23 – مۇھەببەت

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: مۇھەببەت.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

لۇقا 6:27-29

ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن.

يۇھاننا «1» 4:7-11

ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا بولدىكى، خۇدا بىزنى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى. مېھىر-مۇھەببەت دەل شۇنىڭدىن ئايانكى، بىزلەرنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى بىزنى سۆيۈپ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت بولۇشقا ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكىنى بىلەن ئاياندۇر. ئى سۆيۈملۈكلىرىم، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قەرزداردۇرمىز.

ئايۇپ 6:14

ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 326 ئابزاسلار

يارىتىلىش 2:24

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ.

يارىتىلىش 29:20

ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا پەقەت بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى.

مىسىردىن چىقىش 20:12

ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.

مىسىردىن چىقىش 20:17

سەن قوشناڭنىڭ ئۆي-ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما.

مىسىردىن چىقىش 23:4-5

دۈشمىنىڭنىڭ كالا يا ئېشىكى ئېزىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئىگىسىگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بەر. ئەگەر ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يۈكنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلىماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ زۆرۈر.

مىسىردىن چىقىش 34:6

پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر،

لاۋىيلار 19:17-18

سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا [گۇناھ بولسا] سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن. سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

لاۋىيلار 19:34

بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىدەك بولسۇن؛ ئۇنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانسىلەر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

لاۋىيلار 25:35-37

ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن. سەن ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ۋە ياكى پايدا ئالمىغىن؛ سەن خۇدايىڭدىن قورقۇپ، قېرىندىشىڭنى قېشىڭدا تۇرۇشقا قويغىن. پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا ئۆسۈمگە بەرمە، ئاشلىقىڭنىمۇ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمىگىن.

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 12:3

مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى.

قانۇن شەرھى 6:5

سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.

قانۇن شەرھى 7:9-10

شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ.

قانۇن شەرھى 10:18-19

ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر. شۇڭا سىلەرمۇ مۇساپىرنى سۆيۈشۈڭلار كېرەك؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر ئىدىڭلار.

قانۇن شەرھى 11:1

ئەمدى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيگىن، ئۇنىڭ تاپىلىغىنى، بەلگىلىمىلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى ھەم ئەمرلىرىنى ئىزچىل تۇتقىن.

قانۇن شەرھى 11:13

شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار،

قانۇن شەرھى 13:3

شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ.

قانۇن شەرھى 15:10-11

سەن چوقۇم ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن بەرگىن؛ ئۇنىڭغا بەرگىنىڭدە كۆڭلۈڭدە نارازى بولما؛ چۈنكى بۇ ئىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بارلىق ئىشلىرىڭدا ۋە قولۇڭدىكى بارلىق ئەمگىكىڭدە بەرىكەتلەيدۇ. چۈنكى كەمبەغەللەر زېمىندىن يوقاپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ساڭا: «سەن سېخىيلىق بىلەن زېمىندىكى قېرىندىشىڭغا، يەنى سېنىڭ نامراتلىرىڭغا ۋە ھاجەتمەنلىرىڭگە قولۇڭنى ئاچقىن» دەپ تاپىلىدىم.

قانۇن شەرھى 16:17

بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا تەقدىم قىلغان بەرىكىتى بويىچە ھەربىرى قولىدىن كېلىشىچە سۇنسۇن.

قانۇن شەرھى 30:6

پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن سۆيۈشكە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قەلبىڭنى ۋە نەسىللىرىڭنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھايات ياشايسىلەر.

قانۇن شەرھى 30:20

پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن».

يەشۇئا 22:5

پەقەتلا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا سىلەرگە بۇيرۇپ تاپشۇرغان قانۇن-ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭلار، دېدى.

سامۇئىل «1» 2:3

ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار، يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم-ھىدايەتكە ئىگە خۇدادۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ.

سامۇئىل «1» 18:1-4

داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقاندا، يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيدى. سائۇل بولسا ئۇ كۈنى ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدى. يوناتان داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلىشتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. يوناتان ئۇچىسىدىكى توننى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، يەنە جەڭ كىيىملىرىنى، جۈملىدىن ھەتتا قىلىچى، ئوقياسى ۋە كەمىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى.

سامۇئىل «1» 20:41-42

غۇلام كەتكەندىن كېيىن داۋۇت [تاشنىڭ] جەنۇب تەرىپىدىن چىقىپ يەرگە يىقىلىپ ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيۈشتى، بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشتى، بولۇپمۇ داۋۇت قاتتىق يىغلىدى. يوناتان داۋۇتقا: سەپىرىڭ تىنچ-ئامان بولسۇن؛ چۈنكى بىز ئىككىمىز: پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا ۋە مېنىڭ نەسلىم بىلەن سېنىڭ نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈگە گۇۋاھ بولسۇن، دەپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەن، دېدى. داۋۇت ئورنىدىن قوپۇپ ماڭدى، يوناتانمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتتى.

ئايۇپ 6:14

ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.

زەبۇر 25:6-7

ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛ مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛

زەبۇر 25:9

مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ.

زەبۇر 25:10

ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر.

زەبۇر 31:23

پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار، ئى ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگار ئۆزىگە سادىقلارنى قوغدايدۇ، ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ!

زەبۇر 36:5-7

ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ! ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك، ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛ سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ.

