14 – بالا چۈشۈرۈش
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: بالا چۈشۈرۈش.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: بالا چۈشۈرۈش.
چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى، يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛ زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى.
”ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك، سەن مېنىڭ بالىلىرىمنى سويۇپ ئۇلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ مەبۇدلارغا ئاتاپ قويدۇڭغۇ؟ سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ھەم پاھىشە بۇزۇقلۇقلىرىڭدا، سەن ياشلىقىڭدا تۇغما-يالىڭاچ بولۇپ ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقان كۈنلىرىڭنى ھېچقاچان ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ.
”بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛ مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ.
”شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛ ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى.
”كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر.
”ــ ئىسرائىللار ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى ئەركەك مېۋىسىنى، مەيلى ئۇ ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن؛ ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر، دېگەنىدى.
”قاتىللىق قىلما.
”كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
”ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن. ئەگەر [ئايال ياكى بالا] زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا جېنىغا جان،
”ئاراڭدىكى كەمبەغەلنىڭ دەۋاسىدا ئادالەتنى بۇرمىلىما. ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن.
”چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ.
”سەن ئۆز نەسلىڭدىن ھېچبىرىنى مولەك مەبۇدىغا ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزسەڭ قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى ناپاك قىلغان بولىسەن. مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگاردۇرمەن.
”پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
”ئەگەر بىرسى باشقا بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
”باشقا بىرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بولسا، بىرنەچچە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن كېيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ؛ لېكىن پەقەت بىرلا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولمايدۇ. ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە، يەنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن سىلەر ھېچقانداق تۆلەم پۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار؛ ئۇنداق كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.
”شۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار تۇرغان زېمىننى بۇلغىغان بولمايسىلەر، چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ؛ زېمىندا تۆكۈلگەن قانغا دەل شۇ قاننى تۆككەن كىشىنىڭ ئۆز قېنىدىن باشقا ھېچقانداق كافارەت كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
”قاتىللىق قىلما.
”سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىنىڭدا قەتئىي ئۇلارنىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى نېمە ئىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك بولسا، نېمە ئىش ئۇنىڭغا نەپرەتلىك بولسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن شۇ ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇلار ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنى ۋە قىزلىرىنىمۇ ئىلاھلىرىغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگەن.
”ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىدىغان، پالچىلىق، رەمچىلىك، ئەپسانىيلىك، جادۇگەرلىك
”«كىمكى گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق ئالسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن. «كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرمىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن.
”مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛
”ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭاتتى، ھەتتا پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى.
”ئۇلار ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك ئىشلەتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى سېتىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
”ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى.
”ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك بىلەن پالچىلىق ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
”پەرۋەردىگار ئىسرائىللار زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك گۇناھلىرىنى دوراپ، ھىننوم جىلغىسىدا كۈجە كۆيدۈردى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆيدۈردى؛
”ئۇ بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىدا ئۆز بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك، پالچىلىق ۋە دەمىدىچىلىك ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
”ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛ بىراق سەن مېنى يوقاتماقچىسەن! سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛ سەن مېنى يەنە تۇپراققا قايتۇرامسەن؟ سەن [ئۇستىلىق بىلەن] مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟ سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن، ئۇستىخان ھەم پەي بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مېنى توقۇغانسەن.
”چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى، پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم.
”مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ. مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟
”پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ [ئاجىز-مۆمىنلەرگە] قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن. پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ [ئاجىز-مۆمىنلەرگە] قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن.
”بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛ تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن.
”مېنى يامانلىق قىلغۇچىلار چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغايسەن. چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ بۇ [قىلغىنى] مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛ مەندە ھېچ سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئۇلار يۈگۈرۈپ ماڭا قارشى سەپ سالىدۇ؛ مېنىڭ ياردىمىمگە كېلىشكە ئويغان، [ھالىمنى] نەزىرىڭگە ئالغايسەن.
”يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر.
”بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر.
”گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار! ئۇلار بۇلارنى بىلمەي ۋە چۈشەنمەي زۇلمەتتە كېزىپ يۈرمەكتە، شۇڭا يەرنىڭ ئۇللىرى تەۋرەنمەكتە.
