24 – ئائىلە
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە.
مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛
”«شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن.
”بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. «ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ «شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» [دەپ ۋەدە قىلىنغان]. سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار.
”شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛ ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى. خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى.
”ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، دېدى. پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى.
”شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، دېدى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ. ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ھەر ئىككىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى.
”ئادەم جاۋاب بېرىپ: سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، دېدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، دېدى.
”ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن». ئاندىن خۇدا ئايالغا: «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» دېدى. ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن.
”ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى.
”ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىلنى تۇغدى. ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا تېرىقچى بولدى. بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتتە شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، قابىل تۇپراقنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى. ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى. لېكىن قابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىغا قارىمىدى. شۇ ۋەجىدىن قابىلنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا: نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟ ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا [سېنى پايلاپ] بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى. قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ دېدى. خۇدا ئۇنىڭغا: سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ! ئەمدى ئىنىڭنىڭ قولۇڭدا تۆكۈلگەن قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ، لەنەتكە ئۇچرايسەن.
”بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى. ئۇ ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، يارىتىلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ نامىنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.
”ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى. شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. ئادەمئاتىمىز جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
”ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا،
”پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم.
”خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار.
”پەرۋەردىگار [ئەسلىدە] ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ۋە ئۆز ئاتا جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن. شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن؛ كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! دېدى. ئىبراھىمنىڭ سەپىرى
”ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئىسمىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئابرام ئاتالمايدۇ، بەلكى ئىسمىڭ ئىبراھىم بولىدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم. مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ. مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ خۇداسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم سەن ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭنىڭ ئارىسىدا ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە بۇ ئەھدەمنى تىكلەيمەن؛
”خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن. مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، دېدى. ئىبراھىم [يەنە] ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، دېدى.
”چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، دېدى.
”ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى؛ پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىدەك قىلدى. ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىم قېرىغاندا خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبراھىم ئۆزىگە تۆرەلگەن ئوغلى، يەنى ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق قويدى.
”ئىسھاق قىزنى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى؛ ئۇ رىۋكاھنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ بۇ تەرىقىدە ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى.
”نەسلىڭ بولسا يەرنىڭ توپىسىدەك كۆپ بولۇپ، سەن مەغرىپ بىلەن مەشرىققە، شىمال بىلەن جەنۇبقا يېيىلىسەن؛ سەن ۋە نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەر بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ.
”ياقۇپنىڭ كۆڭلى راھىلەگە چۈشكەن بولۇپ لابانغا: مەن سېنىڭ كىچىك قىزىڭ راھىلە ئۈچۈن ساڭا يەتتە يىل خىزمەت قىلاي، دېدى. لابان جاۋاب بېرىپ: ئۇنى باشقا كىشىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ياخشى. ئەمدى مېنىڭكىدە تۇرغىن، دېدى. ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا پەقەت بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى.
”ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ ياقۇپقا: ماڭا بالا بەرگىن؛ بولمىسا ئۆلىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! دېدى.
”بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ زېمىنىغا، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتكىن. مەن سېنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، دېدى.
”شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار.
”يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن [تېزلا] خەۋەر تاپتى. يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن [تېزلا] خەۋەر تاپتى. يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى.
”يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى.
”شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويدى؛ پىرەۋننىڭ بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدىن، يەنى رامسەس دېگەن يۇرتتىن تەۋەلىك بەردى. يۈسۈپ ئاتىسى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ھەممە ئۆيدىكىلىرىنى بالا-چاقىلىرىنىڭ سانلىرىغا قاراپ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ باقتى.
”سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن،
”ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.
”كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا قول تەگكۈزسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
”ھەرقانداق تۇل خوتۇن ياكى يېتىم بالىنى خورلىماڭلار.
”مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان [تەڭرىدۇر]» دەپ جاكارلىدى.
”سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن.
”سىلەر ھەربىرىڭلار ئاناڭلار بىلەن ئاتاڭلارنى ئىززەتلەڭلار؛ مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
”سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا [گۇناھ بولسا] سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن.
”ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
”ئۇلار بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندا پاھىشە ئايالنىمۇ، بۇزۇق ئايالنىمۇ ئالماسلىقى كېرەك ۋە ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن بولسا ئۆز خۇداسىغا خاس مۇقەددەس قىلىنغان.
”ئۇ خوتۇن ئالسا پاك قىزنى ئېلىشى كېرەك؛ تۇل ۋە ياكى ئەردىن قويۇۋېتىلگەن ئايال ۋە ياكى بۇزۇق ۋە ياكى پاھىشە ئايال بولسا بۇلارنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك.
”مانا بۇ كۈنداشلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر؛ خوتۇن ئۆز ئېرىنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشى بىلەن ئېزىپ بۇلغانغان بولسا ۋە ياكى بىرسى خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇنىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن، كاھىن ئۇنىڭغا شۇ قانۇن بويىچە ھەممىنى ئىجرا قىلسۇن. ئەنە شۇنداق قىلغاندا، ئەر گۇناھتىن خالاس بولۇپ، خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتىرىدۇ.
”زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، سەن چوقۇم ئۇلارغا ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بەر؛ ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن. سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇنداقتا سىلەر ئۇنىڭ مىراسىنى قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار. قىزى بولمىسا، مىراسىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىڭلار. قېرىنداشلىرى بولمىسا، مىراسىنى ئاتا جەمەت تاغىلىرىغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن».
”زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى مۇنداق: «ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان ئەرگە ياتلىق بولسا بولۇۋېرىدۇ، لېكىن ئۆز جەمەتى، ئۆز ئاتا قەبىلىسىدىن بولغان بىرىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئىسرائىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. ئىسرائىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ھەربىر قىز-ئايال ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئىسرائىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۆز مىراسىنى قولىدىن بەرمەسلىكى كېرەك، — دېدى.
”ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۆمرۈڭلارنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قەلبىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار ۋە ئىخلاسلىق بىلەن قەلبىڭلارنى [ئېزىشتىن] ساقلاڭلار؛ شۇنىڭدەك سىلەر كۆرگىنىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزۈڭلار؛ سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن يېنىمغا يىغقىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرىمنى ئۆگىنىپ، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىدۇ ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ» دېگەنىدى.
”پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ھالىڭ ياخشى بولىدۇ.
”مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛
”سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ.
”ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر.
”سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛
”مەن ساڭا تاپىلىغان بۇ بارلىق سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ كۆڭۈل بۆلگىن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن ۋە ئۆز ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ.
”سەن «كەپىلەر ھېيتى»نى يەتتە كۈن ئۆتكۈزىسەن؛ سەن خامان ۋە شاراب كۆلچىكىڭنى يىغقان چېغىڭدا، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدە تۇرىدىغان لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شۇ ھېيتتا شادلىنىسىلەر.
”پادىشاھ كۆپ ئاياللارنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ بولمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆپەيتمەسلىكى كېرەك.
”بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن».
”ئەگەر بىرسىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىگە ئامراقلىق، يەنە بىرىگە ئۆچلۈك قىلغان بولسا ۋە ئامراق ۋە ئۆچ بولغان ھەر ئىككىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغان بولسا، تۇنجىسىنى ئۆچ ئايالىدىن تاپقان بولسا ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئوغۇللىرىغا بارىنى مىراس ئۈچۈن ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن كۈنىدە ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئامراق ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغۇللۇققا قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇ بەلكى ئۆچ ئايالىنىڭ ئوغلىنى تۇنجى ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلسۇن؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بار ۋاقتىدىكى دەسلەپكى مېۋىسىدۇر؛ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئۇنىڭكى بولغاچقا، ئاتىسى بارلىق مال-مۈلۈكتىن ئۇنىڭغا ئىككى ئۈلۈش مىراس بەرسۇن.
”ئەگەر بىرسىنىڭ باشباشتاق ۋە ئىتائەتسىز ئوغلى بولسا، ئۇ نە ئاتىسىنىڭ سۆزىگە، نە ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ھەتتا تاياق-تەربىيىمۇ كار قىلماي، ئۇلارنىڭ گېپىنى يەنىلا ئاڭلىمىسا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن؛ ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن. شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ھەممە خەلقى بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. سىلەر بۇ يول بىلەن ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر؛ پۈتكۈل ئىسرائىل بۇ ئىشنى ئاڭلاپ قورقىدىغان بولىدۇ.
”ئەگەر بىرى خوتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ، ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ، ئەرز قىلىپ: «مەن بۇ خوتۇننى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسام ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېسە، ئۇنداقتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا كەلتۈرسۇن، ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ: «مەن قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بەردىم، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدى؛ ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. ئۇ ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئېرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاياق-تەربىيە بېرىپ، ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىدىڭ دەپ، يۈز شەكەل كۈمۈش تۆلەتسۇن؛ ئاندىن ئۇلار پۇلنى قىزنىڭ ئاتىسىغا بەرسۇن دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز بولسا شۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولۇپ تۇرىۋېرىشى كېرەك؛ ئەر پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ، قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتى بولمىسا، قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقلۇق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شەرمەندىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
”كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەس؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن.
”ئەگەر بىرسى بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بىرەر سەت ئىشنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇنداقتا ئۇ تالاق خېتىنى پۈتۈپ، ئۇنىڭ قولىغا بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. ئايال ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ. بۇ ئىككىنچى ئەرمۇ ئۇنى يامان كۆرۈپ، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى ئۇنى ئالغان ئىككىنچى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئاۋۋالقى ئېرى ئۇنى ناپاك ھېسابلاپ، ئىككىنچى قېتىم خوتۇنلۇققا ئالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ. سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننىڭ ئۈستىگە گۇناھ يۈكلىمىگىن.
”ئەگەر بىركىم يېڭىدىن خوتۇن ئالغان بولسا ئۇنىڭغا نە جەڭگە چىقىش، نە باشقا بىرەر ئىشقا بۇيرۇلمىسۇن؛ ئۇ بەلكى ئالغان خوتۇنىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بىر يىلغىچە ئەركىن-ئازاد بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن.
”«كىمكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن.
”«كىمكى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇن توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن.
”ھەربىر يوشۇرۇن سىرلار بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭكىدۇر؛ لېكىن ھەرقانداق ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەر بولسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر.
”شۇنىڭ ئۈچۈن [شۇ چاغدا] بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن. شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ».
”ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، دېدى. ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، دېدى.
”ئەتە سەھەردە سىلەر قەبىلە بويىچە ھازىر قىلىنىسىلەر؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت-جەمەتى بويىچە بىردىن-بىردىن ئالدىغا كەلسۇن؛ پەرۋەردىگار بېكىتكەن جەمەت ئائىلە-ئائىلە بويىچە بىردىن-بىردىن ھازىر بولۇپ ئالدىغا كەلسۇن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئائىلىدىكى ئەركەكلەر بىردىن-بىردىن ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولسۇن.
”چۈنكى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئاراڭلاردا قالغان بۇ ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ-باغلىنىپ، ئۇلار بىلەن قودا-باجا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەرگە شۇ ئىش ئايان بولسۇنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردىن بۇ ئەللەرنى ئىككىنچى قوغلاپ چىقارمايدۇ، بەلكى بۇلار سىلەرگە قاپقان ۋە قىلتاق بولۇپ، بىقىنىڭلارغا قامچا بولۇپ چۈشۈپ، كۆزۈڭلەرگە تىكەن بولۇپ سانجىلىدۇ؛ ئاخىردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن بۇ ياخشى زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ يوقىلىسىلەر.
”لېكىن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتى سىلەرگە يامان كۆرۈنسە، كىمگە ئىبادەت قىلىدىغىنىڭلارنى تاللىۋېلىڭلار مەيلى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغاندا چوقۇنغان ئىلاھلار بولسۇن ياكى سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، ئۇلارنى تاللاڭلار؛ لېكىن مەن بىلەن ئۆيۈمدىكىلەر بولساق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، دېدى.
”ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەربىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە جەمەتىگە يېنىپ باردى، ئاندىن ھەربىرى ئۆز مىراس زېمىنىغا كەتتى.
”لېكىن رۇت جاۋابەن: مېنىڭ سېنىڭ يېنىڭدىن كېتىشىمنى ۋە ساڭا ئەگىشىش نىيىتىمدىن يېنىشنى ئۆتۈنمە؛ چۈنكى سەن نەگە بارساڭ مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن؛ سەن نەدە قونساڭ مەنمۇ شۇ يەردە قونىمەن؛ سېنىڭ خەلقىڭ مېنىڭمۇ خەلقىمدۇر ۋە سېنىڭ خۇدايىڭ مېنىڭمۇ خۇدايىمدۇر.
”ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرھۇمنىڭ نامى قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بولغان [بىرەر ئەۋلادى] قالدۇرۇلسۇن ئۈچۈن ماھلوننىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالدىم. سىلەر بۈگۈن بۇنىڭغا گۇۋاھتۇرسىلەر، دېدى. بوئاز رۇتنى ئۆز ئەمرىگە ئىلىشى ئارقىلىق يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ
”ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! دېدى.
”ئۇ قەسەم ئىچىپ: ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەردىگە يېتىپ، مېنى ياد ئېتىپ دېدىكىڭنى ئۇنتۇماي، بەلكى دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلساڭ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىدە سەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلايمەن؛ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ، دېدى.
”مەن مۇشۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە مانا، پەرۋەردىگار مېنىڭ تىلىگەن ئىلتىجايىمنى ئىجابەت قىلدى. ئەمدى ھازىر مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
”ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى.
”ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى.
”ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى.
”مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەبىھلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن.
”لېكىن سۇلايمان پادىشاھنىڭ كۆڭلى پىرەۋننىڭ قىزىدىن باشقا كۆپ چەتئەللىك ئاياللارغا، جۈملىدىن موئابىي، ئاممونىي، ئېدومىي، زىدونىي، ھىتتىي ئاياللىرىغا چۈشكەنىدى. پەرۋەردىگار ئەسلىدە مۇشۇ ئەللەر توغرۇلۇق ئىسرائىللارغا: «ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئىزدەپ بارماڭلار، ۋە ئۇلارنى سىلەرنىڭكىلەرگە كىرگۈزمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭۈللىرىڭلارنى چوقۇم ئۆز مەبۇدلىرىغا ئازدۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق سۇلايماننىڭ كۆڭلى دەل شۇلارغا باغلاندى. ئۇنىڭ يەتتە يۈز ئايالى، يەنى خانىشى ۋە ئۈچ يۈز كېنىزىكى بار ئىدى؛ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازدۇرۇپ بۇرىۋەتكەنىدى. شۇنداق بولدىكى، سۇلايمان ياشانغاندا، ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى باشقا ئىلاھلارغا ئازدۇرۇپ بۇرۇۋەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاتىسى داۋۇتنىڭكىدەك پەرۋەردىگار خۇداسىغا مۇتلەق سادىق بولمىدى.
”شۇڭا سىلەر قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەڭلار، ئوغۇللىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەڭلار؛ سىلەر كۈچىيىپ، زېمىننىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە، زېمىننى ئەبەدىلئەبەد ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئامان-تىنچلىقى ياكى مەنپەئىتىنى ھەرگىز ئىزدىمەڭلار» دېگەنىدىڭ.
”كاھىن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ ئۇلارغا: سىلەر خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ يات تائىپىلەرنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاشۇردۇڭلار. ئەمدى سىلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىڭلارنى تونۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇ زېمىندىكى تائىپىلەردىن ۋە بۇ يات ئەللىك خوتۇنلىرىڭلاردىن ئارىنى ئوچۇق قىلىڭلار، دېدى. پۈتۈن جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بېرىپ: ماقۇل، بىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ گەپلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.
”ئايالى ئۇنىڭغا: ئەجەبا سەن تېخىچە ئۆز ساداقەتلىكىڭدە چىڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ خۇدانى قارغا، ئۆلۈپلا تۈگەش! دېدى. لېكىن ئايۇپ ئۇنىڭغا: سەن ھاماقەت ئاياللاردەك گەپ قىلىۋاتىسەن. بىز خۇدانىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلغانىكەنمىز، ئەجەبا ئۇنىڭدىن كەلگەن كۈلپەتنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ دېدى. ئىشلاردا ئايۇپ ئېغىزدا ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدى.
”ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن.
”پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ [ئاجىز-مۆمىنلەرگە] قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن.
”بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛ تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛ ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن.
”ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ.
”ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى، كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى شەپقەتلىك بولۇپ ئۇ ئادەم ئۆتنە بېرەر، پەرزەنتلىرىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كېلەر
”مانا، مەن تۇغۇلغىنىمدىلا، يامانلىقتا ئىدىم، ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا مەن گۇناھتا بولدۇم. بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛ ئىچىمدىكى يوشۇرۇن جايلىرىمدا سەن ماڭا دانالىقنى بىلدۈرىسەن. مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ.
”يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر. خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ.
”مەن ئاغزىمنى بىر تەمسىل بىلەن ئاچىمەن، قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن. بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن. بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز. چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇغان؛ شۇنداق قىلىپ كېلەر دەۋر، يەنى تۇغۇلىدىغان بالىلارمۇ بۇلارنى بىلسۇن، ئۇلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ئۆگەتسۇن؛ پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىسۇن، تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىسۇن، بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرسۇن؛ ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشىمىسۇن دەپ، يەنى جاھىل ھەم ئاسىي بىر دەۋر، ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغان، روھى تەڭرىگە ۋاپالىقتا تۇرمىغان بىر دەۋرگە ئوخشىمىسۇن دەپ، ئۇ شۇنداق [بۇيرۇغاندۇر].
”گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛
”ئاتا بالىلىرىغا قانداق كۆيۈنگەن بولسا، پەرۋەردىگارمۇ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا شۇنداق مېھرىباندۇر.
”لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر.
”ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىبراھىم نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! ئۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. ئۆزى تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەبەدىي يادىدا تۇتىدۇ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىشلەشكەن سۆزىدۇر، ــ
”ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. ھەمدۇسانا!
”پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛
”مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛ ياشلىقتا تاپقان بالىلار، باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ. ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛ [شەھەر] دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا، ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ.
”ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛ بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛
”پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛ ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي!
”«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر!
”بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛ مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ. مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى. ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى.
”ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار، بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛ چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛ ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
”ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛
”ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە. چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ.
”ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويساڭلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار. چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم، ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن.
”ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن، شۇندا ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپ بولىدۇ. مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي، سېنى دۇرۇسلۇق يوللىرىغا باشلاي.
”ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، گەپلىرىمگە قۇلاق سال. ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن. چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر، ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنىگە سالامەتلىكتۇر. قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ.
”بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان. ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن.
”ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما.
”پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.
”ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار.
”پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر.
”دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار؛ مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھكە قۇلاق سالماس.
”ياخشى ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرار؛ گۇناھكارلارنىڭ يىغقان مال-دۇنيالىرى ھەققانىيلار ئۈچۈن توپلىنار.
”تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار.
”ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛ ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار.
”ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار.
”دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر.
”خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛ كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار.
”قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر.
”[ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر.
”گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛ ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار.
”خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
”ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر. ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر.
”پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما.
”ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر.
”ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار!
”ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار.
”كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر!
”تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس.
”سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ قوپقان ياخشى.
”سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، چۆل-باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر.
”بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس.
”نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛ بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار.
”بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛ سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن. ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى! ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن.
”سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما. ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال. ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار. ئاتا-ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ، سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل. ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن!
”سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ-قوپقان ياخشى.
”يامغۇرلۇق كۈندىكى توختىماي چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىن، ۋە سوقۇشقاق خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشاشتۇر.
”تەۋرات-قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار.
”ئاتا-ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلاپ، «بۇ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى، ھالاك قىلغۇچىنىڭ شېرىكىدۇر.
”تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.
”ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر.
”ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان بىر دەۋر بار، ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىكىدىن ھېچ يۇيۇلمىغان بىر دەۋر بار، بىر دەۋر بار ئاھ، كىبىرلىكىدىن نەزىرى نېمىدېگەن ئۈستۈن، ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ!
”ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر.
”مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر.
”ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟ كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛ ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما!
”א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ. ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر! ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ. ה ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، [ئائىلىنى بېقىشتىكى] ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ. ו: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ. ז ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ. ח [ئىشقا قاراپ] ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛ ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار. י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار. כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار. ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن. מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر. נ ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ. ע كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ. ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار. צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ. ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ ר «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» دەيدۇ. ש گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ! ת ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!
”ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ. يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟ يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس.
”خۇدا ساڭا قۇياش ئاستىدا تەقسىم قىلغان بىمەنە ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، يەنى بىمەنىلىكتە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىڭدە، سۆيۈملۈك ئايالىڭ بىلەن بىللە ھاياتتىن ھۇزۇر ئالغىن؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ھاياتىڭدىكى نېسىۋەڭ ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تارتقان جاپايىڭنىڭ ئەجرىدۇر.
”سەن شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك ياكى بويىدا بارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بالىياتقۇدا قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، سەن ھەممىنى ياسىغۇچى خۇدانىڭ قىلغىنىنى بىلمەيسەن.
”ئەمدى يامان كۈنلەر بېشىڭغا چۈشمىگۈچە، شۇنداقلا سەن: «بۇلاردىن ھېچ ھۇزۇرۇم يوقتۇر» دېگەن يىللار يېقىنلاشمىغۇچە ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت؛
”چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار، توي بولغان كۈنىدە، كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!»
”شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ.
”چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ.
”«بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان، تولغىقى تۇتۇپ، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان بىر ھامىلىدار ئايالدەك، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنداق بولدۇق، ئى پەرۋەردىگار. بىز ئىككى قات بولۇپ، تولغاققا چۈشتۇق، بىراق پەقەت يەللا چىقاردۇق؛ يەر يۈزىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچ نىجات-قۇتقۇزۇشنى يەتكۈزمىدۇق؛ دۇنيادىكى ئادەملەر ھېچ تۇغۇلمىدى».
”ئۆزۈم بۈگۈن قىلغىنىمدەك ساڭا رەھمەت ئېيتىدىغانلار تىرىكلەر، تىرىكلەردۇر؛ ئاتا بولغۇچى ئوغۇللىرىغا ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭنى بىلدۈرىدۇ.
”«ئى ئاراللار، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار، يىراقتىكى ئەل-يۇرتلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! بالىياتقۇدىكى چېغىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى؛ ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى؛
”ئانا ئۆزى ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ ئۆز قورسىقىدىن تۇغقان ئوغلىغا رەھىم قىلماي تۇرالامدۇ؟ ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇغان بولسىمۇ، مەن سېنى ئۇنتۇيالمايمەن.
”چۈنكى سېنى يارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچىڭ بولسا سېنىڭ ئېرىڭ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامى؛ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولسا ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، ئۇ بارلىق يەر-زېمىننىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى چاقىردى، خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى» دەيدۇ سېنىڭ خۇدايىڭ؛
”سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ!
”ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن، جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛ چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك، توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك، ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.
”چۈنكى يىگىت قىزغا باغلانغاندەك، ئوغۇللىرىڭ ساڭا باغلىنىدۇ؛ توي يىگىتى قىزدىن شادلانغاندەك، خۇدايىڭ سېنىڭدىن شادلىنىدۇ.
”خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر.
”ــ ئاناڭنىڭ قورسىقىدا سېنى ئاپىرىدە قىلىشتىن ئىلگىرىلا مەن سېنى بىلەتتىم؛ سەن بالىياتقۇدىن چىقىشتىن بۇرۇن سېنى ئۆزۈمگە ئاتاپ، ئەللەرگە پەيغەمبەر بولۇشقا تىكلىدىم، دېيىلدى.
”شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟
”لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا قورقمىدى، بەلكى ئۆزىمۇ بېرىپ پاھىشىلىك قىلدى.
