماتتا 24:13

لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.

ماتتا 25:1-12

ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز. پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ. پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ. يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار [ماي] ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ. كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ. بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ماتتا 25:31-46

ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ. ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار! چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ.

ماتتا 26:28

بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.

ماتتا 26:41

ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، دېدى.

ماتتا 27:50-51

ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ،

ماتتا 28:19

شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ،

ماركۇس 1:4-5

كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يەھيا [پەيعەمبەر] چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشقا باشلىدى. پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەر ۋە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.

ماركۇس 1:15

ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.

ماركۇس 6:11-12

قايسى يەردىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، شۇنداقلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا جار سېلىپ ئۈندىدى.

ماركۇس 7:20-23

ئۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىلا، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. چۈنكى شۇلار يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ چۈنكى شۇلار يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ ــ بۇ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۆزىنى ناپاك قىلىدۇ.

ماركۇس 8:34-37

ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!

ماركۇس 8:38

چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ.

ماركۇس 9:43-44

ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.

ماركۇس 9:45-46

ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.

ماركۇس 9:47-48

ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.

ماركۇس 10:15

مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، دېدى.

ماركۇس 10:45

چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى.

ماركۇس 11:25

ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

ماركۇس 11:26

لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.

ماركۇس 13:13

شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.

ماركۇس 14:24

ئۇ ئۇلارغا: بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.

ماركۇس 14:36

ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، دېدى.

ماركۇس 14:38

ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، دېدى.

ماركۇس 16:16

ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ.

لۇقا 1:50

ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر،

لۇقا 1:75

ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى.

لۇقا 1:77

ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛

لۇقا 3:3

ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى.

لۇقا 3:7-9

يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا: ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» دېدى.

لۇقا 3:12

بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى.

لۇقا 3:21

شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ،

لۇقا 4:18

ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى».

لۇقا 5:8

سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! دېدى.

لۇقا 6:36-37

ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر.

لۇقا 7:30

لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى).

لۇقا 7:46-48

سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ ئايالغا: گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، دېدى.

لۇقا 9:23-25

ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!

لۇقا 9:26

چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ.

لۇقا 9:62

ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، دېدى.

لۇقا 11:2-4

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتا، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي. ھەر كۈنلۈك نېنىمىزنى بىزگە ھەركۈنى بەرگەيسەن. بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن».

لۇقا 12:8-9

ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ.

لۇقا 13:2-5

ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟ مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟ مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.

لۇقا 15:7

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.

لۇقا 15:10

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ.

لۇقا 15:11-32

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ. دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ. ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ. ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم! ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ. ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ. بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ. ئەمدى چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى سوراپتۇ. چاكار ئۇنىڭغا: ئۇكاڭ كەلدى ۋە ئاتاڭ ئۇنى ساق-سالامەت تېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. لېكىن [چوڭ ئوغلى] خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ۋە ئاتىسى چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ! لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» دەپتۇ. بىراق ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، سەن ھەردائىم مېنىڭ يېنىمدىسەن ۋە مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر. ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» دەپتۇ.

لۇقا 16:30-31

لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» دېدى. ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» دېدى.

لۇقا 17:3-4

ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن. مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن.

لۇقا 18:13

بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» دەپتۇ.

لۇقا 19:10

چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، دېدى.

لۇقا 22:19-20

ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، دېدى. ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر.

لۇقا 22:40

ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا: ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى.

لۇقا 22:42

ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن دەپ دۇئا قىلدى؛

لۇقا 23:39-43

ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! دېدى. بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟ بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن، ئۇ ئەيساغا: ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، دېدى.

لۇقا 24:46-47

ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: [مۇقەددەس يازمىلاردا] شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.

يۇھاننا 1:12-13

شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ.

يۇھاننا 1:29

ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!

يۇھاننا 3:3

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! دېدى.

يۇھاننا 3:5-7

ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس! ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر. ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما.

يۇھاننا 3:14-21

مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛ لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ.

يۇھاننا 3:22

بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى.

يۇھاننا 3:36

ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.

يۇھاننا 4:24

خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.

يۇھاننا 5:14

بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا: مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! دېدى.

يۇھاننا 5:24

ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.

يۇھاننا 5:28-29

بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ.

يۇھاننا 6:37

ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.

يۇھاننا 6:40

چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن.

