20 – دۇئا
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: دۇئا.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: دۇئا.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ».
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن. كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم، چۈنكى ساڭىلا دۇئا قىلىمەن. ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛ مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن، يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي. بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن. بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».
”ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم.
”ئۇ دۇئا قىلىپ: ئەي خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن، خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن. مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، دېدى. ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى؛ ئۇ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكاھتىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى ئىدى؛
”ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى.
”ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى. ئۇ زات: مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ. ئۇ ئۇنىڭدىن: ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، دېدى. ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى.
”ئۇ ۋاقىتتا مۇسا شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى؛ ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى، ھېچ سۇ ئىچمىدى. ئۇ يەردە [پەرۋەردىگار] تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى.
”مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى.
”سىلەر شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئىزدەيسىلەر؛ پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر. سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ.
”شۇ چاغدا مەن تاش تاختايلارنى، يەنى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختايلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققانىدىم؛ مەن تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم (مەن نە تاماق يېمىدىم، نە سۇ ئىچمىدىم)؛
”سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم)
”شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يەنە قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم؛ دەرۋەقە دۈم ياتتىم؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە قاراپ «ئۇلارنى يوقىتىمەن» دېگەنىدى.
”مەن ئەمدى ئاۋۋالقى كۈنلەردىكىدەك قىرىق كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغدا تۇردۇم؛ پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ تىلىكىمگە قۇلاق سالدى؛ ئۇ سىلەرنى يوقاتمىدى.
”يەشۇئا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەرگە دۈم يىقىلىپ، باشلىرىغا توپىلارنى چېچىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە يېتىپ قالدى.
”ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى پۈتۈن قوشۇن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ يىغلاپ، شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەچكىچە روزا تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۆتكۈزدى.
”ۋە پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەك: «سامۇئىل، سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل: سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.
”ماڭا نىسبەتەن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاش بىلەن پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن؛ بەلكى مەن سىلەرگە ياخشى ۋە دۇرۇس يولنى ئۆگىتىمەن.
”ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن.
”سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ،
”كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن. ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى. خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ: پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى.
”ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن!
”ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!».
”[ھەزەكىيا] بولسا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى.
”يابەز ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا نىدا قىلىپ: «مېنى ناھايىتى كۆپ بەرىكەتلىگەن بولساڭ، زېمىنىمنى كېڭەيتسەڭ، قولۇڭ بىلەن مېنى يۆلەپ، بالا-قازادىن ساقلاپ، ماڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسەتمىگەيسەن!» دەپ تىلىدى. خۇدا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت ئەيلىدى.
”«پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئەللەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار!
”پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار.
”پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى.
”ئۇلار يەنە ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆرە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى، ھەركۈنى كەچلىكىمۇ شۇنداق قىلاتتى.
”ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: ــ (چۈنكى بايا سۇلايمان مىستىن ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز كېلىدىغان بىر پەشتاق ياسىتىپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرغانىدى. ئۇ ئەنە شۇ پەشتاق ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاسمانغا قاراپ غۇلىچىنى يايغانىدى) ــ ئۇ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە ئاسماندا نە زېمىندا سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ سېنىڭ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان ئۆز قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن.
”لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىمنى ئۇ يەردە ئايان قىلىمەن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
”ئۇنداقتا بارلىق خەلقىڭ ئىسرائىل بولسۇن، ھەرقانداق كىشى بولسۇن، ئۆزىگە كەلگەن ئاپەتنى ۋە ئۆز دەردىنى بىلىپ، قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، مەيلى قانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلسۇن، ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن، سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، پەقەت سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقۇپ يوللىرىڭدا ماڭىدىغان بولىدۇ.
”ئەمدى ئى خۇدايىم، سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قىلغان دۇئالارغا كۆزۈڭ ئوچۇق، قۇلىقىڭ دىڭ بولغاي!
”[شۇ چاغدا] نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن. ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ.
”رەھوبوئام كۆڭلىدە پەرۋەردىگارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن رەزىللىك قىلدى.
