28 – پەرىشتە

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: پەرىشتە.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

زەبۇر 34:7

ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى

ئىبرانىيلارغا 1:13-14

يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» دېگەنىدى؟ شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا [خۇدا تەرىپىدىن] ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟

لۇقا 15:10

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 183 ئابزاسلار

يارىتىلىش 3:24

ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى.

يارىتىلىش 16:10-12

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە: سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق ئاۋۇتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، دېدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: مانا، سەن ھامىلىدارسەن؛ سەن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ جەبىر-جاپايىڭنى ئاڭلىدى. ئۇ ياۋا ئېشەك كەبى بىر ئادەم بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قولى ھەر ئادەمگە قارشى ئۇزىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزىتىلىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئايرىم تۇرىدۇ، دېدى.

يارىتىلىش 18:1-2

پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ:

يارىتىلىش 19:11-15

ۋە ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە كورلۇققا مۇپتىلا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرۋازىنى ئىزدەپ، ھالىدىن كەتتى. ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا: مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن! چۈنكى بىز بۇ يەرنى يوقىتىمىز؛ چۈنكى ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنى ئالىدىغان [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئەمدى قوپۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى يوقىتىدۇ» دېدى. ئەمما ئۇ [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ نەزىرىگە چاقچاق قىلغاندەك كۆرۈندى. تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ: ئەمدى قوپۇپ ئايالىڭ بىلەن قېشىڭدىكى ئىككى قىزىڭنى ئالغىن؛ بولمىسا شەھەرنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ، ھالاك بولىسەن، دېدى.

يارىتىلىش 22:11-12

شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ئىبراھىم، ئىبراھىم! دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ: مانا مەن، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، دېدى.

يارىتىلىش 22:15-18

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ. سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ، دېدى.

يارىتىلىش 28:12

ئۇ بىر چۈش كۆردى: مانا، ئۇچى ئاسمانلارغا تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەي يەردە تىكلەكلىك تۇراتتى؛ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا چىقىپ-چۈشۈپ تۇرۇشاتتى.

يارىتىلىش 31:11

ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە ماڭا: «ئەي ياقۇپ»، دېۋىدى، مەن جاۋاب بېرىپ: «مانا مەن»، دېدىم.

يارىتىلىش 32:1-2

ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى.

مىسىردىن چىقىش 3:2-3

شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. مانا، ئازغانلىق ئوتتا كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئازغان ئۆزى كۆيۈپ كەتمىگەنىدى. مۇسا: مەن بېرىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ باقاي؛ ئازغانلىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدى.

مىسىردىن چىقىش 14:19-20

ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يۈرۈۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ، مىسىرلىقلارنىڭ چېدىرگاھى بىلەن ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ ئارىلىقىدا توختىدى؛ بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتە كېچىنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كېچە بىر قوشۇن يەنە بىر قوشۇنغا يېقىن كېلەلمىدى.

مىسىردىن چىقىش 23:20

مانا، مەن بىر پەرىشتىنى يولدا سېنى قوغداپ، مەن ساڭا تەييارلىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن.

مىسىردىن چىقىش 23:23

چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يۈرۈپ، سېنى ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىي، قانائانىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن.

مىسىردىن چىقىش 25:18-22

ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن. بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلسۇن. سەن كافارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن.

مىسىردىن چىقىش 32:34

ئەمدى سەن بېرىپ، مەن ساڭا ئېيتقان جايغا خەلقنى باشلاپ بارغىن. مانا، مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا ماڭىدۇ. لېكىن ئۇلارغا جازا بېرىدىغان كۈنۈم كەلگەندە، ئۇلارغا گۇناھى ئۈچۈن جازا بېرىمەن، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 33:2

شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىيلەرنى، ھىۋىي بىلەن يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ،

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 7:89

مۇسا [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىلى جامائەت چېدىرىغا كىرگەن چېغىدا، ئۇ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»نىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭىككى تەرىپىدىكى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ پەرۋەردىگار شۇ يولدا ئۇنىڭغا سۆز قىلاتتى.

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 20:16

بىز پەرۋەردىگارغا يېلىنىۋېدۇق، ئۇ بىزنىڭ زارىمىزغا قۇلاق سېلىپ، پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر مانا، بىز ئۆزلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قادەش دېگەن بىر شەھەردە تۇرۇۋاتىمىز.

