08 – ئەيسا
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ئەيسا.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ئەيسا.
چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛
”ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ».
”ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى.
”ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن».
”ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ دەپ سورىۋىدى، ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى.
”خۇدا مۇساغا: مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن دېدى. ئاندىن ئۇ: بېرىپ، ئىسرائىللارغا: ««ئەزەلدىن بار بولغۇچى» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دەپ ئېيتقىن، دېدى.
”ئەگەر بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرەرىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھكار بولغان بولسا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ؛ شۇنداق بولسا، ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەتتە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ ئىتائەتسىزلىك گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
”بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: «ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟ سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟ نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن،
”مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم، ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛ يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى، ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى. قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى، تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى، سەن [پەرۋەردىگار] مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن. غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى، بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ، مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى. سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن، [ئۇستىخانلىرىم] ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ، كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ.
”مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى.
”ئامان ساقلار خۇدا ئۇنىڭ بارلىق سۆڭەكلىرىنى، ھەتتا سۇنۇق قىلماس بىر تال ئۇستىخىنىنى
”ھەتتا سىردىشىم دەپ ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇم، مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ تۇزۇمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى.
”ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ.
”مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن.
”تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.
”كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟
”ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛ ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى، ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى، ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» دەپ توۋلاۋاتاتتى.
”شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ. ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ. چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ.
”قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى؛ ئۆلۈم سايىسىنىڭ يۇرتىدا تۇرغۇچىلارغا بولسا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى.
”چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ.
”ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى، يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، نەسىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ روھى، بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛
”مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ. شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛ ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان-شەرەپكە تولىدۇ.
”ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ، ئاندىن ئاقساق-توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛ گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى دالادا سۇلار، چۆل-باياۋانلاردا دەريا-ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛
”قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا! جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛ مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
”ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.
”دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا، مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛ خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛
”« كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، ئۇ [ئالەم ئالدىدا] كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ، ناھايىتى ئالىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى باشقا ھەرقاندىقىنىڭكىدىن كۆپ زەخىملەنگەن، [قۇلنىڭ] قىياپىتى شۇ دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەنكى، ئۇنىڭدا ھەتتا ئادەم سىياقىمۇ قالمىغان! ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە [قان] چاچىدۇ. ھەتتا شاھ-پادىشاھلارمۇ ئۇنىڭ كارامىتىدىن ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدۇ؛ چۈنكى ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغاننى ئۇلار كۆرەلەيدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاننى چۈشىنەلەيدۇ.
”بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟ ئۇ بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ. ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق! لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى. ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى. كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس. بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ. بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى».
”«رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى، ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا، بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى. زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.
”مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن داۋۇت ئۈچۈن بىر «ھەققانىي شاخ»نى ئۆستۈرۈپ تىكلەيمەن؛ ئۇ پادىشاھ بولۇپ دانالىق بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ، زېمىندا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ.
”مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، دەيدۇ پەرۋەردىگار. چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
”ئۇ [ئاخىرقى] پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ.
”ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن: بىز باغلاپ ئوت ئىچىگە تاشلىغىنىمىز ئۈچ ئادەم ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن «شۇنداق، ئى ئالىيلىرى! دېدى. پادىشاھ جاۋابەن: مانا، مەن تۆت ئادەمنىڭ باغلاقسىز ھالدا ئوت ئىچىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئۇلار قىلچە كۆيگەندەك ئەمەس؛ ھەمدە تۆتىنچى كىشى ئىلاھلارنىڭ ئوغلىدەك تۇرىدۇ! دېدى.
”مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ يەرگە بىرنەچچە تەختنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلارنىڭ بىرىدە، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق، چاچلىرى ئاپئاق قوزا يۇڭىدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلار بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى.
”كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس.
”شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ. بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر.
”(سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان [شەھەر-يېزىلار] ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ [ھۇزۇرۇمدىن] چىقىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى)
”ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن، پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ.
”ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».
