02 – تەڭرى

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: تەڭرى.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

ۋەھىي 1:8

مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:24

پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان-زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ،

ئىبرانىيلارغا 4:13

ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 187 ئابزاسلار

يارىتىلىش 1:1

مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى.

يارىتىلىش 17:1

ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن.

مىسىردىن چىقىش 3:13-15

شۇنىڭ بىلەن مۇسا خۇداغا: مەن ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار مەندىن: «ئۇنىڭ نامى نېمە؟» دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ دېدى. خۇدا مۇساغا: مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن دېدى. ئاندىن ئۇ: بېرىپ، ئىسرائىللارغا: ««ئەزەلدىن بار بولغۇچى» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دەپ ئېيتقىن، دېدى. خۇدا مۇساغا يەنە: ئىسرائىللارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: [ياھۋەھ دېگەن] بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» دېگىن.

مىسىردىن چىقىش 15:2-3

مېنىڭ كۈچۈم ھەم مېنىڭ كۈيۈم ياھ ئۆزىدۇر؛ ئۇ ماڭا نىجات بولدى؛ ئۇ مېنىڭ تەڭرىمدۇر، مەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ ئۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ خۇداسىدۇر، مەن ئۇنى ئالىي دەپ مەدھىيىلەيمەن. پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ياھۋەھ ئۇنىڭ نامىدۇر.

مىسىردىن چىقىش 15:6

سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار، قۇدرىتى بىلەن شان-شەرەپ تاپتى؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار،دۈشمەننى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى.

مىسىردىن چىقىش 34:6-7

پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر، مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان [تەڭرىدۇر]» دەپ جاكارلىدى.

مىسىردىن چىقىش 34:14

چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن.

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 14:21

لېكىن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل يەر يۈزى مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىلەن تولىدۇ.

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 23:19

تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟

قانۇن شەرھى 4:24

چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ھەممىنى يۇتقۇچى بىر ئوت، ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر.

قانۇن شەرھى 4:35-36

پەرۋەردىگارلا خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى يوقتۇر، دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بۇ [ئۇلۇغ] ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىنغانسىلەر. سىلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاسمانلاردىن سىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتتى؛ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئوتىنى كۆرسەتتى؛ سىلەر شۇ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىنمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار.

قانۇن شەرھى 6:4

ــ ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسرائىل: پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر؛

قانۇن شەرھى 7:9-10

شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ.

قانۇن شەرھى 10:17

چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى، رەبلەرنىڭ رەببى، ئۇلۇغ ئىلاھ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغۇچى، ئىنسانلارنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغۇچى، ھېچقانداق پارىنى ئالمىغۇچىدۇر؛

قانۇن شەرھى 32:4

ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر.

قانۇن شەرھى 33:27

ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ [ساڭا] بۇيرۇيدۇ.

سامۇئىل «1» 2:2

پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛ چۈنكى سەندىن باشقا ھېچ كىم يوق، خۇدايىمىزدەك ھېچ ئۇيۇلتاش يوقتۇر.

پادىشاھلار «1» 8:27

لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟!

پادىشاھلار «2» 13:23

لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ ئىچ ئاغرىتاتتى؛ ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ياقۇپقا باغلىغان ئەھدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلماي، ئۆز ھۇزۇرىدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمىغانىدى.

تارىخ-تەزكىرە «1» 16:34

پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى.

تارىخ-تەزكىرە «1» 28:9

ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

تارىخ-تەزكىرە «1» 29:11-12

ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرەپ، شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ساڭا مەنسۇپتۇر؛ ئاسماندىكى ۋە يەردىكى بار-يوقى سېنىڭكىدۇر؛ ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھلىق سېنىڭكىدۇر، ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان ئىدارە قىلغۇچىسەن. دۆلەت بىلەن ئىززەت سېنىڭدىنلا كېلىدۇ، سەن ھەممىگە ھۆكۈمدارسەن. كۈچ بىلەن قۇدرەت سېنىڭ قولۇڭدا؛ ھەركىمنى ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك قىلىش پەقەت قولۇڭدىندۇر.

تارىخ-تەزكىرە «2» 20:6

مۇنداق دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، سەن ئەرشتە تۇرغۇچى خۇدا، بارلىق ئەل-مەملىكەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى ئەمەسمىدىڭ؟ سېنىڭ قولۇڭ كۈچ-قۇدرەتكە تولغاندۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ.

ئەزرا 9:15

ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىيدۇرسەن! شۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈنكىدەك قۇتۇلۇپ قالغان بىر قالدىمىز. قارا، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچقايسىمىز تىك تۇرالماي قالدۇق» دېدىم.

نەھەمىيا 9:6

سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر.