يۇھاننا 6:44-45

مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ [سۆزىنى] تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.

يۇھاننا 6:47

بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر.

يۇھاننا 6:51

ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.

يۇھاننا 6:53-58

شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ. ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ. مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «[ماننا]»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «[ماننا]»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!

يۇھاننا 8:12

شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.

يۇھاننا 8:24

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، دېدى.

يۇھاننا 8:31-32

ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، دېدى.

يۇھاننا 9:31

بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ.

يۇھاننا 10:16

بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.

يۇھاننا 10:26-28

بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.

يۇھاننا 11:25-27

ئەيسا ئۇنىڭغا: تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ ئۇ ئۇنىڭغا: ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن.

يۇھاننا 12:25

كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ.

يۇھاننا 12:42-43

ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى.

يۇھاننا 12:46

مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم.

يۇھاننا 12:48

بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ.

يۇھاننا 14:6

ئەيسا ئۇنىڭغا: يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.

يۇھاننا 14:15

ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.

يۇھاننا 15:12-13

مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر.

يۇھاننا 16:8-11

ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ. ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى.

يۇھاننا 17:17

ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر.

يۇھاننا 20:29-31

ئەيسا ئۇنىڭغا: مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! دېدى. ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:21

ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ».

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:38

پېترۇس ئۇلارغا: توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:41-42

شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى [جامائەتكە] قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، [ئېتىقادچىلارنىڭ] بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:19

شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:12

ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:31

خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:12-13

لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە [فىلىپ] كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:22

شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:36-37

ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. [مۇشۇ يەردىلا] چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:18

سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:34-35

پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: بەرھەق، مەن خۇدانى ھېچقانداق ئادەمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىپ يەتتىم؛ بەلكى ھەر ئەلدىن بولغانلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزىدىغان كىشى بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر. پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: بەرھەق، مەن خۇدانى ھېچقانداق ئادەمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىپ يەتتىم؛ بەلكى ھەر ئەلدىن بولغانلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزىدىغان كىشى بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:42-43

ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى. بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:48

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ رەبنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلار پېترۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى ئۆتۈندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:18

ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! دېيىشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:23-24

ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا [پەيغەمبەر] چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى [بىلدۈرىدىغان] چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:38-39

ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:22

ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، دەپ نەسىھەت قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:30-33

ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دەپ سورىدى. رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! دېدى ئۇلار. شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى. كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا [گۇندىپاي] ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:30-31

شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا! چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:8

ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:4-5

پاۋلۇس: يەھيا [پەيغەمبەر] خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، دېدى. ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:18

نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:21

يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:28

مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22:16

شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:18

مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 28:28

شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ بۇ نىجاتلىقى يات ئەللىكلەرگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي قالمايدۇ! دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى.

رىملىقلارغا 1:16

چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر!

رىملىقلارغا 1:28-32

ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى. ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ.

رىملىقلارغا 2:2-11

بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى [مۇتلەق] ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر. شۇڭا، ئى شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچى ئىنسان، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن دەپ خىيال قىلامسەن؟ ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟ ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن. خۇدا ھەركىمگە ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا ئىش كۆرىدۇ. ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛ يامانلىق قىلىدىغان بارلىق جان ئىگىسىگە، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن كرېكلەرگە كۈلپەت ۋە دەرد-ئەلەم چۈشىدۇ؛ بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ. چۈنكى خۇدادا ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش يوقتۇر.

رىملىقلارغا 2:16

ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، [يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ].

رىملىقلارغا 3:10-11

دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر، يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر، خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر.

رىملىقلارغا 3:18-19

«ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر». تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر.

رىملىقلارغا 3:20

شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ.

رىملىقلارغا 3:23-25

(چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى) چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ. خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ [ئىنسانلارنىڭ] ئۇنىڭ [قۇربانلىق] قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن [قۇربانلىق] ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

رىملىقلارغا 3:28

چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز!

رىملىقلارغا 4:7

«ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!

رىملىقلارغا 4:25

بۇ، «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن سۆز يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان؛ [مەسىھ] بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.

رىملىقلارغا 5:1-5

شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز. ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز. شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى.

رىملىقلارغا 5:8-11

لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز.

