16 – بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان يېمەكلىكلەر

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان يېمەكلىكلەر.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:20-22

ياق، بىراق كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ. مەن سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن ئورتاق نېسىپداش بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. رەبنىڭ جامىدىن ۋە جىنلارنىڭ جامىدىن تەڭ ئىچكۈچى بولساڭلار بولمايدۇ؛ رەبنىڭ داستىخىنىغا ۋە جىنلارنىڭ داستىخىنىغا تەڭ داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. رەبنىڭ ھەسەت-غەزىپىنى قوزغىماقچىمىزمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈكمۇ-يا؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 8:10-13

چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ. شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر. شۇڭا، ئەگەر بىرەر تائام ئۆز قېرىندىشىمنى يىقىتىدىغان قىلتاق بولسا، قېرىندىشىمنى يىقىتماسلىقىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈگىچە گۆشنى قەتئىي يېمەيمەن.

ۋەھىي 2:20

لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 67 ئابزاسلار

يارىتىلىش 35:2

شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار.

مىسىردىن چىقىش 20:3-5

سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما. سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن،

مىسىردىن چىقىش 23:13

مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل؛ باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئالما؛ بۇلار ھەتتا ئاغزىڭغىمۇ چىقمىسۇن.

مىسىردىن چىقىش 34:13-16

بەلكى سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چۆۋۈپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، «ئاشەراھ» بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار. چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن. بولمىسا، شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشۈڭ مۇمكىن؛ ئاندىن ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىلاھلىرىغا قۇربانلىقلار ئۆتكۈزگىنىدە، سىلەرنى چاقىرسا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەپ كېتىشىڭلار مۇمكىن؛ سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن.

لاۋىيلار 19:4

سىلەر ئەرزىمەس بۇتلارغا تايانماڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بۇتلارنى ياسىماڭلار. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

قانۇن شەرھى 5:7-9

سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما؛ سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن.

قانۇن شەرھى 7:2-5

ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ. سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ. سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛

قانۇن شەرھى 7:25-26

سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر. سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر.

قانۇن شەرھى 8:19-20

ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قاچانىكى ئۇنتۇساڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشسەڭ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ ئۇلارغا باش ئۇرساڭ، مەن سىلەرگە بۈگۈن شۇ ئاگاھنى بېرەيكى، شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىۋاتقان ئەللەردەك سىلەرمۇ يوقىتىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر.

قانۇن شەرھى 12:32

مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.

قانۇن شەرھى 32:16-17

ئۇلار بولسا يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىنى قوزغىدى، يىرگىنچلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. ئۇلار ئىگە-تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى.

سامۇئىل «1» 15:22-23

سامۇئىل: پەرۋەردىگار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتىن سۆيۈنەمدۇ، يا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن سۈيۈنەمدۇ؟ مانا ئىتائەت قىلماقلىق قۇربانلىق قىلماقلىقتىن ئەۋزەل، كۆڭۈل قويۇش قوچقار يېغىنى سۇنۇشتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر، باشپاشتاقلىق قەبىھلىك ۋە بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغىنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى.

پادىشاھلار «2» 10:26-27

بۇت تۈۋرۈكلەرنى بائالنىڭ بۇتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ئۇلار يەنە بائالنىڭ تۈۋرۈك-ھەيكىلىنى چېقىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىنى يىقىتىپ ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر ھاجەتخانىغا ئايلاندۇردى.

تارىخ-تەزكىرە «1» 16:25-26

چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغدۇر، زور ھەمدۇساناغا لايىقتۇر؛ ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ چۈنكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر.

تارىخ-تەزكىرە «2» 28:23

ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقنىڭ ئىلاھلىرىغا قۇربانلىق سۇندى، چۈنكى ئۇ: «سۇرىيەنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا ياردەم قىلدى، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارغا قۇربانلىق سۇنۇپ، ئۇلارنى ماڭىمۇ ياردەم بېرىدىغان قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئەكسىچە بۇ بۇتلار ئۇنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى.