ئايۇپ 11:7

سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟

ئايۇپ 42:2

«ھەممە ئىشنى قىلالايدىغىنىڭنى، ھەرقانداق مۇددىئايىڭنى توسىۋالغىلى بولمايدىغىنىنى بىلدىم!

زەبۇر 2:4

ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛

زەبۇر 7:11

خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛

زەبۇر 14:1-3

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛ پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.

زەبۇر 17:7

ئى، ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى قارشى چىققۇچىلاردىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچى، كارامەتلىرىڭنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن!

زەبۇر 19:1

داۋۇت يازغان كۈي: ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ، ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛

زەبۇر 23:1

داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر، موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛

زەبۇر 29:4

پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛

زەبۇر 33:13-14

پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛

زەبۇر 37:12-13

رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى

زەبۇر 47:7-8

خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛ زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار! خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.

زەبۇر 51:11

مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن.

زەبۇر 69:16

دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛

زەبۇر 72:19

ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن!

زەبۇر 86:5

چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن!

زەبۇر 86:8-10

ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر. سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ. چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن، مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن خۇدادۇرسەن، يالغۇز سەنلا.

زەبۇر 86:15

ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ.

زەبۇر 89:14

تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.

زەبۇر 90:2

تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن.

زەبۇر 97:9

چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن!

زەبۇر 99:1

پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! خەلقلەر تىترىسۇن! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن!

زەبۇر 99:9

پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر!

زەبۇر 100:5

چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!

زەبۇر 102:25-27

سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن، ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر.

زەبۇر 103:8

پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ.

زەبۇر 103:11-12

ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر. شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى.

زەبۇر 103:17-19

لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر. لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر. پەرۋەردىگار تەختىنى ئەرشتە قۇرغان، ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛

زەبۇر 104:1-2

پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛ لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن.

زەبۇر 107:1

ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى!

زەبۇر 113:4

پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر.

زەبۇر 115:3

بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛ نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر.

زەبۇر 135:6

پەرۋەردىگار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، ئۇ ئاسمانلاردا، زېمىندا، دېڭىزلاردا ھەم ئۇنىڭ بارلىق تەگلىرىدىمۇ شۇنى قىلغاندۇر.

زەبۇر 136:1

پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇ مېھرىباندۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛

زەبۇر 136:3

رەبلەرنىڭ رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛

زەبۇر 136:5

ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئاسمانلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛

زەبۇر 136:26

ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!

زەبۇر 139:7-8

روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟ ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛

زەبۇر 145:3

خۇدا ئۇلۇغ، ھەسسىلەپ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر

زەبۇر 145:5

تەپەككۇر قىلىمەن شان-شۆھرىتىڭ ھەققىدە، چوڭقۇر ئويلايمەن مۆجىزىلىرىڭ ئۈستىدە

زەبۇر 145:8

خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر

زەبۇر 145:17-18

پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر، ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر

زەبۇر 146:6-7

ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى، دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛ ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛ ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛

زەبۇر 147:4-5

ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 8:17

كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛

پەند-نەسىھەتلەر 15:3

پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار.

پەند-نەسىھەتلەر 30:4

كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟

يەشايا 2:10

ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھشىتىدىن، ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، [خادا] تاشلار ئىچىگە كىرىۋال، توپا-چاڭلار ئىچىگە مۆكۈۋال!

يەشايا 6:3

ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» دەپ توۋلاۋاتاتتى.

يەشايا 8:13

پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن، سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن!

يەشايا 9:6

چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ.

يەشايا 11:2

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى، يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، نەسىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ روھى، بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛

يەشايا 30:18

ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!

يەشايا 33:22

چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ نىجاتكار-ھاكىمىمىز، پەرۋەردىگار بىزگە قانۇن بەرگۈچىدۇر، پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ!

يەشايا 40:17-18

ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەستۇر؛ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇلار يوقنىڭ ئارىلىقىدا، قۇرۇق-مەنىسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى سىلەر تەڭرىنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟ ئۇنى نېمىگە ئوخشىتىپ سېلىشتۇرىسىلەر؟

يەشايا 40:22

ئۇ يەر-زېمىننىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا چاقچىقىرلاردەك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئاسمانلارنى پەردىدەك تارتىدۇ، ئۇلارنى خۇددى ماكان قىلىدىغان چېدىردەك يايىدۇ؛

يەشايا 40:28

سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدلىك خۇدا، جاھاننىڭ قەرىلىرىنى ياراتقۇچىدۇر! ئۇ يا ھالسىزلانمايدۇ، يا چارچىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئوي-بىلىمىنىڭ تېگىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ.

يەشايا 42:8

مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن.