”زور شادلان، ئى زىئون قىزى! تەنتەنەلىك نىدا قىل، ئى يېرۇسالېم قىزى! قاراڭلار، پادىشاھىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ئۇ ھەققانىي ۋە نىجاتلىق بولىدۇ؛ كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مادا ئېشەككە، يەنى ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىدۇ؛
”ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ساپالچىنىڭ ئالدىغا چۆرىۋەتتىم.
”ۋە مەن داۋۇت جەمەتى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە شاپائەت يەتكۈزگۈچى ۋە شاپائەت تىلىگۈچى روھنى قۇيىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ؛ بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ.
”ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن.
”بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ
”ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى.
”شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان.
”ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.
”ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ».
”لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.
”ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن: يەھۇدىيلارنىڭ [يېڭىدىن] تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ «ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» دېيىشتى.
”ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى.
”مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، دېدى.
”شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ: ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ دېدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى. ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دەپ ئاڭلاندى. مەسىھنىڭ دەۋرىدە، قانائان
”ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
”شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جار قىلىشقا باشلىدى.
”ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
”مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم.
”شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟
”ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، دېدى.
”مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! دەپ كېتىشتى.
”ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟
”ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ پالەچ كېسەلگە: ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، دېدى.
”ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى.
”ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.
”شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ.
”شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن.
”مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم. چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ.
”ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس.
”ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».
”ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ.
”ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.
”چۈنكى ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.
”ۋە ئەللەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلايدۇ».
”شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ دېيىشتى.
”لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.
”لېكىن مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىغان بولسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرۋەقە ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولدى.
”چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ.
”چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، دېدى.
”ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ،
”ئۇ خالايىقنى چۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلىرى خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. ئوزۇقلانغانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلاردىن باشقا تەخمىنەن بەش مىڭ كىشى ئىدى.
”كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ: ئالۋاستى ئىكەن! دەپ قورقۇپ چۇقان سېلىشتى.
”كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: بەرھەق، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، دېيىشتى.
”ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى.
”ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
”ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى. ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى. تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى.
”سىمون پېترۇس: سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، دەپ جاۋاب بەردى.
”بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى.
”شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى.
”چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ.
”ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.
”ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
”ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا: ئىنسانئوغلى [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇخلىسلار ئېغىر غەم-قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى.
”ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى.
”چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: ئەگەر مۇكەممەل بولۇشنى خالىساڭ، بېرىپ بار-يوقۇڭنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن، دېدى.
”ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.
”ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.
”ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى. ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
”ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، ئۇلارغا: [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! دېدى. ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى.
”ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر». شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ. بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.
”پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن: ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ دەپ سورىدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى، دېيىشتى ئۇلار. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن [زەبۇردا] داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ، ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» دەيدۇ؟ داۋۇت [مەسىھنى] شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرالمىدى؛ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.
”سىلەر «مۇئەللىم» دەپ ئاتىلىشنىمۇ قوبۇل قىلماڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا مۇئەللىم، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزى باردۇر؛
”ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.
”چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ.
”ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
”ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
”ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ. ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار!
”ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، دېدى. ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، دېدى.
”ئۇ ئۇلارغا: جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، دېۋىدى،
”ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟ بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ دېدى.
”لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: [مەڭگۈ] ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» دېدى. ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر.
”بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ: ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ دېيىشتى.
”ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئېيتقىنىڭدەك، دېدى ئەيسا.
”خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ دەپ سورىدى
”پىلاتۇس ئەمدى: ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ دېدى. ھەممەيلەن: ئۇ كرېستلەنسۇن! دېيىشتى.
”ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.
”ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى.
”باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز. ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، دېيىشتى.
”توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.
”ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، [ئۆلۈمدە] ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى). قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، [ئۆلۈمدە] ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى). ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ: ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! دېيىشتى.
”ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، [قەبرىگە] بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ: قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن. ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛ ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، دېدى.
”ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: سالام سىلەرگە! دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، دېدى.
”ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
”خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى:
”مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
”شۇ كۈنلەردە، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسارەت شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلاردىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ۋە روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى. ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ئىدى؛ شۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدى.
”ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. شابات كۈنى ئۇ ئۇدۇل سىناگوگقا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى. خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ: ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! دەپ توۋلايتتى. لېكىن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىپ: ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! دېدى. ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، دېيىشتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۆھرىتى شۇ ھامان پۈتۈن گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىغا پۇر كەتتى.
”شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.
”بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى كۆپ يەرلەردە جار سېلىپ، كەڭ يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئوچۇق-ئاشكارا كىرەلمەي، بەلكى شەھەرلەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ خالايىق ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى.
”ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.
”ئۇ ئۇلاردىن: ئەمدى سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋابەن: سەن مەسىھدۇرسەن، دېدى.
”شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى [مۇخلىسلىرىغا] ئۆگىتىشكە باشلىدى.
”چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى.
”ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىدىغان يولدا ئىدى، ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. [مۇخلىسلىرى] بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ئەيسا ئون ئىككەيلەننى يەنە ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا چۈشىدىغانلىرىنى ئۇقتۇرۇشقا باشلاپ: ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ۋە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلىدۇ، دېدى.
”چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى.
”ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛ ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى. ئۇ خەلققە: مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! دەپ تەلىم باشلىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى.
”ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بەرگەندە، ئەيسا بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ مەسىھنى «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگىنىنى قانداق چۈشىنىسىلەر؟
”شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.
”ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
”ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
”ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، دېدى. ئاندىن ئۇ قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا سۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچىشتى. ئۇ ئۇلارغا: بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.
”لېكىن ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش كاھىن ئۇنى قىستاپ يەنە ئۇنىڭدىن: سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟ دەپ سورىدى. شۇنداق، مەن ئۆزۈم، دېدى ئەيسا، ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.
”پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋابەن: ئېيتقىنىڭدەك، دېدى.
”ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار تىكەنلىك شاخچىلاردىن توقۇغان بىر تاجنى بېشىغا كىيگۈزدى. ئاندىن ئۇنى مۇبارەكلەپ: «ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دېيىشتى. ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى. ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى.
”ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىنىمۇ كرېستلىدى، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
”ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.
”توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.
”ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. ۋە [شۇ ئەسنادا] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق نىدا قىلىپ روھىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! دېدى.
”ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا: دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي! لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، دېدى. ئۇلار قەبرىدىن چىقىپلا بەدەر قاچتى. ئۇلارنى تىترەك بېسىپ ھوشىنى يوقىتاي دېگەنىدى؛ بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى.
”شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى.
”مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، دېدى.
”مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس [پەرزەنت] خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.
”بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى.
”چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ رەب مەسىھدۇر! [ئۇنى] تېپىشىڭلار [ئۈچۈن] شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، دېدى. بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ: «ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي! يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» دېيىشتى.
”سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى: مانا! بۇ بالا ئىسرائىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەيىنلەندى، شۇنداقلا كىشىلەر قارشى چىقىپ ھاقارەتلەيدىغان، [خۇدانىڭ] بېشارەتلىك ئالامىتى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ!
”شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ، مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
”ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى.
”ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى». ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى». ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇ كۆپچىلىككە: مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، دېدى.
”ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! دەپ توۋلاپ كەتتى. لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، دېيىشتى.
”كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
”سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا: كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، دېدى. سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، [بېلىقلارنى] ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى. سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! دېدى.
”بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟
”كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك!
”ئۇ ئۇلاردىن: سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋاب بېرىپ: سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، دېدى. ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى. ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، دېدى.
”ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ۋە ئاتىنىڭمۇ كىملىكىنى ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».
”ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ.
”ئاندىن ئۇ ئون ئىككەيلەننى ئۆز يېنىغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: مانا، بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىۋاتىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرىسىدا پۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى [شۇ يەردە] ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى قامچىلىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ۋە ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، دېدى.
”چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، دېدى.
”ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارغا: مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! دېدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى. لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى.
”لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.
”سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر.
”ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
”ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
”ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، دېدى. ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر.
”سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر. ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر.
”ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.
”لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، دېدى. ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ دېيىشتى ئۇلار. ئۇ: دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! دەپ جاۋاب بەردى.
”پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېيتقىنىڭدەك، دەپ جاۋاب بەردى.
”ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. ئەيسا: ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.
”ئۇنىڭ ئۈستىدىكى [تاختايغا] گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى.