”تۇل ئايال ۋە غېرىپ-مۇساپىرلارنى قىرىپ، يېتىم-يېسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ: ــ «ياھ كۆرمەيدۇ»، «ياقۇپنىڭ خۇداسى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ»، دەيدۇ. سىلەر كۆڭۈل قويۇڭلار، ئى ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى! ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟
”ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟ ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ، بىگۇناھ قاننى تۆكىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارماقتا. بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر. ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلار.
”چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى، يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛ زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛ قىلىقلىرى بىلەن پاھىشە ئايالدەك بۇزۇلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى؛
”قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم.
”مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛
”بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛ مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ. مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى. ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى.
”چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى.
”ئەگەر ئۇلار: يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى! تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛
”شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ. پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول،
”[سەۋەبسىز] ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛ ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟
”قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!
”سەن شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك ياكى بويىدا بارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بالىياتقۇدا قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، سەن ھەممىنى ياسىغۇچى خۇدانىڭ قىلغىنىنى بىلمەيسەن.
”قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى. ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛ ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛ ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار. ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ.
”ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي!
”چۈنكى قارا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىپ، يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرماقچى؛ يەر بولسا ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھامان يېپىۋەرمەيدۇ.
”سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما!
”«سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛
”ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، شۇنداقلا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قالدىسى، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار!
”«ئى ئاراللار، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار، يىراقتىكى ئەل-يۇرتلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! بالىياتقۇدىكى چېغىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى؛ ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى؛
”ئەمدى مېنى ئۆز قۇلى بولۇشقا، ياقۇپنى توۋا قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتۇرۇشقا مېنى بالىياتقۇدا شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: (ئىسرائىل قايتۇرۇلۇپ يېنىغا توپلانمىغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شان-شەرەپكە ئىگە بولدۇم، شۇنىڭدەك خۇدايىم مېنىڭ كۈچۈمدۇر)
”ئانا ئۆزى ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ ئۆز قورسىقىدىن تۇغقان ئوغلىغا رەھىم قىلماي تۇرالامدۇ؟ ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇغان بولسىمۇ، مەن سېنى ئۇنتۇيالمايمەن. مانا، مەن سېنى ئۆز ئالقانلىرىمغا ئويۇپ پۈتكەنمەن؛ [خارابە] تاملىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىدۇر.
”بىرسىنى بوشىنىش ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسام، مەن بالىنى چىقارغۇزماي قالامتىم؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئۆزۈم تۇغدۇرغۇچى تۇرسام، بالىياتقۇنى ئېتىۋېتەمدىمەن؟ دەيدۇ خۇدايىڭ.
”پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ: ــ ئاناڭنىڭ قورسىقىدا سېنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىلگىرىلا مەن سېنى بىلەتتىم؛ سەن بالىياتقۇدىن چىقىشتىن بۇرۇن سېنى ئۆزۈمگە ئاتاپ، ئەللەرگە پەيغەمبەر بولۇشقا تىكلىدىم، دېيىلدى.
”ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ، سەن تېخى: «مەندە گۇناھ يوق؛ [رەب] مەندىن رەنجىۋەرمەيدۇ!» دەيسەن. بىلىپ قوي! مەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، چۈنكى سەن: «مەن گۇناھ سادىر قىلمىدىم!» دەۋېرىسەن.
”ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر.
”چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان. ئۇلار بائالغا ئۆز بالىلىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۈپىتىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بائالنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىنى قۇرغان؛ مەن بۇنداق بىر ئىشنى ھېچقاچان بۇيرۇپ باقمىغان، ھېچ ئېيتمىغان، ئۇ ھەرگىز ئويۇمغا كىرىپ باقمىغان. شۇڭا مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، بۇ يەر كەلگۈسىدە «توفەت»، ياكى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەن بۇ يەردە يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ پىلان-تەدبىرلىرىنى قۇرۇق قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن، يەنى جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا يىقىتىمەن؛ مەن جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوزۇق بولۇشقا بېرىۋېتىمەن.
