19 – چېركاۋ

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: چېركاۋ.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

ماتتا 18:20

چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.

ماتتا 20:26-28

بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:31-35

ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى. توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھرى-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 313 ئابزاسلار

يارىتىلىش 28:17

ئۇ قورقۇپ كېتىپ: بۇ جاي ئالامەت دەھشەتلىك بىر جاي ئىكەن! بۇ خۇدانىڭ ئۆيى بىلەن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىدىن باشقا ھېچ جاي ئەمەستۇر، دېدى.

يارىتىلىش 28:22

شۇنىڭدەك مەن خاتىرە تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ ئۆيى بولىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا سەن ماڭا بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ساڭا تەقدىم قىلماي قالمايمەن، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 13:21-22

ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە كۈندۈزى بىر بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى يورۇقلۇق بېرىشكە ئوت تۈۋرۈكىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېچە-كۈندۈز يول يۈرەلەيتتى. بۇلۇت تۈۋرۈكى كۈندۈزى، ئوت تۈۋرۈكى كېچىسى خەلقتىن ئايرىلماي، ئالدىدا يۈرەتتى.

مىسىردىن چىقىش 19:5-6

ئەمدى سىلەر دەرھەقىقەت مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئەھدەمنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا بارلىق ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ماڭا خاس بىر گۆھەر بولىسىلەر چۈنكى پۈتكۈل يەر مېنىڭكىدۇر ــ ۋە سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ۋە مۇقەددەس بىر قوۋم بولىسىلەر». مانا بۇ سەن ئىسرائىللارغا دېيىشىڭ كېرەك بولغان سۆزلەردۇر، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 19:22

پەرۋەردىگارغا يېقىن كېلەلەيدىغان كاھىنلارمۇ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسۇن؛ بولمىسا، پەرۋەردىگار [سېپىلنى] بۆسكەندەك ئۇلارغا ھالاكەت يەتكۈزىدۇ، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 25:8

مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن [شۇلاردىن] ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن.

مىسىردىن چىقىش 33:9-11

ئاندىن مۇسا ھەر قېتىم چېدىرغا كىرىپ كەتسە شۇنداق بولاتتىكى، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. پۈتكۈل خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ سەجدە قىلىشاتتى. شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن كىشىلەر ئۆز دوست-بۇرادىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. ئاندىن مۇسا چېدىرگاھغا يېنىپ كېلەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىرنىڭ ئىچىدىن چىقمايتتى.

لاۋىيلار 10:9-10

«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 9:15-16

ئىبادەت چېدىرى تىكلەنگەن كۈنى، بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنى قاپلاپ تۇردى؛ كەچتىن تاكى ئەتىگەنگىچە، بۇلۇت خۇددى ئوتتەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە تۇردى. دائىم شۇنداق بولاتتى؛ [كۈندۈزى] بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى قاپلاپ تۇراتتى، كېچىسى ئۇ ئوتقا ئوخشايتتى.

سامۇئىل «2» 7:6

ــ «مەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقارغاندىن تارتىپ، بۇ كۈنگىچە بىر ئۆيدە ئولتۇرمىدىم، بەلكى بىر چېدىرنى ماكان قىلىپ، كېزىپ يۈردۈم.

پادىشاھلار «1» 6:12-13

«سەن ماڭا ياساۋاتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كەلسەك، ئەگەر سەن بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ھۆكۈملىرىمگە رىئايە قىلىپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلاردا ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمگە ئەمەل قىلىمەن؛ مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن».

پادىشاھلار «1» 8:10-11

ۋە شۇنداق بولدىكى، كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشىغىلا، بىر بۇلۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قاپلىۋالدى. كاھىنلار بۇلۇت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە ئۆرە تۇرالمايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى.

پادىشاھلار «1» 9:1

سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، پادىشاھ ئوردىسى ۋە شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆڭلىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بولغاندا،

پادىشاھلار «2» 22:8

باش كاھىن ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بىر تەۋرات كىتابىنى تاپتىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى. ئۇ ئۇنى ئوقۇدى.

پادىشاھلار «2» 23:7

ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە جايلاشقان بەچچىۋازلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى چېقىپ غۇلاتتى؛ بۇ ئۆيلەردە يەنە ئاياللار ئاشەراھ بۇتقا چېدىر توقۇيتتى.

تارىخ-تەزكىرە «1» 22:19

ئەمدى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزلەڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىدىكى قاچا-ئەسۋابلىرىنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىنى سېلىشقا ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار!» دېدى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 5:13-14

ۋە شۇنداق بولدۇكى، كانايچىلار بىلەن نەغمە-ناۋاچىلار ھەممىسى بىردەك چېلىپ، بىر ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتقاندا، يەنى كانايلار، جاڭلار ۋە ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر» دەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەۋاتقاندا شۇ ھامان ئىبادەتخانا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىر بۇلۇت بىلەن تولدۇرۇلدى؛ كاھىنلار ئەشۇ بۇلۇت تۈپەيلىدىن ۋەزىپىلىرىنى ئۆتۈشكە تۇرالمايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى خۇدانىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 7:1-3

سۇلايمان دۇئاسىنى تۈگىتىشىگىلا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھەمدە باشقا قۇربانلىقلارنى قويماي كۆيدۈرۈۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇرۇۋەتكەچكە، كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىدى. ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 23:19

[يەھويادا] يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھەرقايسى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تەيىنلىدىكى، ھەرقانداق ئىشلاردىن ناپاك قىلىنغان ئادەملەر كىرگۈزۈلمەيتتى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 30:8

ئاتا-بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار.

تارىخ-تەزكىرە «2» 31:4

پادىشاھ يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى چىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، دەپ يېرۇسالېمدا تۇرۇشلۇق خەلققە بۇيرۇدى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 36:15

ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.

نەھەمىيا 8:8

ئۇلار جامائەتكە كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ بەردى ۋە ئوقۇلغاننى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى.