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 22:22-30

خۇدا بالائامنىڭ ماڭغانلىقىدىن غەزەپلەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى توسۇشقا يولدا تۇراتتى. ئۇ شۇ چاغدا ئېشىكىگە مىنىپ ئىككى غۇلامى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى. مادا ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئالغان ھالدا يولدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چىقىپ ئېتىزلىق بىلەن مېڭىۋىدى، بالائام ئېشەكنى يولغا چىقىپ مېڭىشقا دۇمبالاپ ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى تەرىپى توسما تام بىلەن توسالغان ئۈزۈمزارلىقتىكى تار بىر يولدا تۇرۇۋالدى. ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تامغا قىستىلىپ مېڭىپ، بالائامنىڭ پۇتىنى تامغا قىستاپ يارىلاندۇرۇپ قويدى؛ بالائام ئېشەكنى يەنە دۇمبالىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا يەنە ئالدىغىراق بېرىپ، ئوڭ يا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدىغان تېخىمۇ تار بىر يەردە كۈتۈپ تۇردى. ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ ماڭماي، بالائامنىڭ ئاستىدا يېتىۋالدى؛ بالائام قاتتىق خاپا بولۇپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن قاتتىق دۇمبالاپ كەتتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئېشەككە زۇۋان كىرگۈزۈۋىدى، ئېشەك بالائامغا: — مېنى ئۈچ قېتىم دۇمبالايدىغانغا ساڭا نېمە يامانلىق قىپتىمەن؟ — دېۋىدى، بالائام ئېشەككە: — سەن مېنى سەتلەشتۈردۈڭ، قولۇمدا قىلىچ بولغان بولسا ئىدى، سېنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم! — دېدى. ئېشەك بالائامغا: — مەن سېنىڭكى بولغىنىمدىن تارتىپ مىنىپ كەلگەن ئېشىكىڭ مەن ئەمەسمۇ؟ ئىلگىرى مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلىش ئادىتىم بولۇپ باققانمۇ؟ — دېۋىدى، — ياق، — دېدى [بالائام].

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 22:31-35

ئەنە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بالائامنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقىرىپ، يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ ئۇ يەرگە بېشىنى قويۇپ سەجدە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: — سەن ئېشىكىڭنى نېمە ئۈچۈن ئۈچ قېتىم دۇمبالايسەن؟ قارىغىنا، ماڭغان يولۇڭ مېنىڭ نەزىرىمدە تەتۈر بولغاچقا،سېنى توسۇشقا چىققۇچى مەن ئۆزۈم ئىدىم. ئېشەك مېنى كۆرۈپ ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتتى؛ ئەگەر ئېشەك مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، مەن ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ ئېشەكنى تىرىك قالدۇرغان بولاتتىم، — دېدى. بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: — مەن گۇناھكارمەن، ئۆزلىرىنىڭ يولدا مېنى توسۇپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرمەپتىمەن؛ مۇبادا ئەمدى مېنىڭ بېرىشىم نەزەرلىرىدە رەزىل كۆرۈنسە، مەن قايتىپ كېتەي، — دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بالائامغا يەنە: — بوپتۇ، بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە بارغىن، بىراق پەقەت مەن ساڭا دېگەن سۆزنىلا دېگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن بالائام بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ماڭدى.

يەشۇئا 5:13-15

ئەمما يەشۇئا يېرىخوغا يېقىن كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئالدىدا سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتۇپ تۇرغان بىر ئادەم تۇراتتى. يەشۇئا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: سەن بىز تەرەپتىمۇ، ياكى دۈشمەنلىرىمىز تەرەپتىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى بولۇپ كەلدىم» دېدى. يەشۇئا يەرگە دۈم يىقىلىپ سەجدە قىلىپ ئۇنىڭغا: رەببىمنىڭ قۇلىغا نېمە تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەشۇئاغا: پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سالغىن، چۈنكى سەن تۇرغان يەر مۇقەددەس جايدۇر، دېۋىدى، يەشۇئا شۇنداق قىلدى.

باتۇر ھاكىملار 2:4

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بارلىق ئىسرائىللارغا بۇلارنى دېگەندە، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى.

باتۇر ھاكىملار 5:20

ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى، ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.

باتۇر ھاكىملار 6:12

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ئەي جاسارەتلىك پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر! دېدى.

باتۇر ھاكىملار 6:21-22

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، [قورام] تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى. شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: ئاپلا، ئى رەب پەرۋەردىگار! چاتاق بولدى، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ قالدىم...! دېدى.

باتۇر ھاكىملار 13:6

ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: مانا، خۇدانىڭ بىر ئادىمى يېنىمغا كەلدى؛ ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك، ئىنتايىن دەھشەتلىك ئىكەن؛ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن: «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىمىدىم، ئۇمۇ ئۆز نام-شەرىپىنى ماڭا دەپ بەرمىدى.

باتۇر ھاكىملار 13:18-20

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مانوئاھ ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كارامەت بىر ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى؛ مانوئاھ ۋە ئايالى قاراپ تۇردى. شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانگاھتىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ قۇربانگاھتىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مانوئاھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى.

سامۇئىل «2» 24:15-17

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەتىگەندىن تارتىپ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ۋابا چۈشۈردى. داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. ئەمدى پەرىشتە قولىنى يېرۇسالېمغا ئۇزۇتۇپ شەھەرنى ھالاك قىلاي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئېغىر ھۆكۈمىدىن پۇشايمان قىلىپ، خەلقنى ھالاك قىلىۋاتقان پەرىشتىگە: ئەمدى بولدى قىلغىن؛ قولۇڭنى يىغقىن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا ئىدى. داۋۇت خەلقنى يوقىتىۋاتقان پەرىشتىنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارغا: مانا، گۇناھ قىلغان مەن، قەبىھلىك قىلغۇچى مەندۇرمەن. لېكىن بۇ قويلار بولسا نېمە قىلدى؟ سېنىڭ قولۇڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! دېدى.

پادىشاھلار «1» 19:5-8

ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى. ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ-ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: قوپۇپ نان يېگىن. بولمىسا يولۇڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلمەيسەن، دېدى. ئۇ قوپۇپ يەپ-ئىچتى. شۇ تائامدىن ئالغان قۇۋۋەت بىلەن ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ خۇدانىڭ تېغى ھورەبگە يېتىپ باردى.