زەبۇر 96:4-5

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ، زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ چۈنكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر.

زەبۇر 115:4-8

ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس. ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛ قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ، بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛ قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛ پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛ كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ. ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر.

زەبۇر 135:15-18

ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس. ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛ قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر. ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر.

يەشايا 31:7

چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ».

يەشايا 37:19

ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

يەشايا 42:8

مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن.

يەشايا 42:17

ئويما مەبۇدلارغا تايانغانلار، قۇيما مەبۇدلارغا: «سىلەر ئىلاھلىرىمىزدۇر» دېگەنلەر بولسا، ئۇلار يولدىن ياندۇرۇلماي قالمايدۇ، قاتتىق شەرمەندە قىلىنىدۇ.

يەرەمىيا 1:16

شۇنىڭ بىلەن مەن [يەھۇدادىكىلەرنىڭ] بارلىق رەزىللىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى جاكارلايمەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، ئۆز قوللىرى ياسىغانلىرىغا چوقۇندى.

يەرەمىيا 7:18-20

بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيىدۇ. ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ.

يەرەمىيا 10:14-15

مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ.

يەرەمىيا 19:3-4

مۇنداق دېگىن: پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان.

يەرەمىيا 19:13

يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆگزىلىرىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز-سەييارىلەرگە خۇشبۇي ياققان ۋە مەندىن باشقا يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى تۆككەن بارلىق ئۆيلىرى خۇددى توفەت دېگەن جايدەك بۇلغانغان جايلار بولىدۇ.

يەرەمىيا 44:15-19

ئاندىن ئۆز ئاياللىرىنىڭ يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياقىدىغانلىقىنى بىلگەن بارلىق ئەرلەر، ۋە يېنىدا تۇرغان بارلىق ئاياللار، زور بىر توپ ئادەملەر، يەنى مىسىرنىڭ [شىمالىي تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرىپى] پاتروستىن كەلگەن بارلىق خەلق يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ «سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزگە ئېيتقان سۆزگە كەلسەك، بىز ساڭا ھېچ قۇلاق سالمايمىز! ئەكسىچە بىز چوقۇم ئۆز ئاغزىمىزدىن چىققان بارلىق سۆزلەرگە ئەمەل قىلىمىز؛ ئۆزىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمىرلىرىمىز يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا قىلغىنىدەك بىزلەر «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىۋېرىمىز ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇۋېرىمىز؛ چۈنكى ئەينى چاغدا بىزنىڭ نېنىمىز پۈتۈن بولۇپ، توققۇزىمىز تەل، ھېچ كۈلپەتنى كۆرمەي ئۆتكەن. ئەمما «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىشنى ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشنى توختاتقىنىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز كەم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ھەم قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولۇپ كەلدۇق. بىز ئاياللار «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي ياققىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ پوشكاللارنى ئېتىشىمىزنى ھەم ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشىمىزنى ئەرلىرىمىز قوللىمىغانمۇ؟».

يەرەمىيا 44:22-23

ئاخىرىدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ رەزىللىكىگە ھەم سادىر قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىغان؛ شۇڭا زېمىنىڭلار بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خارابىلىك، ئادەمنى دەھشەت باسقۇچى، لەنەت ئوبيېكتى ۋە ئادەمزاتسىز بولغان. سەۋەبى، سىلەر خۇشبۇي ياققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ نە تەۋرات-قانۇنىدا، نە بەلگىلىمىلىرىدە نە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا ھېچ ماڭمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشتى».

يەرەمىيا 51:17-18

بۇ [بۇتپەرەسلەرنىڭ] ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ ھەربىر زەرگەر ئۆزى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە جازالىنىش ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ.

دانىيال 5:23

ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.

ھوشىيا 8:4

ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛ ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛ ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان.

ھوشىيا 11:2

بىراق ئۇلار [خەلقىمنى] چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى.