نەھەمىيا 10:39

ئىسرائىللار بىلەن لاۋىيلار ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، يېڭى زەيتۇن مېيىدىن «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ مۇقەددەس جايدىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر ساقلىنىدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا، يەنى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كاھىن، دەرۋازىۋەن ۋە غەزەلكەشلەر تۇرىدىغان جايغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز خۇدايمىنىزنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتلىرىدىن ھەرگىز ئۆزىمىزنى تارتمايمىز!

زەبۇر 16:3

يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر، ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر.

زەبۇر 22:22

مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛ چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛

زەبۇر 23:6

بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛ مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!

زەبۇر 27:4

پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن.

زەبۇر 28:9

ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛ ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن، مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن.

زەبۇر 34:3

مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى

زەبۇر 42:4

ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، جېنىمنىڭ دەردلىرىنى تۆكۈۋاتىمەن (مەن كۆپچىلىك بىلەن كېتىۋېتىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ، خۇشاللىقتا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ھېيتنى تەبرىكلىگەن توپ-توپ قوشۇندەك، جامائەت بىلەن بىللە باراتتىم!).

زەبۇر 65:4

سەن تاللاپ ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! ئۇ ھويلىلىرىڭدا ماكانلىشىدۇ؛ بىزلەر سېنىڭ ماكانىڭنىڭ، يەنى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنىڭ بەرىكىتىدىن قانائەت تاپىمىز؛

زەبۇر 68:6

خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ.

زەبۇر 79:13

شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر، ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز.

زەبۇر 84:1-4

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار! جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتىدۇ، دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلىدۇ؛ مانا، ھەتتا مۇبارەك قۇچقاچمۇ بىر ماكاننى تاپقان، قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم! سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ.

زەبۇر 84:10

چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر.

زەبۇر 89:7

تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر.

زەبۇر 92:13

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە تىكىلگەنلەر، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا گۈللىنىدۇ؛

زەبۇر 111:1

ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

زەبۇر 122:1

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» دېگىنىدە، شادلاندىم.

زەبۇر 127:1

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا، سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا، كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ.

زەبۇر 133:1

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر!

زەبۇر 149:1

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!

پەند-نەسىھەتلەر 22:6

بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس.

پەند-نەسىھەتلەر 27:17

تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر.

ھېكمەت توپلىغۇچى 5:1

خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ.

يەشايا 6:1

ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى.

يەشايا 6:8-9

ئاندىن مەن رەبنىڭ: «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن: «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» دېدىم. ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر.

يەشايا 52:11

چىقىپ كېتىڭلار، چىقىپ كېتىڭلار؛ ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگمەي شۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قاچا-قۇچىلىرىنى كۆتۈرگۈچىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛

يەشايا 56:6-7

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ نامىغا سېغىنىشقا، ئۇنىڭ قۇللىرى بولۇشقا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى باغلىغان، شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغان، ئەھدەمنى چىڭ تۇتقان يات يۇرتلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولسا، ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن، مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛ ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ.

يەرەمىيا 3:15

مەن سىلەرگە كۆڭلۈمدىكىدەك خەلق پادىچىلىرىنى تەقسىم قىلىمەن؛ ئۇلار سىلەرنى دانالىق-بىلىم، ئەقىل-پاراسەت بىلەن بېقىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ.

يەرەمىيا 23:1-4

مېنىڭ يايلىقىمدىكى قويلارنى ھالاك قىلغۇچى ۋە تارقىتىۋەتكۈچى پادا باققۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! دەيدۇ پەرۋەردىگار. شۇڭا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى شۇنداق بېقىۋاتقان باققۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ پادامنى تارقىتىۋەتكەنسىلەر، ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەنسىلەر ۋە ئۇلارنى ئىزدىمىگەنسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر ئالمىغانسىلەر؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە پادامنىڭ قالدىسىنى بولسا، مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن، ئۇلارنى ئۆز يايلاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار ئاۋۇپ كۆپىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ھەقىقىي باقىدىغان باققۇچىلارنى تىكلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچى قورقمايدۇ ياكى پاراكەندە بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى كەم بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

يەرەمىيا 23:11

چۈنكى ھەم پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھارام بولدى؛ ھەتتا ئۆز ئۆيۈمدىمۇ ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ئەزاكىيال 3:17-21

«ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى قىلىپ تىكلىدىم؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن بولغان ئاگاھنى يەتكۈزگىن. مەن رەزىللەرگە: «سەن جەزمەن ئۆلىسەن» دېسەم، بىراق سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ يەنى بۇ رەزىل ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ رەزىل يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرمىساڭ، شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق مەن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. بىراق سەن ئاشۇ رەزىل ئادەمنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئۇ رەزىللىكىدىن، يەنى ئۆز رەزىل يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. ياكى بولمىسا بىر ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوماق سالسام، ئۇ ئۆلىدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدىڭ، ئۇ ئۆز گۇناھىدا ئۆلىدۇ، ۋە ئۇ قىلغان ھەققانىي ئىشلار ئەسلەنمەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. ۋە ئەگەر سەن ھەققانىي ئادەمنى گۇناھ سادىر قىلما دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساڭ، ۋە ئۇ گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن».

ئەزاكىيال 22:26

ئۇنىڭ كاھىنلىرى تەۋرات-قانۇنۇمنى بۇزۇپ تاشلاپ، پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىغان؛ ئۇلار پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىي نەرسىلەرنى پەرق قىلمايدۇ؛ ئۇلار «شابات كۈن»لىرىمگە كۆزىنى يۇمۇپ يۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ماڭا بەتنام چاپلىنىدۇ.

ئەزاكىيال 34:2-6

ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر. ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر. ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى. مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى.

ئەزاكىيال 34:7-10

شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ. ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن.