پادىشاھلار «1» 22:19

مىكايا يەنە: شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

پادىشاھلار «2» 1:15

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلىياسقا: سەن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بارغىن؛ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ

پادىشاھلار «2» 2:11-12

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ ماڭغاندا، مانا، ئوتلۇق بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئوتلۇق ئاتلار نامايان بولدى؛ ئۇلار ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى ۋە ئىلىياس قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى! دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى.

پادىشاھلار «2» 6:17

ئەمدى ئېلىشا دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، مالايىمنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇ ئەينى ئەھۋالنى كۆردى؛ مانا، پۈتكۈل تاغ ئېلىشانى چۆرىدەپ تۇرغان يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى.

پادىشاھلار «2» 19:15

ۋە ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن.

پادىشاھلار «2» 19:35

شۇ كېچە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى؛ مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى!

تارىخ-تەزكىرە «1» 21:14-16

شۇ سەۋەبلىك پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ۋابا تارقاتتى؛ ئىسرائىللاردىن يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى. خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى؛ ئۇ ۋەيران قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشۈرگەن بۇ بالا-قازادىن پۇشايمان قىلىپ قالدى-دە، ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: «بەس! ئەمدى قولۇڭنى تارت!» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. داۋۇت بېشىنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا، قولىدىكى غىلاپتىن سۇغۇرغان قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى بۆز رەختكە ئورالغان ھالدا يەرگە دۈم يىقىلدى.

تارىخ-تەزكىرە «1» 21:29-30

ئۇ چاغدا، مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىدە ئىدى؛ لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ يەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 3:10-11

ئەڭ مۇقەددەس جاي ئىچىدە ئۇ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز ئىدى؛ بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز بولۇپ، ئۆينىڭ تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئىككىنچى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 5:8

كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 32:20-21

شۇنىڭ تۈپەيلىدىن ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار بىر پەرىشتە ئەۋەتتى، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى قوشۇنىنىڭ لەشكەرگاھىغا كىرىپ، پۈتكۈل باتۇر جەڭچىلەرنى، ئەمەلدالار ۋە سەردارلارنى قويماي قىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە پادىشاھى شەرمەندە بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگەن چېغىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغۇللىرى ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.

نەھەمىيا 9:6

سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر.

ئايۇپ 1:6

بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.

ئايۇپ 2:1

يەنە بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇشقا كەلدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.

ئايۇپ 38:7

تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار بىللە كۈي ئېيتىشقان ۋاقتىدا، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان ۋاقتىدا، يەر-زېمىننىڭ ئۇللىرى نەگە پاتۇرۇلغان؟ كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى سالغان؟

زەبۇر 8:4-5

سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ.

زەبۇر 34:7

ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى

زەبۇر 35:5-7

ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي! ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتكەي! چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا-تۇزاق تەييارلىدى؛ جېنىمنى سەۋەبسىز ئېلىشقا ئۇلار ئۇنى كولىدى.

زەبۇر 68:17

خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەن-تۈمەن، مىليون-مىليوندۇر؛ رەب ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ.

زەبۇر 78:24-25

ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى.

زەبۇر 78:49

ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى قەھرىنى، ئاچچىقىنى ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلەرنىمۇ چۈشۈردى.

زەبۇر 91:11-12

ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ. ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.

زەبۇر 99:1

پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! خەلقلەر تىترىسۇن! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن!

زەبۇر 103:20-21

ئى سۆزىگە قۇلاق سالغۇچى، كالامىنى ئىجرا قىلغۇچى، قۇدرىتى زور بولغان ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! ئى سىلەر، ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى، ئىرادىسىنى ئادا قىلغۇچى خىزمەتكارلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!

زەبۇر 104:4

ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ.

زەبۇر 148:2

ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى!

يەشايا 6:1-7

ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛ ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى، ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى، ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» دەپ توۋلاۋاتاتتى. توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىدىن دەرۋازىنىڭ كېشەكلىرى تەۋرىنىپ كەتتى، ئۆي ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلاندى. شۇنىڭ بىلەن مەن: «ئۆزۈمگە ۋاي! مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مەن لەۋلىرى ناپاك ئادەممەن ھەم ناپاك لەۋلىك خەلق بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا قارىدىم!» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛ ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» دېدى.

يەشايا 37:16

«ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن.

يەشايا 37:35-36

ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى. مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى!

