18 – ساختا ئوقۇتقۇچىلار
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ساختا ئوقۇتقۇچىلار.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ساختا ئوقۇتقۇچىلار.
لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ.
”بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
”ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن.
”يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى. يىلان ئايالغا: ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، دېدى.
”پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، دېدى. پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن. ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن».
”سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن، ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن.
”يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن. توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما.
”سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار.
”ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا [گۇناھ بولسا] سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن.
”تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟
”سىلەر ئۆز كۆزلىرڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنسىلەر؛ چۈنكى بائال-پېئورغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىن يوقاتتى؛
”ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار!
”پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تۆۋەن قىلىپ، كۆڭلۈڭدە نېمە بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىڭنى بىلەي دەپ سېنى سىناش ئۈچۈن بۇ قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىگەن يولنى ئەسلىگىن. دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى.
”سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛ شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن.
”قەلبىڭلار ئالدىنىپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار؛
”مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.
”ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە، شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ.
”ئەمما مېنىڭ نامىمدا باشباشتاقلىق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا تاپىلىمىغان بىرەر سۆزنى سۆزلىسە ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆز قىلىدىغان پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەر ئۆلتۈرۈلسۇن.
”ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «پەرۋەردىگار قىلمىغان سۆزنى قانداق پەرق ئېتىمىز» دېسەڭ، بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆز قىلغان بولسا ۋە ئۇ بېشارەت قىلغان ئىش توغرا چىقمىسا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن چىقمىغان؛ شۇ پەيغەمبەر باشباشتاقلىق بىلەن سۆزلىگەن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقما.
”چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر، باشپاشتاقلىق قەبىھلىك ۋە بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغىنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى.
”شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي»، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» دېدى. مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا يالغانچى بىر روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» دېدى.
”شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» دېدى. مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا بىر يالغانچى روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» دېدى.
”ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
”سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر.
”ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» دېيىشىدۇ. ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
”يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛ پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر.
”چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛ پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.
”يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن! ئۇلار ھەققانىيلارنى خالىغانچە مازاق قىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەكتە!
”تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن، چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن
”لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ، سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟
”ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى، تىلىڭ زەھەر چاچماقچى، ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ. سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛ ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل! بەرھەق، تەڭرى ئوخشاشلا سېنى مەڭگۈگە يوقىتىدۇ؛ ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ، يەنى ئۆز چېدىرىڭدىن تارتىپ چىقىدۇ؛ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. سېلاھ.
”ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق، بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛ ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق، ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر.
”ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇزۇقلۇقى تۈپەيلىدىن، لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارغاشلار ھەم ئالدامچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆز تەكەببۇرلۇقى ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەي!
”ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ.
”بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.
”ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛ سۆيگىنىم تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.
”پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
”ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟! تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم.
”ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.
”ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن.
”كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛ ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ. ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت.
”پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول، سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار، يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر.
”ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
”پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر.
”راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر.
”يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار.
”ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار. ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛ بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر. بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت.
”ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان [گۇۋاھچى] يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.
”ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس.
”قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛ يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار.
”يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس.
”يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار.
”ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر.
”يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما.
”ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر. دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر.
”ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس.
”تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ.
”ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر.
”«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! ئى يەر-زېمىن، قۇلاق سال! چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى: «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا [ماڭىدىغان يولنى] بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس. ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، ئۇلار كەينىگە ياندى. نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى،
”بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ.
”ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي! ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي!
”پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن، سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن! ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛
”ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ!
”ئى چولپان، سەھەر بالىسى، سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن! ئى تېخى ئۆتكەندىلا ئەللەرنى يەرگە يىقىتقۇچى، سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ! سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛ مەن بۇلۇتلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەيمەن؛ ھەممىدىن ئالىي بىلەن تەڭ بولىمەن!» دېدىڭ. ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا، چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ». سېنى كۆرگەنلەر ساڭا يېقىندىن سىنچىلاپ قاراپ: «جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ئادەم مۇشۇمىدۇ؟
”ۋە مىسىرنىڭ روھى ئۆز ئىچىدىن يوقاپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى مەسلىھەتسىز قالدۇرىمەن؛ شۇڭا ئۇلار بۇتلارنى ۋە ئەرۋاھلارنى، ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلارنى ھەم پالچىلارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدۇ؛
”بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛
”ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛
”ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار! ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟ شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە: «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»، ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟!
”روھى ئېزىپ كەتكەنلەر يورۇتۇلىدىغان، قاقشاپ يۈرگەنلەر نەسىھەت-بىلىم قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.
”چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، نائەھلى ئوغۇللار، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر.
”ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛ سەنلەر [دۇرۇس] يولدىن چىقىش، [توغرا] تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» دەيدۇ. ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛
”(ئۇ بولسا يالغان [پەيغەمبەرلەرنىڭ] بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى، پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى، دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛
”[ئىسرائىلنىڭ] كۆزەتچىلىرى ھەممىسى قارىغۇ؛ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ؛ ھەممىسى قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلار، چۈشەكەپ ياتىدىغان، ئۇيقۇغا ئامراقلار! مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا [خەلقىمنى] «باققۇچى»لارمىش تېخى! ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن، بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر!