”قايتىپ كېلىڭلار، ئى يولدىن چىققۇچى بالىلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن؛ [سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا] مەن سىلەردىن تاللىغانلارنى، يەنى ھەرقايسى شەھەردىن بىردىن، ھەرقايسى جەمەتتىن ئىككىدىن پۇقرانى زىئونغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.
”ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن.
”ئۆيلىنىڭلار، ئوغۇل-قىزلىق بولۇڭلار؛ ئوغۇللىرىڭلار ئۈچۈن قىزلارنى ئېلىپ بېرىڭلار، قىزلىرىڭلارنى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىڭلار؛ ئۇلارمۇ ئوغۇل-قىزلىق بولسۇن؛ شۇ يەردە كۆپىيىڭلاركى، ئازىيىپ كەتمەڭلار؛
”سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن. مانا، ماقاللارنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سەن توغرۇلۇق: «ئانىسى قانداق بولسا، قىزى شۇنداق بولار» دېگەن بىر ماقالنى تىلغا ئالىدۇ.
”گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛
”مەن چۆل-باياۋاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇنداق دېدىم: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بەلگىمىلىرىدە ماڭماڭلار، نە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتماڭلار نە بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.
”سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىغان؛ ئاراڭلاردا مۇساپىرلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق قىلغان، يېتىم-يېسىرلەر ھەم تۇل خوتۇنلارغا ئۇۋال قىلغان؛
”ئۇلار تۇل ياكى ئاجراشقان ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ ئۇلار ئىسرائىل نەسلىدىن بولغان پاك قىزنى، ياكى كاھىندىن تۇل قالغان ئايالنى ئېلىشقا بولىدۇ.
”شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن.
”بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ئېيتسۇن، ئۇلارمۇ كېلەر دەۋرگە ئېيتسۇن: ــ
”ياشلىقىدىكى ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ بۆز كىيىملەرگە ئورانغان نەۋجۇۋاندەك قاتتىق پىغان چېكىڭلار؛
”ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛
”ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟
”چۈنكى ئوغۇل ئاتىسىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېين ئانىسىغا قارشى قوزغىلىدۇ؛ كىشىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئۆيىدىكى ئادەملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
”«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقىي ئادالەتنى يۈرگۈزۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار، تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن.
”بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ. خۇدا [ئەر-ئايالنى] بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ [خۇدا] نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن! چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. شۇڭا قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار!
”ئۇ ئاتىلارنىڭ كۆڭلىنى بالىلارغا مايىل، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتىلارغا مايىل قىلىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا مەن كېلىپ يەر يۈزىنى قارغاش بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن.
”بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى، ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى؛ يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى؛ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، ھەزروندىن رام تۆرەلدى، رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابدىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى، ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى، يەسسەدىن داۋۇت پادىشاھ تۆرەلدى. داۋۇتتىن ئۇرىيانىڭ ئايالى ئارقىلىق سۇلايمان تۆرەلدى، سۇلايماندىن رەھوبوئام تۆرەلدى، رەھوبوئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى، ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى، يەھورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى، ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازدىن ھەزەكىيا تۆرەلدى، ھەزەكىيادىن ماناسسەھ تۆرەلدى، ماناسسەھدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى؛ بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونىياھ ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى تۆرەلدى. بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى، زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇددىن ئېلىئاقىم تۆرەلدى، ئېلىئاقىمدىن ئازور تۆرەلدى، ئازوردىن زادوك تۆرەلدى، زادوكتىن ئاقىم تۆرەلدى، ئاقىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى، ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتتان تۆرەلدى، ماتتاندىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى.
”شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان.
”ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. لېكىن ئۇنىڭ [بولغۇسى] ئېرى يۈسۈپ، دۇرۇس كىشى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى. ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ». يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.
”ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى.
”بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ [خۇداغا] ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە، ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا.
”يەنە: «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن» دەپمۇ بۇيرۇلغان. بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا [ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ] ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ؛ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.
”ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
”مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم. چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ». ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس.
”لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.
”ئۇ توپلاشقان خالايىققا داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، مانا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ تاشقىرىدا تۇرىدۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋابەن شۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشىدىن: «كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟» دەپ سورىدى. ئاندىن ئۇ قولىنى سوزۇپ مۇخلىسلىرىنى كۆرسىتىپ: مانا مېنىڭ ئانام، مانا مېنىڭ ئىنىلىرىم! چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، دېدى.
”ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم، ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمون ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ ئىنىلىرى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئارىمىزدىغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزار بىلەن قارىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ.
”چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. لېكىن سىلەر: ھەرقانداق كىشى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان [خۇداغا] ئاتىۋەتتىم دېسىلا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار.
”ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ. بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
”ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.
”ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى [ئېزىشتىن] قايتۇرۇۋالغان بولىسەن.
”ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم!
”ئەمدى بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەبتىن ئايالىنى قويۇۋېتىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: [تەۋراتتىن] شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ، مۇقەددەمدە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن. پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن يەنە: ئۇنداقتا، مۇسا [پەيغەمبەر] نېمە ئۈچۈن [تەۋرات قانۇنىدا] ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ بۇيرۇغان؟ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا: تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن مۇسا [پەيغەمبەر] ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان؛ لېكىن ئالەمنىڭ باشلىمىدا بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئەمدى شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئايالىنى بۇزۇقلۇقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان ھەرقانداق كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ئەگەر ئەر بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋال شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، دېدى.
”قولۇڭنى تەگكۈزۈپ دۇئا قىلغايسەن دەپ، بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. ئەمما ئەيسا: بالىلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر، دېدى.
”مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ.
”ئۇلار ئۇنىڭغا: بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر [مۇقەددەس يازمىلاردىن] شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى.
”ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ. ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، دەپتۇ.
”ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ. پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ.
”شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا]: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان. بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى. بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە! ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر. چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان: «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!».
”يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر.
”چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، [شۇ زاماندىكى] كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى.
”ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ.
”زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، (ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)،
”شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا شۇ ئائىلە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
”شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار: مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ، دېيىشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ دېدى. ئاندىن، ئۇ ئۆپچۈرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! چۈنكى كىمكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر.
”ئۇ ھېلىقى ياغاچچى ئەمەسمۇ، مەريەمنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمونلارنىڭ ئاكىسىغۇ؟ ئۇنىڭ سىڭىللىرىمۇ بۇ يەردە ئارىمىزدا تۇرۇۋاتمامدۇ؟ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزارلىق بىلەن قارىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارغا: ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، دېدى.
”چۈنكى مۇسا [پەيغەمبەر]: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. لېكىن سىلەر: بىرسى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان «قۇربان قىلىپ» خۇداغا ئاتىۋەتتىم دېسىلا، شۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشغا بولمايدۇ، دەپ ئۆگىتىسىلەر. شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر.
”ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
”لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى.
”بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ جاۋابەن: مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ دېدى. ئۇلار: مۇسا [پەيغەمبەر] كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، دېيىشتى. ئەيسا ئۇلارغا: تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن ئۇ سىلەرگە بۇ ئەمرنى پۈتكەن؛ لېكىن خۇدا ئالەم ئاپىرىدە بولغىنىدا [ئىنسانلارنى] «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ». شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، دېدى. ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى ئايالىغا گۇناھ قىلىپ زىنا قىلغان بولىدۇ. ئېرىنى قويۇۋېتىپ، باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، دېدى.
”قولۇڭنى تەگكۈزگەيسەن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. بۇنى كۆرگەن ئەيسا ئاچچىقلىنىپ، مۇخلىسلىرىغا: بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.
”سەن تەۋراتتىكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرھىز-پەرزلەرنى بىلىسەن، دېدى.
”ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتىسى، ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ زاماندا بۇلارنىڭ يۈز ھەسسىسىگە، يەنى ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىلار ۋە يەر-زېمىنلارغا (زىيانكەشلىكلەر قوشۇلغان ھالدا) مۇيەسسەر بولماي قالمايدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ.
”ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر] تەۋراتتا بىزگە: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئۆلدى. ئىككىنچى قېرىندىشى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى. شۇ تەرىقىدە يەتتىسى ئوخشاشلا ئۇنى ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي كەتتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە ئۇلار تىرىلگەندە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى يەتتىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! دېيىشتى. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئازغان ئەمەسمۇسىلەر؟ چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە [تەۋراتتا]، يەنى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن كىتابتىكى «تىكەنلىك» ۋەقەسىدە، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئېيتقىنىنى، يەنى: «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگىنىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟
”قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ.
”بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ. ئۇ [رەبنىڭ] ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، دېدى.
”[ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ] ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى. [ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ] ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى. جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! دېدى. ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن. مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، دېدى. مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس [پەرزەنت] خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.
”ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! ماڭا شۇنداق [شەرەپ] نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى! چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى.
”يۈسۈپمۇ داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى. نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى.
”بوۋاقنى خەتنە قىلىش ۋاقتى، يەنى سەككىزىنچى كۈنى توشقاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولمايلا قويغانىدى. ئەمدى مۇسا [پەيغەمبەرگە] چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا ئۇلار بالىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى (پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك)
”ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيرانۇھەس بولۇشتى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلدىڭ؟ ئاتاڭ ئىككىمىز پاراكەندە بولۇپ سېنى ئىزدەپ كەلدۇق! دېدى. ئۇ ئۇلارغا: نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ دېدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېيتقىنىنى چۈشەنمىدى. ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
”ئەيسا ئۆز [خىزمىتىنى] باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ (خەقنىڭ نەزىرىدە) يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يۈسۈپ خېلىينىڭ ئوغلى، خېلىي ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناگگاينىڭ ئوغلى، ناگگاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا سېمەينىڭ ئوغلى، سېمەي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يۇدانىڭ ئوغلى، يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زەرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زەرۇببابەل سالتىيەلنىڭ ئوغلى، سالاتىيەل نېرىينىڭ ئوغلى، نېرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئاددىنىڭ ئوغلى، ئاددى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، ئېر يوسەنىڭ ئوغلى، يوسە ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئېزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي سىمېئوننىڭ ئوغلى، سىمېئون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يوناننىڭ ئوغلى، يونان ئەلىئاقىمنىڭ ئوغلى، ئەلىئاقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتتاتانىڭ ئوغلى، ماتتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، داۋۇت يەسسەنىڭ ئوغلى، يەسسە ئوبەدنىڭ ئوغلى، ئوبەد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، ئاممىناداب ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام ھېزروننىڭ ئوغلى، ھېزرون پەرەزنىڭ ئوغلى، پەرەز يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، ناھور سېرۇگنىڭ ئوغلى، سېرۇگ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شېلاھنىڭ ئوغلى، شېلاھ قائىناننىڭ ئوغلى، قائىنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد شەمنىڭ ئوغلى، شەم نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەخنىڭ ئوغلى، لەمەخ مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانوخنىڭ ئوغلى، ھانوخ يارەدنىڭ ئوغلى، يارەد ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى.
”ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا: ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋابەن: مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى.
”ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟
”ئاتا ئوغلىغا ۋە ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا ۋە قىز ئانىسىغا، قېينئانا كېلىنىگە ۋە كېلىن قېينئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ.
”ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس. كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس.
”ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ. دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ. ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ. ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم! ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ. ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ. بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ.
”ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ».
”ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن. مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن.
”ئەمدى قولىنى تەگكۈزسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. ئەمما ئەيسا بالىلارنى يېنىغا چاقىرىپ: كىچىك بالىلارنى ئالدىمغا كەلگىلى قويۇڭلار، ئۇلارنى توسۇشماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى: كىمكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، دېدى.
”ئۇ ئۇلارغا: مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆي-ۋاق يا ئاتا-ئانىسى يا قېرىنداشلىرى يا ئايالى يا بالىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرى بۇ زاماندا بۇلارغا كۆپ ھەسسىلەپ مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. دېدى.
”ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا] بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» دەپ يازغان. ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى. ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟! ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ.
”شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلار، يەنى ئۆز نامىغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى. ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇشۇلار يا قاندىن، يا ئەتلەردىن، يا ئىنسان ئىرادىسىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن تۆرەلگەن بولىدۇ.
”ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى [مەريەم] ئۇ يەردە ئىدى
”كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ. ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر.
”ئەيسا: بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، دېدى. ــ ئېرىم يوق، دەپ جاۋاب بەردى ئايال. ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ. چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! دېدى ئەيسا.
”بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى.
”ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار.
”ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان.
”مەن سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن، يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن.
”ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
”ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى. ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! دېدى. ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا: مانا سېنىڭ ئاناڭ! دېدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.
”بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
”ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛
”چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ.
”ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى.
”ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.
”ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ بىزدىن ئۆتۈنۈپ: ئەگەر سىلەر مېنى [ھەقىقەتەن] رەبگە ئېتىقاد قىلغۇچى دەپ بىلسەڭلەر، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇڭلار! دەپ چىڭ تۇرۇپ بىزنى ماقۇللاتتى.
”رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! دېدى ئۇلار. شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى. كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا [گۇندىپاي] ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛ ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى.
”مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، [ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان] نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ [نىكاھ] قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ.
”چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز. روھ بىزنىڭ ئۆز روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز.
”چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. چۈنكى يارىتىلغان كائىنات [خۇدانىڭ] [لەنىتى ئاستىدا قېلىپ]، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى يارىتىلغان كائىنات [خۇدانىڭ] [لەنىتى ئاستىدا قېلىپ]، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھازىرغىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، تۇغۇت تولغىقىنىڭ ئازابىنى بىرلىكتە تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.
”چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك، بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز.
”ئەمدى ھازىر سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا كېلەيلى، «ئەر ئايال زاتىنىڭ تېنىگە تەگمىسە ياخشىدۇر». دۇرۇس. ئەمما بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بولسۇن، ھەربىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بولسۇن. ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسۇن. ئايال ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئېرى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەر ئۆز تېنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئايالى ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن. ئەمما مۇنداق دېيىشىم بۇيرۇق يولىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت يولىدىدۇر. ئەمدى مەن بارلىق ئادەملەرنىڭ ماڭا ئوخشاش [بويتاق] بولۇشىنى خالايتتىم؛ لېكىن بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن ئۆز ئىلتپاتى بار؛ بىرسى ئۇنداق، يەنە بىرسى بۇنداق.
”ئەمما مەن جورىسىز تەنھا ياشىغانلار ۋە تۇللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، مەندەك تەنھا تۇرىۋەرسە ياخشى بولىدۇ؛ ئەمما ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار؛ چۈنكى [ئىشق] ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە نىكاھلىق بولغان ياخشى. ئەمما نىكاھلانغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەن شۇنى تاپىلايمەنكى، (بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تاپىلىغىنىم ئەمەس، يەنىلا رەبنىڭكى)، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن (ئەمما ئۇ ئاجراشقان بولسا، ئۇ تەنھا ئۆتسۇن، ياكى ئېرى بىلەن يارىشىۋالسۇن)؛ ۋە ئەرمۇ ئايالىنى قويۇپ بەرمىسۇن.
”قالغانلىرىڭلارغا كەلسەك، مەن شۇنى ئېيتىمەنكى (بۇ رەبنىڭ ئېيتقىنى ئەمەس)، قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن؛ [ئېتىقادچى] ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسۇن. چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا [ئېتىقاد قىلغان] قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى. لېكىن ئېتىقادسىز بولغان تەرەپنىڭ كەتكۈسى بولسا، ئۇ ئاجرىشىپ كەتسۇن؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلار، ھەدە-سىڭىللار [نىكاھ مەجبۇرىيىتىگە] باغلىنىپ قالغان بولمايدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن خۇدا بىزنى ئىناق-خاتىرجەملىكتە ياشاشقا چاقىرغاندۇر. ئەي [ئېتىقادچى] ئايال، ئېرىڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟ ئەي [ئېتىقادچى] ئەر، خوتۇنۇڭنى [ئېتىقاد قىلدۇرۇپ] قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىڭنى نەدىن بىلىسەن؟
”ئەمما نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم؛ شۇنداقتىمۇ رەبدىن بولغان رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم ئۈچۈن سادىق ئادەم سۈپىتىدە ئۆز پىكرىمنى ئېيتىمەن. ئەمدى ھازىرقى قىيىنچىلىققا قارىغاندا، ئەر كىشىنىڭ شۇ [تەنھا] ھالەتتە بولۇشىنى ياخشى ئىش دەيمەن. ئايالغا باغلانغان بولساڭ، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلىما؛ ئايالىڭدىن ئاجرىشىپ كەتتىڭمۇ؟ ئۇنداقتا يەنە ئۆيلىنىشنى ئويلىما. لېكىن ئۆيلەنسەڭ، سەن گۇناھ قىلغان بولمايسەن؛ ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھلانسا، ئۇلارمۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق قىلسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە جاپاغا ئۇچرايدۇ؛ مېنىڭ سىلەرنى ئۇنىڭدىن خالىي قىلغۇم بار. ئەمما شۇنى دېگۈم باركى، ئى قېرىنداشلار ۋاقىت قىسقىدۇر. شۇڭا ئاياللىق بولغانلار ئايالسىزلاردەك بولسۇن؛
”ئەمما سىلەرنىڭ غەمسىز بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ئايالسىز كىشى بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنى ئويلايدۇ، قانداق قىلىپ رەبنى خۇرسەن قىلىشنىڭ غېمىدە بولىدۇ. ئەمما ئاياللىق كىشى قانداق قىلىپ ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ يەنە كېلىپ ئايال ۋە نىكاھلانمىغان قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار؛ نىكاھلانمىغان قىز بولسا رەبنىڭ ئىشلىرىنىڭ، قانداق قىلىپ ھەم تەندە ھەم روھتا پاك-مۇقەددەس بولۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ؛ ئەمما ياتلىق بولغان ئايال قانداق قىلىپ ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ غېمىدە بولىدۇ. ئەمما مەن بۇ سۆزنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋاتىمەن؛ بوينۇڭلارغا سىرتماق سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشلىرىڭلارنىڭ گۈزەل بولۇشى، كۆڭلۈڭلار بۆلۈنمىگەن ھالدا رەبگە بېرىلىپ ئۇنى كۈتۈشۈڭلار ئۈچۈن دەۋاتىمەن.