ئەزاكىيال 34:20-22

شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر، ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.

ئەزاكىيال 34:23

مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛

ئەزاكىيال 37:27

مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.

ئەزاكىيال 44:4

ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىرىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ مەن كۆردۇم، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇردى؛ مەن دۈم يىقىلدىم.

ئەزاكىيال 44:23

ئۇلار خەلقىمگە پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىينىڭ پەرقىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنى قانداق پەرق ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەزاكىيال 44:27

ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، يەنى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇشقا ئىچكى ھويلىغا كىرگەن شۇ كۈنىدە، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇشى كېرەك، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

ئەزاكىيال 45:4

بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ.

يوئېل 2:28-29

ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللار ئۈستىگىمۇ، دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن.

ئاموس 3:7

رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ.

ھاگاي 2:7-9

مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».

مالاكى 2:7

چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر.

مالاكى 3:10

ئەمدى ئۆيۈمدە ئاشلىق بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىنى ئامبارغا ئېلىپ كېلىڭلار ۋە شۇنداقلا مېنى سىناپ بېقىڭلار، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مەن ئاسماننىڭ دېرىزىلىرىنى چوڭ ئېچىپ سىلەرگە پاتقۇزالمىغۇدەك بىر بەرىكەتنى تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقمامسىلەر؟

ماتتا 4:19

ئۇ ئۇلارغا: مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! دېدى.

ماتتا 4:23

ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى.

ماتتا 6:7

دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، [بۇتپەرەس] يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا [خۇدا] تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.

ماتتا 6:33

شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.

ماتتا 7:15

ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.

ماتتا 9:35-38

ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى. لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق [ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن] ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، دېدى.

ماتتا 10:1

ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.

ماتتا 10:8

ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار.

ماتتا 10:17

ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ.

ماتتا 10:40-42

سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ.

ماتتا 13:54

ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى سىناگوگتا خەلققە تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا دانالىقى ۋە مۆجىزە-كارامەتلىرى نەدىن كەلگەندۇ؟

ماتتا 16:18-19

مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ، سەن يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭ، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ، دېدى.

ماتتا 18:12-13

قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ.

ماتتا 18:15-17

ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى [ئېزىشتىن] قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى [گۇۋاھچىنى] ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. لېكىن ئەگەر [قېرىندىشىڭ] ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار.

ماتتا 18:20

چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.

ماتتا 20:26-28

بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.

ماتتا 21:12-13

ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، ئۇلارغا: [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! دېدى.

ماتتا 21:14-15

ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى.

ماتتا 23:8-12

بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار ۋە ھەممىڭلار قېرىنداشتۇرسىلەر. يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر. سىلەر «مۇئەللىم» دەپ ئاتىلىشنىمۇ قوبۇل قىلماڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا مۇئەللىم، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزى باردۇر؛ بەلكى ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. ئۆزىنى يۇقىرى تۇتماقچى بولغىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى يۇقىرى قىلىنىدۇ.

ماتتا 24:24

چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى.

ماتتا 25:36

يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

ماتتا 27:51

ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ،

ماتتا 28:19-20

شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.

ماركۇس 1:39-41

شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز-كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى. ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! دەپ ئۆتۈندى. ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: خالايمەن، پاك قىلىنغىن! دېۋىدى،

ماركۇس 3:14-15

ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا، كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى.

ماركۇس 6:2

شابات كۈنى كەلگەندە، ئۇ سىناگوگدا تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. تەلىمىنى ئاڭلىغانلاردىن كۆپ ئادەم ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: بۇ ئادەم بۇلارغا نەدىن ئېرىشكەندۇ؟ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دانالىق قانداق بېرىلگەن؟ ئۇنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مۆجىزىلەر قانداق يارىتىلىدىغاندۇ؟

ماركۇس 7:7-9

ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس». چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر. ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار!

ماركۇس 7:13

شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر.

ماركۇس 9:41

چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ.

ماركۇس 11:15-17

ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛ ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى. ئۇ خەلققە: مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! دەپ تەلىم باشلىدى.

ماركۇس 13:2

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆردۈڭمۇ؟ بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، دېدى.

ماركۇس 13:9

سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر.

ماركۇس 15:38

ۋە [شۇ ئەسنادا] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى.

ماركۇس 16:15-18

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ. ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.

ماركۇس 16:20

مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى.

لۇقا 4:16

ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى

لۇقا 4:32-36

ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! دەپ توۋلاپ كەتتى. لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، دېيىشتى.

لۇقا 4:44

شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى.

لۇقا 5:10

ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا: قورقمىغىن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئادەم تۇتقۇچى بولىسەن دېدى.

لۇقا 6:6

يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.

لۇقا 6:40

مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ.

لۇقا 9:1-2

ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى.

لۇقا 12:31-32

شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىنتىلىڭلار ۋە ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى.

لۇقا 13:10-14

بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! دېدى. ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى.

لۇقا 15:4-7

ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟ ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛ ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.

لۇقا 17:3

ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن.

لۇقا 23:45

قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى.

لۇقا 24:52-53

ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى.

يۇھاننا 2:15-17

ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا: بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! دېدى. بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى [زەبۇردا] مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!».

يۇھاننا 6:53

شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ.

يۇھاننا 10:16

بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.

يۇھاننا 13:34-35

سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ.

يۇھاننا 16:2-3

ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.

يۇھاننا 17:11

مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي.

يۇھاننا 17:16-17

مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر. ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر.