”ئاسا خۇداسى پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، ئۆز بەندەڭگە ياردەم بەرسەڭ، ئۇ كۈچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن سەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىزگە ياردەم قىلغايسەن؛ چۈنكى بىز ساڭا تايىنىمىز ۋە سېنىڭ نامىڭدا بۇ زور قوشۇنغا قارشى ئاتلىنىپ چىقتۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن، ئىنسانلار سېنىڭدىن غالىپ كەلمىسۇن! دېدى.
”ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛
”ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى.
”شۇنىڭ تۈپەيلىدىن ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلىۋىدى،
”شۇ چاغدا ئاخاۋا دەرياسى بويىدا مەن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمىزنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىمىز ۋە كىچىك بالىلىرىمىز ھەم بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزدىن ئاق يول تىلەشكە روزا تۇتايلى، دەپ جاكارلىدىم. چۈنكى بىز ئەسلىدە پادىشاھقا: «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى بارلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قويۇلىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا زەربە بېرىشكە تەيياردۇر» دېگەنىدۇق، ئەمدى يەنە ئۇنىڭدىن يولدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەر تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىز روزا تۇتۇپ خۇدايىمىزدىن شۇ ئىش توغرۇلۇق ئۆتۈندۇق، ئۇ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.
”كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ، دۇئا قىلىپ: «ئاھ خۇدايىم، شەرمەندىلىكتە يۈزۈمنى ساڭا قارىتىشتىن ئىزا تارتماقتىمەن، ئى خۇدايىم؛ چۈنكى قەبىھلىكلىرىمىز تولىلىقىدىن باشلىرىمىزدىن ئاشتى، ئاسىيلىق-ئىتائەتسىزلىكىمىز ئاسمانلارغا تاقاشتى.
”ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدىن قوپۇپ ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى يەھوھاناننىڭ ئۆيىگە كىردى؛ ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەندە غىزامۇ يېمىدى، سۇمۇ ئىچمىدى، چۈنكى ئۇ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىناتتى.
”مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، بىرنەچچە كۈنگىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، ئاسمانلاردىكى خۇدا ئالدىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق!
”ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
”شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛ ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.
”پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يەھۇدىيلار ئارىسىدا قاتتىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، يىغا-زار قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بوز يېپىنىپ كۈلدە ئېغىناپ يېتىشتى.
”«سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!».
”ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ
”ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم. ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.
”بىراق ئەگەر ئۆزۈڭ ھازىر چىن كۆڭلۈڭدىن تەڭرىنى ئىزدىسەڭلا، ھەممىگە قادىرغا ئىلتىجا قىلساڭلا،
”بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ، قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ،
”ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ ياكى مەن ساڭا [دەۋايىمدىن] سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
”سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ، شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن.
”ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ. بەرھەق، تەڭرى قۇرۇق دۇئاغا قۇلاق سالمىغان يەردە، ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە،
”شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى.
”ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: مەن نىدا قىلغىنىمدا، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن، ئى ماڭا ھەققانىيلىقىم ئاتا قىلغۇچى خۇدا! بېسىم ئاستىدا قالغاندا سەن مېنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، دۇئايىمنى ئاڭلا!
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن. كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم، چۈنكى ساڭىلا دۇئا قىلىمەن. ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛ مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن، يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن.
”نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن.
”ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ، خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا: «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ.
”داۋۇتنىڭ دۇئاسى: ھەققانىي تەلەپنى ئاڭلا، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ نىدايىمغا كۆڭۈل قويغىن؛ مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئۇ يالغانچى لەۋلەردىن چىققان ئەمەس.
”مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ ماڭا قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن.
”قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى.
”مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛
”پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن.
”نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن. ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛ دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن.
”پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن! شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن!
”داۋۇت يازغان كۈي: ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن. ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە، سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە، مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن!
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: سەن پەرۋەردىگارنى، مەن باشپاناھ قىلدىم؛ مېنى ھېچقاچان يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى ئازاد قىلىپ قۇتقۇزغايسەن؛ ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛ ماڭا قورام تاش، ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورغانلىق قەلئە بولغايسەن.
”ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى، شۇنچىلىك بەختلىك بولار باشپاناھ قىلغانلار ئۇنى
”پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار
”زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن.
”سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن
”ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك، سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس!
”داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ، كۈتتۈم، كۈتتۈم؛ ئۇ ماڭا ئېگىلىپ پەريادىمنى ئاڭلىدى.
”ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان-ساناقسىز قىلغانسەن، كىممۇ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە [رەھمەت قايتۇرۇپ] بولالىسۇن! ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن-ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.
”بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي! مەن ئېزىلگەن ھەم يوقسۇل بولساممۇ، بىراق رەب يەنىلا مېنى ياد ئېتىدۇ؛ سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى خۇدايىم، كېچىكمەي كەلگەيسەن!
”كۈندۈزى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى [ماڭا] بۇيرۇيدۇ، كېچىلىرى ئۇنىڭ ناخشىسى، ۋە ھەم ھاياتىم بولغان تەڭرىگە قىلغان دۇئا ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
”ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش! مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» دەيدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قورغىنىمىزدۇر!
”قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا تەشەككۈرلەرنى ئېيت؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قىلغان ۋەدەڭگە ۋاپا قىل. بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن».
”بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛ ئىچىمدىكى يوشۇرۇن جايلىرىمدا سەن ماڭا دانالىقنى بىلدۈرىسەن. مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن،
”لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛ پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ. ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە، دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ.
”يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ.
”ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر. ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن!
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛ مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
”ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر. پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر. ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! سېلاھ.
”داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم! مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ، جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ
”ئاغزىم ئېچىپ ئۇنىڭغا پەرياد كۆتۈردۈم، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىغان مەدھىيىلەر تىلىمدا بولدى. كۆڭلۈمدە گۇناھنى كۆزلەپ يۈرگەن بولسام، رەب [دۇئايىمنى] ئاڭلىمىغان بولاتتى. بىراق خۇدا ئاڭلىدى؛ ئۇ دۇئايىمغا قۇلاق سالدى. خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ياغدۇرۇلسۇن! ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ياندۇرمىدى، ھەم مەندىن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئېلىپ كەتمىدى!
”پەريادلىرىمدىن ھالىمدىن كەتتىم؛ گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى؛ خۇدايىمغا تەلمۈرۈپ، كۆزۈمدىن كېتەي دەپ قالدىم؛
”ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ خۇدانى ئىزدىگەنلەر قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ ماڭا قۇلاق سالىدۇ. بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى [دۇئاغا] كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى.
”تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛ ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن!
”مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
”كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛ نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
”بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ.
”شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن!
”ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ.
”ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن.
”شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى! ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، كېچىلەردە بولسا، ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى جاكارلاش،
”كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى، پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى! چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق، ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز. بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!
”ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى: ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد-پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە: دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن! يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛ قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن!
”ئۇ غېرىب-مىسكىننىڭ دۇئاسىغا ئېتىبار بېرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز كەمسىتمەيدۇ.
”مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! پەرۋەردىگارنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىنى ئىزدەڭلار، دىدار-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار.
”روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ، ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ.
”مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، يېلىنىشلىرىمنى ئاڭلىغان. چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى، شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن. ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا توختىماي نىدا قىلدىم: «سەندىن ئۆتۈنىمەن، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايسەن!
”مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛
”قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى.
”مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ، ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ.
”ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار، ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر،
”پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛ مېنى ئەمرلىرىڭدىن ئاداشتۇرمىغايسەن؛
”ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا، بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن. مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ. ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
”«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛
”پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە.
”پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇ مېھرىباندۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
”ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
”رەبلەرنىڭ رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
”داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن. دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.
”داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛ ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.
”داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
”ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرەر ھەممىسىنىڭ كۆزى ساڭا، بېرىسەن رىزقىنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىسەن، ئۇلارغا قولى ئوچۇق سېخىيدۇرسەن پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر، ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى
”ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ، مەن پەرۋا قىلمايمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ. ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن، مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن،
”كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛
”كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار.
”ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن.
”«يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم. قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى. ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛
”مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛ ۋە مەن ئۇنى تەلمۈرۈپ ساقلايمەن.
”ۋۇجۇدۇم بىلەن كېچىلەردە ساڭا تەشنا بولدۇممەن؛ بەرھەق، تاڭ سەھەرلەردىمۇ روھىم بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن سېنى ئىزدىدىم؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنگەن بولسا، يەر يۈزىدىكىلەر ھەققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ.
”چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ.