زەبۇر 40:11

ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي!

زەبۇر 41:1-3

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: غېرىب-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئېغىر كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پاناھ بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ، ئۇنى ئامان ساقلايدۇ؛ ئۇ زېمىندا تۇرۇپ بەختىيار ياشايدۇ؛ سەن ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىختىيارىغا چۈشۈرمەيسەن! ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن.

زەبۇر 51:1

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ [كۈي] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن!

زەبۇر 69:16

دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛

زەبۇر 86:5

چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن!

زەبۇر 86:15

ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ.

زەبۇر 101:5

كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛

زەبۇر 103:8-12

پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۇزۇنغىچە ئەيىبلەۋەرمەيدۇ، ياكى تا مەڭگۈگە غەزىپىدە تۇرىۋەرمەيدۇ. ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس، بىزگە قەبىھلىكلىرىمىزگە قارىتا تېگىشلىكىنى ياندۇرغان ئەمەس. ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر. شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى.

زەبۇر 103:17

لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر.

زەبۇر 107:1

ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى!

زەبۇر 107:8-9

ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى، ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى.

زەبۇر 117:2

چۈنكى بىزگە باغلىغان ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى غەلىبىلىكتۇر؛ ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى مەڭگۈلۈكتۇر! ھەمدۇسانا!

زەبۇر 133:1

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر!

زەبۇر 136:26

ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!

زەبۇر 145:8-9

خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر پەرۋەردىگار ھەممىگە ئىلتىپات قىلار، بارلىق يارتقانلىرىغا رەھىمدىل بولار

زەبۇر 147:6

پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 3:3

مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتىۋال.

پەند-نەسىھەتلەر 5:15-20

ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان. بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە [بولامدۇ]؟ ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟ بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن! بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان. ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن. ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟ نېمىشقا يات خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟

پەند-نەسىھەتلەر 6:16-19

پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول، سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار، يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 8:13

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن.

پەند-نەسىھەتلەر 8:17

كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛

پەند-نەسىھەتلەر 10:12

ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.

پەند-نەسىھەتلەر 11:2

تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار.

پەند-نەسىھەتلەر 11:17

رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار.

پەند-نەسىھەتلەر 11:24-25

بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار. مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار.

پەند-نەسىھەتلەر 13:24

تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار.

پەند-نەسىھەتلەر 14:21

يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار.

پەند-نەسىھەتلەر 14:31

مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛ ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 15:1

مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار.

پەند-نەسىھەتلەر 15:25

پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار.

پەند-نەسىھەتلەر 16:5-6

تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس. مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.

پەند-نەسىھەتلەر 16:18-19

مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلەر، تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئاۋۋال كېلەر. كەمتەر بولۇپ مىسكىنلەر بىلەن باردى-كەلدىدە بولۇش، تەكەببۇرلار بىلەن ھارام مال بۆلۈشكەندىن ئەۋزەلدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 16:24

يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر؛ كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىپ تەنگە داۋادۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 17:9

باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆزلەر؛ كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار.

پەند-نەسىھەتلەر 17:17

[ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 18:21

ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر.

پەند-نەسىھەتلەر 18:24

دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛ لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 19:17

كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى [پەرۋەردىگار] قايتۇرار.

پەند-نەسىھەتلەر 19:22

كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 21:3-4

پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ھەققانىيلىق بىلەن ئادالەت يۈرگۈزۈش قۇربانلىق قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ھەممىسى گۇناھتۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 21:13

مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس.

پەند-نەسىھەتلەر 21:21

ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر.

پەند-نەسىھەتلەر 21:23-24

ئۆز تىلىغا، ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، جېنىنى ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلاپ قالار. چوڭچىلىق قىلغانلار، «ھاكاۋۇر»، «ھالى چوڭ»، «مازاقچى» ئاتىلار.

پەند-نەسىھەتلەر 22:9

سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 22:10-11

ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر. پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار.

پەند-نەسىھەتلەر 25:21-22

دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، نان بەر؛ ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛ شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 28:27

نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى موھتاجلىق تارتماس؛ لېكىن ھاجەتمەننى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان كىشى كۆپلىگەن قارغىشقا ئۇچرار.

پەند-نەسىھەتلەر 29:22

تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 29:23

مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر.

پەند-نەسىھەتلەر 30:18-19

مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 31:8-9

ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل. سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل، ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول.

ھېكمەت توپلىغۇچى 7:9

روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما؛ چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلەرنىڭ باغرىدا قونۇپ ياتىدۇ.