يۇھاننا 17:21-22

ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولغاي؛ ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بىر بولغاي؛ شۇنداق بولغاندا، بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ. سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛

يۇھاننا 21:15-17

ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ دەپ سورىدى. شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! دېدى. ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، دېدى. ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ دەپ سورىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1:8

بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1:14-15

بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى:

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:1-4

ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:41-47

شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى [جامائەتكە] قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، [ئېتىقادچىلارنىڭ] بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى. ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى. پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى. ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشاتتى؛ ئۇلار پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولدى. رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:31-35

ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى. توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھرى-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:11-16

پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق [ئېتىقادچىلار] بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى). شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:42

ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6:4

بىز بولساق، ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە سۆز-كالامنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېغىشلايمىز.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6:7-11

ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ [مەسىھ] ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى. ۋە ئىستىپان [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. بىراق «قۇللۇقتىن چىققان ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان سىناگوگتىكى بەزىلەر، يەنى كۇرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ۋە كىلىكىيە ھەم ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بەزى [يەھۇدىيلار] ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇلار ئۇ سۆز قىلغاندا ئۇنىڭدا بولغان دانالىق ۋە روھقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:48-49

ھالبۇكى، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ئىنساننىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان ماكانلاردا تۇرمايدۇ؛ خۇددى پەيغەمبەر مۇنداق دېگىنىدەك: ــ «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:1

ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى جامائەتكە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قوزغالدى. روسۇللاردىن باشقا بارلىق جامائەتتىكىلەر يەھۇدىيە ۋە سامارىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:4-8

ئەمدى تارقىلىپ كەتكەنلەر تارقالغان يۇرتلاردا كېزىپ سۆز-كالامنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن فىلىپ بولسا سامارىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە مەسىھنى جاكارلىدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛ زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:1-2

ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە [مەسىھ] يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:3-9

سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن. ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:20-22

[سائۇل] دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ دېيىشتى. لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:26-29

سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى. ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:31

ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر [بىر مەزگىل] تىنچلىققا ئېرىشىپ، [ئېتىقادتا] قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:42

ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:21

رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:26

ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:1-3

شۇ چاغلاردا، ھېرود پادىشاھ جامائەتتىكىلەردىن بەزىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇپ ئۇلارغا قول سالدى. ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ يەھۇدىيلارغا ياققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ پېترۇسنىمۇ تۇتقۇن قىلدۇرۇدى (شۇ چاغدا «پېتىر نان ھېيتى» مەزگىلى ئىدى).

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:5-7

شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: تېز تۇر! دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:42-46

پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى. سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. بىراق بۇنداق توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى. ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر [يەھۇدىي خەلقىگە] يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز [سىلەردىن] بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:1-3

كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى (ھالبۇكى، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار [يات] ئەللىكلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى). شۇڭا [پاۋلۇس بىلەن بارناباس] ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا [خۇش خەۋەرنى] جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:23

ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:27

قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:25-26

تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:11-12

ئۇ يەردىكى [سىناگوگدىكىلەر] تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى. نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:17

شۇڭا ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ھەم شۇنىڭدەك ھەركۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:4

ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى [خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا] قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:26

ئۇ سىناگوگدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:8-9

پاۋلۇس ئۈچ ئاي داۋامىدا [ئەفەسۇس شەھىرىدىكى] سىناگوگقا كىرىپ، يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى. لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا [رەبنىڭ] يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:23

دەل شۇ چاغدا، [ئەفەسۇس شەھىرىدە] [رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:20-21

ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي-ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ، يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:28-31

مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار! چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ، ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22:4-5

مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم. بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى [يەھۇدىي] قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ [يولدىكىلەرنى] جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 24:14

بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 24:22

[رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: مىڭبېشى لىسىياس كەلگەندە دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چىقىرىمەن، دېدى.

رىملىقلارغا 1:1

روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!

رىملىقلارغا 8:19

چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.

رىملىقلارغا 10:14-15

لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!».

رىملىقلارغا 12:4-8

چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك، بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛ باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛ رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن.

رىملىقلارغا 12:10

بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار.

رىملىقلارغا 15:16

شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە [يەھۇدىي ئەمەس] ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر.

رىملىقلارغا 16:1-5

كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛ ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان. مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر (ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر). ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر.

رىملىقلارغا 16:16

بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام!

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:2

خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى دەپ چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە، مەسىھ ئەيسادا پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرىلغانلارغا ۋە شۇنىڭدەك ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە سالام!

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:9-13

خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر سىلەرنى ئۆز ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛ چۈنكى كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا سىلەر توغراڭلاردا ئېيتىشىچە، ئى قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھەربىرىڭلار: «مەن پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن ئاپوللوسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن كېفاسنىڭ تەرەپدارى» ۋە «مەن مەسىھنىڭ تەرەپدارى» دەۋاتىسىلەر. ئەجەبا، مەسىھ بۆلۈنگەنمىكەن؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستلەنگەن ئادەم پاۋلۇسمىدى؟ سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:23

ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:1

مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:4-8

مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:13

بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس] روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 3:6-9

مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر. شۇڭا تىككۈچى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، سۇغارغۇچىمۇ ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس، پەقەت ئۆستۈرگۈچى خۇدا ئۆزى ھەممىدۇر. ئەمما تىككۈچى ۋە ئوسا قىلغۇچى بولسا بىر مەقسەتتىدۇر؛ شۇنداقتىمۇ ھەربىرى ئۆز ئەجرى بويىچە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى بىز خۇداغا تەۋە مېھنەتداشتۇرمىز؛ سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ باغ-ئېتىزى، خۇدانىڭ قۇرۇلۇشىسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 3:10-11

خۇدانىڭ ماڭا تەقسىم قىلغان مېھىر-شەپقىتى بويىچە، خۇددى ئۇستا مېماردەك ئۇل سالدىم، ئاندىن باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھەربىر قۇرغۇچى قانداق قۇرۇۋاتقانلىقىغا ئېھتىيات قىلسۇن. چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 3:16-17

ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 4:1-2

بىرسى بىز توغرۇلۇق بىرنېمە دېمەكچى بولسا، بىزنى مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ سىرلىرى ئامانەت قىلىنغان غوجىدارلار دەپ بىلسۇن. ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 5:11-13

ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار. سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بولسا خۇدا ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار».