”ئەمما ئەگەر بىرسى نىيەت قىلغان قىزغا نىسبەتەن مۇئامىلەمنىڭ دۇرۇس بولمىغان يېرى بار دەپ قارىسا، ئۇ قىز ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن، ئۇ گۇناھ قىلغان بولمايدۇ؛ ئۇلار نىكاھ قىلسۇن. بىراق، بىرسى ئۆز كۆڭلىدە مۇقىم تۇرۇپ، ھېچقانداق ئىشق بېسىمى ئاستىدا بولماي، بەلكى ئۆز ئىرادىسىنى باشقۇرۇپ، كۆڭلىدە نىيەت قىلغان قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. قىسقىسى، ئۆيلەنگەننىڭ ئۆيلەنگىنىمۇ ياخشى ئىش، ئۆيلەنمىگەننىڭ ئۆيلەنمىگىنىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىش. ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا باغلانغاندۇر؛ ئەمما ئېرى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولسا، ئۇ خالىغان كىشىگە (پەقەت رەبدە، ئەلۋەتتە) نىكاھلىنىشقا ئەركىن بولىدۇ. لېكىن قارىشىمچە ئۇ تۇل قالسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ؛ مەندىمۇ خۇدانىڭ روھى بار، دەپ ئىشىنىمەن!
”ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن. شۇڭا، [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئەمما [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، [رەسۋا قىلىنغان] ئايالدىن پەرقى يوقتۇر. ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن. چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر. چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر. شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق[نىڭ] [بەلگىسىگە] ئىگە بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق [تۇغۇلىدۇ]؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر. ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان. [بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق] تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، [شۇنى بىلسۇنكى]، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر.
”مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛ ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛ ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ [خۇداغا] ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ.
”مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم.
”ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار [تەرتىپكە] بويسۇنسۇن. ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر. خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟! بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن. بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
”ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟ مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟ ئىشەنگۈچىنىڭ ئىشەنمىگۈچى بىلەن قانداق ئورتاق نېسىۋىسى بولسۇن؟ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك [سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر]»؛ شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، دەيدۇ رەب، «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»، ۋە: «مەن سىلەرگە ئاتا بولىمەن، سىلەر ماڭا ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر» دەيدۇ ھەممىگە قادىر بولغان رەب.
”چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى [ئازدۇرۇشلاردىن] ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن.
”يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.
”ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر؛ ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر.
”شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛
”سىلەر ئاياللار، رەبكە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن. ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ [مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى [ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا] ئوخشايدۇ. چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ «شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن.
”بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. «ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ «شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» [دەپ ۋەدە قىلىنغان]. سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار.
”سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار. سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر. سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ.
”ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق.
”ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق.
”ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ. [جامائەت سورۇنلىرىدا]، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى [ھاۋائانا] ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى. لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ.
”ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى، ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىرسى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇ خۇدانىڭ جامائىتىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟
”شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، سالماق ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن.
”ياشانغان ئەرلەرنى ئەيىبلىگەندە قاتتىق سۆزلىمىگىن، بەلكى ئۇلارغا ئاتاڭ سۈپىتىدە نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، يىگىتلەرگە قېرىنداشلىرىڭ سۈپىتىدە سۆزلىگىن. ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭ سۈپىتىدە، ياش ئاياللارغا ئاچا-سىڭىللىرىڭ سۈپىتىدە ھەر ئىشتا پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىخلاسمەنلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
”لېكىن بىرسى ئۆز تۇغقانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇ ئېتىقادتىن تانغان دەپ قارىلىپ، كاپىرلاردىن بەتتەر بولىدۇ.
”تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك، يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك. لېكىن ياش تۇل ئاياللارنى [تىزىملىككە] كىرگۈزمە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشق ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ مەسىھدىن تېنىپ، قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ. چۈنكى شۇنداق بەزى تۇل ئاياللار ئاللىقاچان ئېتىقادتىن تېنىپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۆزى ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكى جامائەتكە چۈشمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەت ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ.
”لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن.
”ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى [ئاتا-ئانىسىغا] بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك.
”بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.
”گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى.
”ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى.
”خۇدانىڭ سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ جېكىلەيدىغان [مۇقەددەس يازمىلاردىكى] مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلار: «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ». ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟ ئەمدى [خۇدانىڭ] تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟
”ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياتىدىغان يېرى داغسىز بولسۇن؛ چۈنكى خۇدا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ۋە زىنا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدۇ.
”خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر.
”ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، [ئۇنىڭغا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، [بۇنداق ئېتىقاد] ئۆلۈك ئېتىقادتۇر.
”شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز-كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش-تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ-سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز-كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش-تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ-سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ. گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىن، يەنى ئالاھىدە ئۆرۈۋالغان چېچىڭلار ۋە تاقىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەردىن ياكى ئېسىل كىيىملەردىن بولمىسۇن، بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق [گۈزەللىك] خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا، خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق [گۈزەللىك بىلەن] ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. دەل مۇشۇنداق يولدا ساراھ ئىبراھىمنى «غوجام» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ [ساراھنىڭ] پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار؛ سىلەر ئۇلار بىلەن [خۇدا] شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار.
”ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ».
”بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز. ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟
”بالىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىز ئاتىدىن ئەمر تاپشۇرۇۋالغاندەك ھەقىقەتتە ماڭغانلارنى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
”ماڭا نىسبەتەن، ئەزىز بالىلىرىمنىڭ ھەقىقەتتە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.
”ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى. ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى. ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.
”شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!» قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر). ئاندىن، [پەرىشتە] ماڭا: مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، دېدى.
”مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم.
”ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، دېدى.
”روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.
”