رىملىقلارغا 5:20-21

ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى. شۇنىڭدەك، گۇناھ [ئىنسانىيەتنىڭ] ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ [ئۇلارنى] ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

رىملىقلارغا 6:1-3

ئۇنداقتا، نېمە دېگۈلۈك؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ گۇناھ ئىچىدە ياشاۋېرەمدۇق؟ ياق، ھەرگىز! گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن بىزلەر قانداقمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىمىز؟ ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟

رىملىقلارغا 6:4-7

بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى [مەسىھنىڭ] ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن (چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ).

رىملىقلارغا 6:7-11

(چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ). مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار.

رىملىقلارغا 6:11-14

شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار. شۇڭا گۇناھنىڭ ئۆلىدىغان تېنىڭلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماڭلار، ئۇنىڭ رەزىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنماڭلار، شۇنىڭدەك تېنىڭلارنىڭ ھېچ ئەزاسىنى ھەققانىيەتسىزلىققا قورال قىلىپ گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەردەك، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار ھەمدە تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ھەققانىيەتنىڭ قورالى قىلىپ خۇداغا ئاتاڭلار. گۇناھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھېچ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.

رىملىقلارغا 6:17-19

خۇداغا تەشەككۈر! بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغانسىلەر، بىراق [مەسىھنىڭ] تەلىمىگە باشلىنىپ، بۇ تەلىم كۆرسەتكەن نەمۇنىگە چىن دىلىڭلاردىن ئىتائەت قىلدىڭلار. سىلەر گۇناھنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن: ئىلگىرى سىلەر تەن ئەزايىڭلارنى ناپاك ئىشلارغا ۋە ئەخلاقسىزلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىشىڭلار بىلەن تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلغاندەك، ئەمدى ھازىر تەن-ئەزالىرىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە باشلايدىغان ھەققانىيلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىڭلار.

رىملىقلارغا 6:22-23

بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.

رىملىقلارغا 7:5-6

چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛ لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا [خۇدانىڭ] قۇللۇقىدا بولىمىز.

رىملىقلارغا 7:8

لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى.

رىملىقلارغا 7:14-20

تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن. چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن. لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن. شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ. ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن. ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر.

رىملىقلارغا 7:21-25

بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛ بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ. نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن.

رىملىقلارغا 8:1-8

خۇلاسىلىساق، مەسىھ ئەيسادا بولغانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم بولمايدۇ. چۈنكى مەسىھ ئەيسادا بولغان ھاياتلىقنى بەخش ئېتىدىغان روھنىڭ قانۇنىيىتى ئادەمنى گۇناھقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قانۇنىيەتتىن سىلەرنى خالاس قىلدى. چۈنكى [گۇناھلىق] ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى [قىلدى]؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى [ئۆلۈمگە] مەھكۇم قىلىۋەتتى؛ بۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس] قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى ئەتكە ئەگەشمەيدىغان، بەلكى روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى ئەتكە بويسۇنىدىغانلار ئەتكە خاس ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا، شۇ روھقا ئائىت ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ. ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا ئائىت ئوي-نىيەتلەر ھاياتلىق ۋە خاتىرجەم-ئامانلىقتۇر؛ چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ ئەتتە بولغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ.

رىملىقلارغا 8:9-11

ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس. لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر. ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

رىملىقلارغا 8:12-17

شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، بىز ئەتكە قەرزدار ئەمەس، يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاشقا قەرزدار ئەمەسمىز. چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر. چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز. روھ بىزنىڭ ئۆز روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز.

رىملىقلارغا 8:18-19

چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.

رىملىقلارغا 8:32-37

ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرغان [خۇدا]، ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەممىنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلماي قالارمۇ؟ كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟! خۇدا ھەققانىي قىلغان يەردە، كىممۇ گۇناھقا مەھكۇم قىلالىسۇن؟ ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ شۇنداق قىلارمۇ؟! كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟ [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز». بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛

رىملىقلارغا 9:15-16

چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: «كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن». دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر.

رىملىقلارغا 10:3-4

چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى. چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى.

رىملىقلارغا 10:9-13

دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»! چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس». چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ. چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ».

رىملىقلارغا 10:17

شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.