يەشايا 43:10-11

سىلەر [خەلقىم] مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم [مەن ئۈچۈن] گۇۋاھچىدۇر، شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ، ماڭا ئىشىنىپ، ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى: «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن، ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛ مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر».

يەشايا 44:6

ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.

يەشايا 44:24

«سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛

يەشايا 45:6-7

كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر. نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن، بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».

يەشايا 45:18

چۈنكى ئاسمانلارنى ياراتقان، يەر-زېمىننى شەكىللەندۈرۈپ ياسىغان، ئۇنى مەزمۇت قىلغان خۇدا بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: (ئۇ ئۇنى قۇرۇق-مەنىسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى ئادەمزاتنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشقا ياراتقانىدى) «مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر؛

يەشايا 45:21-22

ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛ مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن! كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟ كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟ ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر. ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر، ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار! چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛

يەشايا 46:9-10

ئىلگىرىكى ئىشلارنى، يەنى قەدىمدىن بولغان ئىشلارنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا بىرى يوقتۇر؛ مەن خۇدادۇرمەن، ماڭا ئوخشاشلار يوقتۇر؛ مەن: «مېنىڭ بېكىتكىنىم ئورۇنلىنىدۇ، كۆڭلۈمگە بارلىق پۈككەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن» دەپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى باشتىلا، ئالدىنئالا تېخى قىلىنمىغان ئىشلارنى ئايان قىلىپ ئېيتقۇچىدۇرمەن؛

يەشايا 54:5

چۈنكى سېنى يارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچىڭ بولسا سېنىڭ ئېرىڭ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامى؛ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولسا ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، ئۇ بارلىق يەر-زېمىننىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىدۇ.

يەشايا 55:8-9

چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛ چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.

يەشايا 57:15

چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن.

يەشايا 66:1

«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟

يەرەمىيا 10:10

لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.

يەرەمىيا 10:12

[پەرۋەردىگار بولسا] يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر.

يەرەمىيا 16:21

ــ شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم [بۇ رەزىل خەلققە] شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ نامىمنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ!

يەرەمىيا 23:24

بىرسى يوشۇرۇن جايلاردا مۆكۈۋالسا مەن ئۇنى كۆرەلمەمدىمەن؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئاسمان-زېمىن مەن بىلەن تولدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

يەرەمىيا 31:3

پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن.

يەرەمىيا 31:34

شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

يەرەمىيا 32:17-18

«ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، سەن ئاسمان-زېمىننى ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە سوزۇلغان بىلىكىڭ بىلەن ياسىغانسەن؛ ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر؛ سەن مىڭلىغان كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىسەن ھەمدە ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنىمۇ كېيىن بالىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرىسەن؛ ئاھ سەن ئۇلۇغ، قۇدرەت ئىگىسى تەڭرىدۇرسەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ نامىڭدۇر؛

يەرەمىيا 32:27

مانا، مەن پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟

دانىيال 2:20-22

«خۇدانىڭ نامى ئەبەدىلئەبەد مەدھىيىلەنگەي! چۈنكى دانالىق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭكىدۇر. ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ. ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر.

ھوشىيا 2:19

شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛

ھوشىيا 12:5

ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر!

ئاموس 4:13

چۈنكى مانا، تاغلارنى شەكىللەندۈرگۈچى، شامالنى ياراتقۇچى، ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى، تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرگۈچى دەل شۇدۇر، پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر!

ناھۇم 1:2-3

پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ. پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، كۈچ-قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر، گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ-توزاڭدۇر.

ھاباككۇك 2:14

چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.

زەفانىيا 3:17

پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ.

ماتتا 5:34-35

بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار؛ ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش خۇدانىڭ تەختىدۇر؛ ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى يەر يۈزى خۇدانىڭ تەختىپەرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر.

ماتتا 5:48

شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار.

ماتتا 6:9

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي.

ماتتا 6:13

بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».

ماتتا 11:25

شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن!

ماتتا 19:26

ئەمما ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، دېدى.

ماتتا 22:32

«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!».

ماتتا 25:31-32

ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛

ماتتا 28:18-19

ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ،

ماركۇس 10:27

ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇدا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، دېدى.

ماركۇس 12:29

ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئەڭ مۇھىم ئەمر شۇكى، «ئاڭلىغىن، ئەي ئىسرائىل! پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بولغان رەب بىردۇر.

ماركۇس 14:62

شۇنداق، مەن ئۆزۈم، دېدى ئەيسا، ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.

لۇقا 4:1

ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى.

لۇقا 6:36

ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.

لۇقا 10:21

شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى: «ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.

لۇقا 11:2

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتا، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي.

يۇھاننا 1:1-3

مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى. ئۇ مۇقەددەمدە خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى ۋە بارلىق يارىتىلغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس.

