15 – مەست بولۇش

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: مەست بولۇش.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

گالاتىيالىقلارغا 5:19-21

ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ.

يوئېل 1:5

ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 5:11

ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 79 ئابزاسلار

يارىتىلىش 9:20-22

نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى. ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى. قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى.

لاۋىيلار 10:9-10

«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 6:3

ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن ئايرىپ پەرھىز تۇتسۇن؛ ھاراق-شاراب بىلەن ئىشلەنگەن سىركىنىمۇ ئىچمىسۇن ياكى ھەرقانداق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ۋە ھۆل-قۇرۇق ئۈزۈملەرنىمۇ يېمىسۇن.

قانۇن شەرھى 21:20

ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن.

قانۇن شەرھى 32:32-33

چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن، گوموررانىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن چىققاندۇر؛ ئۈزۈملىرى زەھەرلىك ئۈزۈملەردۇر، ئۇلارنىڭ ھەربىر ساپىقى ئاچچىقتۇر، شارابى بولسا ئەجدىھالارنىڭ زەھىرىدۇر، كوبرالارنىڭ ئەجەللىك زەھىرىدۇر.

باتۇر ھاكىملار 13:4

ئەمما سەن سەگەك بولۇپ، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە، ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن.

زەبۇر 60:3

سەن ئۆز خەلقىڭگە كۈلپەت-خارلىقلارنى كۆرگۈزدۈڭ؛ سەن بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ.

زەبۇر 75:8

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛

پەند-نەسىھەتلەر 4:17

يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر، زوراۋانلىق ئۇلارنىڭ شارابىدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 20:1

شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 21:17

تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس.

پەند-نەسىھەتلەر 23:20-21

مەيخورلارغا ئارىلاشما، نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما؛ چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر.

پەند-نەسىھەتلەر 23:29-35

كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟ دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار! شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما! ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ. كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ. خۇددى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك، يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن. سەن چوقۇم: بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم! بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» دەيسەن. بىراق سەن يەنە: «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! دەيسەن.

پەند-نەسىھەتلەر 31:4-7

ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس. بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، [مۇقەددەس] بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ، بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن. كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن! ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!

ھېكمەت توپلىغۇچى 10:17

ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!

يەشايا 5:11-12

مەي ئىچىشكە ئالدىراپ تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرغانلارغا، قاراڭغۇ چۈشىشىگە قارىماي، شارابتىن كەيپ بولغۇچە بېسىپ ئولتۇرغانلارغا ۋاي! ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە چىلتار ۋە لىرا، تەمبۇر ۋە نەي، شارابمۇ بار؛ بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىغا ۋە قول ئىشلىرىغا ھېچ ئېتىۋار قىلمايدۇ.

يەشايا 5:22

شاراب ئىچىشكە باتۇر بولغانلارغا، ھاراقنى ئەبجەش قىلىشتا قەھرىمان بولغانلارغا،

يەشايا 19:14

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر قايمۇقتۇرغۇچى روھنى ئارىلاشتۇرىۋەتتى؛ شۇڭا بىرسى مەست بولۇپ ئۆز قۇسۇقىدا تېيىلىپ ئەلەڭ-سەلەڭ بولغاندەك، ئۇلار مىسىردىكىلەرنى ھەربىر ئىشىدا ئەلەڭ-سەلەڭ قىلىۋەتتى.

يەشايا 24:9-12

شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛ ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ. تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛ ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛ كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛ يەر-زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ. شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ، دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى خاراب بولىدۇ!

يەشايا 24:20

يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ-سىلەڭ ماڭىدۇ؛ خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ، ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ.

يەشايا 28:1

ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي! مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىغا تاقىۋالغان، يەنى ئۇلارنىڭ سولىشىپ قالغان «پەخرى» بولغان گۈلىگە ۋاي! ئى شارابنىڭ ئەسىرى بولغانلار!

يەشايا 28:3

ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجى ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛

يەشايا 28:7-8

بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛ چۈنكى ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى.

يەشايا 29:9

ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار! ئۆزۈڭلارنى قارىغۇ قىلىپ، قارىغۇ بولۇڭلار! ئۇلار مەست بولدى، بىراق شارابتىن ئەمەس! ئۇلار ئىلەڭلىشىپ قالدى، بىراق ھاراقتىن ئەمەس!