رىملىقلارغا 11:4-5

خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» دېگەن. خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن [ئىسرائىلدىن] ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار.

رىملىقلارغا 11:21-22

چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن. مانا، [بۇ ئىشلاردا] خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن.

رىملىقلارغا 11:27

مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ».

رىملىقلارغا 12:1-2

شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ [خۇداغا] قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر.

رىملىقلارغا 12:21

يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.

رىملىقلارغا 13:11

ھازىرقى ۋاقىتنىڭ جىددىيلىقىنى بىلىپ، شۇلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا نىسبەتەن نىجاتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.

رىملىقلارغا 13:14

ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار.

رىملىقلارغا 14:10-12

ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ». شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز.

رىملىقلارغا 15:13

ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:8

ئۇ يەنە سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇكى، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى كەلگۈچە ئەيىبسىز ساقلىنىسىلەر؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:18

چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:29-30

ئۇنىڭ مەقسىتى خۇدا ئالدىدا ھېچ ئەت ئىگىسى ماختانماسلىق ئۈچۈندۇر. ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 3:16-17

ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 5:11-13

ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار. سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بولسا خۇدا ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار».

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:9-11

ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:18-20

بۇزۇقلۇقتىن قېچىڭلار. «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ئەمما بۇزۇقلۇق سادىر قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلىدۇ. سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 7:19

سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ [ھېساب بولىدىغىنى] خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 7:23

سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىندىڭلار؛ ئىنسانلارغا قۇل بولماڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:8-12

بىز يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدەك بۇزۇقچىلىق قىلمايلى؛ چۈنكى شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىن يىگىرمە ئۈچ مىڭ كىشى بىر كۈندىلا ئۆلدى. يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى. يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاغرىنغاندەك ئاغرىنىپ قاقشىماڭلار نەتىجىدە، ئۇلار جان ئالغۇچى [پەرىشتە] تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن ۋە ئاخىرقى زامانلار بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردىن ساۋاق-ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن «مەن [ئېتىقادتا] چىڭ تىرەپ تۇرماقتىمەن» دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ھېزى بولسۇن!

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:13

سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. ۋە خۇدا بولسا ۋەدىسىدە تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرنى كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ، بەلكى سىناق بېشىڭلارغا چۈشكەندە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇش يولىنى يارىتىپ بېرىدۇ؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىدىغان بولىسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:13

چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:3-4

چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:33-34

ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:56

ئۆلۈمدىكى نەشتەر گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:3-4

ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:10-11

ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:17-18

چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:10

چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:15

ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:17

شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى!

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:20-21

شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز. گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشىنى خۇدا بىزنى دەپ گۇناھنىڭ ئۆزى قىلدى؛ مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:2

(چۈنكى ئۇ: «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن» دېدى. مانا، ھازىر بولسا «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان ياخشى پەيت»؛ مانا، ھازىر «نىجات-قۇتۇلۇش كۈنى»دۇر!).

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:14

ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:17-18

شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، دەيدۇ رەب، «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»، ۋە: «مەن سىلەرگە ئاتا بولىمەن، سىلەر ماڭا ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر» دەيدۇ ھەممىگە قادىر بولغان رەب.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 7:1

ئەمدى بۇ ۋەدىلەرگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئى سۆيۈملۈكلەر، ئۆزىمىزنى ئەتلەردىكى ھەم روھتىكى ھەرخىل پاسكىنىلىقتىن تازىلاپ، خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ئۆزىمىزدە [ئايان قىلىنغان] پاك-مۇقەددەسلىكنى كامالەتكە يەتكۈزەيلى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 7:9-11

ئەمما ھازىر شادلىنىمەن ئازابلانغىنىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئازابنىڭ سىلەرنى توۋا قىلدۇرغانلىقىدىن شادلىنىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار خۇدانىڭ يولىدا ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر بىزدىن ھېچ زىيان تارتمىدىڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى مانا، دەل مۇشۇ ئىش، يەنى خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئەستايىدىللىق، ئۆزلىرىڭلارنى ئەيىبتىن نەقەدەر خالاس قىلىش، شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، شۇنچە كۆپ تەقەززارلىق، شۇنچە كۆپ قىزغىنلىق ۋە جازالاشقا شۇنچە تەييار بولۇشنى ئېلىپ كەلدى! سىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبتىن خالاس بولۇشۇڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 9:13

بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ [ھاجەتمەن] بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 12:20-21

چۈنكى مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىمدىن، يەنى ئاراڭلاردا غوۋغا-جېدەل، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ-نەپرەت، مەنمەنچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن؛ ــ بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى گۇناھ سادىر قىلىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزگەن ناپاكلىق، بۇزۇقلۇق ۋە شەھۋانىي ئىشلاردىن تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 13:5

ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟

گالاتىيالىقلارغا 2:16

لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» دېدىم.