ئەزاكىيال 1:4-14

مەن كۆردۈم، مانا! شىمالدىن بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلدى؛ يوغان بىر بۇلۇت ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان بىر ئوت، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر يورۇقلۇق جۇلالىنىپ تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى شۇ ئوت ئىچىدىن، ئىسسىقتىن جۇلالانغان پارقىراق مىستەك بىر كۆرۈنۈش كۆرۈندى. يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، تۆت ھايات مەخلۇق كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق ئىدىكى: ئۇلاردا ئىنساننىڭ قىياپىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى؛ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تۈپتۈز پۇتلىرى بار ئىدى؛ تاپانلىرى بولسا موزاينىڭ تۇياقلىرىغا ئوخشايتتى؛ ئۇلار پارقىرىتىلغان مىستەك پارلاپ تۇراتتى. تۆت يېنىدا، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنساننىڭكىدەك بىردىن قولى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى؛ ئۇلار يۈرگەندە ھېچياققا بۇرۇلمايتتى؛ ئۇلار ھەممىسى ئۇدۇل ئالدىغا يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ يۈز كۆرۈنۈشلىرى ئىنساننىڭكىدەك ئىدى؛ ئۇ تۆتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە شىرنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ سول تەرىپىدە بۇقىنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يۈزىمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەنە شۇنداق ئىدى. قاناتلىرى يۇقىرىدا كېرىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىككى قانىتى ئىككى تەرىپىدىكى مەخلۇقنىڭ قانىتىغا تۇتىشاتتى؛ يەنە ئىككى قانىتى ئۆز تېنىنى يېپىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇدۇلغا قاراپ ماڭاتتى؛ ئۇلاردا بولغان روھ نەگە بارىمەن دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچقايسى تەرەپكە بۇرۇلمايتتى. ھايات مەخلۇقلارنىڭ قىياپىتى بولسا، كۆيۈپ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتنىڭ چوغىدەك، مەشئەللەردەك ئىدى؛ مۇشۇ ئوت ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ مەخلۇقلار ئارىسىدا يۈرەتتى؛ ئوت ئىنتايىن يالقۇنلۇق ئىدى، ئوتتىن چاقماقلار چېقىپ تۇراتتى؛ ھايات مەخلۇقلار چاقماقتەك پال-پۇل قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ تۇراتتى.

ئەزاكىيال 1:15-21

مەن ھايات مەخلۇقلارغا قارىدىم، مانا ھايات مەخلۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىدا يەردە تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇدۇللانغان بىردىن چاق تۇراتتى؛ چاقلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بىرخىللا كۆرۈنۈشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بولسا، چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى. مەخلۇقلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆت تەرىپىنىڭ ھەممىسىگە ئۇدۇل ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى. چاقلارنىڭ ئۇلتاڭلىرى بولسا، ئىنتايىن ئېگىز ھەم دەھشەتلىك ئىدى؛ ئۇلار تۆتىسىنىڭ ئۇلتاڭلىرىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ھايات مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلار ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ ھايات مەخلۇقلار يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ كۆتۈرۈلەتتى. روھ نەگە ماڭ دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى دېمەك، ئۇلارنىڭ روھى [روھقا] ئەگىشىپ ماڭاتتى. چاقلار ئۇلار بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلىرىدا ئىدى. مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ماڭاتتى؛ مەخلۇقلار توختىغاندا، چاقلارمۇ توختايتتى؛ ئۇلار يەردىن كۆتۈرۈلگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى.

ئەزاكىيال 1:22-25

ھايات مەخلۇقلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدە بىر يوغان كۆز يەتكۈسىز گۈمبەزگە ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇراتتى؛ ئۇ خرۇستالدەك دەھشەتلىك پارقىراپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە يېيىلىپ تۇراتتى. بۇ گۈمبەزدەك نەرسىنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ قاناتلىرى كېرىلىپ، بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى؛ ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆز تېنىنىڭ ئىككى يېنىنى ياپىدىغان ئىككىدىن قانىتى بار ئىدى. ئۇلار ماڭغاندا، مەن قاناتلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم ئۇ ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك، ھەممىگە قادىرنىڭ ئاۋازىدەك قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرەن-شاۋقۇنلىرىنىڭ ساداسىدەك ئىدى؛ ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. ۋە ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى.

ئەزاكىيال 3:13

ــ ھايات مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشكەن ئاۋازى، ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقلارنىڭ ئاۋازلىرى بەھەيۋەت شارقىراق بىر سادا ئىدى.

ئەزاكىيال 10:1-8

مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەز ئۈستىدە، كۆك ياقۇتنىڭ قىياپىتىدەك بىر تەختنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ ۋە [تەختكە ئولتۇرغۇچى] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «كېرۇبلارنىڭ ئاستىدىكى چاقلارنىڭ ئارىسىغا كىر، قوللىرىڭنى كېرۇبلار ئارىسىدا كۆيۈۋاتقان چوغلارغا تولدۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر ئۈستىگە چېچىۋەت» دېدى. مەن قارىدىم، ئۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى. بۇ كىشى كىرگەندە كېرۇبلار ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇراتتى؛ [شان-شەرەپلىك] بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى. ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كېرۇب ئۈستىدىن چىقىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنىدى؛ ئۆي بۇلۇتقا تولدى، ھويلا بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ جۇلالىقىغا چۆمگەن. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ساداسى ھەممىدىن قادىرنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ئاۋازىدەك بولۇپ، سىرتتىكى ھويلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ۋە شۇنداق بولدىكى، [رەب] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «چاقلار ئارىسىدىن، يەنى كېرۇبلار ئارىسىدىن ئوت ئالغىن» دەپ بۇيرۇغىنىدا، ئۇ كىرىپ بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى. ۋە كېرۇبلاردىن بىرى ئۆز قولىنى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئۇنىڭدىن ئوت ئېلىپ، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنىڭ قوللىرىغا سالدى؛ ئۇ بۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى (كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئاستىدا، ئادەمنىڭ قوللىرىنىڭ قىياپىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى).