”چۈنكى ئۇ مېنى بالىياتقۇدىن چۈشكىنىمدىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن؛ ئاپام مېنىڭ گۆرۈم بولسىئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى مەن بىلەن تەڭ ھەمىشە چوڭ بولسىئىدى!
”ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر.
”پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ، بۇ راھىلەنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ چۈنكى ئۇ بالىلىرى بولمىغاچقا، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ.
”ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ «مولەك»كە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»دىكى، بائالغا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى قۇرۇپ چىققان؛ مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىنى زادى بۇيرۇپ باقمىغانمەن؛ ئۇلارنىڭ يەھۇدانى گۇناھقا پاتقۇزۇپ، مۇشۇنداق لەنەتلىك ئىش قىلسۇن دېگەن ئوي-نىيەتتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانمەن.
”ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك، سەن مېنىڭ بالىلىرىمنى سويۇپ ئۇلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ مەبۇدلارغا ئاتاپ قويدۇڭغۇ؟ سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ھەم پاھىشە بۇزۇقلۇقلىرىڭدا، سەن ياشلىقىڭدا تۇغما-يالىڭاچ بولۇپ ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقان كۈنلىرىڭنى ھېچقاچان ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ. ئەمدى سېنىڭ بۇ رەزىللىكلىرىڭدىن كېيىن (ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار)
”ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ تەڭگىلىرىڭ تۆكۈلۈپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئۇيات يېرىڭ ئاشكارىلانغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارلىق يىرگىنچلىك مەبۇدلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا ئاتاپ سۇنغان بالىلىرىڭنىڭ قېنى تۈپەيلىدىن ــ شۇڭا مانا، مەن سېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەيش-ئىشرەت مەنبەسى قىلغان، بارلىق سۆيگەن ھەم بارلىق نەپرەتلەنگەن ئاشنىلىرىڭنى يىغىمەن مەن ئۇلارنى ساڭا قارشى چىقىرىپ ئەتىراپىڭدىن يىغىپ، سېنىڭ ئۇيات يېرىڭنى ئۇلارغا ئاشكارە قىلىمەن، ئۇلار سېنىڭ بارلىق ئۇيات يېرىڭنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېنى بۇزۇقلۇق قىلغان ھەم قان تۆككەن ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن؛ مەن قەھر بىلەن، ئوتتەك غەزىپىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۈستۈڭگە قانلىق جازانى چۈشۈرىمەن؛
”مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ.
”ئەمدى سىلەر ھەدىيەلىرىڭلارنى سۇنۇپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بارلىق بۇتلىرىڭلار بىلەن بۇلغاۋاتىسىلەر؛ ئەمدى مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويامدىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويمايمەن!
”چۈنكى ئۇلار بۇزۇقلۇق قىلدى؛ قوللىرى قان بولدى؛ ئۇلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا تۇغقان ئۆز بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېغىشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىش قىلغانكى، ئوخشاش بىر كۈندە ئۇلار مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاپ، «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان. چۈنكى ئۇلار ئۆز بالىلىرىمنى بۇتلىرىغا سويغان چاغدا، ئۇلار ئوخشاش بىر كۈندە مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاشقا كىردى؛ مانا، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈم ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قىلغان.
”پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى.
”ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى.
”بۇرۇنقىلارغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوراققا تارتىلىدۇ» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر.
”تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار.
”بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
”ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى.
”شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر.
”ئەمما ئەيسا: بالىلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر، دېدى.
”چۈنكى شۇلار يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ
”سەن تەۋراتتىكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرھىز-پەرزلەرنى بىلىسەن، دېدى.
”چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ.
”ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! ماڭا شۇنداق [شەرەپ] نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى! چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى.
”(پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك)
”ئەمرلەرنى بىلىسەن: «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېدى.
”سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر.
”ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
”ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى. ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ.
”بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن [كىشى] ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر.
”سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟
”ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي، ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي،
”ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق.
”بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.
”تەن روھ بولمىسا ئۆلۈك بولغاندەك، ئەمەللىرى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.
”قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.
”ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.
”قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
”ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ دېيىشەتتى.
”لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».
”