كۈيلەرنىڭ كۈيى 1:1-4

«كۈيلەرنىڭ كۈيى» سۇلايماننىڭ كۈيى. «ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن؛ چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر. خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛ قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛ شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ. كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!» «بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 1:9-16

«ئى سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىلغان بىر بايتالغا ئوخشاتتىم؛ سېنىڭ مەڭزىلىرىڭ تىزىلغان مۇنچاقلار بىلەن، بوينۇڭ مارجانلار بىلەن گۈزەلدۇر. بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز». «پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر، ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر». «مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم! مانا، سەن شۇنداق گۈزەل! كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!» «مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛ بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛ بىزنىڭ ئورۇن-كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛

كۈيلەرنىڭ كۈيى 2:1-9

مەن بولسام شارۇن ئوتلىقىدىكى زەپىران، خالاس؛ جىلغىلاردا ئۆسكەن بىر نىلۇپەر، خالاس!» «تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك، مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!». «ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك، ئوغۇل بالىلار ئارىسىدىدۇر مېنىڭ ئامرىقىم. ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم؛ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى؛ ئۇ مېنى شارابخانىغا ئېلىپ كىردى؛ ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر. مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار؛ چۈنكى مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلاۋاتىدۇ. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» «سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! تاغلاردىن سەكرەپ، ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ! مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛ مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، ئۇ پەنجىرە-پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 2:10-17

«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛ چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى، يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛ يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛ ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى، زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛ ئەنجۈر دەرىخى قىشلىق ئەنجۈرلىرىنى پىشۇرماقتا، ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ ئۆز پۇرىقىنى چاچماقتا؛ ئورنۇڭدىن تۇر، مېنىڭ ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن! ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، قىيا دالدىسىدا، ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!» «تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى، يەنى ئۈزۈمزارلارنى بۇزغۇچى كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇۋالايلى؛ چۈنكى ئۈزۈمزارلىرىمىز چېچەكلىمەكتە». «سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر، مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن؛ ئۇ نىلۇپەرلەر ئارىسىدا پادىسىنى بېقىۋاتىدۇ». «تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم، ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 3:5-6

«ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار». «بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟»

كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:1-7

«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم! مانا، سەن گۈزەل! چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن، چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىن، ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر. لەۋلىرىڭ پەرەڭ تال يىپتەك، گەپلىرىڭ يېقىملىقتۇر؛ چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. بوينۇڭ بولسا، قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر. ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر، نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛ تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن. سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، سەندە ھېچ داغ يوقتۇر».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:9-16

«سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم، كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن، بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن، كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ. سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭ شارابتىن شۇنچە شېرىن! سېنىڭ ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى ھەرقانداق تېتىتقۇدىن پەيزىدۇر! لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ، تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛ سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن. شاخلىرىڭ بولسا بىر ئانارلىق «ئېرەن باغچىسى»دۇر؛ ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن، سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى، مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار. باغلاردا بىر فونتان سەن، ھاياتلىق سۇلىرىنى بېرىدىغان، لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن». «ئويغان، شىمالدىكى شامال؛ كەلگىن، ئى جەنۇبتىكى شامال! مېنىڭ بېغىم ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەي؛ شۇنىڭ بىلەن تېتىتقۇلىرى سىرتقا پۇراق چاچىدۇ! سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا كىرسۇن! ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مېۋىلىرىنى يېسۇن!»

كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:1-4

«مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم، مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ جۆرەم؛ مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم، ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛ شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم». «دوستلىرىم، يەڭلار! ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!» «مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، بىراق كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى: سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ: «ماڭا ئېچىپ بەر، ئى سىڭلىم، ئى ئامرىقىم؛ مېنىڭ پاختىكىم، مېنىڭ غۇبارسىزىم؛ چۈنكى بېشىم شەبنەم بىلەن، چاچلىرىم كېچىدىكى نەملىك بىلەن ھۆل-ھۆل بولۇپ كەتتى!» «مەن تۆشەك كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەن، قانداقمۇ ئۇنى يەنە كىيىۋالاي؟ مەن پۇتلىرىمنى يۇدۇم، قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە بۇلغاي؟» سۆيۈملۈكۈم قولىنى ئىشىك تۆشۈكىدىن تىقتى؛ مېنىڭ ئىچ-باغرىلىرىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەتتى؛

كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:8-9

ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار، ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ئۇنىڭغا، سۆيگىنىڭ: «مەن مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم! دېدى، دەڭلار». «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار، ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:10-16

«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت، ئون مىڭ ئارىسىدا تۇغدەك كۆرۈنەرلىكتۇر؛ ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىندۇر، بۇدۇر چاچلىرى ئاتنىڭ يايلىدەك، تاغ قاغىسىدەك قارا. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېقىنلار بويىدىكى پاختەكلەردەك، سۈت بىلەن يۇيۇلغان، يارىشىقىدا قويۇلغان؛ ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛ ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر، ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ؛ ئۇنىڭ قوللىرى ئالتۇن تۇرۇبىلار، ئىچىگە بېرىل ياقۇتلار قۇيۇلغان. قورسىقى نەقىشلىك پىل چىشلىرىدىن ياسالغان، كۆك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن. ئۇنىڭ پۇتلىرى مەرمەر تۈۋرۈكلەر، ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن. ئۇنىڭ سالاپىتى لىۋاننىڭكىدەك، كېدىر دەرەخلىرىدەك كۆركەم-ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر؛ بەرھەق، ئۇ پۈتۈنلەي گۈزەلدۇر؛ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، بەرھەق، بۇ مېنىڭ ئامرىقىم، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى!»

كۈيلەرنىڭ كۈيى 6:3

مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ۋە سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ»

كۈيلەرنىڭ كۈيى 6:5

ئاھ، كۆزلىرىڭنى مەندىن كەتكۈزگىن! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىۋاتىدۇ؛ چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر.