”ئاندىن، ئۇ ئەيساغا: ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، دېدى.
”ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى. قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.
”ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! دېدى.
”ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى.
”ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: [مۇقەددەس يازمىلاردا] شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.
”ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ،
”مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى. ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس.
”ئۇ دۇنيادا بولغان ۋە دۇنيا ئۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭكىلەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ. كالام ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ماكانلاشتى ۋە بىز ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قارىدۇق؛ ئۇ شان-شەرەپ بولسا، ئاتىنىڭ يېنىدىن كەلگەن، مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭكىدۇر.
”چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.
”ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!
”ئۇ [ئۇ يەردىن] مېڭىپ كېتىۋاتقان ئەيسانى كۆرۈپ: قاراڭلار! خۇدانىڭ قوزىسى! دېدى.
”ئاندرىياس ئاۋۋال ئۆز ئاكىسى سىموننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! دېدى («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ)
”ناتانىيەل جاۋابەن: ئۇستاز، سەن خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىسەن! دېدى.
”ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. ئەيسا چاكارلارغا: كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى. توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ھەربىر [توي قىلغۇچى] ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! دېدى.
”ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا: بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! دېدى. بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى [زەبۇردا] مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!». شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، دېدى.
”سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى. مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان.
”ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛
”ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر. ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.
”ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ. ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، دېدى.
”ئايال ئۇنىڭغا: مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! دېدى.
”شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ. چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ. چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.
”ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ.
”ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.
”چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
”ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.
”شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ. ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن.
”شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا: بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ دېيىشتى. بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟ ئەمدى مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايغا كۆتۈرۈلۈۋاتقىنىنى كۆرسەڭلار، قانداق بولار؟! [ئىنسانغا] ھاياتلىق بەرگۈچى روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر.
”شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتتىمكى، ئاتامدىن ئاتا قىلىنمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ!
”شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇخلىسلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ماڭمايدىغان بولدى. شۇڭا ئەيسا ئون ئىككىيلەندىن: سىلەرمۇ، ھەم [مەندىن] كېتىشنى خالامسىلەر؟ دەپ سورىدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر!
”ئەيسا ئۇلارغا: بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر. ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ. ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق-سادىقتۇر، ئۇنىڭدا ھەققانىيسىزلىق يوقتۇر.
”شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.
”مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر؛ چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا [بۇ ئىشتا] مەن بىلەن بىللىدۇر.
”راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
”ئەيسا ئۇلارغا: سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، دېدى.
”شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى: سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.
”ئەيسا ئۇلارغا: بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! دېدى.
”ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى [سىناگوگتىن] قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: سەن، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋابەن: تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، دېدى. ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. ھېلىقى ئادەم: ئى رەب، ئېتىقاد قىلىمەن! دەپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
”شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن.
”ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ.
”ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ. ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن.
”ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ. مەن ۋە ئاتا [ئەسلىدىنلا] بىردۇرمىز.
”مەن ۋە ئاتا [ئەسلىدىنلا] بىردۇرمىز. بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى. ئەيسا ئۇلارغا: ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ دېدى. ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن.
”بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ ئۇ ئۇنىڭغا: ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن.
”ئەيسا كۆز يېشى قىلدى.
”بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! دەپ توۋلىدى. ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! دېدى.
”ئەتىسى، «[ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى.
”لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.
”ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» دېيىلدى.
”ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، دېدى (ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى).
”بۇ سۆزلەرنى يەشايا [پەيغەمبەر] [مەسىھنىڭ] شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى.
”بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن.
”ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى.
”يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى: ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، دېدى.
”مەن ئاتىدا، ئاتا مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق؛ بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان ئاتا ئۆز ئەمەللىرىنى قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئاتىدا بولغانلىقىمغا، ئاتىنىڭ مەندە بولغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ياكى ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار.
”بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كېتىمەن. ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن». ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.
”شۇ كۈندە مېنىڭ ئاتامدا بولغانلىقىم، سىلەرنىڭ مەندە بولغانلىقىڭلار ۋە مەنمۇ ھەم سىلەردە بولغانلىقىمنى بىلىسىلەر.
”مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر.
”سىلەر مېنىڭ: «مەن [سىلەردىن] ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن» دېگىنىمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيگەن بولساڭلار، ئاتىنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇرسەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاتا مەندىن ئۇلۇغدۇر.
”ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر.
”«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر. بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ [كېرەكسىز] شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.
”ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار. ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر. مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.
”مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر.
”بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار.
”كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ.
”ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ. ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن: «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم.
”بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، دېيىشتى.
”مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر. سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
”ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛ يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر. مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم. ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.
”بۇلارغا دۇئا قىلىمەن؛ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر ۋە سېنىڭ بارلىقىڭ بولسا مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم.
”مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. مېنىڭ شادلىقىم ئۇلاردا تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم. مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.
”ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولغاي؛ ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بىر بولغاي؛ شۇنداق بولغاندا، بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ. سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛ يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ. ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بولغان يەردە مەن بىلەن بىرگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى، يەنى سەن ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ماڭا بەرگەن شان-شەرەپنى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىنى خالايمەن.
”ناسارەتلىك ئەيسانى، دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: مانا مەن بولىمەن، دېدى. (ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى). ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.
”ئەيسا جاۋابەن: مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، دېدى. شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟ ئەيسا جاۋابەن: شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم: ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، دېدى.
”لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا [شاھانە] سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى.
”يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنىمىزغا ئاساسەن ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىۋالدى.
”(ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! دېدى. لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن: قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! دەپ [توۋلاشتى]. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
”پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا: «ناسارەتلىك ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى. شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا: «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دېگەن» دەپ يېزىڭ، دېيىشتى. بىراق پىلاتۇس جاۋابەن: يازىدىغاننى يېزىپ بولدۇم! دېدى.
”ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): ئۇسساپ كەتتىم! دېدى.
”ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن: تامام بولدى! دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
”مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار مەريەمدىن: خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ دەپ سورىدى. رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، دېدى ئۇ ئۇلارغا. ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. ئەيسا ئۇنىڭدىن خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ دەپ سورىدى. مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، دېدى. مەريەم! دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: راببونى! دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە).
”شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا [كۆرۈنۈپ]، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! دېدى.
”سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! دېدى. ئاندىن ئۇ توماسقا: بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! دېدى. توماس ئۇنىڭغا: مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! دەپ جاۋاب بەردى.
”ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.
”ئەيسا ئۇلارغا تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى [شۇ ياققا] تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا: بۇ رەبقۇ! دېدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى [بېلىنىڭ ئاستى] يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى.
”ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى!
”ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛
”ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، دېدى.
”ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.
”ئۇ مەسىھنىڭ [ئۆلگەندىن كېيىن] تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان.
”ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان-شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ [بىزلەرگە] چۈشۈردى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!».
”شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز.
”سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ [كۈچ-قۇدرىتى] ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ! بۇ [ئەيسا] بولسا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر.
”سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى. خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى.
”لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ــ قاراڭلار! ئاسمانلار ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! دېدى.
”ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى.
”خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛
”سىلەرنىڭمۇ يەھيا [پەيغەمبەر] چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
”بىراق ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ نامايان قىلدى. بىراق ھەممە كىشىلەرگە ئەمەس، پەقەت خۇدا ئۆزى ئالدى بىلەن تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نامايان قىلدى. بىراق ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ نامايان قىلدى. بىراق ھەممە كىشىلەرگە ئەمەس، پەقەت خۇدا ئۆزى ئالدى بىلەن تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نامايان قىلدى. ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى. بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
”ئۇلارغا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەر تارتقاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى مۇقەررەر دەپ چۈشەندۈردى ھەم ئىسپاتلىدى ۋە: مەن سىلەرگە جاكارلىغان مۇشۇ ئەيسا دەل مەسىھنىڭ ئۆزى شۇ! دېدى.
”دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ [يەھۇدىي] خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ.
”بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛ بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛
”شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز.
”لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز.
”مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار.
”چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.