يەشايا 56:12

ئۇلار: «قېنى، شاراب كەلتۈرىمەن، ھاراقنى قانغۇچە ئىچەيلى؛ ئەتىمۇ بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ، تېخىمۇ مولچىلىق بولىدۇ يەنە!» دەۋېرىدۇ.

يەرەمىيا 13:12-14

ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» دەيدۇ؛ سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن. مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسۇمايدۇ.

يەرەمىيا 23:9

پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: مېنىڭ كۆڭلۈم ئىچ-باغرىمدا سۇنۇقتۇر؛ سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسى تىترەيدۇ؛ مەن مەست بولغان ئادەم، شاراب تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئادەمگە ئوخشايمەن؛ بۇنداق بولۇشۇم پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەس سۆزلىرى تۈپەيلىدىندۇر؛

يەرەمىيا 25:15-16

چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [ئالامەت كۆرۈنۈشتە] مۇنداق دېدى: مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛ ئۇلار ئىچىدۇ، ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلايدۇ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن ساراڭ بولىدۇ.

يەرەمىيا 25:27

ئاندىن سەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئىچىڭلار، مەست بولۇڭلار، قۇسۇڭلار، مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن يىقىلىپ قايتىدىن دەس تۇرماڭلار» دېگىن.

يەرەمىيا 35:5-6

مەن رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا شارابقا لىق تولغان پىيالىلەر ۋە قەدەھلەرنى قويۇپ ئۇلارغا: «شارابقا ئېغىز تېگىڭلار!» دېدىم. ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: «بىز شارابنى ئىچمەيمىز؛ چۈنكى ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يوناداب بىزگە: «سىلەر ۋە ئوغۇل-ئەۋلادلىرىڭلار زادى شاراب ئىچمەڭلار؛

يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 3:15

ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ، كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى.

ئەزاكىيال 23:31-35

ھەدەڭنىڭ يولىدا ئۆزۈڭ ماڭغانسەن؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭدىكى قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭغىمۇ تۇتقۇزدۇم. ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ھەدەڭنىڭ قەدەھىنى، چوڭقۇر ۋە چوڭ بىر قەدەھنى سەنمۇ ئىچىسەن؛ سەن رەسۋا بولۇپ مازاق قىلىنىسەن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭدۇر؛ سەن دەھشەتلىك ۋە ھالاكەت قەدەھى، يەنى ھەدەڭ سامارىيەنىڭ قەدەھى بىلەن مەستلىك ھەم دەرد-ئەلەمگە تولدۇرۇلىسەن؛ سەن ئۇنى ئىچىۋېتىپ يەنە يالايسەن، ھەتتا ئۇنىڭ پارچىلىرىنىمۇ غاجىلايسەن، ئاندىن كۆكسىلىرىڭنىمۇ يۇلۇپ تاشلايسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. شۇنىڭ ئۈچۈن رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇپ ئارقاڭغا تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا ئۆز بۇزۇقلۇقۇڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن.

ئەزاكىيال 44:21

ئىچكى ھويلىغا كىرگەندە ھېچقايسى كاھىن شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك.

دانىيال 1:8

دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى [خۇدا ئالدىدا] ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى؛ شۇڭا ئۇ ئاغۋات بېشىدىن ئۆزىنىڭ ناپاك قىلىنماسلىقىغا يول قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى.

دانىيال 1:16

شۇنىڭدىن كېيىن غوجىدار ئۇلارغا پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەرنى ۋە ئىچىشكە بەلگىلىگەن شارابنى بەرمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇماچ، كۆكتاتلارنى بېرىشكە باشلىدى.

دانىيال 5:23

ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.

ھوشىيا 4:11

ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ.

ھوشىيا 7:5

پادىشاھىمىز [تەبرىكلەنگەن] كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛ [پادىشاھ] بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى!

يوئېل 1:5

ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى.

ئاموس 2:8

ئۇلار [قىزلارنى] ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە.

ئاموس 2:12

بىراق سىلەر نازارىيلارغا شاراب ئىچكۈزدۇڭلار، ھەم پەيغەمبەرلەرگە: «پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇدۇڭلار.