كۈيلەرنىڭ كۈيى 7:1-9

«ئى شاھزادىنىڭ قىزى، كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل! تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك، چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر. كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛ ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛ قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر، ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ. ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛ بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛ ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛ بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر، پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر. ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن! سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر. مەن: «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...». مەن: «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 7:10-13

مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ». «ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، ئېتىزلارغا چىقايلى؛ يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى، ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى، ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى، چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى، ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛ ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن. مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛ ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛ سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!»

كۈيلەرنىڭ كۈيى 8:3

ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 8:4-5

«سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى «ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» «دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى».

كۈيلەرنىڭ كۈيى 8:6-7

«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر! كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ».

يەشايا 2:11-12

چۈنكى ئادەمنىڭ تەكەببۇر كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى پەس قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)،

يەشايا 32:8

پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ.

يەشايا 50:6

دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا، مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛ خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛

يەشايا 53:3-7

ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق! لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى. ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى.

يەشايا 58:7

ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟

يەشايا 58:10

جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ، شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛ زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛

يەشايا 63:7

«مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى، ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى، ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛

يەرەمىيا 31:3

پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن.

يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 3:22-23

توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى، ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر!

دانىيال 9:4

مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم!

ھوشىيا 2:19-20

شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن.

مىكاھ 6:8

ئى ئىنسان، ئۇ ساڭا نېمە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، بەرھەق، پەرۋەردىگار سەندىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى ئادالەتنى يۈرگۈزۈش، مېھرىبانلىقنى سۆيۈش، سېنىڭ خۇدايىڭ بىلەن بىللە كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشىڭ بولسۇن؟

زەفانىيا 2:3

پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛ ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛ ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر.

زەفانىيا 3:17

پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ.

زەكەرىيا 7:9-10

«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار، تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن.

ماتتا 5:3-12

مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ. مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر. مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ. مۇبارەك، رەھىمدىللار! چۈنكى ئۇلار رەھىم كۆرىدۇ. مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار! چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ. مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى! چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.

ماتتا 5:22-24

بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ [خۇداغا] ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە، ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا.

ماتتا 5:38-42

سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دەپ بۇيرۇلغىنىنى ئاڭلىغانسىلەر. بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. كىمدەكىم ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ ۋە بىرسى ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭنىمۇ بەر. بىرسى ساڭا [يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ] مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ. بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر. بىرسى سەندىن ئۆتنە-يېرىم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بوينۇڭنى تولغىما.

ماتتا 5:43-48

سىلەر «قوشناڭنى سۆيگىن، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دەپ ئېيتىلغاننى ئاڭلىغان. بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار.

ماتتا 6:1-4

ھېزى بولۇڭلاركى، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر. شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن سەن، خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن. شۇنىڭ بىلەن خەير-ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ.

ماتتا 6:14-15

چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.

ماتتا 6:24

ھېچكىم [بىرلا ۋاقىتتا] ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

ماتتا 7:1-5

باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇنداقتا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، [خۇدامۇ] سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ. ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.

ماتتا 7:12

شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر.

ماتتا 11:28-30

ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.

ماتتا 18:3-4

ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ.

ماتتا 18:12-14

قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر.

ماتتا 18:15

ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى [ئېزىشتىن] قايتۇرۇۋالغان بولىسەن.

ماتتا 18:21-22

ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم!

ماتتا 19:19

ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېدى.

ماتتا 19:21

ئەيسا ئۇنىڭغا: ئەگەر مۇكەممەل بولۇشنى خالىساڭ، بېرىپ بار-يوقۇڭنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن، دېدى.

ماتتا 20:16

شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ.

ماتتا 20:26-28

بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.

ماتتا 22:37-39

ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي».

ماتتا 23:11-12

بەلكى ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. ئۆزىنى يۇقىرى تۇتماقچى بولغىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى يۇقىرى قىلىنىدۇ.

ماتتا 25:34-40

ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار! چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ماتتا 25:41-45

ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ماتتا 26:7

بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى.

ماتتا 26:39

سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، دېدى.

ماركۇس 9:35

ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، دېدى.

ماركۇس 10:43-45

بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمايدۇ؛ بەلكى سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ ۋە كىم ئاراڭلاردا بىرىنچى بولۇشنى ئىستىسە، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى.

ماركۇس 11:25-26

ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.

ماركۇس 12:30-33

پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن». مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ئەمر. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا: «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». ھېچقانداق ئەمر بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭغا: توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، ھەقىقەت بويىچە سۆزلىدىڭىز؛ چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر؛ ئىنساننىڭ ئۇنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم باشقا قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىنمۇ ئارتۇقتۇر.

ماركۇس 14:3

ئەمدى ئۇ بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئاق قاشتېشى شىشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئايال ئاق قاشتېشى شېشىنى چېقىپ، ئەتىرنى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى.

لۇقا 3:11

ئۇ جاۋابەن: ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، دېدى.

لۇقا 6:27-31

ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن. بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما. باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

لۇقا 6:32-34

ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقدا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ!

لۇقا 6:35-38

لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ. ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر. بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ.

لۇقا 7:37-38

ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى. ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى.

