27 – ئازاب-ئوقۇبەت
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ئازاب-ئوقۇبەت.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ئازاب-ئوقۇبەت.
ئايالى ئۇنىڭغا: ئەجەبا سەن تېخىچە ئۆز ساداقەتلىكىڭدە چىڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ خۇدانى قارغا، ئۆلۈپلا تۈگەش! دېدى. لېكىن ئايۇپ ئۇنىڭغا: سەن ھاماقەت ئاياللاردەك گەپ قىلىۋاتىسەن. بىز خۇدانىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلغانىكەنمىز، ئەجەبا ئۇنىڭدىن كەلگەن كۈلپەتنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ دېدى. ئىشلاردا ئايۇپ ئېغىزدا ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدى.
”مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
”شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر.
”ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، دېدى.
”ئاندىن خۇدا ئايالغا: «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» دېدى. ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن. يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن. تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» دېدى.
”پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: بەرھەق، مەن مىسىردا تۇرۇۋاتقان قوۋمىمنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆردۇم، نازارەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى [خارلاۋاتقانلىقىدىن] قىلغان پەريادىنى ئاڭلىدىم؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى بىلىمەن. شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم. مانا ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ نالە-پەريادى ماڭا يەتتى، مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق زۇلۇم قىلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم.
”پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار جىم تۇرساڭلارلا بولدى، دېدى.
”«ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن».
”سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛
”لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ؛ مەن بارلىق كېسەللىكنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن.
”ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن.
”مەن زېمىنغا ئارام-تىنچلىق ئاتا قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سىلەرنى قورقىتالمايدۇ، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلايسىلەر؛ ۋەھشىي ھايۋانلارنى زېمىندىن يوقىتىمەن، قىلىچمۇ زېمىنىڭلاردىن ئۆتمەيدۇ؛
”بەلگىلىمىلىرىمنى تاشلاپ، قەلبىڭلاردىن ھۆكۈملىرىمنى يامان كۆرۈپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتماي، ئەھدەمنى بۇزساڭلار، مەنمۇ بېشىڭلارغا شۇ ئىشلارنى چۈشۈرىمەنكى، مەن سىلەرگە ۋەھىمە سېلىپ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلىنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن. سىلەر ئۇرۇقۇڭلارنى بىكار چېچىپ-تېرىيسىلەر، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ. مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارشى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئۇرۇلۇپ قاچىدىغان بولىسىلەر؛ سىلەرنى ئۆچ كۆرگۈچىلەر ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قاچىسىلەر.
”سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ.
”پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ.
”بۇ قىرىق يىلدا كىيىم-كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى. سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛ شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن.
”ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر.
”مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛ مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت-بەرىكەت بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، بەلكى سىلەر تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، مەن بۈگۈن تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كەتسەڭلار، سىلەرگە لەنەت چۈشىدۇ.
”ئەگەر سەن دۈشمەنلىرىڭگە جەڭ قىلغىلى چىقىپ، ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزۈڭدىن كۆپ بولغان بىر ئەلنى كۆرسەڭ، ئۇلاردىن ھېچ قورقما. چۈنكى سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى سەن بىلەن بىللىدۇر.
”ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مەن بۈگۈن ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭ، خۇدايىڭ پەرۋەردىگار سېنى يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ قىلىدۇ؛
”مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن».
”جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!».
”مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» دېدى.
”ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.
”مانا ساڭا: جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر.
”ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: قورقماڭلار ۋە ھېچ ھودۇقماڭلار، قەيسەر ۋە غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ھۇجۇم قىلغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق ئىشنى قىلىدۇ، دېدى.
”پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛ ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ، قىغلىقتىن يوقسۇلنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تەڭ ئولتۇرغۇزىدۇ؛ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك تەختىگە مىراس قىلدۇرىدۇ؛ چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆزى دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالغانىدى.
”ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. پەرۋەردىگار زېمىن ئۈچۈن قىلغان دۇئالارنى قوبۇل قىلىپ، ۋابا ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا توختىدى.
”شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن» دېدى. [ھەزەكىيا] بولسا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى. يەشايا چىقىپ ئوردىدىكى ئوتتۇرا ھويلىغا يەتمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ يېنىپ بېرىپ خەلقىمنىڭ باشلامچىسى ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، مەن سېنى ساقايتىمەن. ئۈچىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىسەن. كۈنلىرىڭگە مەن يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغدايمەن.
”مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار،
”[شۇ چاغدا] نامىم بىلەن ئاتالغان بۇ خەلقىم ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ يۈزۈمنى ئىزلەپ، رەزىل يوللىرىدىن يانسا، مەن ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىمەن ۋە زېمىنىنى ساقايتىمەن. ئەمدى بۇ يەردە قىلىنغان دۇئالارغا مېنىڭ كۆزلىرىم ئوچۇق ۋە قۇلاقلىرىم دىڭ بولىدۇ.
”ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغىنى ناھايىتى بىر ئىنسانىي ئەتلىك بىلەك، خالاس؛ لېكىن بىز بىلەن بىللە بولغۇچى بولسا بىزگە مەدەتكار بولۇپ، بىز ئۈچۈن جەڭ قىلغۇچى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار باردۇر! دېدى. خەلق يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ تاياندى.
”بىر خەۋەرچى ئايۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: كالىلار بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر ئەتراپتا ئوتلاۋاتاتتى؛ شېبالىقلار ھۇجۇم قىلىپ كالا-ئېشەكلەرنى بۇلاپ كەتتى. ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، دېدى. بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ قويلار ۋە ئىشلەۋاتقان ياشلارنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، دېدى. بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: كالدىيلەر ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۆگىلەرنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى، ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، دېدى. بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا، تۇيۇقسىز، چۆلدىن قاتتىق بىر بوران چىقىپ ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنى قاتتىق سوقۇپ، ئۆي غۇلاپ چۈشۈپ ياشلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، دېدى. ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ
”مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چۈشكەن، ئۇ يەرگىمۇ يالىڭاچ قايتىمەن؛ ھەممىنى پەرۋەردىگار [ماڭا] بەرگەن، ئەمدى پەرۋەردىگار [مەندىن] ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! دېدى.
”شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ھەر ئادەم ئۆز جېنىنى دەپ تېرىسىنى بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ، ھەتتا ھەممە نېمىسىنىمۇ بېرىشكە تەيياردۇر؛ بىراق سەن ھازىر قولۇڭنى سوزۇپ ئۇنىڭ سۆڭەك-ئەتلىرىگە تەگسەڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ تىللىمىسا [شەيتان بولماي كېتەي]! دېدى. پەرۋەردىگار شەيتانغا: مانا، ئۇ ھازىر سېنىڭ قولۇڭدا تۇرۇۋاتىدۇ! بىراق ئۇنىڭ جېنىغا تەگمە! دېدى. شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئايۇپنىڭ بەدىنىنى تاپىنىدىن بېشىغىچە ئىنتايىن ئازابلىق ھۈررەك-ھۈررەك يارىلار بىلەن توشقۇزىۋەتتى. ئايۇپ بولسا بەدىنىنى تاتىلاش-غىرداش ئۈچۈن بىر ساپال پارچىسىنى قولىغا ئېلىپ، كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى.
”ئايالى ئۇنىڭغا: ئەجەبا سەن تېخىچە ئۆز ساداقەتلىكىڭدە چىڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ خۇدانى قارغا، ئۆلۈپلا تۈگەش! دېدى. لېكىن ئايۇپ ئۇنىڭغا: سەن ھاماقەت ئاياللاردەك گەپ قىلىۋاتىسەن. بىز خۇدانىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلغانىكەنمىز، ئەجەبا ئۇنىڭدىن كەلگەن كۈلپەتنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ دېدى. ئىشلاردا ئايۇپ ئېغىزدا ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدى.
”ئايۇپنىڭ دوستلىرىدىن ئۈچەيلەن ئۇنىڭغا چۈشكەن كۈلپەتتىن خەۋەردار بولدى. ئۇلار، يەنى تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار دېگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىپ، ئايۇپقا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ھەم تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا بىللە كېلىشكەنىدى. ئۇلار كېلىپ يىراقتىنلا ئۇنىڭغا قارىۋىدى، ئۇنى تونىيالماي قالدى-دە، ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ يىغلاپ تاشلىدى. ھەربىرى ئۆز تونلىرىنى يىرتىۋېتىپ، توپا-چاڭلارنى ئاسمانغا ئېتىپ ئۆز باشلىرىغا چېچىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە داق يەردە يەتتە كېچە-كۈندۈز ئولتۇردى، ئۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمىنىڭ ئىنتايىن ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.
”قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر، شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ! چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛ ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ.
”شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى، ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم! مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟ مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟
”ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.
”ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى، تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى.
”ئۇ يەنە سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكە بىلەن، لەۋلىرىڭنى شادلىق ئاۋازلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ،
”مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛ ئۆز دەردىمنى تۆكۈۋالاي؛ قەلبىمدىكى ئاھ-زارىمنى سۆزلىۋالاي.
”جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن، ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛ كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ، سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن. ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن، سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن. راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ، ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
”سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر.
”ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛
”مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن.
”ئۇ [پەقەت] ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئۆزى ئۈچۈنلا ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ.
”ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى.
”بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ! ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!
”ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى. كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ.
”ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى. مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن. مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم. تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ.
”ياكى بولمىسا، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا ئاغرىق بىلەن، سۆڭەكلىرىنى ئۆز-ئارا سوقۇشتۇرۇپ بىئارام قىلىش بىلەن، تەربىيە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تائامدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەردىن قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئېتى كۆزدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەسلىدە كۆرۈنمەيدىغان سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جېنى كۆز يەتمەس ھاڭغا يېقىن كېلىدۇ، ھاياتى ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ؛
”چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛ ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» دېسە،
”شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوست-ئاغىنە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماقلاندى؛ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرىسىدا تەسەللى بېرىشتى؛ ھەمدە ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۈمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى.
”دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» دېيىشىدۇ. ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
”بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ. مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن!
”مەن ياتاي، ھەم خاتىرجەملىكتە ئۇخلىۋالاي؛ چۈنكى مېنى بىخەتەرلىكتە ياشاتقۇچى پەقەتلا سەن، ئى پەرۋەردىگار!
”ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى. مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟ يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.
”ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر. نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن.
”ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛
”سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛ دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛ چۈنكى سەن يېتىم-يېسىرلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛
”قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟ قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟ ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم! ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە، كۆزۈمنى يورۇتقايسەن،
”مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛ چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن. سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.
”مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ساقلىغايسەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە مېنى يوشۇرغايسەن؛ مېنى بۇلىماقچى بولغان رەزىل ئادەملەردىن، مېنى قورشىۋالغان ئەشەددىي كۈشەندىلىرىمدىن يوشۇرغىن؛
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى: ئاھ، پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، مەن سېنى سۆيىمەن! پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! مېنىڭ تەڭرىم، مېنىڭ قورام تېشىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىمدۇر! مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، شۇندا دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛ ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛ تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى.
”چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس، ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛ ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛ بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان.
”داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر، موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛ ئۇ مېنى يۇمران چۆپلەردە ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرار؛ تىنچ ئاقىدىغان سۇلارنى بويلىتىپ باقىدۇ؛ ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛ ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر. مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛ مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛ قەدەھىم تاشىدۇ؛ بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛ مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!
”ماڭا قاراپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن. كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن. دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن!
”داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار. زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن. پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن. بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ.
”ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ.
”پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛ شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ، ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن.
”ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، سەن مېنى ساقايتتىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ. پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛ يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ، خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ.
”ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟ توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟ ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن! سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛ [ھازىلىق] بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ، ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛ شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي، ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن! ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن!
”ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛ ماڭا قورام تاش، ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورغانلىق قەلئە بولغايسەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئۇيۇلتېشىم، مېنىڭ قورغىنىمدۇرسەن؛ شۇڭا ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنى يېتەكلىگەيسەن، مېنى باشلىغايسەن.
”ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى؛ دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تۈگۈشەي دەپ قالدى، جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق. ھاياتىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن، يىللىرىم غەم-غۇسسە بىلەن ئۇپراۋاتىدۇ. گۇناھىم تۈپەيلىدىن ماغدۇرۇم كېتەي دەپ قالدى، ئۇستىخانلىرىم سىزىپ كەتتى. مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە قالدىم، يېقىنلىرىم ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ تونۇشلىرىمغىمۇ بىر ۋەھىمە بولدۇم؛ كوچىدا مېنى كۆرگەنلەرمۇ مەندىن داجىپ قاچىدۇ. ھەممەيلەن مېنى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاشتى؛ پۇچۇق چىنىدەك بولۇپ قالدىم.
”مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن.
”مەن [گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي]، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم، كۈن بويى ئاھۇ-پىغان ئىچىدە، سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛ چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. سېلاھ!
”مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قەھەتچىلىكتە ئۇلارنى ھايات ساقلاش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قەھەتچىلىكتە ئۇلارنى ھايات ساقلاش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.
”ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى
”پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار ئامان ساقلار خۇدا ئۇنىڭ بارلىق سۆڭەكلىرىنى، ھەتتا سۇنۇق قىلماس بىر تال ئۇستىخىنىنى
”لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى! مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم، مەن ئۆز ئانىسىغا ھازا تۇتقاندەك، بېشىمنى سېلىپ يۈردۈم.
”سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ. ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛ سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن. چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز.
”ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى
”پاك ئادەملەرگە باق، كۈزەت دۇرۇسلارنى، تىنچلىقنى سۆيگەنلەرنىڭ بولىدۇ ئىستىقبالى
”قاتتىق غەزىپىڭ تۈپەيلىدىن ئەتلىرىمدە ھېچ ساقلىق يوق، گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمدا ئارام يوقتۇر. چۈنكى گۇناھلىرىم بويۇمدىن تاشتى؛ ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈسىز ئېغىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى. ئەخمەقلىقىمدىن جاراھەتلىرىم سېسىپ، شەلۋەرەپ كەتتى. ئازابتىن بەللىرىم تولىمۇ پۈكۈلۈپ كەتتى، كۈن بويى غەمگە پېتىپ يۈرىمەن! چاتىراقلىرىم ئوتقا تولدى، ئەتلىرىمنىڭ ساق يېرى يوقتۇر. مەن تولىمۇ ھالسىراپ، ئېزىلىپ كەتتىم؛ قەلبىمدىكى ئازاب-قايغۇ تۈپەيلىدىن ھۆركىرەيمەن. رەب، بارلىق ئارزۇيۇم كۆز ئالدىڭدىدۇر؛ ئۇھ تارتىشلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ يۈرىكىم جىغىلداپ، ھالىمدىن كەتتىم؛ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى.
”مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم. سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە، سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛ بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك، سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس!
”ئۇ مېنى ھالاكەت ئورىكىدىن، شۇنداقلا پاتقاق لايدىن تارتىۋالدى، پۇتلىرىمنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ، قەدەملىرىمنى مۇستەھكەم قىلدى. ئۇ ئاغزىمغا يېڭى ناخشا-مۇناجاتنى، يەنى خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشلەرنى سالدى؛ نۇرغۇن خەلق بۇنى كۆرۈپ، قورقىدۇ، ھەم پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ.
”ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي!
”ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن. مەن ئىلتىجا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» دېدىم.
”ــ ئى جېنىم، سەن تېنىمدە نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىقتىن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىمنى! جېنىم ئىچىمدە مەيۈسلىنىپ كەتتى؛ شۇڭا مەن سېنى سېغىنىمەن؛ ھەتتا مۇساپىرلىقتا ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى ۋادىلاردا، ھەرمون تاغلىرىدا، مىزار تېغىدىمۇ سېنى سېغىنىمەن.
”شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم! ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا! چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر. شۇڭا يەر-زېمىن ئۆڭتۈرۈلۈپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ دېڭىز تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ دولقۇنلىرى شاۋقۇنلىنىپ قاينام بولسىمۇ، ئۆركەشلىرى بىلەن تاغلار سىلكىنىپ كەتسىمۇ، قورقمايمىز. سېلاھ.
”ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش! مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» دەيدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قورغىنىمىزدۇر!
”چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ!
”بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛ مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن».
”ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ.
”خۇدا قوبۇل قىلىدىغان قۇربانلىقلار سۇنۇق بىر روھتۇر؛ سۇنۇق ۋە ئېزىلگەن قەلبنى سەن كەمسىتمەيسەن، ئى خۇدا؛
”ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ، ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: ــ «قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم، پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛ ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» دەيدۇ.
”ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛ گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ.
”يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ.
”مەن قورققان كۈنۈمدە، مەن ساڭا تايىنىمەن. مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، خۇداغىلا تايىنىمەن؛ مەن قورقمايمەن؛ ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛ ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ.
”مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟
”خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن. چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن.
”لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن! ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر.
”لېكىن مەن بولسام قۇدرىتىڭنى كۈيلەيمەن، بەرھەق، سەھەرلەردە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىمەن؛ چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن يۇقىرى قورغان، ئېغىر كۈنلىرىمدە پاناھگاھ بولۇپ كەلگەنسەن. ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى، ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر، ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدايىمدۇر.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن! چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن. مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. سېلاھ.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛ مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
”ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر. پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر. ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! سېلاھ.
”داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم! مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ، جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك، مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم! ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛ لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن، سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن. جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛ ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن. چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن. مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە.
”يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر. خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ.
”ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا، مەن بۇ دەۋرگە [كۈچلۈك] بىلىكىڭنى [جاكارلىغۇچە]، كېلەر ئەۋلادنىڭ ھەممىسىگە قۇدرىتىڭنى ئايان قىلغۇچە، [مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن]! ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن! سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن، مېنى قايتىدىن يېڭىلايسەن، يەر تەگلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىسەن؛ سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن. مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى! ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛
”ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛ ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن. ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن. ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر!
”گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛
”جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتىدۇ، دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلىدۇ؛ مانا، ھەتتا مۇبارەك قۇچقاچمۇ بىر ماكاننى تاپقان، قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم! سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ.
”بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
”چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ زوردۇر، سەن تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن جېنىمنى قۇتقۇزىسەن؛
”ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتقىن! نېمىشقىمۇ بارلىق ئىنسان بالىلىرىنى بىھۇدىلىككە ياراتقانسەن؟ قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ سېلاھ.
”خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى: يا رەببىم، سەن بارلىق دەۋردە بىزگە ماكان بولۇپ كېلىۋاتىسەن؛
”ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ. مەن پەرۋەردىگارنى: «مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛ مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» دەيمەن. بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم ۋابا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ. ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر. سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن، نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن. سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ.
”پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، ھېچ ۋابا چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ. ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ. ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن. «ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن. ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن. ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن».
”ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-ئەندىشىلەر ئارىسىدا، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى.
”بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر.
”تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار، ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار! بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛ بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس! بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز. دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن، ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛ ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!
”ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى: ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد-پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە: دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن! يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛ قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن! مانا، كۈنلىرىم ئىس-تۈتەكتەك تۈگەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىم ئوتۇن-چوغلارغا ئوخشاش كۆيدى! يۈرىكىم زەخمە يەپ چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتى، ھەتتا نېنىمنى يېيىشنى ئۇنتۇدۇم. مەن ئاھۇ-زار تارتقانلىقىمدىن، ئەتلىرىم سۈڭەكلىرىمگە چاپلىشىپ قالدى.
”كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى، ئۆزۈم بولسام چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتىم. لېكىن سەن، پەرۋەردىگار، ئەبەدىي تۇرىسەن، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر.
”داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم؛ ئى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر قايتۇر! پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم، ئۇنتۇما ئۇنىڭ بارلىق مېھرىمبانلىق-بەرىكەتلىرىنى؛ ئۇ پۈتكۈل قەبىھلىكلىرىڭنى كەچۈرىدۇ، بارلىق كېسەللىرىڭگە داۋا قىلىدۇ؛ ھاياتىڭنى ھاڭدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزىدۇ، بېشىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ھەم رەھىمدىللىقلارنى تاج قىلىپ كىيگۈزىدۇ.
”چۈنكى ئۇ ئۆزى بىزنىڭ جىسمىمىزنى بىلىدۇ، تۇپراقتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇ ئېسىگە ئالىدۇ. ئىنسان بولسا ئۇنىڭ كۈنلىرى ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، دالادىكى گۈلدەك ئۈنۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شامال ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، ئۇ يوق بولىدۇ، ئەسلىي ماكانىمۇ ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر.
”كۆپ قېتىم [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛ بىراق ئۇلار بولسا، ئۆز خاھىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار ئۆز قەبىھلىكى بىلەن پەس ھالغا چۈشتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ جەبىر-جاپالىرىغا ئېتىبار بەردى؛ ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى، زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن، غەزىپىدىن ياندى، ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى.
”ئاچ ھەمدە ئۇسسۇز بولۇپ، جېنى چىقاي دەپ قالدى. ئاندىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى.
”چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى، ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى. زۈلمەتتە، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشىغانلار، تۆمۈر كىشەن سېلىنىپ، ئازاب چەككەنلەرنى بولسا، (چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى) ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. ئۇلارنى زۇلمەت ھەم ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى.
”ھاماقەتلەر ئۆز ئىتائەتسىزلىك يوللىرىدىن، قەبىھلىكلىرىدىن ئازابلارغا ئۇچرايدۇ؛ كۆڭلىدە ھەرخىل ئوزۇق-تۈلۈكتىن بىزار بولۇپ، ئۆلۈم دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. ئۇ سۆز-كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ، ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.
”ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛ چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن، ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن. مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛
”پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر!
”قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى. پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
”پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر.
”مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن.
”پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى.
”قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى
”جېنىم قايغۇ بىلەن ئېرىپ كېتىدۇ؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى كۈچلەندۈرگەيسەن.
”ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛ چۈنكى سۆز-ۋەدەڭ مېنى جانلاندۇردى.
”مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان، بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن.
”ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم.
”ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن. ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن. مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن، رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
”سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم. مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛
”زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
”پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛ بىراق ئەمرلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكلىرىمدۇر.
”مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر.
”پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛ پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ.
”كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.
”پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە.
”نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: رەزىل ئادەمدىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ زوراۋان كىشىدىن مېنى ساقلىغايسەن. ئۇلار كۆڭلىدە يامانلىقلارنى ئويلىماقتا؛ ئۇلار ھەر كۈنى جەم بولۇشۇپ ئۇرۇش چىقارماقچى. تىلىنى يىلاننىڭكىدەك ئىتتىك قىلىدۇ؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛ سېلاھ.
”مەن بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، يوقسۇلنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ؛
”داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛ ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن. روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى. ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ. مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» دېدىم. مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛ مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر. سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛ ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن.
”قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛ جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. سېلاھ. ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.
”پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر، ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى ھەمدۇسانالار چۈشمەس مېنىڭ ئېغىزىمدىن پەرۋەردىگارغا، پۈتكۈل جانلىقلار مەڭگۈ مەدھىيە ئوقۇسۇن مۇقەددەس نامىغا
”ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ. پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛ پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ.
”ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ.
”ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول. شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ.
”كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛ لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار.
”كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار.
”شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار.
”پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛ ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار.
”تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛ بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟
”ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر.
”بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، كۈچسىز ھېسابلىنىسەن. [سەۋەبسىز] ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛
”كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن! ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن! ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل.
”ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ئاسمانلار ئاستىدىكى ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار؛ تۇغۇلۇشنىڭ بىر ۋاقتى بار، ئۆلۈشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار؛ تىكىش ۋاقتى بار، تىكىلگەننى سۆكۈش ۋاقتى بار؛ ئۆلتۈرۈش ۋاقتى بار، ساقايتىش ۋاقتى بار؛ بۇزۇش ۋاقتى بار، قۇرۇش ۋاقتى بار؛ يىغلاش ۋاقتى بار، كۈلۈش ۋاقتى بار؛ ماتەم تۇتۇش ۋاقتى بار، ئۇسسۇل ئويناش ۋاقتى بار؛
”ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر. ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك. غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشىلىنىدۇ. دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر.
”ئاۋات كۈنىدە ھۇزۇر ئال؛ ۋە يامان كۈنىدىمۇ شۇنى ئويلاپ كۆر: خۇدا ئۇلارنىڭ بىرىنى، شۇنداقلا يەنە بىرىنىمۇ تەڭ ياراتقاندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ.
”نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى، بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، پەقەت يارا-جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن.
”پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛ ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ.
”پەرۋەردىگار مىسىرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۇرىدۇ ھەم ساقايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ساقايتىدۇ.
”ــ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، كۆرگەنلىرىمدىن تولغىنىپ كەتتىم، ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم.
”يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ، جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ، يەر يۈزىدىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ. يەر-زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ [تەبىئەتنىڭ] قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن. شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ، ئىنسانلار ئاز قالىدۇ.
”چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان، يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان، بورانغا دالدا، ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛ چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك، قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى. بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك، سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ.
”ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان.
”كىم ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئوي-خىيالى ساڭا باغلىغان بولسا، سەن ئۇنى مۇتلەق خاتىرجەملىكتە ساقلايسەن؛ چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشەنچ-ئېتىقاد باغلىغاندۇر. مەڭگۈگە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ چۈنكى ياھ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئەبەدىلئەبەدلىك بىر قورام تاشتۇر.
”ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە خاتىرجەملىك نېسىپ قىلىسەن؛ چۈنكى بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ ۋۇجۇقا چىقارغانسەن.
”ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر! چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ. رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى، سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ، شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ، بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛ سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: «يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن.
”ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار، ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار، يۈرىكى ئاغقانلارغا: «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار! مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛ قىساس كېلىدۇ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ! ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» دەڭ! ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ، ئاندىن ئاقساق-توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛ گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى دالادا سۇلار، چۆل-باياۋانلاردا دەريا-ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛
”شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛ شۇ يەردە شىر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يىرتقۇچ ھايۋان (ئۇلار شۇ يەردە ھېچ تېپىلمايدۇ) نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار شۇ يەردە ماڭىدۇ! پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.
”خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار، تەسەللى بېرىڭلار، دەپلا يۈرىدۇ خۇدايىڭلار؛ يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى، ئۇنىڭ جەبىر-جاپالىق ۋاقتى ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىندى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ [مېھىر-شەپقىتىنى] ئالدى.
”قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛ ئۇ قوزىلارنى بىلەك-قولىغا يىغىدۇ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ، ئېمىتكۈچىلەرنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.
”سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدلىك خۇدا، جاھاننىڭ قەرىلىرىنى ياراتقۇچىدۇر! ئۇ يا ھالسىزلانمايدۇ، يا چارچىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئوي-بىلىمىنىڭ تېگىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ؛ ماغدۇرسىزلارغا ئۇ بەرداشلىقنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتىدۇ. ھەتتا يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ چارچاپ كەتسىمۇ، باتۇرلار بولسا پۇتلىشىپ يىقىلسىمۇ، بىراق پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ؛ ئۇلار بۈركۈتلەردەك قانات كېرىپ ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار يۈگۈرۈپ، چارچىمايدۇ؛ يولدا مېڭىپ، ھالىدىن كەتمەيدۇ!
”ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ مەن سېنى كۈچەيتىمەن، بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن.
”بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن.
”بىراق ھازىر ئى ياقۇپ، سېنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار، ئى ئىسرائىل، سېنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇنداق دەيدۇ: «قورقما؛ چۈنكى مەن ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ سېنى قۇتقۇزغان؛ سېنى ئۆز نامىم بىلەن ئاتىغانمەن؛ سەن مېنىڭكىدۇرسەن! سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ.
”نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن، بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».
”سىلەر قېرىغۇچىمۇ مەن يەنىلا شۇنداقتۇرمەن، چېچىڭلار ئاقارغۇچىمۇ مەن سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن؛ سىلەرنى ياسىغان مەندۇرمەن، سىلەرنى كۆتۈرىمەن؛ سىلەرنى يۈدۈپ قۇتقۇزىمەن.
”قارا، مەن سېنى تاۋلىدىم، بىراق كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم؛ مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا سېنى تاللىۋالدىم؛
”ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسساپ كەتمەيدۇ؛ تومۇز ئىسسىقمۇ، قۇياش تەپتىمۇ ئۇلارنى ئۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچى ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ، ئۇ ئۇلارغا بۇلاقلارنى بويلىتىپ يول باشلايدۇ.
”خۇشاللىقتىن توۋلاڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ئى يەر-زېمىن، شادلان؛ ناخشىلارنى ياڭرىتىڭلار، ئى تاغلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭ خار بولغان پېقىر-مۆمىنلىرىگە رەھىم قىلىدۇ.
”مانا، مەن سېنى ئۆز ئالقانلىرىمغا ئويۇپ پۈتكەنمەن؛ [خارابە] تاملىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىدۇر.
”چۈنكى پەرۋەردىگار زىئونغا تەسەللى بەرمەي قويمايدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق خارابە يەرلىرىگە چوقۇم تەسەللى بېرىدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ جاڭگاللىرىنى ئېرەن باغچىسىدەك، ئۇنىڭ چۆل-باياۋانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ بېغىدەك قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەم شاد-خۇراملىق، رەھمەتلەر ھەم ناخشا ئاۋازلىرى تېپىلىدۇ.
”شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ. سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم، ئۆزۈمدۇرمەن؛ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنساندىن، تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟
”بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟ ئۇ بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ. ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق! لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى. ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى. كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس. بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ. بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى».
”قورقما، چۈنكى سەن ھېچ خىجالەتتە بولمايسەن، ھېچ ئۇياتقا قالدۇرۇلمايسەن، چۈنكى يەرگە ھېچ قارىتىلىپ قالمايسەن، چۈنكى ياشلىقىڭدىكى خىجىلچانلىقنى ئۇنتۇيسەن، تۇللۇقۇڭنىڭ ئاھانىتىنى ھېچ ئېسىڭگە كەلتۈرەلمەيسەن.
”سەن ھەققانىيلىق بىلەن تىكلىنىسەن؛ سەن زۇلۇمدىن يىراق، (چۈنكى سەن ھېچ قورقمايسەن) ۋەھشەتتىنمۇ يىراق تۇرغۇچى بولىسەن، چۈنكى ئۇ ساڭا ھېچ يېقىنلاشمايدۇ.
”ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ؛ ساڭا ئەرز-شىكايەت قىلغۇچى ھەربىر تىلنى سەن مات قىلىسەن. مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر! ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى بولسا مەندىندۇر!
”چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛
”ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛ يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ.
”چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن.
”مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛ يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن! ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن! مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛ يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن! ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن!
”مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟ مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش، بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش، ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش، ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟ ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟
”شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ، سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛ ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ، ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ. سەن چاقىرساڭ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ؛ نىدا قىلىسەن، ئۇ: «مانا مەن!» دەيدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىن بويۇنتۇرۇقنى، تەڭلەيدىغان بارماقنى، ھەم تۆھمەت گەپلىرىنى يوق قىلساڭ، جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ، شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛ زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛ ھەم پەرۋەردىگار سېنىڭ دائىملىق يېتەكلىگۈچىڭ بولىدۇ، جېنىڭنى قۇرغاقچىلىق بولغان ۋاقتىدىمۇ قامدايدۇ، ئۇستىخانلىرىڭنى كۈچەيتىدۇ؛ سەن سۇغىرىلىدىغان بىر باغ، سۇلىرى ئۇرغۇپ تۈگىمەيدىغان، ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق بولىسەن؛
”«رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى، ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا، بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى. زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.
”ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛ «ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان، ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛ ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛
”چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ. ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛ مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار، چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق، ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن. ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛
”خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر.
”پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ! ئۇ سۇلار بويىدا تىكلەنگەن، ئېرىق بويىدا كەڭ يىلتىز تارتقان دەرەخدەك؛ پىژغىرىم ئىسسىقتىن ئۇ قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەمىشە يېشىلدۇر؛ قۇرغاقچىلىق يىلى ئۇ سولاشمايدۇ ۋە مېۋە بېرىشتىن قالمايدۇ.
”مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن!
”چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر.
”چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن.
”چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن. ــ مەن [يەرەمىيا] بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن.
”ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ئۇلارغا چەكسىز ئارامبەخش ھەم ھەقىقەتنى يېشىپ ئايان قىلىمەن.
”ئويغىنىپ كېچىلىرى نەچچە رەت، نىدا قىلغىن ئىگىمىز ئالدىدا، قەلبىڭنى ئىزھار قىلغىن ئۇنىڭغا. قول كۆتۈرۈپ ئۆتۈنگىن ئىگەڭدىن، ئاچلىقتىن ھوشسىز ياتقان بالىلىرىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا.
”توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى، ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر! ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» دەيمەن. بەخت ئاتا قىلار پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا، ئىلتىپاتىنى ياغدۇرار ئۆزىگە سېغىنغانلارغا پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر.
”ئازار بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر.
”ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ، «قورقما» دېدىڭ. ئى ئىگەم، ئاقلاپ مېنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ھاياتىمنى
”تېرىمىز تونۇردەك قىزىق، ئاچلىق تۈپەيلىدىن قىزىتما بىزنى باسماقتا.
”مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ. مەن ئۆزۈم ئۆز پادامنى باقىمەن، ئۇلارنى ياتقۇزىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ــ مەن يولدىن تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرىمەن؛ زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويىمەن، ئاجىزلارنى كۈچەيتىمەن؛ بىراق سەمرىگەنلەر ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىمەن؛ پادامنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.
”نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى: شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا شۈكۈر-سانالار بولغاي! ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە تايانغان قۇللىرىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا خىزمەت قىلماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئۆز خۇدايىمىزنىڭلا ئىبادىتىدە بولىمىز دەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى.
”خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى.
”ئۇ بالايىقازادىن قوغدايدۇ ۋە قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردىمۇ، يەر يۈزىدىمۇ ئالامەت-كارامەتلەرنى يارىتىدۇ، ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى».
”«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛ ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ. ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۈرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز!
”مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن!
”ۋە مەن سىلەرگە چېكەتكىلەر، چېكەتكە لىچىنكىلىرى، «ۋەيرانچى قۇرت»لار، «چىشلىگۈچى قۇرت»لار، يەنى مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن ئۇلۇغ قوشۇنۇم يېگەن يىللارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ سىلەر بولۇشىچە يەپ، قاندۇرۇلىسىلەر، شۇنىڭدەك سىلەرگە كارامەت ئىشلارنى كۆرسەتكەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ.
”«مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.
”پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ.
”لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛
”ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى. شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ».
”ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
”مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ.
”مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.
”بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.
”شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ سىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى. ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە تۇشلۇق بولىدۇ.
”تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ.
”ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ: تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: خالايمەن، پاك بولغىن! دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى.
”ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، [رىملىق] بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ: ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، دېدى. مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، دېدى ئەيسا. يۈزبېشى جاۋابەن: تەقسىر، تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى. ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە: مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق ئىشەنچنى ھەتتا ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ تاپالمىغانىدىم. سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، دېدى. ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا: ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك سەن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ پەيتتە ساقايتىلدى.
”ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى. ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. [ئايال] دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.
”كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى. بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
”ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى. مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز دېدى. ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى.
”ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار: ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ دەپ توۋلىدى. شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا: ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشتى. ئۇ ئۇلارغا: چىقىڭلار! دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى.
”ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، دېدى. ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟ «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ پالەچ كېسەلگە: ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، دېدى. ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى.
”بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا: ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر.
”ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ: قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى.
”ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى. [شۇنى ئاڭلاپ] كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى. كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى.
”ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! دەپ نىدا قىلىشتى. ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ دەپ سورىدى. ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا: بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى.
”ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، دېيىشتى.
”ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى.
”ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.
”ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار.
”تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ. ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر!
”ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
”كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» دەپ ئېيتىڭلار.
”ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.
”ۋە مانا، ئۇ يەردە بىر قولى يېگىلەپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا سەۋەب تاپماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن: شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: بىرەرسىڭلارنىڭ قويى شابات كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ ئىنسان بولسا قويدىن شۇنچە ئەتىبارلىقتۇر! شۇڭا، شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. ئاندىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: قولۇڭنى ئۇزات، دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
”ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛
”شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى.
”تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ.
”ئۇ [قىرغاققا] چىقىپ كەتكىنىدە، زور بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتتى.
”ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى.
”مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى. لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، دېدى. ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، دېدى. ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! دەپ يالۋۇردى. ئۇ ئۇنىڭغا: بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، دېدى. لېكىن ھېلىقى ئايال: دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا: ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
”ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى.
”ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، دېدى. ئەيسا جاۋابەن: ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى.
”ئۇ ئۇلارغا: ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ.
”ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
”شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر.
”ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ توۋلىدى. كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى. ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ دەپ سورىدى. يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! دېيىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
”ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
”ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ. دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر.
”ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.
”چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن [خۇدانىڭ] ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.
”يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ.
”پېترۇس ئۇنىڭغا: سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى.
”ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا: جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، دېۋىدى، سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، دېدى.
”بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى.
”لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى.
”توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.
”سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ: ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! دەپ توۋلايتتى. لېكىن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىپ: ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! دېدى. ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى.