يۇھاننا 3:16

چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.

يۇھاننا 3:35

ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر.

يۇھاننا 4:24

خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.

يۇھاننا 6:35

ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.

يۇھاننا 6:48

ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن.

يۇھاننا 6:51

ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.

يۇھاننا 8:12

شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.

يۇھاننا 8:18

راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

يۇھاننا 8:23

ئەيسا ئۇلارغا: سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن.

يۇھاننا 8:58

ئەيسا ئۇلارغا: بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! دېدى.

يۇھاننا 10:11

ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ.

يۇھاننا 11:25

ئەيسا ئۇنىڭغا: تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛

يۇھاننا 14:6-7

ئەيسا ئۇنىڭغا: يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، دېدى.

يۇھاننا 14:26

لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ.

يۇھاننا 15:13

ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر.

يۇھاننا 18:6

ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1:24

ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:48-49

ھالبۇكى، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ئىنساننىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان ماكانلاردا تۇرمايدۇ؛ خۇددى پەيغەمبەر مۇنداق دېگىنىدەك: ــ «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:24

پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان-زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ،

رىملىقلارغا 1:18-20

چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا. چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن (چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ)

رىملىقلارغا 5:8

لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى.

رىملىقلارغا 8:38-39

شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.

رىملىقلارغا 11:33-36

ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى! ئۇنىڭ ھۆكۈمىلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس! ئۇنىڭ يوللىرى ئىزدەپ تېپىشتىن شۇنچە يىراقتۇر! «كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟» «ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟». چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:5

بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 4:20

چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 8:6

بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ [شۇنىڭدەك]، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 1:20-23

دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 2:4

بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 2:18

چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:6

ھەممىنىڭ خۇدائاتىسى بىردۇر؛ ئۇ بولسا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ھەممىنى يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:30

خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛

فىلىپپىلىقلارغا 2:9-11

شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى، ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

كولوسسىلىكلەرگە 1:15-19

ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا،

كولوسسىلىكلەرگە 2:9-10

چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛ ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛

تىموتىيغا «1» 1:17

ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!

تىموتىيغا «1» 6:16

ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن!

ئىبرانىيلارغا 1:1-3

خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.

ئىبرانىيلارغا 1:8

لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.

ئىبرانىيلارغا 4:13

ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.

ئىبرانىيلارغا 12:29

چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر.

ئىبرانىيلارغا 13:8

ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ!

ياقۇپ 1:17

بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ.

ياقۇپ 2:19

ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ!

پېترۇس «1» 3:22

(مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).

پېترۇس «2» 1:17

چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى.

يۇھاننا «1» 1:5

ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.

يۇھاننا «1» 4:8

مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.

يۇھاننا «1» 4:16

بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ.

يۇھاننا «1» 5:7-8

چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: ــ بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ [گۇۋاھلىقى] بىردۇر.

يۇھاننا «1» 5:20

يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!

يەھۇدا 1:25

ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن!

ۋەھىي 1:8

مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا.

ۋەھىي 3:1

ــ ساردىستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «خۇدانىڭ يەتتە روھى ۋە يەتتە يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ۋە شۇنداقلا «ھايات» دېگەن نام-ئابرۇيۇڭنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆلۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن.

ۋەھىي 4:2-11

ۋە دەرھال مەن روھنىڭ ئىلكىدە بولدۇم؛ مانا، ئەرشتە بىر تەخت، تەختتە بىر زات ئولتۇراتتى. تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. تەختنىڭ چۆرىسىنى زۇمرەتتەك بىر ھەسەن-ھۈسەن ئوراپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى. تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. تەختنىڭ ئالدى خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، سۈزۈك ئەينەك دېڭىزدەك ئىدى. تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە تەختنىڭ چۆرىسىدە، ئالدى ۋە كەينى كۆزلەر بىلەن تولغان تۆت ھايات مەخلۇق تۇراتتى. بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ چۆرىسى ھەتتا ئىچ تەرىپىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى؛ ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماي: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدىمۇ بولغۇچى، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!» دېيىشەتتى. ھايات مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-شەۋكەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ «سەن، ئى پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-شۆھرەت ۋە قۇدرەتكە لايىقتۇرسەن. چۈنكى ئۆزۈڭ ھەممىنى ياراتتىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرادەڭ بىلەن مەۋجۇت ئىدى ۋە يارىتىلدى!»

ۋەھىي 5:6

ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى.

ۋەھىي 5:13

ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

ۋەھىي 14:7

ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! دەيتتى.

ۋەھىي 19:6

ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى!

ۋەھىي 19:16

ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.

ۋەھىي 21:22-23

شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر.

ۋەھىي 22:13

مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن».

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net