ھاباككۇك 2:18

ئويما مەبۇدنىڭ نېمە پايدىسى، ئۇنى ئۇنىڭ ياسىغۇچىسى ئويۇپ چىققان تۇرسا؟ قۇيما مەبۇدنىڭمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىنىڭ نېمە پايدىسى چۈنكى ئۇنى ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا تايىنىدۇ، دېمەك، زۇۋانسىز «يوق بولغان نەرسىلەر»نى ياسايدۇ؟

ماتتا 5:17-19

مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.

ماركۇس 7:18-19

ئۇ ئۇلارغا: سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟ [سىرتتىن كىرگەن نەرسە] ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ تاشلىنىدۇ، دېدى (ئۇ بۇ گەپنى دېيىش بىلەن، ھەممە يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىۋەتتى).

لۇقا 16:10

كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ.

لۇقا 16:13

ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:13-15

شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ [بۇتخانىدىكى] كاھىن شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىللە روسۇللارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولدى. لېكىن روسۇللار بارناباس بىلەن پاۋلۇس بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقان ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: ــ خالايىق، بۇ ئىشلارنى نېمە دەپ قىلىۋاتىسىلەر؟! بىز سىلەرگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلارمىز! بىز سىلەرگە بۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى ھايات خۇداغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك دەپ جاكارلاۋاتىمىز!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:20

پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:28-29

گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك: ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!»

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:16

پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، پۈتكۈل شەھەردىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، روھى قاتتىق ئازابلاندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:29-31

شۇڭا، خۇدانىڭ نەسلى بولغاچقا، بىز تەڭرى بولغۇچىنى ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاشتىن ياسالغان، ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن ئويۇلغان بىرەر نەرسىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا! چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:25-26

ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، [كاھىنلارغا] ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.

رىملىقلارغا 1:22-23

ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛ چىرىماس خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئورنىغا چىرىپ ئۆلىدىغان ئادەمزاتقا، ئۇچار-قاناتلارغا، تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارغا ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدى.

رىملىقلارغا 14:1-2

ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار. بىرسى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشكە بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ؛ لېكىن يەنە ئېتىقادى ئاجىز بىرسى پەقەت كۆكتاتلارنىلا يەيدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:19-20

سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 8:1-3

ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ. «مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ. ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 8:4-6

خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر». گەرچە نۇرغۇن ئاتالمىش ئىلاھلار بار بولسىمۇ مەيلى ئۇلار زېمىندا ياكى ئاسماندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشىدىن قەتئىينەزەر (دەرۋەقە «ئىلاھلار» كۆپ، ۋە «رەب»لەر كۆپتۇر) بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ [شۇنىڭدەك]، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 8:7-13

ئەمما بۇنداق بىلىم ھەممىمىزدە تېخى يوقتۇر؛ تېخى بۇتلارغا كۆندۈرۈلگىنىدىن خالاس بولمىغان بەزى [ئىشەنگۈچىلەر] بولسا مۇشۇنداق تائاملارنى «بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان» دەپ بىلىپ يەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئاجىز بولغاچقا، بۇلغانغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە تائاملارنىڭ ئۆزلىرى بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرالمايدۇ؛ يېمىسەك بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ھېسابلانمايدۇ، يېگەن بولساق ئارتۇقچىلىقمۇ ھېسابلانمايدۇ. بىراق ھەرھالدا [يېيىش] ئەركىنلىكىڭلارنىڭ ئاجىزلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا كۆڭۈل قويۇڭلار. چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ. شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر. شۇڭا، ئەگەر بىرەر تائام ئۆز قېرىندىشىمنى يىقىتىدىغان قىلتاق بولسا، قېرىندىشىمنى يىقىتماسلىقىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈگىچە گۆشنى قەتئىي يېمەيمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:14-15

شۇ سەۋەبتىن، سۆيۈملۈكلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن قېچىڭلار! سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ شۇنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سۆزلىگەنلىرىمنى باھالاپ بېقىڭلار: ــ