ئەزاكىيال 10:9-17

مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ يېنىدا تۆت چاق بار ئىدى، بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا بىر چاق، يەنە بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا يەنە بىر چاق تۇراتتى؛ چاقلارنىڭ قىياپىتى بولسا بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ شەكلى بولسا، تۆتىلىسىنىڭ ئوخشاش ئىدى، يەنى چاق ئىچىدە چاق باردەك كۆرۈنەتتى. كېرۇبلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆتىلا تەرەپكە ئۇدۇل قاراپ ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى، بەلكى بېشى قايسى تەرەپكە قارىغان بولسا، ئۇلار شۇ تەرەپكە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچ بۇرۇلمايتتى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنى، دۈمبىلىرى، قوللىرى، قاناتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاقلىرىمۇ، يەنى تۆتىسىگە تەۋە چاقلارنىڭ ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. چاقلارنى بولسا: «پىرقىرايدىغان چاقلار!» دەپ ئاتىغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزى، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزى، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزى ئىدى. كېرۇبلار يۇقىرىغا ئۆرلىدى. بۇلار دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن ھايات مەخلۇقلار ئىدى. كېرۇبلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ كېرۇبلار يەردىن ئۆرلەشكە قاناتلىرىنى كۆتۈرگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇرۇلۇپ كەتمەيتتى. ئۇلار تۇرغاندا، چاقلارمۇ تۇراتتى؛ ئۇلار كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى.

ئەزاكىيال 10:18-22

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ بوسۇغىسى ئۈستىدىن چىقىپ، كېرۇبلار ئۈستىدە تۇردى؛ كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ، كۆز ئالدىمدا يەردىن كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆيدىن چىققاندا، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى. بۇلار بولسا دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن، ئىسرائىل خۇداسىنىڭ ئاستىدا تۇرغان مەخلۇقلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كېرۇبلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى، ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنسان قولى سىياقىدىكى قوللىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىياپىتى بولسا، ئۇلار مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن يۈزلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى ۋە يۈزلىرى مەن كۆرگەنگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭاتتى.

ئەزاكىيال 11:22

كېرۇبلار قاناتلىرىنى يايدى، ئۇلارنىڭ چاقلىرى ئۆز يېنىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلار ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى؛

دانىيال 3:23-28

شۇنداق قىلىپ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەن باغلاقلىق ھالدا دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا چۈشۈپ كەتتى. ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن: بىز باغلاپ ئوت ئىچىگە تاشلىغىنىمىز ئۈچ ئادەم ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن «شۇنداق، ئى ئالىيلىرى! دېدى. پادىشاھ جاۋابەن: مانا، مەن تۆت ئادەمنىڭ باغلاقسىز ھالدا ئوت ئىچىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئۇلار قىلچە كۆيگەندەك ئەمەس؛ ھەمدە تۆتىنچى كىشى ئىلاھلارنىڭ ئوغلىدەك تۇرىدۇ! دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ: شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئالىي ئىلاھنىڭ قۇللىرى، چىقىڭلار، ماياققا كېلىڭلار! دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقتى. بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى. نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى: شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا شۈكۈر-سانالار بولغاي! ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە تايانغان قۇللىرىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا خىزمەت قىلماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئۆز خۇدايىمىزنىڭلا ئىبادىتىدە بولىمىز دەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى.

دانىيال 4:13

ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ،

دانىيال 4:17

دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر».

دانىيال 6:22

خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، دېدى.

دانىيال 7:10

ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى.

دانىيال 8:16-17

ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. [جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، دېدى.

دانىيال 9:21-22

تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم.

دانىيال 10:10-14

مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى. شۇ زات ماڭا: ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم. لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر».

دانىيال 10:15-21

ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم. مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپەسىم ئۈزۈلىدۇ، دېدىم. ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى ۋە: ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! دېدى. ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، دېدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ. لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن. بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.

دانىيال 12:1

ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.

يوئېل 2:1-11

زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، مۇقەددەس تېغىمدا ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ زېمىندا تۇرغۇچى ھەممەيلەن دىر-دىر تىترىسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، ئۇ يېقىندىدۇر. ئۇ كۈن بولسا قاراڭغۇ ھەم سۈر كۈن، بۇلۇتلار قاپلانغان ھەم قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كۈن، تاڭ سەھەر تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، زور ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇچىلار بولۇپ باقمىغان، ئۇلاردىن كېيىنمۇ، دەۋردىن-دەۋرگە يەنە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا بىر يالقۇن كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ؛ كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن «ئېرەن باغچىسى»دەك، بىراق ئۇلارنىڭ تاپىنى تەگكەندىن كېيىن گۈل-گىياھسىز چۆل-باياۋان بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئاتلىق لەشكەردەك چاپىدۇ. جەڭ ھارۋىلىرى گۈلدۈرلىگەندەك سادا بىلەن ئۇلار تاغ چوققىلىرىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ؛ پاخالنى پاراسلاپ كۆيدۈرگەن ئوت ئاۋازىدەك تاراسلاپ ماڭىدۇ، دەبدەبىلىك سەپ تۈزەپ تۇرغان كۈچلۈك قوشۇندەك يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەللەر قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ھەممە چىراي تاتىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار پالۋانلاردەك يۈگۈرىدۇ؛ جەڭچىلەردەك سېپىلدىن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ؛ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ؛ سەپلىرىنى ھېچ بۇزمايدۇ. ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشىنى قىستىمايدۇ؛ ھەرقايسىسى ئۆز يولىدا ماڭىدۇ؛ قوراللارغا ئېتىلسىمۇ، يارىلانماي ئۆتۈپ ماڭىدۇ؛ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە چېپىشىدۇ؛ سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ؛ ئۆيلەرگە يامىشىپ چىقىدۇ؛ دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ. ئۇلار ئالدىدا يەر-زېمىننى تىترەك باسىدۇ، ئاسمانلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز قوشۇنى ئالدىدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارگاھى پايانسىزدۇر؛ ئۇنىڭ سۆزىنى ئورۇنلىغۇچى كۈچلۈكتۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى ئۇلۇغ، ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر؛ كىم ئۇنى كۆتۈرەلىسۇن؟