لۇقا 7:41-47

ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن. لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ دەپ سورىدى ئەيسا. سىمون جاۋابەن: مېنىڭچە، [قەرزى] كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، دېدى. توغرا ھۆكۈم قىلدىڭ، دېدى ئەيسا. ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا: بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ مەن ئۆيۈڭگە كىرگىنىم بىلەن، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ؛ لېكىن ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى ۋە چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى. سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، دېدى.

لۇقا 10:27

ھېلىقى كىشى جاۋابەن: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېدى.

لۇقا 10:30-37

ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ. ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق [روھانىي] بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. ئەتىسى يولغا چىققاندا، ئىككى كۈمۈش دىنارنى ئېلىپ سارايۋەنگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىقىم بولسا، قايتىشىمدا سىزگە تۆلەيمەن» دەپتۇ. [ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن]: سېنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ھېلىقى كىشىگە [ھەقىقىي] قوشنا بولغان؟ دەپ سورىدى. ــ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن كىشى، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداق بولسا، سەن ھەم بېرىپ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلغىن، دېدى.

لۇقا 14:8-11

ــ بىرسى سېنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلسا، تۆردە ئولتۇرمىغىن. بولمىسا، سەندىن ھۆرمەتلىكرەك بىرسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا، ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن. لېكىن سەن چاقىرىلغاندا، بېرىپ پەگاھدا ئولتۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ: «ئەي دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ» دېيىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ساڭا ئىززەت بولىدۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ.

لۇقا 14:12-14

ئۇ ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: مېھماننى تاماققا ياكى زىياپەتكە چاقىرغىنىڭدا، دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭنى چاقىرمىغىن. چۈنكى ئۇلارمۇ سېنى مېھمانغا چاقىرىپ، مەرھەمىتىڭنى قايتۇرۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن ۋە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالى يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ قايتا تىرىلگەن كۈنىدە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلىدۇ.

لۇقا 15:20-24

شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ. ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ. بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ.

لۇقا 16:13

ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

لۇقا 17:4

مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن.

لۇقا 18:14

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن [پەرىسىي] ئەمەس، بەلكى [باجگىر] كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر.

لۇقا 19:8

لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، دېدى.

لۇقا 21:3-4

شۇنىڭ بىلەن ئۇ: مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى.

لۇقا 22:26-27

بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار [ھەممەيلەنگە] خىزمەتكاردەك بولسۇن. كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن.

لۇقا 22:33

ــ ئى رەب، دېدى پېترۇس، مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن!

لۇقا 23:34

ئەيسا: ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.

يۇھاننا 3:16-17

چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى.

يۇھاننا 3:30

ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر.

يۇھاننا 10:17

ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن.

يۇھاننا 11:35-36

ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. يەھۇدىي خەلقى: قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! دېيىشتى.

يۇھاننا 12:3

مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى.

يۇھاننا 13:1

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى.

يۇھاننا 13:5

ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى.

يۇھاننا 13:14-17

ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر!

يۇھاننا 13:23

ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى.

يۇھاننا 13:34-35

سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ.

يۇھاننا 14:15

ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.

يۇھاننا 14:21

كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن».

يۇھاننا 14:23-24

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بىركىم مېنى سۆيسە، سۆزۈمنى تۇتىدۇ؛ ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ ۋە [ئاتام] بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز. مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر.

يۇھاننا 15:9-15

ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار. ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر. مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر. سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.

يۇھاننا 15:17

سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.

يۇھاننا 16:27

چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار.

يۇھاننا 17:23

يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ.

يۇھاننا 17:26

ۋە مەن سېنىڭ نامىڭنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ۋە يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولىدۇ ۋە مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.

يۇھاننا 21:15-17

ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ دەپ سورىدى. شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! دېدى. ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، دېدى. ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ دەپ سورىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:44-46

پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى. ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ،

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:34-35

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:59-60

ئۇلار ئىستىپاننى چالما-كېسەك قىلغىنىدا ئۇ: ئى رەب ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! دەپ نىدا قىلدى. ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:32-33

ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى».

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:35

بۇنداق قىلىپ ھەربىر ئىشلاردا مەن سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر-ئەمگەك ئارقىلىق ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا رەب ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ بەختلىكتۇر» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسەتتىم.

رىملىقلارغا 5:5-10

ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى. چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟!

رىملىقلارغا 8:35-37

كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟ [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز». بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛

رىملىقلارغا 8:38-39

شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.

رىملىقلارغا 12:3

ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.

رىملىقلارغا 12:9-13

مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار. ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار. ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛

رىملىقلارغا 12:14-18

سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار. ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛

رىملىقلارغا 12:19-21

ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، [يامانلىق] مەن قايتۇرىمەن». شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن». يامانلىق ئالدىدا باش ئەگمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.

رىملىقلارغا 13:8-10

بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن [كىشى] ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر.

رىملىقلارغا 14:1

ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار.

رىملىقلارغا 14:10-12

ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ». شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز.