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:19

سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 9:13-14

ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئاتالغان ھەدىيەلەردىن يەيدىغانلىقىنى، قۇربانگاھتا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، رەب خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن دەپ بېكىتكەندۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 9:16

چۈنكى مېنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىشىمدا پەخىرلەنگۈدەك ئىش يوق؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى مېنى بېسىپ تۇرىدۇ؛ خۇش خەۋەرنى جاكارلىمىسام ھالىمغا ۋاي!

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 9:18

شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىق [ھەق ئېلىش] ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 9:27

ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆز تېنىمنى ئۇرۇپ ئۆزۈمگە كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن؛ ئۇنداق قىلمىغاندا، باشقىلارغا تەلىم جاكارلاپ تۇرۇپ ئۆزۈم لاياقەتلىك بولماي قېلىشىم مۇمكىن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:16-21

بىز بەرىكەتلىك بولسۇن دەپ تىلىگەن، بەرىكەتلىك جامدىكى شارابنى ئىچكىنىمىز، مەسىھنىڭ قېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ئوشۇتقان ناننى يېگىنىمىز، مەسىھنىڭ تېنىدىن ئورتاق بەھىرلەنگىنىمىز ئەمەسمۇ؟ بىز نۇرغۇن بولساقمۇ بىر نان، بىر تەندۇرمىز؛ چۈنكى ھەممىمىز شۇ بىر ناندىن نېسىۋە ئالىمىز. جىسمانىي ئىسرائىلغا قاراڭلار؛ قۇربانلىقلارنى يېگەنلەر قۇربانگاھقا نېسىپداشلار ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمە دېمەكچىمەن؟ بۇتقا ئاتاپ سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ بۇتنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ ياق، بىراق كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ. مەن سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن ئورتاق نېسىپداش بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. رەبنىڭ جامىدىن ۋە جىنلارنىڭ جامىدىن تەڭ ئىچكۈچى بولساڭلار بولمايدۇ؛ رەبنىڭ داستىخىنىغا ۋە جىنلارنىڭ داستىخىنىغا تەڭ داخىل بولساڭلار بولمايدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 11:1

ئەمدى سىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەرىپلەيمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ھەممە ئىشلاردا سىلەر مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن سىلەرگە تاپشۇرغىنىمدەك، كۆرسەتمىلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 11:17-19

ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 11:26-30

چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. چۈنكى [رەبنىڭ] تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:1

ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:4-11

ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر. خىزمەتلەر بولسا ھەرخىل، ئەمما [بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان] رەب بىردۇر. ئىشلەش يوللىرى ھەرخىل، ئەمما ھەممەيلەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى خۇدا بىردۇر. ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ. چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛ يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق [كېسەللەرنى] ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى، بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:12-13

چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر. چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:14-27

چۈنكى تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى كۆپ ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغىنىم ئۈچۈن مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ قۇلاق: «مەن كۆز ئەمەس، شۇڭا مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟ پۈتۈن تەن كۆزلا بولسا، ئۇنداقتا ئاڭلاش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاقلا بولسا، ئۇنداقتا پۇراش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىگە لايىق كۆرگەن تەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەزا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ ئەمدىلىكتە ئەزالار كۆپ، تەن بولسا بىردۇر. كۆز قولغا: «مېنىڭ ساڭا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ؛ ياكى باش بولسا پۇتلارغا: «مېنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ. دەل ئەكسىچە، تەندىكى ئاجىز-ئەرزىمەس دەپ كۆرۈنگەن ئەزالار كەم بولسا بولمايدۇ؛ ۋە ھەم تەندىكى بىز ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلىغان ئەزالارغا بولسا، تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىۋار قىلىمىز؛ شۇنداقلا ئىسكەتسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئىسكەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئەسلىدە يارىشىملىق بولغان ئەزالىرىمىزغا بولسا شۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خۇدا پۈتۈن تەننى شۇنداق بىرلەشتۈرگەنكى، ئۇ ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار بېرىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر. بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ. ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:28-30

خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟ ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:3-5

لېكىن بېشارەت بېرىدىغان كىشى بولسا ئادەملەرنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە تەسەللى بېرىشكە سۆزلەيدۇ. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرىدۇ. ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بېشارەت بېرىشىڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى سۆزىنى تەرجىمە قىلمىسا، جامائەتنىڭ ئېتىقاد قۇرۇلۇشىدا بېشارەت بەرگۈچى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:19

ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:22-25

شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟ ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:26-33

ئەمدى قېرىنداشلار، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەربىرىڭلاردا [بىر ئىلتىپات] بولىدۇ؛ بىرسىدە مەدھىيە ناخشىسى، بىرسىدە تەلىم، بىرسىدە نامەلۇم تىل، بىرسىدە ۋەھىي، بىرسىدە نامەلۇم تىلنىڭ يېشىمى بولىدۇ. ھەممە ئىشلار ئېتىقادنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولسۇن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچىلەر بولۇپ قالسا، ئىككىسى ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن ۋە بىرسى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆرىسۇن. ئەمما [جامائەتتە] ئۆرىگۈچى بولمىسا، ئۇ سۈكۈت قىلسۇن؛ ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا ئېيتسۇن. ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئىككى-ئۈچى سۆزلىسۇن؛ قالغانلار گەپلىرىنىڭ ۋەزنىنى دىتلاپ تۇرسۇن؛ ئەمما ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن باشقا بىر كىشىگە مەلۇم بىر ۋەھىي بېرىلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى سۆزىنى توختىتىپ نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. چۈنكى ھەممىڭلار بىر-بىرلەپ ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۆگىنىدۇ، ھەممەيلەن رىغبەتلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:34-38

ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار [تەرتىپكە] بويسۇنسۇن. ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر. خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟! بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن. بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:39-40

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار. [خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا]، ھەربىر ئىش چىرايلىق، تەرتىپلىك قىلىنسۇن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:9

چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:33

ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ».