ئاموس 6:6

شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر، بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ!

مىكاھ 2:11

ئەگەر بىھۇدىلىكتە، يالغانچىلىقتا يۈرگەن بىرسى يالغان گەپ قىلىپ: «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن» دېسە، مانا، ئۇ شۇ خەلققە پەيغەمبەر بولۇپ قالىدۇ!

ناھۇم 1:10

ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ.

ھاباككۇك 2:15-16

ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي! شان-شەرەپنىڭ ئورنىدا شەرمەندىچىلىككە تولىسەن؛ ئۆزۈڭمۇ ئىچ، خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ سەن تەرەپكە بۇرۇلىدۇ، شان-شەرىپىڭنىڭ ئۈستىنى رەسۋايىپەسلىك باسىدۇ.

ماتتا 11:18-19

چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ. ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».

ماتتا 24:48-51

لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ، باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا، شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. شۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

لۇقا 1:15

چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ.

لۇقا 7:33-34

چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر. ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر.

لۇقا 12:45-46

لېكىن مۇبادا شۇ چاكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ، باشقا چاكارلار ۋە دېدەكلەرنى بوزەك قىلىشقا ۋە يەپ-ئىچىپ، مەست بولۇشقا باشلىسا، شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ.

لۇقا 21:34

ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن.

يۇھاننا 2:9-10

توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ھەربىر [توي قىلغۇچى] ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:13-16

ئەمما بەزىلەر: بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! دەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ دەل يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان شۇ ئىشتۇر:

رىملىقلارغا 13:13-14

كۈندۈزگە مۇۋاپىق دىيانەتلىك ھايات كەچۈرەيلى، ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە كەيپ-ساپاغا، جېدەل-ماجىرا ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەيلى؛ ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار.

رىملىقلارغا 14:21

شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 3:16-17

ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ بىرسى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدا ئۇنى خاراب قىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى پاك-مۇقەددەستۇر، سىلەر دەل شۇنداقسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 5:11

ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:9-11

ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:19-20

سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:13

سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارنىڭ ھەممىسىگە باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. ۋە خۇدا بولسا ۋەدىسىدە تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرنى كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ، بەلكى سىناق بېشىڭلارغا چۈشكەندە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇش يولىنى يارىتىپ بېرىدۇ؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىدىغان بولىسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:32-34

ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟

گالاتىيالىقلارغا 5:19-21

ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:18-19

ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛

تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:6-9

شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەممىسىدەك ئۇخلىمايلى، بەلكى سەگەك ۋە سالماق بولايلى. چۈنكى ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەست بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەست بولىدۇ. بىراق ئۆزىمىز كۈندۈزگە مەنسۇپ بولغاندىن كېيىن، سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى؛ چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن.

تىموتىيغا «1» 3:2-3

ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى،

تىموتىيغا «1» 3:8

خۇددى [يېتەكچىلەرگە] ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى،

تىموتىيغا «2» 1:7

چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.

تىموتىيغا «2» 4:5-6

لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن. چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى.

تىتۇسقا 1:7-8

چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ [ئائىلىسىگە] غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس، بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم.

تىتۇسقا 2:2-3

ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن.

تىتۇسقا 2:6

شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن.

تىتۇسقا 2:12

ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن،

پېترۇس «1» 1:13-16

شۇڭا، زېھىنلىرىڭلارنىڭ بېلىنى باغلاپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك-سالماق تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار. [خۇدانىڭ] ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى غاپىللىق چاغلىرىڭلاردىكىدەك ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، سىلەرنى چاقىرغۇچى پاك-مۇقەددەس بولغانغا ئوخشاش بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس تۇتۇڭلار. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك-مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.

پېترۇس «1» 4:3

چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار!

پېترۇس «1» 5:8-9

ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛ سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ.

يۇھاننا «1» 1:9

گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر.

ۋەھىي 14:8

ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن».

ۋەھىي 17:2

يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، دېدى.

ۋەھىي 18:3

چۈنكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىدىن ئىچىشتى؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتى، يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئەيش-ئىشرىتىنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن بېيىشتى».

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net