رىملىقلارغا 14:13-15

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىككىنچى بىرى بولمايلى. بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ھۆكۈم-قارارغا كېلىڭلاركى، ھەرقانداق قېرىنداشقا گۇناھقا يىقىتىدىغان بىر نەرسىنى ياكى تۇزاقنى قويماسلىق كېرەك. رەببىمىز ئەيسادا بولغانلىقىمدىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرۈلۈپ بىلىمەنكى، ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن ھارام ئەمەستۇر؛ لېكىن بىر نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۇنىڭغا ھارامدۇر. ئەگەر يېمەكلىكىڭ تۈپەيلىدىن قېرىندىشىڭنى ئازابقا قويغان بولساڭ، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسەن. مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ئۆلگەن، بۇ [قېرىندىشىڭنى] يېمەكلىكىڭ بىلەن نابۇت قىلما!

رىملىقلارغا 14:19

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى.

رىملىقلارغا 15:1-7

ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى. چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن [خۇدانى] ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى». چۈنكى بۇرۇندا [ۋەھىي بىلەن] پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛ بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر. شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار.

رىملىقلارغا 16:16

بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام!

رىملىقلارغا 16:17-18

قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:9

ھالبۇكى، [تەۋراتتا] پۈتۈلگەنندەك: «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر».

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:7

ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاراڭلاردا دەۋالارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەيىبتۇر. نېمىشقا ئۇۋالچىلىققا چىدىمايسىلەر؟ نېمىشقا ناھەقچىلىككە يول قويمايسىلەر؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 7:1-5

ئەمدى ھازىر سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا كېلەيلى، «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر». دۇرۇس. ئەمما بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بولسۇن، ھەربىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بولسۇن. ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن. ئايال ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئېرى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەر ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئايالى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 9:19

چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆپچىلىككە قۇل قىلدىم؛ شۇ يول بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزسام دەيمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:24

ئەمدى ھېچكىم ئۆز مەنپەئەتىنى ئىزدىمىسۇن، بەلكى ئۆزگىلەرنىڭكىنى ئىزدىسۇن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 10:32-33

مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار. مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار. مەن ئۆزۈم ھەممەيلەننى ھەممە ئىشتا مەمنۇن قىلىشقا ئىنتىلگىنىمدەك، ئۆز مەنپەئەتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتىلگىنىمدەك، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلار بولسۇن، خۇدانىڭ جامائىتىدىكىلەر بولسۇن ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار. مەن مەسىھنى ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:25-26

بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر. بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 13:1-8

مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن. ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى [خۇدانىڭ يولىدا] قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ. مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛ ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛ ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ [خۇداغا] ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: [مۆجىزىلىك] بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 13:13

ھازىر ئىشەنچ، ئۈمىد، مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە تۇرۇپتۇ؛ بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:1

مېھىر-مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ ئۇنى قوغلىشىڭلار ۋە ھەم روھىي ئىلتىپاتلارغا، بولۇپمۇ بېشارەت بېرىشكە ئىنتىزار بولۇڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 16:14

سىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىنسۇن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:14-15

چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:4-10

بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا، قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ-توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا، پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى بىلەن، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن، ھەم ئىززەت-شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە [ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق]؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي-سادىق بولۇپ، نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھورمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق-يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛ دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:2-5

ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە، ھەتتا كۈچىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت قىلغانلىقىغا ئۆزۈم گۇۋاھ. ئۇلار ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىپ، بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:7-9

ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار. مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن. چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:12

چۈنكى [خەير-ساخاۋەتكە] بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:24

شۇڭا، جامائەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىسپاتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىلەردىن پەخىرلىنىشلىرىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 9:7

ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 10:1

ئەمما ئۆزۈم، سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن سىلەردىن ئايرىلغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قوللۇق دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس مەسىھنىڭ يۇۋاش-مۆمىنلىكى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنۈمەن،

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 12:10

شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 13:11-12

ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 13:14

رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي!

گالاتىيالىقلارغا 3:28

مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر.

گالاتىيالىقلارغا 5:6

چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر.

گالاتىيالىقلارغا 5:13-15

چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ. لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە!

گالاتىيالىقلارغا 5:19-21

ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ.

گالاتىيالىقلارغا 5:22-23

ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر.

گالاتىيالىقلارغا 6:1-2

قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.

گالاتىيالىقلارغا 6:3-4

چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس. لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ.

گالاتىيالىقلارغا 6:9-10

شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى-سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 1:4

چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 1:15-16

شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 2:4-5

بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)،

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 2:10

چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3:17-19

شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان، بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:1-3

ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، [خۇدانىڭ] سىلەرنى چاقىرغان [بۈيۈك] چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ، ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ رىشتىسى بىلەن، روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى [ئۆتۈنىمەن].

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:28-32

ئوغرى ئىككىنچى ئوغرىلىق قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە ئۇ مېھنەت قىلىپ ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال ئىش قىلسۇنكى، ھاجىتى بولغانلارغىمۇ بۆلۈپ بەرگۈدەك ئۆز تاپقىنى بولسۇن. ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛ ئۆزۈڭلاردىن ھەرقانداق ئۆچ-ئاداۋەت، ئاچچىق-غەزەپ، قەھر، جېدەل-ماجىرالار، تىل-ئاھانەت ھەمدە ھەرخىل قارا نىيەتلەرنى نېرى قىلىڭلار؛ بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، يۇمشاق دىللىق بولۇپ، خۇدا مەسىھتە سىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىنىدەك بىر-بىرىنىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:1-2

شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار. شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:21

مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:25

ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:28-30

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى [ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا] ئوخشايدۇ. چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:31-33

«شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 6:1-5

بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. «ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ «شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» [دەپ ۋەدە قىلىنغان]. سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار. سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 6:23-24

قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھدىن بولغاي! رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي!