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 16:20

قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە سالام يوللايدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 2:17

چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن [ئەۋەتىلگەنلەر] سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 3:5-6

ئۆزىمىزنى بىرەرنەرسىنى قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز بار دەپ چاغلىغىنىمىز يوقتۇر؛ ئىقتىدارلىقىمىز بولسا بەلكى خۇدادىندۇر. ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:2

ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:5

چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:1

چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:20

شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:1

ئەمدى [خۇدانىڭ] ھەمكارلىرى سۈپىتىدە سىلەردىن ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار دەپ ئۆتۈنىمىز

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:4

بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا،

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:16-17

خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك [سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر]»؛ شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، دەيدۇ رەب، «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»،

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:4

بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:23-24

تىتۇس توغرۇلۇق سوئاللار بولسا ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە خىزمىتىڭلاردا بولغان ھەمكارىمدۇر؛ باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇلار جامائەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مەسىھنىڭ شان-شەرىپىدۇر. شۇڭا، جامائەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىسپاتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىلەردىن پەخىرلىنىشلىرىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 11:12-13

لېكىن [بىزگە ئوخشاش ھېسابلىنىش] پۇرسىتىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پۇرسىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن دەپ، مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 12:12

دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 13:12-14

بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي!

گالاتىيالىقلارغا 1:8-10

لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم.

گالاتىيالىقلارغا 6:1-3

قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس.

گالاتىيالىقلارغا 6:10

شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 1:22-23

بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 2:19-22

شۇڭا شۇنىڭدىن باشلاپ سىلەر مۇساپىرلار، ياقا يۇرتتىكىلەر ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بەندىلەرگە ۋەتەنداش بولىسىلەر، خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن بولىسىلەر؛ سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛ ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا. سىلەرمۇ [قوشۇلۇپ] ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3:5-10

ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس. دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛ خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛ ماڭا مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3:21

ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:1-6

ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، [خۇدانىڭ] سىلەرنى چاقىرغان [بۈيۈك] چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ، ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ رىشتىسى بىلەن، روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى [ئۆتۈنىمەن]. تەن بىردۇر، روھ بىردۇر، خۇددى چاقىرىلغىنىڭلاردا، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئۈمىدكە چاقىرىلغىنىڭلاردەك، ــ رەب بىردۇر، ئىمان-ئېتىقاد بىردۇر، چۆمۈلدۈرۈلۈش بىردۇر، ھەممىنىڭ خۇدائاتىسى بىردۇر؛ ئۇ بولسا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ھەممىنى يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:11-16

شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر. بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت؛ ۋەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئېتىقادتا ھەم خۇدانىڭ ئوغلىنى تولۇق تونۇشتا بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە، كامىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغىچە، يەنى مەسىھنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى گەۋدىلەنگەن قەددى-قامەت ئۆلچىمىگە يېتىشىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا؛ شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛ ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛ ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەنگەن ۋەزىپىنى ئۆتىشى بىلەن بارغانچە ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشلىمەكتە.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:19-21

بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار، مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:23-27

چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن. ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ [مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:29-32

چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى [ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا] ئوخشايدۇ. چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن.

فىلىپپىلىقلارغا 2:1-4

ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار.

فىلىپپىلىقلارغا 3:17

مېنى ئۈلگە قىلىپ ئەگىشىڭلار، ئەي قېرىنداشلار، شۇنداقلا بىز سىلەرگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنە بويىچە ئوخشاش يولدا ماڭغانلارغىمۇ كۆزۈڭلارنى تىكىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭلار.

فىلىپپىلىقلارغا 4:3

دۇرۇس، مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم، بۇ ئاياللارنىڭ ياردىمىدە بولغىن؛ مانا ئۇلار مەن ۋە كلىمەنت بىلەن بىللە، شۇنداقلا ناملىرى «ھاياتلىك دەپتىرى»گە خاتىرىلەنگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرگە كۈرەش قىلغان.

كولوسسىلىكلەرگە 1:18

ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر.

كولوسسىلىكلەرگە 1:24-25

ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛ مەن [جامائەت] ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماڭا سىلەرنى دەپ تاپشۇرغان غوجىدارلىقى بويىچە خىزمەتچى قىلىندىم؛

كولوسسىلىكلەرگە 2:19

ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا.

كولوسسىلىكلەرگە 3:12-16

شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار. مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار. مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛

تېسالونىكالىقلارغا «1» 2:4-9

ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن [خۇش خەۋەرنى] جاكارلايمىز. چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق. ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق. شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق تەلپۈنگەنىدۇق، سىلەرگە پەقەت خۇدانىڭ خۇش خەۋەرىنى تاپشۇرۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز جېنىمىزنى تاپشۇرۇشقىمۇ رازىمىز؛ چۈنكى سىلەر بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ئىدىڭلار. چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىمىز ئېسىڭلاردا باردۇر؛ ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ مېھنەت قىلدۇق، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 4:9

ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:11-14

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىڭلارنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرۇڭلار. ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەبدە سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت بېرىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. ئەمما، ئى قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنىمۇ ئۆتۈنىمىزكى، تەرتىپسىز يۈرگەنلەرگە نەسىھەت بېرىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرىچان بولۇڭلار.

تېسالونىكالىقلارغا «2» 1:4-5

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛

تېسالونىكالىقلارغا «2» 3:6

ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار.

تېسالونىكالىقلارغا «2» 3:14-15

ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار. بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.

تىموتىيغا «1» 1:6-7

بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.

تىموتىيغا «1» 2:7-8

مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم. شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.

تىموتىيغا «1» 2:9-14

ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ. [جامائەت سورۇنلىرىدا]، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى [ھاۋائانا] ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى.