”سىلەر كىمنى مازاق قىلىۋاتىسىلەر؟ ياكى كىمگە قارشى ئاغزىڭلارنى كالچايتىپ، تىلىڭلارنى ئۇزۇن چىقىرىسىلەر؟ سىلەر بولساڭلار ئاسىيلىقتىن تۆرەلگەن بالىلار، ئالدامچىلىقنىڭ نەسلى ئەمەسمۇسىلەر؟
”چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، دەيدۇ پەرۋەردىگار. ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى. پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ [پەرۋەردىگارنىڭ] سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن!
”زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟
”ــ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ئوخشاشلا ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر!
”ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنلىرىغا ئالدامچىلىق قىلماقتا، ھېچكىم ھەقىقەتنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆز تىلىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ، ئۇلار قەبىھلىكتە ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ. ئۇلار جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە جەبىر-زۇلۇم قىلماقتا، ئالدامچىلىقتىن يەنە بىر ئالدامچىلىققا ئۆتمەكتە؛ ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
”ئۇلارنىڭ تىلى ئەجەل ئوقىدۇر؛ ئۇ ئالدامچىلىقنى سۆزلەيدۇ؛ ھەربىر ئېغىز سۆزىدە يېقىنى بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن كۆڭلىدە قىلتاق تەييارلايدۇ.
”ئەمدى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن، ۋە ئۇلارغا گەپ قىلغىنىم يوق. ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە. شۇڭا پەرۋەردىگار: مېنىڭ نامىمدا بېشارەت بېرىۋاتقان، مەن ئەۋەتمىگەن، يەنى: «قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بۇ زېمىنغا ھېچ كەلمەيدۇ» دەيدىغان پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: بۇ پەيغەمبەرلەر قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن يوقىتىلىدۇ؛
”پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادەمگە تايانغان، ئادەمنىڭ ئەت-كۈچىنى تايانچى قىلغان، قەلبى پەرۋەردىگاردىن چەتنىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا لەنەت بولسۇن!
”قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟ مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن.
”پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: مېنىڭ كۆڭلۈم ئىچ-باغرىمدا سۇنۇقتۇر؛ سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسى تىترەيدۇ؛ مەن مەست بولغان ئادەم، شاراب تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئادەمگە ئوخشايمەن؛ بۇنداق بولۇشۇم پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەس سۆزلىرى تۈپەيلىدىندۇر؛
”چۈنكى ھەم پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھارام بولدى؛ ھەتتا ئۆز ئۆيۈمدىمۇ ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ شۇڭا ئۇلارنىڭ يولى ئۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، تېيىلغاق يوللاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار بۇ يوللاردا پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا يامانلىق چۈشۈرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
”بىراق يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەردىمۇ يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇلار زىناخورلۇق قىلىدۇ، يالغانلىقتا ماڭىدۇ، رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى كۈچەيتىدۇكى، نەتىجىدە ھېچقايسىسى رەزىللىكىدىن يانمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سودومدەك، [يېرۇسالېمدا] تۇرۇۋاتقانلار ماڭا گوموررادەك بولدى. شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن ئۇلارنى ئەمەن بىلەن ئوزۇقلاندۇرىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن؛ چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر ھاراملىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ھاراملىق ئۇلاردىن پۈتكۈل زېمىنغا تارقىلىپ كەتتى.
”ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە بېشارەت بېرىۋاتقان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ ئۇلار سىلەرنى بىمەنىلىككە يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە تەسەۋۋۇر قىلغان بىر كۆرۈنۈشنى سۆزلەۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلارغا: «سىلەر ئامان-تىنچلىقتا تۇرىسىلەر» دەيدۇ ۋە ئۆز كۆڭلىنىڭ جاھىللىقىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرىگە: «ھېچقانداق يامانلىق بېشىڭلارغا چۈشمەيدۇ» دەيدۇ.
”ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ يېتىسىلەر. مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگەنمەن، لېكىن ئۇلار خەۋەرنى جار قىلىشقا قاترىغان؛ مەن ئۇلارغا سۆز قىلمىدىم، لېكىن ئۇلار بېشارەت بەرگەن.