گالاتىيالىقلارغا 2:20

مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر.

گالاتىيالىقلارغا 3:13

ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان.

گالاتىيالىقلارغا 3:24

شۇ تەرىقىدە، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ، بىزنى مەسىھكە يېتەكلىدى.

گالاتىيالىقلارغا 3:27

چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار.

گالاتىيالىقلارغا 4:4-5

لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى [بۇ دۇنياغا] ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان [بىزلەرنى] بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.

گالاتىيالىقلارغا 5:16-18

ئەمما شۇنى دەيمەنكى [مۇقەددەس] روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.

گالاتىيالىقلارغا 5:19-21

ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ.

گالاتىيالىقلارغا 5:22-23

ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر.

گالاتىيالىقلارغا 5:24-25

لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ. روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى.

گالاتىيالىقلارغا 6:7-8

ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ.

گالاتىيالىقلارغا 6:15

چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر!

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 1:3-8

بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى مۇبارەك بولغاي! چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛ بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى. بىز ئۇنىڭدا [ئاتىنىڭ] مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق؛ ئۇ [بۇ مېھىر-شەپقەتنى] بارلىق دانالىق ھەم پەم-پاراسەت بىلەن بىزگە زور تارتۇقلىدىكى،

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 1:11-14

ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛ شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛ ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 2:1-10

ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛ بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛ بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)، بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛ مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات، ئۇ زادىلا ئادەملەرنىڭ ئەمەل-ئەجرىدىن كەلمەيدۇ، بۇ ھەم ھېچكىمنىڭ ماختانماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:22-24

دېمەك، ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، ئوي-زېھنىڭلارنىڭ روھىدا يېڭىلىنىپ، خۇدانىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، ھەقىقەتتىن چىققان ھەققانىيلىقتا ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە يارىتىلغان «يېڭى ئادەم»نى كىيىۋېلىشىڭلار كېرەكتۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:30

خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:32

بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، يۇمشاق دىللىق بولۇپ، خۇدا مەسىھتە سىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىنىدەك بىر-بىرىنىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:3-6

ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛ شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن. چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ. ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:26-27

[مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

فىلىپپىلىقلارغا 1:6

چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛

فىلىپپىلىقلارغا 1:20-21

ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن! چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر.

فىلىپپىلىقلارغا 1:29

چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر.

فىلىپپىلىقلارغا 2:12

شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار.

فىلىپپىلىقلارغا 3:3

چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز.

فىلىپپىلىقلارغا 3:18-21

چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ۋە ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن قايتا ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر. ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ.

فىلىپپىلىقلارغا 4:13

ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم.

كولوسسىلىكلەرگە 1:13-14

ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق.

كولوسسىلىكلەرگە 1:21-22

ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان

كولوسسىلىكلەرگە 2:11-13

سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن [گۇناھلىق] ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر. ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ،

كولوسسىلىكلەرگە 3:2-4

كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ. ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر.

كولوسسىلىكلەرگە 3:5-9

شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ. سىلەر بۇلار ئارىسىدا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، بۇنداق ئىشلاردىمۇ ماڭغانسىلەر. ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار. بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر،

كولوسسىلىكلەرگە 3:12-14

شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار.

كولوسسىلىكلەرگە 3:25

ئەمما كىم ھەققانىيسىزلىق قىلسا قىلغان ھەققانىيسىزلىقى ئۆز بېشىغا چۈشىدۇ؛ بۇ ئىشتا ھېچقانداق يۈز-خاتىرە قىلىنىش يوقتۇر.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 3:13

ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ!