”خۇلاسىلىساق، مەسىھ ئەيسادا بولغانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم بولمايدۇ. چۈنكى مەسىھ ئەيسادا بولغان ھاياتلىقنى بەخش ئېتىدىغان روھنىڭ قانۇنىيىتى ئادەمنى گۇناھقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قانۇنىيەتتىن سىلەرنى خالاس قىلدى. چۈنكى [گۇناھلىق] ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى [قىلدى]؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى [ئۆلۈمگە] مەھكۇم قىلىۋەتتى؛
”كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟
”شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.
”ئۇلۇغ [ئىبرانىي] ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن!
”دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»!
”چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر.
”چۈنكى مەسىھ مېنى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ ئۇنى جاكارلاش بولسا ئىنساننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۇنداق بولغاندا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [قۇربانلىقىنىڭ] كۈچى يوقىتىلغان بولىدۇ. چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر.
”ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر.
”ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛
”چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛
”بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى.
”(ھەممىڭلار رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا جەم بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ) ــ
”كونا خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەسلى خېمىرتۇرۇچسىز خېمىردەك يېڭى بىر زۇۋۇلا بولىسىلەر؛ چۈنكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»[دىكى قوزىمىز] بولغان مەسىھ قۇربانلىق قىلىندى؛
”بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ [شۇنىڭدەك]، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز.
”شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇقتۇرىمەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ روھىدا تۇرۇپ: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ ۋە ھەرقانداق بىرى مۇقەددەس روھتا بولماي تۇرۇپ «ئەيسا رەبدۇر!» دەپ ئېيتالمايدۇ.
”ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر. خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر.
”چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛ ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛ ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛
”ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛ چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم [ئالەمدە] پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق [ئالەمدە] پەيدا بولدى. ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار. ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى [مەغلۇپ قىلىپ] ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛ ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر. چۈنكى [زەبۇردا] «[خۇدا] پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» [دەپ پۈتۈكلۈكتۇر]. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر. ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.
”ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ.
”ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى. چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز. چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ [بىز ئارقىلىق] چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر.
”چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ.
”شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى!
”گۇناھقا ھېچ تونۇش بولمىغان كىشىنى خۇدا بىزنى دەپ گۇناھنىڭ ئۆزى قىلدى؛ مەقسىتى شۇكى، بىزنىڭ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.
”چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر.
”مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر.
”ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان.
”لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى [بۇ دۇنياغا] ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان [بىزلەرنى] بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.
”تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنگۈچى بىزلەرگە زور كۈچى بىلەن قاراتقان قۇدرىتىنىڭ ھېسابسىز بۈيۈكلۈكىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر؛ دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر.
”سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛ ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا. سىلەرمۇ [قوشۇلۇپ] ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر.
”چۈشكەن زات بولسا بارلىق ئەرشلەردىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مەقسىتى، ئالەمنىڭ بارلىقىنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت؛
”ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛ ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۆگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەنگەن ۋەزىپىنى ئۆتىشى بىلەن بارغانچە ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشلىمەكتە.
”شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار. شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار.
”چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ
”مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛ شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى، ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
”مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن.
”ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق. ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى، يەنى، ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق ئىناقلىق ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئارقىلىق مەيلى زېمىندا بولسۇن، ئەرشلەردە بولسۇن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى؛
”كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر.
”چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛ ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛
”ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، [كرېستتە] ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى.
”سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ.
”چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر. ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى.
”ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇكى، ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، پەرىشتىلەرگە ئۇ كۆرۈندى، ئۇنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلاندى، جاھاندا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈلدى، ئۇ شان-شەرەپ ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى».
”رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، [خۇدانىڭ] بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن. ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن! ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن!
”مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى،
”ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ.
”خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
”چۈنكى خۇدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن.
”لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى». خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر».
”چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.
”شۇنداق ئىكەن، ئەي مۇقەددەس قېرىنداشلار، ئەرشتىن بولغان چاقىرىققا ئورتاق نېسىپ بولغانلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان روسۇل ۋە باش كاھىن، يەنى ئەيساغا كۆڭۈل قويۇپ قاراڭلار.
”شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش-ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر.
”[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى.