”مەن مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بىر چۈش كۆردۈم! بىر چۈش كۆردۈم!» دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم؛ بۇنداق پەيغەمبەرلەر يالغان بېشارەتلەرنى بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئېزىتقۇ تەسەۋۋۇرلىرىدىن پەيغەمبەرلەر بولۇشىۋالغان. ئەمدى ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى قاچانغىچە كۆڭلىگە پۈكىدۇ؟ ئۇلار ھەربىرى قاچانغىچە ئۆز يېقىنىغا ئېيتقان چۈشلىرى ئارقىلىق (خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بائالغا چوقۇنۇپ نامىمنى ئۇنتۇغىنىغا ئوخشاش) خەلقىمگە نامىمنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى پەملەيدۇ؟ چۈشنى كۆرگەن پەيغەمبەر، چۈشنى ئېيتىپ بەرسۇن؛ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان كىشى بۇ سۆزۈمنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىسۇن؛ پاخالنىڭ بۇغداي بىلەن سېلىشتۇرغۇچىلىك نېمىسى باردۇ؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ مېنىڭ سۆزۈم خۇددى كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت ۋە تاشنى چاقىدىغان بازغان ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
”مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ئۇلار ئۆز تىللىرىنى چايناپ: «[پەرۋەردىگار] دەيدۇ...» دەپ بېشارەت بېرىدۇ. مانا، يالغان چۈشلەرنى بېشارەت قىلىپ بۇلارنى يەتكۈزۈپ، يالغانچىلىقى ۋە باشباشتاقلىقى بىلەن مېنىڭ خەلقىمنى ئازدۇرغانلارغا قارشىدۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن؛ ئۇلار بۇ خەلققە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
”«پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەيدىغان ھەرقايسى پەيغەمبەر، كاھىن ياكى خەلق بولسا، مەن بۇ كىشىنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن تەڭ جازالايمەن. ئەمدى سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىدىن ۋە ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىدىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار نېمە جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭلار كېرەك. سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېگەننى قايتىدىن ئاغزىڭلارغا ئالمايسىلەر؛ چۈنكى ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆز سۆزى ئۆزىگە يۈك بولىدۇ؛ چۈنكى سىلەر خۇدايىمىز، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، تىرىك خۇدانىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىغانسىلەر.
”لېكىن سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋەرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مانا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: چۈنكى سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋېرىسىلەر ۋە مەن سىلەرگە: ««پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېمەڭلەر» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنمەن، شۇڭا مانا، مەن سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن، مەن سىلەرنى سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان شەھەر بىلەن تەڭ يۈزۈمدىن يىراق تاشلايمەن؛ مەن ئۈستۈڭلارغا مەڭگۈ رەسۋاچىلىق ۋە ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان مەڭگۈلۈك شەرمەندىلىكنى چۈشۈرىمەن!
”ــ سىلەر بولساڭلار، «بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا ھېچ بولمايسىلەر» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلارغا، پالچىلىرىڭلارغا، چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلارغا، رەم ئاچقۇچىلىرىڭلارغا ياكى جادۇگەرلىرىڭلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىق قىلىپ بېشارەت بېرىدۇ؛ [گەپلىرىگە كىرسەڭلار]، سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلاردىن سۈرگۈن قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۆزۈم سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەيمەن، سىلەر نابۇت بولىسىلەر.
”پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بابىلنىڭ قۇللۇقىدا بولمايسىلەر» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس، دەيدۇ پەرۋەردىگار، لېكىن ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، مەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدىۋېتىمەن، شۇنىڭدەك نابۇت بولىسىلەر؛ سىلەر ۋە سىلەرگە بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرلەر نابۇت بولىسىلەر». ئاندىن مەن كاھىنلارغا ۋە بۇ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدىم: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار پات ئارىدا بابىلدىن قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ.
”چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرنىڭ پالچىلىرىڭلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن؛ سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەسمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
”ــ مېنىڭ خەلقىم ئازغان قويلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرغان، ئۇلارنى تاغلاردا تېنىتىپ يۈرگەن؛ ئۇلار تاغدىن دۆڭگە كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز ئارامگاھىنى ئۇنتۇغاندۇر.
”مەن رەزىللەرگە: «سەن جەزمەن ئۆلىسەن» دېسەم، بىراق سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ يەنى بۇ رەزىل ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ رەزىل يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرمىساڭ، شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق مەن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. بىراق سەن ئاشۇ رەزىل ئادەمنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئۇ رەزىللىكىدىن، يەنى ئۆز رەزىل يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. ياكى بولمىسا بىر ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوماق سالسام، ئۇ ئۆلىدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدىڭ، ئۇ ئۆز گۇناھىدا ئۆلىدۇ، ۋە ئۇ قىلغان ھەققانىي ئىشلار ئەسلەنمەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. ۋە ئەگەر سەن ھەققانىي ئادەمنى گۇناھ سادىر قىلما دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساڭ، ۋە ئۇ گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن».
”چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدە يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش» ياكى ئادەمنى ئۇچۇرۇدىغان پالچىلىقلار قايتا بولمايدۇ.
”پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئىسرائىلنىڭ بېشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەرلىرى، يەنى ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن بېشارەت بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!» دېگىن. رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۆز روھىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ھېچ ۋەھىينى كۆرمىگەن ھاماقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
”ئى ئىسرائىل، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭ خۇددى خارابىلەر ئارىسىدا يۈرۈۋاتقان تۈلكىلەردەك بولدى. سىلەر بۆسۈلگەن جايلارغا چىقمىغانسىلەر، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە بولىدىغان جەڭدە پۇختا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بۇزۇلغان تېمىنى ھېچ ياسىمىدىڭلار. «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگۈچىلەر بولسا پەقەت ساختا بىر كۆرۈنۈشنى ۋە يالغان پالنى كۆرگەنلەردىن ئىبارەتتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەۋەتمىگەن؛ بىراق ئۇلار ئۆز سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىلەر «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگىنىڭلاردا، مەن ھېچ سۆز قىلمىغان تۇرسام، سىلەر ساختا بىر «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن، يالغان پالنى ئېيتقان ئەمەسمۇ؟
”شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئويدۇرما سۆزلىگىنىڭلار، يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش»لەرنى كۆرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ئەمدى مانا، مەن سىلەرگە قارشىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار،
”ــ مېنىڭ قولۇم ساختا «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ۋە يالغان پالنى ئېيتقان پەيغەمبەرلەر بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۆز خەلقىمنىڭ كېڭىشىدە ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنمەيدۇ؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا ھېچ كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. بەرھەق، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ «تىنچ-ئامانلىق!» دەپ جار سېلىپ، خەلقىمنى ئېزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىرسى نېپىز ئارا تامنى قوپۇرسا، ئۇلار كېلىپ پەقەت ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ــ تامنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىۋاتقانلارغا: «بۇ تام يىقىلىدۇ!» دېگىن! كەلكۈندەك بىر يامغۇر ياغىدۇ! ئى يوغان مۆلدۈرلەر، سىلەر چۈشىسىلەر! دەھشەتلىك بىر شامال چىقىدۇ؛ ۋە مانا، تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، خەق سىلەردىن: «سىلەر بۇ تامنى سۇۋىغان ھاك سۇۋاق قېنى!» دەپ سورىمامدۇ؟ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز قەھرىم بىلەن دەھشەتلىك بىر شامال پارتلىتىپ چىقىرىمەن؛ مېنىڭ ئاچچىقىمدىن كەلكۈندەك بىر يامغۇر ۋە ھەممىنى ھالاك قىلىدىغان قەھرلىك مۆلدۈرلەر ياغىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەر ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقان تامنى غۇلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلىنى ئاشكارە قىلىپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ ئۇ غۇلاپ چۈشكەندە، سىلەر ئۇنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر؛ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. شۇنداق قىلىپ مەن قەھرىمنى تام ھەم ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ ۋە: «تام يوق بولدى، شۇنداقلا ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلار، يەنى يېرۇسالېم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچى، ھېچ تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ ئۇ توغرۇلۇق تىنچ-ئامانلىقنى كۆرسەتكەن «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ يوق بولدى» دەيمەن». شۇنداق قىلىپ مەن قەھرىمنى تام ھەم ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ ۋە: «تام يوق بولدى، شۇنداقلا ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلار، يەنى يېرۇسالېم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچى، ھېچ تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ ئۇ توغرۇلۇق تىنچ-ئامانلىقنى كۆرسەتكەن «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ يوق بولدى» دەيمەن».
”«ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە بېشارەت بەرگۈچى ئۆز خەلقىڭنىڭ قىزلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ
”سىلەر يالغانچىلىق بىلەن، ئۆزۈم ئازار بەرمىگەن ھەققانىي ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، شۇنداقلا رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قۇتقۇزۇشقا ئۇلارنى رەزىل يولىدىن ياندۇرماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قولىنى كۈچەيتكىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەر قۇرۇق «ئالامەت كۆزۈنۈش»لەرنى ئىككىنچى بولۇپ كۆرمەيسىلەر، ياكى يالغان پالچىلىق قىلمايسىلەر؛ مەن ئۆز خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر».
”ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنىڭ [قىلمىشلىرىنى] «ھاك سۇۋاق» بىلەن ئاقارتقان، «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەپ ساختا كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېلىپ، پال سېلىپ يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا سۆز قىلغان ئەمەس.
”شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ كەتكەنلىكىڭدىن، ئەمدى مانا، مەن يات ئادەملەر، يەنى ئەللەرنىڭ دەھشىتىنى ئۈستۈڭگە ئېپكېلىمەن؛ ئۇلار دانالىقىڭنىڭ پارلاقلىقىنى يوقىتىشقا قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ، شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ؛
”ئۇ قىلىچنىڭ زېمىن ئۈستىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كاناي چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا، كىمدىكىم كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىسا، قىلىچ كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتسە، ئەمدى ئۇنىڭ قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە بولىدۇ. ئۇ كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ قېنى ئۆزىگە بولىدۇ؛ ئۇ ئاگاھ ئالغان بولسا، جېنىنى قۇتقۇزغان بولاتتى. بىراق كۆزەتچى قىلىچنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، كاناي چالماي، خەلقنى ئاگاھلاندۇرمىسا، ئەمدى قىلىچ كېلىپ ئۇلار ئارىسىدىن بىراۋنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن مەن كۆزەتچىدىن ھېساب ئالىمەن.
”ئەمدى، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى دەپ بېكىتكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن خەۋەر ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن ئاگاھ يەتكۈزىسەن. مەن رەزىل ئادەمگە: «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، ۋە ئۆزۈڭ بۇ رەزىلنى يولىدىن ياندۇرۇشقا سۆز قىلماي ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ، ئۇ رەزىل ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. بىراق سەن رەزىلنى يولىدىن يېنىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرساڭ، ئۇ يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۆزۈڭ ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن.