تېسالونىكالىقلارغا «1» 4:3-4

چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك-مۇقەددەس قىلىنىش، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش، يەنى ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان تائىپىلەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:9

چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:21-23

ھەممە گەپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ كۆرۈڭلار؛ دۇرۇس بولسا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ [قولدىن بەرمەڭلار]. يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار. خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئۆزۈل-كېسىل پاك-مۇقەددەس قىلغاي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە پۈتكۈل روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.

تېسالونىكالىقلارغا «2» 2:13

لېكىن، ئەي، رەب سۆيگەن قېرىنداشلار، بىز سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى.

تىموتىيغا «1» 1:9-10

چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن.

تىموتىيغا «1» 1:15-16

مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر.

تىموتىيغا «1» 2:4

چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ.

تىموتىيغا «1» 2:5-6

چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر. ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى.

تىموتىيغا «1» 4:1-2

ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ. بۇنداق [تەلىم بەرگۈچىلەر] ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛

تىموتىيغا «1» 5:7

ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى جېكىلەپ تاپىلىغىن.

تىموتىيغا «1» 6:14

رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، [خۇدانىڭ] بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن.

تىموتىيغا «2» 1:8-10

شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى.

تىموتىيغا «2» 2:10-12

ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، [خۇدا] تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن. تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز. قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.

تىموتىيغا «2» 2:19

ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر.

تىموتىيغا «2» 2:24-26

ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.

تىموتىيغا «2» 3:2-5

ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.

تىموتىيغا «2» 3:12

دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.

تىموتىيغا «2» 3:16-17

پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.

تىموتىيغا «2» 4:8

ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ [غەلىبە] تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ.

تىموتىيغا «2» 4:18

رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن!

تىتۇسقا 1:2

(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛

تىتۇسقا 2:11-14

چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛ ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى.

تىتۇسقا 3:5

(ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛

تىتۇسقا 3:7

بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق.

ئىبرانىيلارغا 2:1-3

بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن [ھەقىقىي يولدىن] تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ [جازادىن] قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛

ئىبرانىيلارغا 2:18

چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.

ئىبرانىيلارغا 3:12

ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛

ئىبرانىيلارغا 3:13

پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار.

ئىبرانىيلارغا 3:15

يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك: «بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، ئەينى چاغلاردا [ئۇنى] غەزەپلەندۈرگەن كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»

ئىبرانىيلارغا 4:13-16

ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش-ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر. شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت [ئايان قىلىنغۇچى] تەختكە يېقىنلىشايلى.

ئىبرانىيلارغا 6:4-6

چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا.

ئىبرانىيلارغا 7:25

شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر.

ئىبرانىيلارغا 8:10

چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: «مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.

ئىبرانىيلارغا 8:12

چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن».

ئىبرانىيلارغا 9:12

ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ [قۇربانلىق] قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ [قۇربانلىق] قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى.

ئىبرانىيلارغا 9:15

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ.

ئىبرانىيلارغا 9:22

دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ [قۇربانلىق] قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

ئىبرانىيلارغا 9:27-28

ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ.

ئىبرانىيلارغا 10:10

خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، [خۇداغا] ئاتالدۇق.

ئىبرانىيلارغا 10:12

بىراق، بۇ [كاھىن] بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛

ئىبرانىيلارغا 10:14-18

ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى. [مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ «ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ «ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» دېگەن. ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.

ئىبرانىيلارغا 10:19-22

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، (ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!

ئىبرانىيلارغا 10:26-31

ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟ چۈنكى [تەۋراتتا] «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە!

ئىبرانىيلارغا 11:1

ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر.

ئىبرانىيلارغا 11:6

ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.

ئىبرانىيلارغا 12:1

ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى.

ئىبرانىيلارغا 12:4

گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار.

ئىبرانىيلارغا 12:14

بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ.

ئىبرانىيلارغا 12:17

چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن [ئاتىسىنىڭ] خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئۇ [بۇ ئىشلارنى ئورنىغا] [كەلتۈرىدىغان] توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي، رەت قىلىندى.

ئىبرانىيلارغا 13:4

ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ.

ئىبرانىيلارغا 13:15

شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى.

ئىبرانىيلارغا 13:20

ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا

ياقۇپ 1:5

بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.

ياقۇپ 1:12-13

سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ.

ياقۇپ 1:14-15

بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛ ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.