زەكەرىيا 1:8-14

مەن كېچىدە [ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى] كۆردۈم؛ مانا، تورۇق ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم؛ ئۇ چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇراتتى؛ ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق، ئالا-تاغىل ۋە ئاق ئاتلار بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا: «مەن ساڭا بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن» دېدى. خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان زات جاۋابەن: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يەر يۈزىنى ئۇيان-بۇيان كېزىشكە ئەۋەتكەنلىرى» دېدى. بۇ ئاتلار خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە جاۋاب قىلىپ: «بىز يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان كېزىپ كەلدۇق؛ مانا، پۈتكۈل يەر يۈزى تىپتىنچ، ئاراملىقتا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى جاۋابەن: «ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، قاچانغىچە سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە رەھىم قىلمايسەن؟» دېدى. پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە يېقىملىق سۆزلەر، تەسەللى بەرگۈچى سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مۇنداق جاكارلىغىن: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە زىئونغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن يۈرىكىم لاۋىلداپ كۆيىدۇ!

زەكەرىيا 2:1-5

ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭدىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «مەن يېرۇسالېمنى ئۆلچىگىلى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى [ئۆلچەپ] بىلگىلى بارىمەن» دېدى. مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ. ــ ۋە مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت-يالقۇن سېپىلى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن.

زەكەرىيا 3:1-7

ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى. پەرۋەردىگار شەيتانغا: «پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن، ئى شەيتان! بەرھەق، يېرۇسالېمنى تاللىۋالغان پەرۋەردىگار سېنى ئەيىبلىسۇن! بۇ [كىشى] ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇن ئەمەسمۇ؟» دېدى. يەشۇئا بولسا پاسكىنا كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا پەرىشتىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا: «بۇ پاسكىنا كىيىمنى ئۇنىڭدىن سالدۇرىۋېتىڭلار» دېدى ۋە ئۇنىڭغا: «قارا، مەن قەبىھلىكىڭنى سەندىن ئېلىپ كەتتىم، ساڭا ھېيتلىق كىيىم كىيگۈزدۈم» دېدى. مەن: «ئۇلار بېشىغا پاكىز بىر سەللىنى ئورىسۇن!» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاكىز بىر سەللىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئوراپ، ئۇنىڭغا كىيىم كىيدۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىر ياندا تۇراتتى. ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەشۇئاغا مۇنداق جېكىلىدى: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر يوللىرىمدا ماڭساڭ، تاپىلىغىنىمنى چىڭ تۇتساڭ، مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرىسەن، ھويلىلىرىمغا قارايدىغان بولىسەن؛ ساڭا يېنىمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.

زەكەرىيا 6:4-5

مەن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان ئاسمانلارنىڭ تۆت روھى.

ماتتا 1:20-24

ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ». يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى.

ماتتا 2:13

ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ دېدى.

ماتتا 2:19-20

ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، دېدى.

ماتتا 4:6

ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن دېدى.

ماتتا 4:11

بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.

ماتتا 13:39-42

كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار پەرىشتىلەردۇر. كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ، خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

ماتتا 13:49-50

زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

ماتتا 16:27

چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ.

ماتتا 18:10

ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.

ماتتا 22:30

چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ.

ماتتا 24:31

ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

ماتتا 24:36

لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ.

ماتتا 25:31

ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ.

ماتتا 26:53

ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟

ماتتا 28:2-7

ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، [قەبرىگە] بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ: قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن. ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛ ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، دېدى.

ماركۇس 1:13

ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ئىدى؛ شۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدى.

ماركۇس 8:38

چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ.

ماركۇس 12:25

چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ.

ماركۇس 13:27

ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن، زېمىننىڭ چەتلىرىدىن ئاسماننىڭ چەتلىرىگىچە يىغىپ جەم قىلىدۇ.

ماركۇس 13:32

لېكىن شۇ كۈنى ياكى ۋاقىت-سائىتى توغرۇلۇق خەۋەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەتتا نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتىلا بىلىدۇ.

ماركۇس 16:5-7

ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا: دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي! لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، دېدى.

لۇقا 1:11-20

تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى. ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى. بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ. ئۇ [رەبنىڭ] ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، دېدى. زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ دەپ سورىدى. پەرىشتە جاۋابەن: مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇچى جەبرائىلمەن. ساڭا سۆز قىلىشقا، بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈشكە مەن ئەۋەتىلدىم. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، دېدى.