”ئەمدى مەن رەزىلگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، بىراق ئۇ گۇناھىدىن يېنىپ، كۆز ئالدىمدا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرسە ــ رەزىل ئادەم قەرزگە كاپالەتكە ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە، بۇلاڭچىلىقتا ئالغاننى قايتۇرۇپ بەرسە قەبىھلىك سادىر قىلماي، ھايات بەلگىلىمىلىرىدە ماڭسا ئەمدى ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ.
”بىراق ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يولى بولسا ھەممىگە باراۋەر ئەمەس. ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى سادىر قىلسا، ئۇ بۇنىڭدا ئۆلىدۇ. رەزىل ئادەم ئۆز رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈرسە، بۇ ئىشلاردىن ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. لېكىن سىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم چىقىرىمەن!
”ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر. ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر. ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى. مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى.
”مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ. ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن.
”ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
”شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر، ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
”ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم.
”مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن.
”خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش! چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ،
”پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، «ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!) ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە، پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛ پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛ «ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ، پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛ چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ.
”[زىئوننىڭ] ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، ۋە: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» دېيىشىدۇ.
”مۇشۇ ئىشلارغا ئەمەل قىلىڭلار: ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار؛ دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار؛ ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
”چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە.
”پادىنى تاشلىۋەتكەن ئەرزىمەس پادىچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە ئوڭ كۆزىگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىكى پۈتۈنلەي يىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ.
”شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» دەيدۇ.
”چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر. ــ بىراق سىلەر يولدىن چەتنەپ كەتتىڭلار؛ سىلەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنىنى پۇتلىكاشاڭغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار؛ سىلەر لاۋىي بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغانسىلەر دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات-قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان.
”مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.
”مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.
”ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن. مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ.
”تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.
”ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.
”ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر.
”ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.
”ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان كىمدەكىم بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.
”ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان بېشارەتتىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ قاراشنى قارايسىلەر، بىراق كۆرمەيسىلەر.
”ئەمدى ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار: ئەگەر بىرى [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى [قەلبىدىكى] سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
”لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟
”«مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق. ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».
”لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ. سىلەر ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار كورلارغا يول باشلايدىغان كورلاردۇر. ئەگەر كور كورغا يول باشلىسا، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
”سىلەر قانداقمۇ مېنىڭ سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ مۇخلىسلار شۇندىلا ئۇنىڭ ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
”لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ پېترۇسقا قاراپ: ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭسەن، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، دېدى.
”ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى [ئېزىشتىن] قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى [گۇۋاھچىنى] ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. لېكىن ئەگەر [قېرىندىشىڭ] ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار.
”لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ: ئەي ساختىپەزلەر، مېنى نېمىشقا سىنىماقچىسىلەر؟
”بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ئەيسا توپ-توپ خالايىققا ۋە مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ [ھۆكۈم چىقىرىش] ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار. لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى باغلاپ ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. ئەمما ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىنى مىدىرلىتىشنى خۇشياقمايدۇ. ئۇلار ھەممە ئەمەللىرىنى ئىنسانلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ؛
”ئۇلار زىياپەتلەردە تۆردە، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان [ئۇزۇن] سالاملىرىغا ۋە ئۆزلىرىنى «ئۇستاز، ئۇستاز» دەپ ئاتاشلىرىغا ئامراق كېلىدۇ. بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار ۋە ھەممىڭلار قېرىنداشتۇرسىلەر. يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر. سىلەر «مۇئەللىم» دەپ ئاتىلىشنىمۇ قوبۇل قىلماڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا مۇئەللىم، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزى باردۇر؛ بەلكى ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. ئۆزىنى يۇقىرى تۇتماقچى بولغىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى يۇقىرى قىلىنىدۇ.
”بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر تۇل ئاياللارنىڭ مال-دۇنياسىنى يەۋاتىسىلەر، شۇنداقتىمۇ باشقىلار ئالدىدا تەقۋادار كۆرۈنسەك دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، سىلەر تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر بىرلا ئادەمنى ئېتىقادىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى كېزىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر.
”ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ۋەزىنلىك تەرەپلىرى بولغان ئادالەت، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىقنى ئېتىبارغا ھېچ ئالمايسىلەر. ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك. ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر [چىنەڭلەردىكى] پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسىلەر! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچى ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە ئىشرەتپەرەسلىككە تولغان. ئەي قارىغۇ پەرىسىي! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلا، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان لېكىن ئىچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە ھەرخىل ناپاك نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر. شۇنىڭدەك تېشىڭلاردىن ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ھەققانىي ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە ئىتائەتسىزلىك بىلەن تولغان.
”ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، ھەققانىيلارنىڭ مازارلىرىنى بېزەپ كېلىۋاتىسىلەر ۋە سىلەر: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈشلىرىگە شېرىك بولمايتتۇق» دەيسىلەر. شۇڭا سىلەر ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار. ئۇنداقتا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار باشلىغان قىلمىشلىرىنى تولۇقلاڭلار! ئەي يىلانلار! زەھەرلىك يىلانلارنىڭ نەسىللىرى! دوزاخ جازاسىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟ شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر. شۇنداق قىلىپ، ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە، ھەققانىيلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان بارلىق قان قەرزلىرى بۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلىدۇ.
”ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.
”شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ.
”چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى. مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
”ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
”ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
”ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ. ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
”ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يەشايا پەيغەمبەر سىلەر ساختىپەزلەر توغراڭلاردا ئالدىنئالا توپتوغرا بېشارەت بەرگەن! [ئۇنىڭ] يازمىسىدا پۈتۈلگەندەك: «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق؛ ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».
”چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر. ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار!
”چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنى ھەم ئازدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار. مانا، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
”ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
”ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، دېدى.
”ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ [بۇرۇنقى] ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان».
”ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى: قارىغۇ قارىغۇنى يېتىلەپ ماڭالامدۇ؟ ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىسى ئورەككە چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟ مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ.
”ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، [ئېتىقادتىن] تېيىلىپ كېتىدۇ. تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ.
”چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھاسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
”لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر.
”ئۇ مۇنداق دېدى: ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.
”ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
”لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ [قەلبىنىڭ] قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى. ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى.
”كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛
”لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.
”ئەيسا ئۇلارغا: بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭكىدۇر. ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.
”مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ دېدى. كۆپچىلىك: ساڭا جىن چاپلىشىپتۇ! سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ دېيىشتى.
”سىرتقى قىياپەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بەلكى ھەققانىي ھۆكۈم قىلىڭلار!
”شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.
”ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، دېدى.
”سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر.
”خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر!
”ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، دېدى ئەيسا. ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن: بىزمۇ كورمۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا: كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، دېدى.
”بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر. ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ. ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.
”لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ.
”گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى: «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟» خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، [دەيدۇ پەرۋەردىگار]». خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، [دەيدۇ پەرۋەردىگار]».
”بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
”ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.
”ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ.
”لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ.
”لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
”لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ.
”ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر.
”بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ئانانىياس، نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتىپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇردۇڭ؟ يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! دېدى.
”ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر!
”مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار!
”چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ، ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.
”مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» دېدى.
”چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا.
”(چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.
”ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛
”ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن!
”(چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ.
”ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە] يېزىلغىنىدەك: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن».
”يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر، خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر. ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى. مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛
”بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر.
”مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ
”چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى. چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى.
”شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.
”خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى».
”ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار.
”قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.
”چۈنكى خۇدا دانالىقى بىلەن بېكىتكىنى بويىچە، دۇنيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇدانى تونۇمىغان، شۇڭا خۇدا ئەخمىقانە دەپ قارالغان، جاكارلىنىۋاتقان سۆز-كالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىجاتلىق يەتكۈزۈشنى لايىق كۆرگەن. چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر. چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر.
”مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛ مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛ مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
”ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى.
”چۈنكى ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىدىن باشقا، خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى يوقتۇر. ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز بولسا بۇ دۇنيادىكى روھ ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن روھتۇر؛ دەل شۇنداق بولغاچقا بىز خۇدا تەرىپىدىن بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيمىز. بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس] روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز.
”ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر. روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ. چۈنكى كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟ ئەمما بىز بولساق مەسىھنىڭ ئوي-كۆڭلىگە ئىگىمىز.
”چۈنكى سېلىنغان ئۇلنى، يەنى ئەيسا مەسىھدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلنى سېلىشقا بولمايدۇ.
”ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر. چۈنكى بۇ دۇنيادىكى دانالىق خۇداغا نىسبەتەن ئەخمەقلىقتۇر؛ چۈنكى: «ئۇ دانىشمەنلەرنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىنىڭ تۇزىقىغا ئالىدۇ»، دەپ ۋە يەنە: «رەب دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ» دەپ پۈتۈكلۈكتۇر.
”شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىق [ھەق ئېلىش] ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر.
”يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى.
”[بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق] تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، [شۇنى بىلسۇنكى]، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر.
”چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. چۈنكى [رەبنىڭ] تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى. لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا [رەبنىڭ] ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر.
”ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن. قېرىنداشلار، ئەقىل-ھوشۇڭلاردا بالا بولماڭلار؛ يامانلىق جەھەتىدە بوۋاق بولۇڭلار، ئەمما ئەقىل-ھوشۇڭلاردا پىشقەدەم بولۇڭلار. تەۋراتتا: «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ دەيدۇ پەرۋەردىگار» دەپ پۈتۈلگەندۇر.
”چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار. ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار [تەرتىپكە] بويسۇنسۇن. ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر. خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟! بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن. بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
”ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر.
”ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟
”شۇنىڭ بىلەن شەيتان بىزدىن ھېچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەسمىز.