ياقۇپ 1:21-22

شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار.

ياقۇپ 2:10

چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، [ھەتتا] ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

ياقۇپ 2:14-17

ئى قېرىنداشلىرىم! بىرسى ئاغزىدا، «مەندە ئېتىقاد بار» دەپ تۇرۇپ، ئەمما [ئۇنىڭدا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ [بۇنداق] ئېتىقاد ئۇنى قۇتقۇزالامدۇ؟ ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، [ئۇنىڭغا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، [بۇنداق ئېتىقاد] ئۆلۈك ئېتىقادتۇر.

ياقۇپ 2:24

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ.

ياقۇپ 2:26

تەن روھ بولمىسا ئۆلۈك بولغاندەك، ئەمەللىرى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.

ياقۇپ 4:4-10

ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «[خۇدا] قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟ لېكىن [خۇدا] بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ [شۇنداق قىلساڭلار] ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ. خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. [گۇناھلىرىڭلارغا] قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.

ياقۇپ 4:17

شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ.

ياقۇپ 5:15-16

شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.

ياقۇپ 5:19-20

قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا بىرسى ھەقىقەتتىن چەتنىگەن بولسا، ۋە يەنە بىرسى ئۇنى [ھەقىقەتكە] قايتۇرسا، مۇشۇنداق كىشى شۇنى بىلسۇنكى، گۇناھكار كىشىنى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچى شۇ كىشىنىڭ جېنىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قويۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

پېترۇس «1» 1:3-5

ئۆزىنىڭ زور رەھىمدىللىكى بىلەن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغدۇرۇپ، ئۆلمەس ئۈمىدكە نېسىۋە قىلغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسىغا مۇبارەك-مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا. ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر.

پېترۇس «1» 1:6-9

سىلەر بۇ [نىجاتتىن] زور شادلىنىسىلەر گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ. ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ [قايتا] ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار؛ ۋە ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئېتىقات قىلىپ قەلبىڭلار ئىپادىلىگۈسىز شان-شەرەپكە تولغان خۇشاللىق بىلەن يايرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر.

پېترۇس «1» 1:14-16

[خۇدانىڭ] ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى غاپىللىق چاغلىرىڭلاردىكىدەك ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، سىلەرنى چاقىرغۇچى پاك-مۇقەددەس بولغانغا ئوخشاش بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس تۇتۇڭلار. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك-مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.

پېترۇس «1» 1:17-19

سىلەر دۇئا قىلغىنىڭلاردا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ يۈز-خاتىرە قىلماي سوراق قىلغۇچىنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى [ئۇنىڭ] قورقۇنچىدا ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ [قۇللۇقىدىن] ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس، بەلكى قىممەتلىك قېنى بىلەن، يەنى كەم-كۈتىسىز ۋە داغسىز قوزا كەبى مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.

پېترۇس «1» 1:22-25

سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى. چۈنكى [خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: «بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس، ئۇلارنىڭ بارلىق شان-شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز-كالام دەل شۇدۇر.

پېترۇس «1» 2:24-25

ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.

پېترۇس «1» 3:18

چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛

پېترۇس «1» 3:21-22

مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ (مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).

پېترۇس «1» 4:1-3

ئەمدى مەسىھ تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. (چۈنكى [خۇدا يولىدا] ئۆز تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولىدۇ؛ ئۇنداق كىشى تېنىدە قالغان ھاياتىنى يەنە ئىنسانىي نەپس-ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىدۇ). چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار!

پېترۇس «1» 4:7-8

ئەمدى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ شۇڭا، سالماق بولۇڭلار ۋە دۇئا قىلىشقا سەگەك تۇرۇڭلار. لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار».

پېترۇس «1» 4:12-13

سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار. بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر.

پېترۇس «1» 4:17-18

چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟ [دەل] [مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: «ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»

پېترۇس «1» 4:19

شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن.

پېترۇس «1» 5:9-10

سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ. ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ.

پېترۇس «2» 1:10-11

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر [خۇدا تەرىپىدىن] چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر.

پېترۇس «2» 2:9

ئەمدى شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رەب ئىخلاسمەنلەرنى دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزۇشنى ۋە شۇنىڭدەك ھەققانىيسىزلارنى سوراق كۈنىگىچە جازالىنىشقا ساقلاپ قويۇشنى بىلىدۇ.