فىلىپپىلىقلارغا 1:8-10

مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر. مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر

فىلىپپىلىقلارغا 2:1-4

ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار.

فىلىپپىلىقلارغا 2:5-8

مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛

فىلىپپىلىقلارغا 4:1

ئەمدى، ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆيگەنلىرىم ۋە تەلپۈنگەنلىرىم، مېنىڭ شاد-خۇراملىقىم، مېنىڭ بېشىمنىڭ تاجى بولغۇچىلار، رەبدە چىڭ تۇرۇڭلار، ئى سۆيگەنلىرىم!

كولوسسىلىكلەرگە 1:3-4

بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛ بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛

كولوسسىلىكلەرگە 1:24

ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛

كولوسسىلىكلەرگە 2:2

كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛

كولوسسىلىكلەرگە 3:8-11

ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار. بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر، ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر.

كولوسسىلىكلەرگە 3:12-17

شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار. مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار. مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛ ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار.

كولوسسىلىكلەرگە 3:18-21

سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار. سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر. سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ.

كولوسسىلىكلەرگە 3:22-23

سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار. نېمە ئىشنى قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئالدىدا ئەمەس، بەلكى رەب ئالدىدا قىلغاندەك جان-دىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەڭلار؛

كولوسسىلىكلەرگە 4:5-6

سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار. سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 3:12-13

ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛ ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ!

تېسالونىكالىقلارغا «1» 4:9-10

ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە. چۈنكى سىلەر پۈتكۈل ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ھەممە قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئى قېرىنداشلار، شۇنداق قىلىشقا بېرىلىپ تېخىمۇ ئېشىپ تېشىشىڭلارنى،

تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:11-15

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىڭلارنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرۇڭلار. ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەبدە سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت بېرىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. ئەمما، ئى قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنىمۇ ئۆتۈنىمىزكى، تەرتىپسىز يۈرگەنلەرگە نەسىھەت بېرىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرىچان بولۇڭلار. ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار.

تېسالونىكالىقلارغا «2» 1:3-5

سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛

تېسالونىكالىقلارغا «2» 3:5

ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي.

تىموتىيغا «1» 1:5

ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر.

تىموتىيغا «1» 1:14

ھالبۇكى، رەببىمىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى زىيادىلىشىپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋۇجۇدۇمغا ئېلىپ كىرىلىشى بىلەن ئېشىپ تاشتى.

تىموتىيغا «1» 4:12

ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول.

تىموتىيغا «1» 5:8

لېكىن بىرسى ئۆز تۇغقانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇ ئېتىقادتىن تانغان دەپ قارىلىپ، كاپىرلاردىن بەتتەر بولىدۇ.

تىموتىيغا «1» 6:11

ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا.

تىموتىيغا «2» 1:3-4

مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛ كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛

تىموتىيغا «2» 1:7-8

چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى. شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛

تىموتىيغا «2» 2:24-25

ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛

تىموتىيغا «2» 3:2-5

ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.

تىموتىيغا «2» 3:10

لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى.

تىتۇسقا 2:1-8

لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ.

تىتۇسقا 3:1-5

[جامائەتتىكىلەرگە] شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن، (ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛

فىلېمونغا 1:4-5

رەببىمىز ئەيساغا ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ئىشەنچ-ئېتىقادىڭنى ئاڭلاپ، مەن دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ رەببىمىز ئەيساغا ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ئىشەنچ-ئېتىقادىڭنى ئاڭلاپ، مەن دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن؛

فىلېمونغا 1:7-9

چۈنكى سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى؛ چۈنكى ئى قېرىندىشىم، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئىچ-باغىرلىرى سېنىڭ ئارقىلىق كۆپ سۆيۈندۈرۈلدى. شۇڭا، گەرچە سېنى لايىق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشقا مەسىھدە جۈرئەتلىك بولالىساممۇ، لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ

ئىبرانىيلارغا 6:10

چۈنكى خۇدا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادالەتسىزلەردىن ئەمەس.

ئىبرانىيلارغا 8:12

چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن».

ئىبرانىيلارغا 10:24-25

ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.

ئىبرانىيلارغا 12:6-9

چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ». ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟ ئەمدى [خۇدانىڭ] تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟

ئىبرانىيلارغا 13:1-3

ئاراڭلاردا قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت توختىمىسۇن. ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان. زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە [زىنداندا] زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار.

ئىبرانىيلارغا 13:16

ئەمدى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.

ياقۇپ 1:9

نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ.

ياقۇپ 1:19-21

شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار.

ياقۇپ 1:26

بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر.

ياقۇپ 2:2-6

چۈنكى سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە، سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يامان نىيەت ھۆكۈم چىقارغۇچىلاردىن بولغان بولمامسىلەر؟! قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟ بىراق سىلەر كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار! بايلار سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوت-سوراقلارغا سۆرىگەن ئەمەسمۇ؟

ياقۇپ 2:8-9

مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر.