”لېكىن [ئەيسا] مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىر؛ چۈنكى ئۇ ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەڭگۈ ھاياتتۇر. مۇشۇنداق بىر باش كاھىن دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان مۇقەددەس، ئەيىبسىز، غۇبارسىز، گۇناھكارلاردىن نېرى قىلىنغان، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئېلىپ كۆتۈرۈلگەن كاھىندۇر. ئۇ ئاشۇ باش كاھىنلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئاندىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغاندا، ھەممەيلەن ئۈچۈن بۇنى بىر يولىلا ئادا قىلدى. چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى.
”ئېيتقانلىرىمىزنىڭ باش نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان شۇنداق بىر باش كاھىنىمىز بار.
”ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، [ئىسرائىللارغا] مۇنداق دېگەن: «مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.
”ئەمدى خۇدانىڭ بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىشى بۇرۇنقىسىنى «كونا» دېگەنلىكىدۇر؛ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان ئىش بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ.
”لېكىن مەسىھ بولسا كەلگۈسىدىكى كارامەت ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغۇچى باش كاھىن بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ [قۇربانلىق] قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ [قۇربانلىق] قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى تەستىقلانغۇچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان.
”دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ [قۇربانلىق] قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.
”چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى.
”مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ.
”بىراق، بۇ [كاھىن] بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛
”شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، (ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن،
”ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى. كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار.
”ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ.
”ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ!
”ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!
”قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار.
”ئۆزىنىڭ زور رەھىمدىللىكى بىلەن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغدۇرۇپ، ئۆلمەس ئۈمىدكە نېسىۋە قىلغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسىغا مۇبارەك-مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا. ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر.
”بەلكى قىممەتلىك قېنى بىلەن، يەنى كەم-كۈتىسىز ۋە داغسىز قوزا كەبى مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. ئۇ دەرۋەقە دۇنيا ئاپىرىدە قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا [خۇدا تەرىپىدىن] شۇ سۈپىتىدە تونۇلغان، هازىر ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن [بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ] ئاشكارا قىلىندى. سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدانىڭ [شۇنى قىلغىنى] ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار ئۆزىگە باغلانسۇن ئۈچۈندۇر.
”ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛ چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ».
”ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر. ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر.
”چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس». ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى. ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.
”چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛
”مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ (مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).
”ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇستىن خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام! سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي!
”شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر.
”چۈنكى بىز سىلەرگە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشىنى ئۇقتۇرغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىكتىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرگە ئەگەشمىدۇق، بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز. چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى.
”ئەكسىچە، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار. ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن!
”ئى ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يېزىۋاتىمەن. مۇبادا بىرسى گۇناھ سادىر قىلسا، ئاتىنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى ۋەكىلىمىز، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ئەيسا مەسىھ باردۇر. ئۇ ئۆزى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن [جازانى كۆتۈرگۈچى] كافارەتتۇر؛ مۇشۇ كافارەت پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.
”ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر.
”يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!
”ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن!
”مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا [ئۆلكىسىدىكى] يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن!
”مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا.
”بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت» دېدى.
”ماڭا سۆز قىلغان ئاۋازنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. ئۇنىڭ باش-چېچى ئاق يۇڭدەك، ھەتتا قاردەك ئاپئاق ئىدى ۋە كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. پۇتلىرى خۇمداندا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ئىدى. ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى.
”ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: قورقما، ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر!
”ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، ــ دېدى. ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى.
”ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.
”ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى.
”بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان-ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. بارلىق پەرىشتىلەر تەختنىڭ، ئاقساقاللارنىڭ ۋە تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: ــ
”چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، دېدى.
”ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ».
”قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.
”ئاندىن مەن كۆردۈمكى، مانا، قوزا زىئون تېغى ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە ئۆز نامى ۋە ئاتىسىنىڭ نامى يېزىلغان بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى بار ئىدى.
”مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى.
”دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر».
”ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر. ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.
”تەختتە ئولتۇرغۇچى: مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، دېدى. ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن.
”لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ.
”«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن».
”«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!»
”ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!» رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!
”