تىموتىيغا «1» 3:1-7

«ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى، ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىرسى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇ خۇدانىڭ جامائىتىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ [يېتەكچى] يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ. ئۇ [جامائەتنىڭ] سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ.

تىموتىيغا «1» 3:8-13

خۇددى [يېتەكچىلەرگە] ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى، پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم. بۇنداق ئادەملەرنىمۇ ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىب تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن خىزمەت ۋەزىپىسىگە قويۇشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، سالماق ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. خىزمەتكارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئورۇنغانلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى نام-ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت-ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ.

تىموتىيغا «1» 3:15

مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر.

تىموتىيغا «1» 4:1

ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ.

تىموتىيغا «1» 4:6-7

بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ. ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن.

تىموتىيغا «1» 4:11-16

بۇ ئىشلارنى [جامائەتكە] توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول. مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. [جامائىتىڭنىڭ] ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، [خۇدانىڭ] ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما. بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ. ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن.

تىموتىيغا «1» 5:17-22

جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ۋە: «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، ئاقساقال ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما. ئەگەر [ئاقساقاللاردىن] بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن. خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن. بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە؛ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن

تىموتىيغا «1» 6:3

ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا،

تىموتىيغا «2» 1:11-12

مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم.

تىموتىيغا «2» 2:2-3

ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن. ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن.

تىموتىيغا «2» 2:15-19

ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛ لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ. مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛ ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ. ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر.

تىموتىيغا «2» 2:23-26

لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.

تىموتىيغا «2» 3:16-17

پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.

تىموتىيغا «2» 4:1-5

مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن. چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ. لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن.

تىتۇسقا 1:5-9

سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى. ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى [ئاتا-ئانىسىغا] بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ [ئائىلىسىگە] غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس، بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم. ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

تىتۇسقا 2:15

بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن.

ئىبرانىيلارغا 2:12-14

خۇددى ئۇ [خۇداغا (مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك)]: «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن» دېگەن. ئۇ يەنە: «مەن ساڭا تايىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن. پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،

ئىبرانىيلارغا 3:6

لېكىن مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئائىلىسىگە ئوغۇل سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز جاسارىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدىن بولغان ئىپتىخارلىقنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساق، دەرۋەقە خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.

ئىبرانىيلارغا 3:13

پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار.

ئىبرانىيلارغا 5:12-14

چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر.

ئىبرانىيلارغا 10:21

شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن،

ئىبرانىيلارغا 10:24-25

ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.

ئىبرانىيلارغا 12:22-23

ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا

ئىبرانىيلارغا 13:7

سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىنىڭ مېۋە-نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار: ــ

ئىبرانىيلارغا 13:17-18

يېتەكچىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بېرىدىغانلار بولۇپ، ھەمىشە جېنىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ئويغاق تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنداق بولسا سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزۈلمەيدۇ) بەلكى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسۇن. بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە، ھەربىر ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلىقىمىزغا قايىل قىلىندۇق.

ياقۇپ 2:2-5

چۈنكى سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە، سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يامان نىيەت ھۆكۈم چىقارغۇچىلاردىن بولغان بولمامسىلەر؟! قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟

ياقۇپ 5:14-16

ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ [بېشىغا] ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.

پېترۇس «1» 2:5-10

سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛ چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ». ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر. ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر. لېكىن سىلەر بولساڭلار [خۇدا] تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت. بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن [خۇدانىڭ] رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار.

پېترۇس «1» 4:8-11

لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار». بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماي ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار. خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتقا بىنائەن، ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىك مېھرى-شەپقىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ياخشى غوجىدارلار سۈپىتىدە، بۇ ئىلتىپات بىلەن بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن. كىم باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ئۇ خۇدا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، خۇدا ھەممە ئىشتا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپتۇر، ئامىن!

پېترۇس «1» 4:17

چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟

پېترۇس «1» 5:1-5

ئەمدى مەن ئاراڭلاردىكى ئاقساقاللاردىن (مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە) شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ــ خۇدانىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى پادىسىنى ئوبدان بېقىڭلار؛ ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئىختىيارەن زىممىڭلارغا ئېلىڭلار؛ پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار. خۇدانىڭ پادىسىغا غوجىنىڭ ئۆز تەئەللۇقاتلىرىغا بولغىنىدەك بولماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، باش پادىچى ئاشكارە بولغاندا، مەڭگۈ توزۇماس شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر. ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ».

پېترۇس «1» 5:14

بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سۆيۈشۈپ سالاملىشىڭلار. سىلەرگە، يەنى مەسىھدە بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق-خاتىرجەملىك يار بولغاي!

پېترۇس «2» 2:1-3

لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ.

يۇھاننا «1» 1:3

ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر.

يۇھاننا «1» 1:7

لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ.

يۇھاننا «1» 2:6

«خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا [ئەيسانىڭ] ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك.

يۇھاننا «1» 2:19

ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى.

يۇھاننا «1» 2:26-27

سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛ سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر.

يۇھاننا «1» 3:9-11

خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر. خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر. چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر.

يۇھاننا «1» 3:14

بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ.

يۇھاننا «1» 3:16-18

بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.

يۇھاننا «1» 4:1

سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى.

يۇھاننا «2» 1:9-11

كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.

يۇھاننا «3» 1:9-11

بۇ توغرۇلۇق جامائەتكە مەكتۈپ يازدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، جامائەتكە باش بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوترەپەس بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قىلغان رەزىل سۆزلىرى بىلەن غەيۋىتىنى يۈزىگە سالىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، يەنە [سەپەردىكى] قېرىنداشلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي، قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنىمۇ توسىدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئى سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدادىندۇر. يامانلىق قىلغۇچى خۇدانى ھېچ كۆرمىگەندۇر.