لۇقا 1:26-38

[ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ] ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى. [ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ] ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى. جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! دېدى. ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن. مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، دېدى. مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس [پەرزەنت] خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، دېدى. مەريەم: مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېدىكىمەن؛ ماڭا سۆزۈڭ بويىچە بولسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

لۇقا 2:8-15

شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى پادىچىلار دالادا تۇراتتى؛ ئۇلار كېچىچە تۈنەپ، پادىسىغا قارايتتى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق شەرىپى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن بەك قورقۇپ كەتتى. بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن. چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ رەب مەسىھدۇر! [ئۇنى] تېپىشىڭلار [ئۈچۈن] شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، دېدى. بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ: «ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي! يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» دېيىشتى. پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە: بەيت-لەھەمگە يول ئېلىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان، ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشنى كۆرۈپ كېلەيلى، دېيىشتى.

لۇقا 4:10-11

چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، دېدى.

لۇقا 9:26

چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ.

لۇقا 12:8-9

ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ.

لۇقا 15:7

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.

لۇقا 15:10

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ.

لۇقا 16:22

ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛

لۇقا 20:36

چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر.

لۇقا 22:43

ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى.

لۇقا 24:4-7

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! دېدى. ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! دېدى.

لۇقا 24:23

ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ.

يۇھاننا 1:51

ۋە يەنە: بەرھەق، بەرھەق سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئاسمانلار ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ-چۈشۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! دېدى.

يۇھاننا 5:2-4

يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن.

يۇھاننا 20:11-13

ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار مەريەمدىن: خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ دەپ سورىدى. رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، دېدى ئۇ ئۇلارغا.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1:9-11

ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:18-20

روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى. لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار دەپ تاپىلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:53

ئى سىلەر تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئەمرى-تاپىلىغانلىرى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچىلار!»

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:26

شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان يول بىلەن ماڭ! دېدى (شۇ يول چۆلدىكى يولدۇر).

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:3-4

بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: كورنىلىي! دەپ چاقىردى. كورنىلىي ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ قاتتىق چۆچۈپ: تەقسىر، نېمە ئىش؟ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك بېرىپ يەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:5-10

شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: تېز تۇر! دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! دېدى. پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ [كامېردىن] چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى. ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:11-16

شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» دېدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى. ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە: پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ! دەپ خەۋەر قىلدى. لېكىن ئۇلار: ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! دېيىشتى. بىراق ئۇ: راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! دېيىشتى. بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:21-23

بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھېرود شاھانە تونلىرىنى كىيىپ، سوراق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. ئاڭلىغان خەلق: بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ ئاۋازىدۇر! دەپ ۋارقىراشتى. شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتقا يەم بولۇپ ئۆلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 23:8

(چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، ياكى پەرىشتە ياكى روھلار مەۋجۇت ئەمەس، دەيدۇ. لېكىن پەرىسىيلەر ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ).

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27:23-24

چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:3

پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 11:10

بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق[نىڭ] [بەلگىسىگە] ئىگە بولۇشى كېرەك.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 13:1

مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس.

گالاتىيالىقلارغا 1:8

لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!

كولوسسىلىكلەرگە 2:18

ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر [گۇناھلىق] ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛

تېسالونىكالىقلارغا «1» 4:16

چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛

ئىبرانىيلارغا 1:5

چۈنكى خۇدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟

ئىبرانىيلارغا 1:6

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن.

ئىبرانىيلارغا 1:7

ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛

ئىبرانىيلارغا 1:13-14

يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرىسەن» دېگەنىدى؟ شۇنداق ئىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت نىجاتقا مىراسلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا [خۇدا تەرىپىدىن] ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى روھلار ئەمەسمۇ؟

ئىبرانىيلارغا 2:5-7

بىز دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق؛ بەلكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] بىر يېرىدە بىرەيلەن مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەندۇر: «[ئى خۇدا]، ئىنسان دېگەن نېمىدى، سەن ئۇنى سېغىنىدىكەنسەن؟ ئادەم بالىسى نېمىدى، سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن؟ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ كىيدۈردۈڭسەن؛ ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛

ئىبرانىيلارغا 2:16

چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ؛

ئىبرانىيلارغا 9:5

[ساندۇق] ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس.

ئىبرانىيلارغا 12:22-23

ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا

ئىبرانىيلارغا 13:2

ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.

پېترۇس «1» 1:12

شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشلار ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاندى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سەپسېلىپ چۈشىنىۋېلىشقا تەلپۈنمەكتە.

پېترۇس «1» 3:22

(مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).

پېترۇس «2» 2:11

ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «[ئۇلۇغلار]»[نى] ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ.

يۇھاننا «1» 4:1-2

سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى. خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر: ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ.

يەھۇدا 1:9

لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان.

ۋەھىي 1:20

سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ ۋە يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ سىرى مانا مۇنداق يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر.

ۋەھىي 3:5

غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.

ۋەھىي 4:4-5

تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى. تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى.