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:18-22

جىسمانىي ئىسرائىلغا قاراڭلار؛ قۇربانلىقلارنى يېگەنلەر قۇربانگاھقا نېسىپداشلار ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمە دېمەكچىمەن؟ بۇتقا ئاتاپ سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ بۇتنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟ ياق، بىراق كاپىرلار بۇتلارغا سۇنغان قۇربانلىقلارنى خۇداغا ئەمەس، بەلكى جىنلارغا ئاتايدۇ. مەن سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن ئورتاق نېسىپداش بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. رەبنىڭ جامىدىن ۋە جىنلارنىڭ جامىدىن تەڭ ئىچكۈچى بولساڭلار بولمايدۇ؛ رەبنىڭ داستىخىنىغا ۋە جىنلارنىڭ داستىخىنىغا تەڭ داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. رەبنىڭ ھەسەت-غەزىپىنى قوزغىماقچىمىزمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈكمۇ-يا؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:23-30

«ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە ئادەمنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرالمايدۇ. ئەمدى ھېچكىم ئۆز مەنپەئەتىنى ئىزدىمىسۇن، بەلكى ئۆزگىلەرنىڭكىنى ئىزدىسۇن. گۆش بازىرىدا سېتىلغان ھەربىرنەرسىنى ۋىجدانىڭلارنى دەپ ئولتۇرماي، ھېچنېمىنى سۈرۈشتە قىلماي يەۋېرىڭلار. چۈنكى «جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر» [دەپ پۈتۈلگەن]. ئەمما ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ بىرەرسى سېنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلسا ۋە كۆڭلۈڭ تارتسا، ئالدىڭغا قويۇلغان ھەممىنى ۋىجدانىڭنى دەپ ئولتۇرماي يەۋەر؛ ئەمما بىرسى ساڭا: «بۇ بۇتلارغا ئاتالغان قۇربانلىق تائامى» دېسە، ئۇنداقتا ئۇنى يېمە؛ نېمىشقا دېسەڭ، بۇ ئىشنى ساڭا ئېيتقان ئادەمنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن، شۇنداقلا ۋىجداننىڭ سەۋەبى ئۈچۈندۇر؛ مەن دېگەن ۋىجدان سېنىڭكى ئەمەس، بەلكى ھېلىقى كىشىنىڭ ۋىجدانى؛ مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە باشقىلارنىڭ ۋىجدانى تەرىپىدىن يامان دەپ باھا بېرىلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:31-33

شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار. مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار. مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار. مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:14-17

ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟ مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟ ئىشەنگۈچىنىڭ ئىشەنمىگۈچى بىلەن قانداق ئورتاق نېسىۋىسى بولسۇن؟ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك [سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر]»؛ شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، دەيدۇ رەب، «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»،

كولوسسىلىكلەرگە 2:16-17

ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛ بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر!

كولوسسىلىكلەرگە 2:20-23

ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر (بۇنداق [بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى] نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛ ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە [بۇنداق دانالىقنىڭ] پايدىسى يوقتۇر ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 1:9

چۈنكى [بىز بارغانلىكى جايدىكى] كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ.

تىموتىيغا «1» 4:1-5

ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ. بۇنداق [تەلىم بەرگۈچىلەر] ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛ ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما [ئۇلار مەنئى قىلىدىغان] يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى. چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ.

ياقۇپ 1:22-24

ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ.

يۇھاننا «1» 3:4

گۇناھ سادىر قىلغان كىشى [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق [خۇدانىڭ] قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.

يۇھاننا «1» 5:21

ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار.

يۇھاننا «2» 1:9-11

كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.

ۋەھىي 2:14

لېكىن ساڭا شۇ بىرنەچچە ئېتىرازىم باركى، ئاراڭلاردا بالائامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەردىن بەزىلەر بولماقتا بالائام بولسا بالاققا ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.

ۋەھىي 2:20-23

لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. مەن ئۇنىڭغا توۋا قىلغۇدەك ۋاقىت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىغا توۋا قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمدى مانا، مەن ئۇنى [ئېغىر كېسەل] ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا چۆمدۈرىمەن. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ.

ۋەھىي 9:20

قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.

ۋەھىي 21:8

لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net