ۋەھىي 1:4

مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا [ئۆلكىسىدىكى] يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن

ۋەھىي 1:20

سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ ۋە يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ سىرى مانا مۇنداق يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر.

ۋەھىي 2:1-7

ــ ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. شۇنداق، سېنىڭ سەۋر-تاقەت قىلىۋاتقانلىقىڭنى، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭنى ئەمما ئېرىنمىگەنلىكىڭنى بىلىمەن. لېكىن ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، سەن ئۆزۈڭدىكى دەسلەپكى مېھىر-مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىڭ. شۇڭا قايسى ھالەتتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ توۋا قىلغىن، ئاۋۋالقى ئەمەللەرنى قايتا قىلغىن. بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن. بىراق، سېنىڭ شۇ ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، مەن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن سەنمۇ نەپرەتلىنىسەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ جەننىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە مۇيەسسەر قىلىمەن».

ۋەھىي 2:8-11

ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن. ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!».

ۋەھىي 2:12-17

ــ پەرگامۇمدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سەن ئولتۇرغان يەرنى، يەنى شەيتاننىڭ تەختى بولغان جاينى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھەتتا سادىق گۇۋاھچىم ئانتىپاس ماكانىڭدا، يەنى شەيتان تۇرغان جايدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ، ماڭا قىلغان ئېتىقادىڭدىن تېنىپ كەتمىدىڭ. لېكىن ساڭا شۇ بىرنەچچە ئېتىرازىم باركى، ئاراڭلاردا بالائامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەردىن بەزىلەر بولماقتا بالائام بولسا بالاققا ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىنى تۇتقانلارمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. تاش ئۈستىدە يېڭى بىر ئىسىم پۈتۈكلۈك بولىدۇ، شۇ ئىسىمنى ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».

ۋەھىي 2:18-29

ــ تىياتىرادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان خۇدانىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجىر-خىزمىتىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەمەللىرىڭنىڭ ئاۋۋالقىدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. مەن ئۇنىڭغا توۋا قىلغۇدەك ۋاقىت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىغا توۋا قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمدى مانا، مەن ئۇنى [ئېغىر كېسەل] ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا چۆمدۈرىمەن. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. لېكىن، تىياتىرادىكى قالغانلارغا، يەنى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغانلار (ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە، شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»نى ئۆگەنمىگەنلەر)، يەنى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ تۇتۇڭلار. ئۈستۈڭلارغا بۇنىڭدىن باشقا يۈكنى ئارتمايمەن. لېكىن، تىياتىرادىكى قالغانلارغا، يەنى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغانلار (ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە، شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»نى ئۆگەنمىگەنلەر)، يەنى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ تۇتۇڭلار. ئۈستۈڭلارغا بۇنىڭدىن باشقا يۈكنى ئارتمايمەن. غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. مانا بۇ ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر: «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ». مەن ئۇنىڭغا تاڭ يۇلتۇزىنىمۇ ئاتا قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

ۋەھىي 3:1-6

ــ ساردىستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «خۇدانىڭ يەتتە روھى ۋە يەتتە يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ۋە شۇنداقلا «ھايات» دېگەن نام-ئابرۇيۇڭنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆلۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. شۇڭا، ئويغان، سېنىڭدە بار بولغان، ئەمما ئۆلەي دەپ قالغان [خىسلەتلىرىڭنى] كۈچەيت؛ چۈنكى خۇدايىم ئالدىدا ئەمەللىرىڭنىڭ تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن [سۆز-كالامنى] قانداق قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ توۋا قىلغىن. لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭكە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن. لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار. ئۇلار ئاق كىيىم كىيىپ مەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر. غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

ۋەھىي 3:7-13

ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى، ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنۇ ئىشلارنى دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ سۆز-كالامىمغا ئىتائەت قىلغىنىڭ ۋە نامىمدىن تېنىپ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم. مانا، شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلارنى بولسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلارنى كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا باش ئۇرىدىغان ۋە مېنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىمنى بىلىدىغان قىلىمەن. سەن مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىمنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناشقا پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشىدىغان ۋابالىق سىناقنىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە سېنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قوغداپ قالىمەن. مەن پات ئارىدا كېلىمەن. تاجىڭنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ تۇتقىن. غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

ۋەھىي 3:14-22

ــ لائودىكىيادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ھەقىقىي گۇۋاھچى، خۇدانىڭ كائىنىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم! سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن. سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل. مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ. غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»   «كىچىك ئاسىيا»دىكى يەتتە جامائەت

ۋەھىي 7:15

شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ.

ۋەھىي 11:1

ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن.

ۋەھىي 11:19

ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى.

ۋەھىي 14:12

مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ.

ۋەھىي 15:8

ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.

ۋەھىي 18:4

ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار!

ۋەھىي 18:20

ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار، ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر! چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!».

ۋەھىي 19:5-9

ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي ئۇنىڭ بارلىق قۇل-خىزمەتكارلىرى، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان كاتتىلار بولسۇن، تۆۋەنلەر بولسۇن، ھەممىڭلار خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەڭلار!» ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى! شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!» قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر). ئاندىن، [پەرىشتە] ماڭا: مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، دېدى.

ۋەھىي 21:2-4

مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم. ئەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماكانلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى».

ۋەھىي 21:9-14

ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، دېدى. ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى بار ئىدى، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرنىڭ، يېشىل ياقۇتتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى بار ئىدى؛ سېپىلنىڭ ئون ئىككى دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلاردا ئون ئىككى پەرىشتە تۇراتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. مەشرىق تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، شىمال تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا ۋە مەغرىپ تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئىككى ئىسىم، يەنى قوزىنىڭ روسۇلىنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈكلۈكتۇر.

ۋەھىي 21:22

شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر.

ۋەھىي 22:16

«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!»

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net