ياقۇپ 2:13

چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ.

ياقۇپ 2:15-17

ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، [ئۇنىڭغا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، [بۇنداق ئېتىقاد] ئۆلۈك ئېتىقادتۇر.

ياقۇپ 3:5-6

شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل [تېنىمىزنىڭ] كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار! تىل دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!

ياقۇپ 3:13-14

ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن-كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن! لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار.

ياقۇپ 3:16-18

چۈنكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرخىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر. ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ.

ياقۇپ 4:1-3

ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئارزۇ-ھەۋەس قىلىسىلەر، لېكىن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارغا ئېرىشمەيسىلەر؛ ئادەم ئولتۇرىسىلەر، ھەسەت قىلىسىلەر، لېكىن ئېرىشەلمەيسىلەر؛ جېدەل-ماجىرا چىقىرىپ جەڭ قىلىسىلەر. ئېرىشمەيسىلەر، چۈنكى تىلىمەيسىلەر. تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر.

ياقۇپ 4:6-11

لېكىن [خۇدا] بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ [شۇنداق قىلساڭلار] ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ. خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. [گۇناھلىرىڭلارغا] قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. ئى قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن [توغرا-ناتوغرا دەپ] ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن.

ياقۇپ 4:17

شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ.

ياقۇپ 5:8-10

شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى. قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلار سوراققا تارتىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ مانا، سوراق قىلغۇچى ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭلار.

ياقۇپ 5:16

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.

پېترۇس «1» 1:22

سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.

پېترۇس «1» 2:1-2

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ، رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ [كامالىتىگە] يېتىپ ئۆسىسىلەر.

پېترۇس «1» 2:17-18

بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، [ئېتىقادچى] قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار. قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار يالغۇز مېھرىبان ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى تېرىككەك خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار.

پېترۇس «1» 2:21-23

چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس». ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى.

پېترۇس «1» 3:8-9

ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار. يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى سىلەر دەل بۇ ئىشقا چاقىرىلغانسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلار بەختكە مىراسخور بولىسىلەر.

پېترۇس «1» 4:8-10

لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار». بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماي ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار. خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتقا بىنائەن، ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىك مېھرى-شەپقىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ياخشى غوجىدارلار سۈپىتىدە، بۇ ئىلتىپات بىلەن بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.

پېترۇس «1» 5:5-7

ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ». ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ.

پېترۇس «1» 5:14

بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سۆيۈشۈپ سالاملىشىڭلار. سىلەرگە، يەنى مەسىھدە بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق-خاتىرجەملىك يار بولغاي!

پېترۇس «2» 1:5-7

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى، بىلىمىڭلارغا تەمكىنلىكنى، تەمكىنلىكىڭلارغا چىداملىقنى، چىداملىقىڭلارغا ئىخلاسمەنلىكنى، ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقنى، قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار.

يۇھاننا «1» 2:5

لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز.

يۇھاننا «1» 2:9-11

كىمدەكىم ئۆزىنى «نۇردا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ بۈگۈنگىچە قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا تۇرماقتا، ئۇنىڭدا گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. لېكىن قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر؛ ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋەتكەن.

يۇھاننا «1» 2:15

بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. ھەركىم بۇ دۇنيانى سۆيسە، ئاتىنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭدا يوقتۇر.

يۇھاننا «1» 3:1

قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.

يۇھاننا «1» 3:11

چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر.

يۇھاننا «1» 3:14-18

بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.

يۇھاننا «1» 3:23

ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

يۇھاننا «1» 4:7-12

ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا بولدىكى، خۇدا بىزنى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى. مېھىر-مۇھەببەت دەل شۇنىڭدىن ئايانكى، بىزلەرنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى بىزنى سۆيۈپ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت بولۇشقا ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكىنى بىلەن ئاياندۇر. ئى سۆيۈملۈكلىرىم، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قەرزداردۇرمىز. ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس؛ لېكىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا بىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ.

يۇھاننا «1» 4:16-21

بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز. چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز. مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر. بىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتى. ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر.

يۇھاننا «1» 5:1-3

ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر؛ ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە تۇرماق ئېغىر ئىش ئەمەستۇر.

يۇھاننا «2» 1:3

خۇدائاتىدىن ۋە ئاتىنىڭ ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھدىن شاپائەت، رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي!

يۇھاننا «2» 1:5-6

ئەمدى، ھۆرمەتلىك خانىم، مەن سەندىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، دەپ ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ ساڭا يېزىپ ئۆتۈنگىنىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ بىزدە بار ئەمردۇر (مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر.

يەھۇدا 1:21-23

ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار. ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛ بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار.

ۋەھىي 1:5

ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان

ۋەھىي 2:4

لېكىن ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، سەن ئۆزۈڭدىكى دەسلەپكى مېھىر-مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىڭ.

ۋەھىي 2:19

ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجىر-خىزمىتىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەمەللىرىڭنىڭ ئاۋۋالقىدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن.

ۋەھىي 3:19

مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل.

ۋەھىي 7:16-17

ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، دېدى.

ۋەھىي 21:2

مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم.

ۋەھىي 21:4-7

ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». تەختتە ئولتۇرغۇچى: مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، دېدى. ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن. غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net