ۋەھىي 4:6-11

تەختنىڭ ئالدى خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، سۈزۈك ئەينەك دېڭىزدەك ئىدى. تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە تەختنىڭ چۆرىسىدە، ئالدى ۋە كەينى كۆزلەر بىلەن تولغان تۆت ھايات مەخلۇق تۇراتتى. بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ چۆرىسى ھەتتا ئىچ تەرىپىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى؛ ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماي: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدىمۇ بولغۇچى، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!» دېيىشەتتى. ھايات مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-شەۋكەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ «سەن، ئى پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-شۆھرەت ۋە قۇدرەتكە لايىقتۇرسەن. چۈنكى ئۆزۈڭ ھەممىنى ياراتتىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرادەڭ بىلەن مەۋجۇت ئىدى ۋە يارىتىلدى!»

ۋەھىي 5:2

يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازمىنى ئېچىپ، پېچەتلەرنى يېشىشكە كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان قاۋۇل بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم.

ۋەھىي 5:6-8

ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. يازمىنى ئالغاندا، تۆت ھايات مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت ئاقساقال قوزىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىلتارى ۋە خۇشبۇي بىلەن تولغان ئالتۇن چىنىلىرى بار ئىدى (بۇ خۇشبۇي مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىدى).

ۋەھىي 5:11-14

ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى.

ۋەھىي 7:1-3

ئۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆردۈمكى، تۆت پەرىشتە يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇراتتى. ئۇلار ھەرقانداق شامالنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرگە ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن چىقىدىغان شامالنى تىزگىنلەپ تۇراتتى. مەن ھايات خۇدانىڭ مۆھۈرىنى ئالغان، كۈن چىقىشتىن كۆتۈرۈلىۋاتقان باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى ۋەيران قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە: «بىز خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلماڭلار!» دەپ توۋلىدى.

ۋەھىي 7:11-12

بارلىق پەرىشتىلەر تەختنىڭ، ئاقساقاللارنىڭ ۋە تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: ــ «ئامىن! ھەمد-مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!»

ۋەھىي 8:2-6

ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. ئالتۇن خۇشبۇيدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، خۇشبۇيگاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرلىكتە تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە [خۇداغا] ئاتاپ سۇنۇشقا ئۇنىڭغا كۆپ خۇشبۇي بېرىلدى. ۋە خۇشبۇينىڭ تۈتۈنلىرى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. ئاندىن پەرىشتە خۇشبۇيداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى، چاقماقلار چېقىلدى ۋە بىر يەر تەۋرەش بولدى. ئاندىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى.

ۋەھىي 8:7-13

بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن مۆلدۈر ۋە ئوت قان ئارىلاش پەيدا بولۇپ يەر يۈزىگە تاشلاندى، زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيدۈرۈلدى. ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن گوياكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يوغان بىر تاغدەك غايەت زور [بىر جىسىم] دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى ۋە دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى؛ كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى. ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز چۈشتى؛ ئۇ دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشتى. يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «كەكرە» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كەكرىدەك بولۇپ كەتتى، سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەم سۇدىن ئۆلدى. تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئاينىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇرۇلدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلاشتى، كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىمۇ شۇنداق بولدى. يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «كاناينى چېلىشقا تەمشەلگەن قالغان ئۈچ پەرىشتىنىڭ كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلانسا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ۋاي، ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

ۋەھىي 9:1

بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان قۇدۇقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى،

ۋەھىي 9:13-16

ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە: چوڭ ئەفرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات، دېدى. ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە: چوڭ ئەفرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات، دېدى. دەل شۇ سائەت، شۇ كۈن، شۇ ئاي، شۇ يىل ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

ۋەھىي 10:1-7

ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛ قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى. يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېدى.

ۋەھىي 10:8-11

مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ: بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى. مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى. مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا: سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى.

ۋەھىي 11:15-17

ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ». خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ «شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا، ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.

ۋەھىي 12:7-8

ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. [باش پەرىشتە] مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى. لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى.

ۋەھىي 14:3

ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى [گۇناھلىرىنىڭ] بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى.

ۋەھىي 14:6-10

ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! دەيتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن». ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەرىشتە، يەنى ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمدىكىم دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ تامغىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا قوبۇل قىلسا، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ ئەبجەش قىلىنمىغان ساپ شارابىنى ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە قىينىلىدۇ.

ۋەھىي 14:15-16

ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ئورغىقىڭنى سال ۋە ئورۇشقا باشلا! چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى، دېدى. بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.

ۋەھىي 14:17-20

ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانگاھدىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملىرى پىشىپ يېتىلدى، دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ چوڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى. شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە چىقىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.

ۋەھىي 15:1

ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).

ۋەھىي 15:6-8

يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.

ۋەھىي 16:1-12

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى. ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى. ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن، ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى! مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر». ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: «شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى. بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى. ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى.

ۋەھىي 16:17

يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى.

ۋەھىي 17:1-3

يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.

ۋەھىي 18:1

ئۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ جۇلالىلىقىدىن يورۇپ كەتتى.

ۋەھىي 18:21

ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ، ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ!

ۋەھىي 19:4

يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.

ۋەھىي 19:17

ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار!

ۋەھىي 20:1-2

ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى.

ۋەھىي 21:9-10

ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، دېدى. ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ۋەھىي 21:17

ئۇ سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ [قېلىنلىقى] ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى.

ۋەھىي 22:8-9

بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ ماڭا: ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! دېدى.

ۋەھىي 22:16

«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!»

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net