”ئەمما بىزنى مەسىھدە ھەمىشە تەنتەنە بىلەن غالىبانە باشلايدىغان، بىز ئارقىلىق ھەر يەردە ئۆزىگە دوست تارتقۇچى خۇشپۇراقنى چاچقۇچى خۇداغا تەشەككۈر! چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛ كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ چۈنكى بىز كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك خۇدانىڭ كالام-سۆزىنى سودا-سېتىق ئىشى قىلمايمىز؛ ئەكسىچە بىز سەمىمىيلىك بىلەن خۇدا ئالدىدا خۇدادىن [ئەۋەتىلگەنلەر] سۈپىتىدە مەسىھدە سۆزلەيمىز.
”ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ.
”ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ. ئەمما بۈگۈنگە قەدەر، مۇسانىڭ يازمىلىرى ئوقۇلغىنىدا شۇ چۈمپەردە يەنىلا قەلبىنى يېپىۋالماقتا. ئەمما ھەركىم رەبگە قاراپ بۇرۇلسا، چۈمپەردە ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
”ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز. ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.
”چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛ بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ئوي-خىياللارنى مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛ سىلەر تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، [ئاراڭلاردا] قانداق ئىتائەتسىزلىك قالغان بولسا بۇلارنى جازالاشقا تەييارمىز.
”ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن!
”چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر. بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىقنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرگۈزىۋېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىگە لايىق بولىدۇ.
”ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟
”سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن! ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس.
”لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!
”مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم. ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس. چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن.
”[شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى»] بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى. لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛
”بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاچقا، مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى؛ بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ [شۇ قېرىنداشلاردىن] ئۆزىنى تارتتى. ھەتتا باشقا يەھۇدىي [قېرىنداشلار] ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە دۇرۇس ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي تۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يات ئەللىكلەردەك ياشاۋاتىسەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سەن يات ئەللىكلەرنى يەھۇدىيلاردەك ياشاشقا زورلىماقچىمۇسەن؟» دېدىم،
”ئى ئەقىلسىز گالاتىيالىقلار، كۆز ئالدىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئېنىق سۈرەتلەنگەن، ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن، كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن ئازدۇرۇپ سېھىرلىدى؟
”قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس.
”خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن. ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ.
”شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛ ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛
”شۇڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، رەبتە ئۇنى تاپىلايمەنكى، يات ئەللەرنىڭكىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىمەنىلىكىدە ماڭغىنىدەك مېڭىۋەرمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىدىن كېلىپ چىققان بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ ھاياتىدىن ئادا-جۇدا قىلىنىپ، چۈشەنچىسى قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن،
”شۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى سېلىۋېتىپ، ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى؛ چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن بىر تەننىڭ ئەزالىرىدۇرمىز.
”ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار.
”ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
”چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار (چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)، نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار.
”قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛
”چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر.
”ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار. ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر. ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛
”مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر
”مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛
”ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛
”ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر [گۇناھلىق] ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛
”ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر (بۇنداق [بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى] نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛ ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە [بۇنداق دانالىقنىڭ] پايدىسى يوقتۇر ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس.
”بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر، ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛
”ھەممە گەپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ كۆرۈڭلار؛ دۇرۇس بولسا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ [قولدىن بەرمەڭلار].
”بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «[چوڭ] يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ.
”«قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر. شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمنى چىڭ تۇتۇڭلار!
”ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار.
”ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا، سەندىن ئۆتۈنگىنىمدەك [شۇنى يەنە ئۆتۈنىمەنكى]، [شۇ يەردىكى] بەزى كىشىلەرگە بىدئەت تەلىملەرنى ئۆگەتمەڭلار دەپ تاپىلىشىڭ ئۈچۈن سەن داۋاملىق ئەفەسۇس شەھىرىدە قالغىن؛ ئۇلارنىڭ ئەپسانىلەر ۋە ئايىغى يوق نەسەبنامىلەرگە بەند بولماسلىقىنى تاپىلىغىن؛ بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس. ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
”چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ. چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر. ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى. مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم.
”[جامائەت سورۇنلىرىدا]، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى [ھاۋائانا] ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى.
”ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ. بۇنداق [تەلىم بەرگۈچىلەر] ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛
”بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ. ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن.
”بۇ ئىشلارنى [جامائەتكە] توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول. مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. [جامائىتىڭنىڭ] ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، [خۇدانىڭ] ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما. بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ. ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن.
”جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ۋە: «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن.
”ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، ئاقساقال ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما. ئەگەر [ئاقساقاللاردىن] بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن. خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن. بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە؛ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن
”ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا، ئۇنداقلار دەۋەقە كۆرەڭلەپ كەتكەن، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىندۇر. ئۇلار نىزا-مۇنازىرە پەيدا قىلىشقا ۋە گەپ تالىشىشقا ھېرىسمەن؛ بۇنداق ئىشلاردىن ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، رەزىل گۇمانخورلۇق ھاسىل بولىدۇ، ھەمدە نىيىتى چىرىكلەشكەن، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىخلاسمەنلىكنى پايدا-تاپاۋەتنىڭ بىر يولى دەپ قارايدۇ.
”ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان [ھەقىقەتلەرنى] قوغدا. ئۆزۈڭنى ئىخلاسسىز، قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە ئاتالمىش ئىلىمنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن نېرى تۇتقىن. بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە [ئىلىمگە] ئېگىمەن دەپ جاكارلاپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى. مېھىر-شەپقەت سىلەرگە يار بولغاي!
”بۇ ئىشلارنى داۋاملىق [قېرىنداشلارنىڭ] سەمىگە سېلىپ، ئۇلارنى رەب ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماسلىقنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى نابۇت قىلىدۇ.
”ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛ لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ.
”مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛ ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ. ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر.
”لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى ئۆز مۇددىئاسىغا ئەمەل قىلىشقا تۇتقۇن قىلغان ئىبلىسنىڭ تۇزىقىدىن قۇتۇلالايدۇ.
”ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.
”چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ. بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ.
”ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ [ئازدۇرغۇچىلارمۇ] ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر. لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى [ياننىس بىلەن يامبرىس]نىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ.
”دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ.
”لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.
”[خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن. چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ.
”ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار. ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا. شۇلاردىن بىرى، يەنى [كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ] ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن. بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن. بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن. پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە پاك؛ لېكىن بۇلغانغان ناپاكلار ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە پاك ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر.
”لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن.
”شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.
”شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ.
”قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ.
”بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى [قۇرۇق گەپلەر]، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر. ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛ چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن.
”بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن [ھەقىقىي يولدىن] تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ [جازادىن] قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛
”ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛
”شۇنداقلا ئۇ كىملەرگە ئۆز ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيسىلەر دەپ قەسەم قىلدى؟ ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلارنىڭ [ئاراملىققا] كىرمەسلىكى ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىدى).
”چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.
”چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا.
”ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟
”ئويغاق تۇرۇڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن؛ ئاراڭلاردا سىلەرگە ئىش تاپقۇزۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىدىغان، شۇنداقلا كۆپ ئادەملەرنى بۇلغاپ ناپاك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆچ-ئاداۋەت يىلتىزى ئۈنمىسۇن. ئاراڭلاردا ھېچبىر بۇزۇقلۇق قىلغۇچى ياكى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن. چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن [ئاتىسىنىڭ] خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئۇ [بۇ ئىشلارنى ئورنىغا] [كەلتۈرىدىغان] توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي، رەت قىلىندى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى [قۇربانلىققا خاس] يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس.
”چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر. بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.
”ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ.
”قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردىن كۆپ كىشى تەلىم بەرگۈچى بولىۋالماڭلار! چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بىز [تەلىم بەرگۈچىلەر] باشقىلاردىن تېخىمۇ قاتتىق سوراققا تارتىلىمىز. چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. [ھالبۇكى]، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ.
”شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل [تېنىمىزنىڭ] كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار! تىل دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!
”ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر. ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر.
”چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: «كىمكى ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كۆرگۈچى بولاي دېسە، تىلىنى يامانلىقتىن تارتسۇن، لەۋلىرى مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
”بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار. ھەردائىم ۋىجدانىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ تۆھمەت قىلغانلار سىلەرنىڭ مەسىھدە بولغان پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.
”ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛ سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ.
”شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر.
”لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ.
”چۈنكى ئەگەر ئۇلار رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ پاسىقلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇلارغا يەنە باغلىنىپ، بويسۇندۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ. چۈنكى ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى ئەسلىدىنلا بىلمىگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
”بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
”شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، [مەن ئېيتقان] بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. ئەكسىچە، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار. ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن!
”ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.
”بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. «ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز. «خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا [ئەيسانىڭ] ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك.
”سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم؛ سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر.
”سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى. خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر: ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ. ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس. بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى.
”ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ. بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز.
”(مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر.
”چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى. ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە دەججالدۇر. بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار.
”كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.
”بۇ توغرۇلۇق جامائەتكە مەكتۈپ يازدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، جامائەتكە باش بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوترەپەس بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قىلغان رەزىل سۆزلىرى بىلەن غەيۋىتىنى يۈزىگە سالىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، يەنە [سەپەردىكى] قېرىنداشلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي، قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنىمۇ توسىدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ.
”ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىجاتىمىز توغرىسىدا خەت يېزىشقا زور ئىشتىياقىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى. چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر.
”ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.
”ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن.
”لېكىن ساڭا شۇ بىرنەچچە ئېتىرازىم باركى، ئاراڭلاردا بالائامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەردىن بەزىلەر بولماقتا بالائام بولسا بالاققا ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىنى تۇتقانلارمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن.
”لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.
”سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم! سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن. سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە،
”مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل.
”شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى. ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى! چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛ قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.
”ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار!
”ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ، توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛ چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى، بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛
”ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.
”پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى. ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر.
”ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ.
”لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».
”ھەرقانداق ھارام نەرسە ۋە ھەرقانداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغۇچى ياكى يالغانچىلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.
”شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.
”مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
”