”بىراق پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ؛ ئۇلار بۈركۈتلەردەك قانات كېرىپ ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار يۈگۈرۈپ، چارچىمايدۇ؛ يولدا مېڭىپ، ھالىدىن كەتمەيدۇ!
”ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛ ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار!
”ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن، مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛ ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ.
”مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟ مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش، بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش، ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش، ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟
”بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى.
”ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛ مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم. مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: «ماڭا قارا، ماڭا قارا» دېدىم.
”ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن.
”شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچ قۇتۇلالماس ئاپەت چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. ئاندىن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئىسرىق يېقىپ چوقۇنغان بۇتلارنى ئىزدەپ ئۇلارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ لېكىن ئاپەت چۈشكەن ۋاقتىدا ئۇلار بۇلارنى ھېچ قۇتقۇزمايدۇ.
”چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر. مەن ئۆزۈمنى سىلەرگە تاپقۇزىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار ۋە مەن سىلەرنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، مەن سىلەرنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق ئەللەردىن ۋە ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردىن يىغىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن سىلەرنى ئېلىپ، ئەسلى سۈرگۈن قىلىپ ئايرىغان يۇرتقا قايتۇرىمەن.
”ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن.
”پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە روزا تۇتقان بىر كۈنىدە، سەن ئاغزىمدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ يازغان، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن؛ ھەممە شەھەرلەردىن كەلگەن يەھۇدادىكىلەرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكۈزگىن. ئۇلار بەلكىم پەرۋەردىگار ئالدىغا دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىپ ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلققە ئاگاھلاندۇرغان غەزىپى ۋە قەھرى دەھشەتلىكتۇر.
”شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ئىسرائىل خەلقى كېلىدۇ، ئۇلار ھەم يەھۇدا خەلقى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار يىغلىغان ھالدا مېڭىپ پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئىزدەشكە كېلىدۇ. ئۇلار زىئوننىڭ يولىنى سورايدۇ، يۈزلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ: «ھەرگىز ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بىلەن ئۆزىمىزنى پەرۋەردىگارغا باغلايلى» دەيدۇ.
”بەخت ئاتا قىلار پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا، ئىلتىپاتىنى ياغدۇرار ئۆزىگە سېغىنغانلارغا پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر.
”قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى!
”ۋە ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، دېدى. ۋە ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا ئاپاردى. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ كىرىش يولىدا، پېشايۋان ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يىگىرمە بەش ئادەم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى. ۋە ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ يەھۇدا جەمەتى ئۆزى مۇشۇ يەردە قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېنىك دەپ، ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۈستىگە زېمىننى جەبىر-زۇلۇم بىلەن تولدۇرۇپ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قايتا-قايتا قوزغاتسا بولامدۇ؟ ۋە مانا، ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا! شۇڭا مەن قەھر بىلەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ ئۇلار قۇلىقىمغا يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن، دېدى.
”ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ. ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر. ئى ماڭا دانالىق ۋە كۈچ بەرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى، ساڭا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالار ئېيتاي! سەن ھازىرلا بىز دۇئا قىلغان ئىشنى ماڭا ئاشكارىلىدىڭ، پادىشاھنىڭ سورىغان ئىشىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردىڭ».
”ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىدىكى بارلىق نازارەتچى، ۋالىي، ۋەزىر، مەسلىھەتچى، ھاكىم ۋە ئەمەلدارلار بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق؛ ھەرقانداق كىشى ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق ئىلاھقا ھەرقانداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ۋە ياكى ھەرقانداق كىشىدىن بىر نەرسە تىلەشكە رۇخسەت بولمىسۇن، ئى ئالىيلىرى، پەقەت سىلىدىنلا تىلىشى رۇخسەت بولسۇن دېگەن شاھانە يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى لايىق كۆردۇق. بۇ پەرمان قەتىي بولسۇن، كىمكى بۇ پەرمانغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن! ئەمدى، ئى ئالىيلىرى بۇ پەرماننى بېكىتىپ چۈشۈرگەيلا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەسلىكى ئۈچۈن يارلىقنامىگە ئىمزا قويغايلا؛ چۈنكى مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە، پەرمان چىقىرىلىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن دارىئۇس پەرماننى بېكىتىپ يارلىقنامىغا قول قويدى.
”دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى. لېكىن ھېلىقى ئادەملەر بىللە كېلىپ دانىيالنىڭ خۇداغا دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىدى. پادىشاھ: دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم! بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق،
”ئەمدى ئى خۇدايىمىز، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلىنغان مۇقەددەس جايىڭنى جامالىڭنى كۆرسىتىپ يورۇتقايسەن. ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر. ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!».
”مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ، تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم. سەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىشىڭ بىلەنلا، جاۋاب-كالام بېرىلدى؛ سەن ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم بولغاچقا، مەن ساڭا ئۇنىڭ جاۋاب-كالامىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. ئەمدى بۇ جاۋاب-كالام ئۈستىدە پۇختا ئويلانغىن، غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەنگىن:
”ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم. ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم.
”مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى. شۇ زات ماڭا: ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم. لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر». ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
”مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ.
”«روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ ئاقساقاللارنى، زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە يىغىپ، پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرۈڭلار!
”بىراق ھەتتا ھازىرمۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار، چىن كۆڭلۈڭلەر بىلەن، روزىلار بىلەن، يىغىلار بىلەن ماتەم تۇتۇپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار؛ كىيىم-كېچىكىڭلارنى ئەمەس، بەلكى يۈرەك-باغرىڭلارنى تىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر، يامانلىقتىن يانىدىغان [خۇدا]دۇر.
”يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: — «مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.
”جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، دۇئايىم ساڭا يېتىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى.
”نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى. بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛ كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى.
”بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!».
”بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمىد باغلايمەن؛ نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ.
”پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛ ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛ ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر.
”«زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقان خەلققە ھەم كاھىنلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق سورىغىن: «سىلەر مۇشۇ يەتمىش يىلدىن بېرى بەشىنچى ئاي ۋە يەتتىنچى ئايلاردا روزا تۇتۇپ يىغا-زار قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ماڭا، ھەقىقەتەن ماڭا روزا تۇتتۇڭلارمۇ؟
”بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە تېز بارايلى؛ مەنمۇ بارىمەن!» دەيدىغان بولىدۇ. كۆپ قوۋملار ۋە كۈچلۈك ئەللەر پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە يېرۇسالېمغا كېلىدۇ.
”ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» دەيدۇ.
”ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
”بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.
”دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، [بۇتپەرەس] يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا [خۇدا] تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي. بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن. بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».
”روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر. شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.
”شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.
”تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
”شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا جاۋابەن: تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.
”شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن!
”خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى خىلۋەت تاغقا چىقتى. كەچ كىرگەندىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى.
”مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.
”ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ. دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر.
”ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار.
”ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى. ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا: جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، دېۋىدى، سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، دېدى. ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، دېدى. ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، دېدى.
”ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ،
”ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى ئاتماستىنلا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، [شەھەردىن] چىقىپ، خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.
”ئەمدى يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتۇۋاتاتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرى روزا تۇتىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ تۇتمايدۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ. ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.
”ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! دېدى. بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ.
”ئۇ ئۇلارغا: بۇ خىل [جىن] دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، دېدى.
”مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.
”ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.
”ئاندىن ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر جايغا كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېدى. ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا: جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ئويغاق تۇرۇڭلار، دېدى. ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم ياتتى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، دېدى. ئۇ [ئۈچەيلەننىڭ] يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ئەي سىمون، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭمۇ؟! ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، دېدى.
”ۋە [شۇ ئەسنادا] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى.
”چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، دېدى.
”ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.
”شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ،
”ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.
”ھالبۇكى، ئۇ پات-پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.
”ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن: نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا: تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ.
”شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.
”ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.
”بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى.
”ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى؛ دۇئا ئاياغلاشقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن: ئى رەب، يەھيا ئۆز مۇخلىسلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سەنمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتسەڭ، دېدى. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتا، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي. ھەر كۈنلۈك نېنىمىزنى بىزگە ھەركۈنى بەرگەيسەن. بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن».
”ئۇ سۆزىنى [داۋام قىلىپ] ئۇلارغا مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ بىر دوستى بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئەي دوستۇم، ماڭا ئۈچ نان ئۆتنە بەرگىن؛ چۈنكى ماڭا سەپەردىن بىر دوستۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك بىر نەرسەم قالماپتۇ، دېسە، ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ. ساڭا ئېلىپ بېرىشكە قوپالمايمەن»، دېيىشى مۇمكىن. سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ.
”شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئېيتايكى، تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟
”خۇددى خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان بولىدۇ. خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ!
”ۋە ئۇ ئۇلارغا، بوشاشماي، ھەردائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ــ «مەلۇم شەھەردە بىر سوتچى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن. شۇ شەھەردە بىر تۇل ئايال بار ئىكەن ۋە ئۇ دائىم سوتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەيىبكاردىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن» دەپ تەلەپ قىلىدىكەن. ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنى رەت قىپتۇ؛ بىراق كېيىن كۆڭلىدە: خۇدادىنمۇ قورقمايمەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايمەن، لېكىن بۇ تۇل خوتۇن مېنى ئاۋارە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىپ مېنى ھالىمدىن كەتكۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرھالدا ئۇنىڭ دەۋايىنى سوراپ قوياي!» دەپ ئويلاپتۇ». رەب: قاراڭلار، ئادالەتسىز بۇ سوتچىنىڭ نېمە دېگەنلىرىگە! ئۇ شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز نىدا قىلىۋاتقان تاللىغان بەندىلىرىگە قانداق قىلار؟ گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە [رەزىللىككە] ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ دېدى.
”ــ ئىككى ئادەم دۇئا قىلغىلى ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر! ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم روزا تۇتىمەن ۋە تاپقانلىرىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىمەن». بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» دەپتۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن [پەرىسىي] ئەمەس، بەلكى [باجگىر] كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر.
”شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، دېدى.
”لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» دېدى.
”ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا: ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى. ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن دەپ دۇئا قىلدى؛ ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى. ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا: ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، دېدى.
”ئەيسا: ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.
”قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى.
”ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى.
”خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر!
”بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ.
”ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ. ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.
”بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.
”مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.
”بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن! بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! دەپ توۋلىدى.
”ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن». ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەر بىلەن ئەبەدگىچە بىرگە بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ.
”لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ.
”سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.
”سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم.
”لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ.
”شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ. ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ!
”ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛ يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر. مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم. ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى، سەن ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ ۋە ئۇلار سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇپ كەلدى. ئۇلار ھازىر سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى. چۈنكى سەن ماڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم؛ ئۇلارمۇ بۇلارنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سەندىن چىققىنىمنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتى ھەمدە سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى. بۇلارغا دۇئا قىلىمەن؛ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر ۋە سېنىڭ بارلىقىڭ بولسا مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم. مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي. مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. مېنىڭ شادلىقىم ئۇلاردا تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم. مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەتكەيسەن دەپ تىلىمەيمەن، بەلكى ئۇلارنى رەزىل بولغۇچىدىن ساقلىغايسەن، دەپ تىلەيمەن. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر. ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر. سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا خاس ئاتايمەن. مەن يالغۇز ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سۆزى ئارقىلىق ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولغاي؛ ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بىر بولغاي؛ شۇنداق بولغاندا، بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ. سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛ يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ. ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بولغان يەردە مەن بىلەن بىرگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى، يەنى سەن ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ماڭا بەرگەن شان-شەرەپنى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىنى خالايمەن. ئى ھەققانىي ئاتا، بۇ دۇنيادىكىلەر سېنى تونۇمىغان، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن ۋە بۇلارمۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدى. ۋە مەن سېنىڭ نامىڭنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ۋە يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولىدۇ ۋە مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.
”بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
”ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى.
”ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن.
”ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى.
”ئىككىيلەن ئۇ يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىغۇچىسى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدى.
”كورنىلىي مۇنداق دېدى: تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە روزا تۇتقانىدىم؛ سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى: «كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى.
”شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: تېز تۇر! دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى.
”شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى.
”ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى.
”تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى.
”پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.
”بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى.
”شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى.
”بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى.
”شۇنىڭدەك، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا [مۇقەددەس] روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ چۈنكى قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگۈسىز نالە-پەرياد بىلەن بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ قارىغۇچى بولسا، [مۇقەددەس] روھنىڭ ئوي-نىيەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس بەندىلىرى ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] دۇئا قىلىپ ئۆتۈنمەكتە.
”قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر.
”ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار.
”مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ.
”قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە [مۇقەددەس] روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ
”چۈنكى نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلاردىن ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ روھتا سىرلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
”نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرىدۇ.
”شۇڭا، نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى سۆزلىگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان بولسام دەپ دۇئا قىلسۇن. چۈنكى نامەلۇم تىلدا دۇئا قىلغىنىمدا، روھىم دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئەقىل-ئىدراكىمدىن بولسا مېۋە چىقمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن بەزىدە روھىم بىلەن دۇئا قىلىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ دۇئا قىلىمەن؛ مەن بەزىدە روھىم بىلەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن؛ بولمىسا، پەقەت روھىڭ بىلەنلا مەدھىيە ئوقۇساڭ، ئىشلەتكەن [تىلىڭنى] بىلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا ئولتۇرغۇچى تەشەككۈرۇڭگە قانداقمۇ «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئېيتقىنىڭنى چۈشەنمەيدۇ. سەن دەرھەقىقەت تەشەككۈرنى ياخشى ئېيتىسەن، ئەمما يېنىڭدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېتىقادى قۇرۇلغىنى يوق. مەن بۇنداق نامەلۇم تىللاردا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن.
”شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟ ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.
”نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچىلەر بولۇپ قالسا، ئىككىسى ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن ۋە بىرسى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆرىسۇن. ئەمما [جامائەتتە] ئۆرىگۈچى بولمىسا، ئۇ سۈكۈت قىلسۇن؛ ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا ئېيتسۇن.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار.
”دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛ تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي،
”چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر.
”ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!
”بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار،
”ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛
”ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛
”مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.
”ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛ شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ.
”ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم. ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار.
”ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ.
”بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛
”بۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىشنى توختاتمىدۇق؛ تىلەيدىغىنىمىز شۇكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەرتەرەپلىك دانالىق ۋە روھىي يورۇتۇلۇش بىلەن سىلەردە تولۇق بىلدۈرۈلسۇن.
”دۇئا-تىلاۋەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىلىڭلار، بۇنىڭدا رەھمەتلەر ئېيتىشىپ ھوشيار تۇرۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛
”سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ.
”بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛
”ھەردائىم شادلىنىڭلار. توختىماي دۇئا قىلىڭلار. ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر.
”قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.
”ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، [ھەرقانداق يەردە] تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛
”مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، [ئېتىقادچىلارغا] پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى، بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز.
”شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.
”چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ.
”ئەمدى ھەقىقىي تۇل ئۆتۈۋاتقان، يالغۇز قالغان ئاياللار بولسا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ.
”مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛
”رەببىمىز ئەيساغا ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ئىشەنچ-ئېتىقادىڭنى ئاڭلاپ، مەن دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
”خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان.
”يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك: «بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، ئەينى چاغلاردا [ئۇنى] غەزەپلەندۈرگەن كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»
”شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ [ئاراملىق توغرىسىدا] ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان: «بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!»
”شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت [ئايان قىلىنغۇچى] تەختكە يېقىنلىشايلى.
”[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ،
”ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
”شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى.
”بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ. بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ.
”تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر.
”خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. [گۇناھلىرىڭلارغا] قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
”ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ [بېشىغا] ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى. ئۇ يامغۇر ياغمىسۇن دەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى؛ نەتىجىدە، زېمىنغا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ھېچ يامغۇر ياغمىدى. ئاندىن ئۇ يەنە دۇئا قىلدى ۋە يامغۇر قايتا ياغدى، يەرمۇ ھوسۇل-مېۋىسىنى يەنە بەردى.
”چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ».
”ئەمدى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ شۇڭا، سالماق بولۇڭلار ۋە دۇئا قىلىشقا سەگەك تۇرۇڭلار.
”بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ.
”گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر.
”ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز.
”ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ. ئۇنى ھەرنېمە تىلىگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ دەپ بىلگەنىكەنمىز، دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق، دەپ بىلىمىز.
”ئى سۆيۈمكۈك [دوستۇم]، جېنىڭ گۈللەنگەندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
”قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
”قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
”قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
”قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» «كىچىك ئاسىيا»دىكى يەتتە جامائەت
”