پېترۇس «2» 3:9

رەب ئۆز ۋەدىسىنى [ئورۇنداشنى] (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ [ۋاقىتنى سوزماقتا].

پېترۇس «2» 3:14

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، [شۇ تاپتا] خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار.

يۇھاننا «1» 1:6-10

ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ. ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ. گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر. ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.

يۇھاننا «1» 2:1-6

ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر. ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن [جازانى كۆتۈرگۈچى] كافارەتتۇر؛ مۇشۇ كافارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. «ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز. «خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا [ئەيسانىڭ] ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك.

يۇھاننا «1» 2:12

مەن بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، ئى ئەزىز بالىلىرىم، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىندى.

يۇھاننا «1» 2:15-17

بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر. چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس؛ ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.

يۇھاننا «1» 2:21-23

سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەمىسە، كىم يالغانچى؟ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى بۇلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. ئاتا ۋە ئوغۇلنى ئىنكار قىلغۇچى كىشى ئۆزى بىر دەججالدۇر. كىمدەكىم ئوغۇلنى رەت قىلسا ئۇنىڭدا ئاتا بولمايدۇ. لېكىن ئوغۇلنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭدا ئاتا بولىدۇ.

يۇھاننا «1» 2:25-26

ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر. سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛

يۇھاننا «1» 2:28-29

ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز. [خۇدانىڭ] ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەڭلار كېرەك.

يۇھاننا «1» 3:3

ۋە [مەسىھگە] ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا.

يۇھاننا «1» 3:4-10

گۇناھ سادىر قىلغان كىشى [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر. ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ. ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر. خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر. خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر.

يۇھاننا «1» 3:22

ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز.

يۇھاننا «1» 3:23-24

ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى [خۇدادا] ياشايدىغان ۋە [خۇدامۇ] ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بىزدە ياشايدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان روھتىندۇر.

يۇھاننا «1» 4:7-8

ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.

يۇھاننا «1» 4:15

ئەگەر كىمدەكىم ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ.

يۇھاننا «1» 4:20-21

ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر.

يۇھاننا «1» 5:1-5

ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر؛ ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە تۇرماق ئېغىر ئىش ئەمەستۇر. چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟

يۇھاننا «1» 5:10-12

(خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق باردۇر؛ بىراق خۇداغا ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنى يالغانچى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى تەستىقلىغان گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن) گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر. شۇڭا ئوغۇلغا ئىگە بولغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ؛ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئىگە بولمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.

يۇھاننا «1» 5:13

مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم.

يۇھاننا «1» 5:14

ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ.

يۇھاننا «1» 5:18

خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ.

يۇھاننا «2» 1:9-11

كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.

يەھۇدا 1:21-24

ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار. ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛ بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار. ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن!

ۋەھىي 1:5

ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان

ۋەھىي 2:4-5

لېكىن ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، سەن ئۆزۈڭدىكى دەسلەپكى مېھىر-مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىڭ. شۇڭا قايسى ھالەتتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ توۋا قىلغىن، ئاۋۋالقى ئەمەللەرنى قايتا قىلغىن. بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن.

ۋەھىي 2:16

شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن.

ۋەھىي 2:21

مەن ئۇنىڭغا توۋا قىلغۇدەك ۋاقىت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىغا توۋا قىلىشنى خالىمايدۇ.

ۋەھىي 3:5

غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.

ۋەھىي 3:15-16

سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم! سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن.

ۋەھىي 3:17-19

سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل.

ۋەھىي 3:20

مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ.

ۋەھىي 3:21

غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن.

ۋەھىي 7:14

ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، دېدىم. ئۇ ماڭا: بۇلار دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان.

ۋەھىي 12:11

قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.

ۋەھىي 14:5

ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ.

ۋەھىي 14:12

مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ.

ۋەھىي 15:4

ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».

ۋەھىي 20:11-12

ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ. مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.

ۋەھىي 21:4-8

ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». تەختتە ئولتۇرغۇچى: مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، دېدى. ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن. غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ. لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».

ۋەھىي 22:11

قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، دېدى.

ۋەھىي 22:14

ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر!

ۋەھىي 22:17

روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.

ۋەھىي 22:18-19

مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net