”ئەمما سىموننىڭ قېينئانىسى قىزىتما ئىچىدە يېتىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى [ئەيساغا] ئېيتتى. ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزدى. ئۇنىڭ قىزىتمىسى دەرھال ياندى ۋە ئۇ ئۇلارنى كۈتۈشكە كىرىشتى.
”كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.
”شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز-كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى. ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! دەپ ئۆتۈندى. ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: خالايمەن، پاك قىلىنغىن! دېۋىدى، شۇ سۆز بىلەنلا ماخاۋ كېسىلى دەرھال بىماردىن كېتىپ، ئۇ پاك قىلىندى.
”مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن [ئەيسانىڭ ئالدىغا] چۈشۈردى. ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە: بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، دېدى. لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ: «بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى. ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟ مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟ ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا [ئۆيدىن] چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ: مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، دېيىشتى.
”بۇنى ئاڭلىغان ئەيسا ئۇلارغا: ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى.
”ئۇ يەنە سىناگوگقا كىردى. شۇ يەردە بىر قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. [پەرىسىيلەر] ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى. ئەيسا قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىققىن! دېدى. ئاندىن، سىناگوگدىكىلەردىن: تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى. ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە: قولۇڭنى ئۇزات، دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
”چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقىنى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق ۋابا-كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا [قولۇمنى] بىر تەگكۈزۈۋالسام دەپ قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. ناپاك روھلار [چاپلىشىۋالغانلار] قاچانلا ئۇنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
”ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا، كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى.
”بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ.
”ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى. لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
”ئۇ كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ھېچكىم زەنجىرلەر بىلەنمۇ باغلىيالمايتتى. چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. ئۇ كېچە-كۈندۈز مازارلىقتا ۋە تاغلار ئارىسىدا توختاۋسىز ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى، ئۆز-ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ يارىلاندۇراتتى. لېكىن ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ: ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! خۇدا ھەققى، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما! دېدى (چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن: ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئىسمىم «قوشۇن» چۈنكى سانىمىز كۆپ، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. جىنلار ئۇنىڭغا: بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارغا ئەۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە يول قويغايسەن، دەپ يالۋۇرۇشتى. ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى.
”خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب تارتىپ، بار-يوقىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئايال ئەيسا ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ تونىنى سىلىدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا ساقايماي قالمايمەن» دەپ ئويلىغانىدى. خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى.
”ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! دېيىشتى. لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول! دېدى. ئۇ پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننا بىلەن يولغا چىقتى؛ باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى. ئۇ سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، قىيقاس-چۇقاننى، خالايىقنىڭ قاتتىق نالە-پەرياد ۋە ئاھ-زار كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: نېمىشقا قىيقاس-چۇقان ۋە ئاھ-زار كۆتۈرىسىلەر؟ بالا ئۆلمەپتۇ، ئۇخلاپ قاپتۇ، دېدى. ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى؛ لېكىن ئۇ ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆز ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، بالا ياتقان ئۆيگە كىردى. ئۇ بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى (ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىشقا مۇتلەق ھەيران قېلىشتى.
”شۇنىڭ بىلەن قوللىرىنى بىرقانچە بىمارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا، شۇ يەردە ئۇ ھېچقانداق مۆجىزە يارىتالمىدى.
”ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى.
”ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە «ئۇ پالانچى يەرگە چۈشۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە [ئۇنىڭ ئالدىغا] ئېلىپ بېرىشتى. ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.
”دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى (ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا تۇرۇپ بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭ تۈپەيلىدىن يولۇڭغا قايت، جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، دېدى. ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، مانا قىز كارىۋاتتا ياتاتتى، جىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
”خالايىق ئۇنىڭ ئالدىغا تىلى ئېغىر، گاس بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈشتى. ئۇ ئۇ ئادەمنى خالايىقتىن ئايرىپ بىر چەتكە تارتىپ، بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، [بارمىقىنى] ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. ئاندىن ئۇ ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ خورسىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى دەرھال ئېچىلىپ، تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئەيسا ئۇلارغا بۇنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. لېكىن ئۇلارغا ھەرقانچە تاپىلىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەرنى يەنىلا شۇنچە كەڭ تارقىتىۋەتتى. خالايىق [بۇ ئىشقا] مۇتلەق ھەيران قېلىشىپ: ئۇ ھەممە ئىشلارنى قالتىس قىلىدىكەن! ھەتتا گاسلارنى ئاڭلايدىغان، گاچىلارنى سۆزلەيدىغان قىلىدىكەن، دېيىشتى.
”ئۇلار بەيت-سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى. ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى.
”خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان. ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، دېدى. ئۇ جاۋابەن: ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار دېدى. ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن: بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ دەپ سورىدى. ئۇ: كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق، جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! دېدى. بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ. ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! دېدى. شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى. لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى.
”ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ.
”ئۇلار يېرىخو شەھىرىگە كەلدى. [ئەيسا] مۇخلىسلىرى ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە يېرىخودىن چىققان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ «ناسارەتلىك ئەيسا»نىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! دەپ توۋلاشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى «ئۈن چىقارما» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن ئۇ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن، دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى. ئەيسا توختاپ: ئۇنى چاقىرىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قارىغۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: يۈرەكلىك بول! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! دېيىشتى. ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: سەن مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ دەپ سورىدى. قارىغۇ: ئى ئىگەم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: يولۇڭغا قايتساڭ بولىدۇ، ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، دېۋىدى، ئۇ شۇئان كۆرەلەيدىغان بولدى ۋە يول بويى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
”ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.
”سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر. لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك. ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ [سوراققا] تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.
”لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا: سەن بىلەن بىللە ئۆلىدىغان ئىش كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، دېدى. قالغان ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى.
”ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا: جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ئويغاق تۇرۇڭلار، دېدى. ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم ياتتى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، دېدى.
”شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى.
”ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى. ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى.
”توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.
”ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.
”ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى».
”ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! دەپ توۋلاپ كەتتى. لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، دېيىشتى.
”ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
”كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى.
”شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن: تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! دەپ يالۋۇردى. ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: خالايمەن، پاكلانغىن! دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى.
”لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى.
”شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى. شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى. بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ [پالەچكە]: بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! دېدى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ دەپ ئويلاشتى. بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟ «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ پالەچ كېسەلگە: ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! دەپ بۇيرۇدى. ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
”ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى.
”يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى. ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ دەپ سورىدى. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: قولۇڭنى ئۇزات، دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى.
”ئەيسا [روسۇللىرى] بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى. بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى.
”مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر. مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر. كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك! شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى [بۇرۇنقى] پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان.
”ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى. يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ [يەھۇدىي] ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى. ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن. شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ». ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ [يۈزبېشىغا] تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا: دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! دېدى. يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى.
”ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى. رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: يىغلىمىغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! دېدى. ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. [ئەيسا] ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
”دەل شۇ ۋاقىتتا [ئەيسا] ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا]: سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» دەپ ئېيتىڭلار.
”ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)،
”كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى. مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! دېدى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى. ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! دەپ كېتىشتى.
”شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! دەپ توۋلاپ كەتتى. چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى). ئەيسا بۇ ئادەمدىن: ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ئىسمىم «قوشۇن»، دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى. ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.
”ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. ئۇ [ئەيسانىڭ] ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى.
”ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا: قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، دېدى. لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، دېدى. ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ: بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! دېدى. ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى. لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، دەپ چاقىردى. [قىزنىڭ] روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى.
”ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى.
”مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.
”بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى.
”مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى. مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. [جىن] ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، دېدى. ئەيسا جاۋابەن: ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن دېدى. بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى.
”ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار.
”مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ.
”ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن يېرىخو شەھىرىگە چۈشۈۋېتىپ، يولدا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھالدا تاشلاپ كېتىپتۇ. ۋە شۇنداق بولدىكى، مەلۇم بىر كاھىن شۇ يولدىن چۈشۈۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدەك بىر لاۋىيلىق [روھانىي] بۇ يەرگە كەلگەندە، يېنىغا كېلىپ قاراپ قويۇپ، يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. لېكىن سەپەردە بولغان بىر سامارىيەلىك ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ ۋە ئالدىغا بېرىپ، جاراھەتلىرىگە ماي ۋە شاراب قۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۇلىغىقا مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.
”ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى.
”بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىمۇ خۇدا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغىنى يوق. لېكىن ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار؛ سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىن قىممەتلىكسىلەر!
”ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، تۇرمۇشۇڭلار توغرۇلۇق، نېمە يەرمىز ياكى نېمە كىيەرمىز، دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى ھاياتلىق يېمەكلىكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىزدۇر. قۇزغۇنلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ ۋە يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. لېكىن خۇدا ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر قۇشلاردىن قانچىلىك ئەزىز-ھە! ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ ئەگەر شۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشمۇ قولۇڭلاردىن كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن قالغان ئىشلار توغرىسىدا غەم-ئەندىشە قىلىسىلەر؟ نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاقمۇ ئېگىرمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەنىڭ بىر گۈلىچىلىكىمۇ يوق ئىدى. ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟! شۇنداق ئىكەن، نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز دەپ باش قاتۇرماڭلار، ھېچنېمىدىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى ھەرقايسى ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. بىراق ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىنتىلىڭلار ۋە ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى.
”مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، [كەمبەغەللەرگە] خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
”مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! دېدى. ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى.
”ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟!
”ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار.
”ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى.
”شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن
”ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى. ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا [ھەركۈنى] ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى. ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى. ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛ ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: «ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى. لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد-بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن. ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس». ئەمدى باي يەنە: «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن [لازارۇسنى] ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن [لازارۇس] ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» دېدى. بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [ئاگاھ-گۇۋاھلىقى] بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» دېدى. لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» دېدى. ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» دېدى.
”بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى. ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، [ماخاۋدىن] پاكلاندى. ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى.
”كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
”ۋە شۇنداق ئىش بولدىكى، ئۇ يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، بىر كور كىشى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: نېمە ئىش بولغاندۇ؟ دەپ سورىدى. خەق ئۇنىڭغا: ــ ناسارەتلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ. ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى. ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ دەپ سورىدى. ئى رەببىم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! دېدى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، دېدى. ۋە ئۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى؛ ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇدانى ئۇلۇغلاپ ماڭدى. ۋە بارلىق خالايىقمۇ بۇنى كۆرۈپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
”چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، دېدى.
”چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
”بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ!
”سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر.
”رەب يەنە [پېترۇسقا]: «ئەي سىمون، سىمون! مانا، شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن. لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» دېدى. ــ ئى رەب، دېدى پېترۇس، مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن!
”ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.
”ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. ئەيسا: ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، دېدى.
”ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.
”چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.
”ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). [شۇ كۈنلەردە]، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: [ئۆيۈمگە] چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: سىلەر [گالىلىيەلىكلەر] مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! دېدى. ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا: تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! دېدى. ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى. ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، دېيىشتى. بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى.
”بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن. ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: ساقىيىشنى خالامسەن؟ دەپ سورىدى. بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن: تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى.
”بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا: مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! دېدى.
”زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
”ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر. ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.
”شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.
”ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان. كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى.
”دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس.
”ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم. ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ.
”مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ.
”ئەيسا ئۇنىڭغا: تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟
”مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ: ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى! دېدى. ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە: ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ دەپ سورىدى. ئى رەب، كېلىپ كۆرگىن، دېيىشتى ئۇلار. ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. يەھۇدىي خەلقى: قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! دېيىشتى.
”ئەيسا: تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! دېدى. بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن! بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! دەپ توۋلىدى. ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! دېدى.
”كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار. بولمىغان بولسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتقان بولاتتىم؛ چۈنكى مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن.
”ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن».
”سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار.
”سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ. سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ.
”مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.
”شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ. ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ!
”سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
”شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى.
”[لەشكەرلەر] ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. [لەشكەرلەر] ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى.
”ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن: تامام بولدى! دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
”بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە: «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى.
”ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ».
”شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى، مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛ مېنىڭ تېنىم ئۈمىد-ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛ چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن. سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن».
”بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! دېۋىدى، ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ
”شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
”باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ، روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى. لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار دەپ تاپىلىدى.
”روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى.
”لېكىن سائۇل جامائەتكە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، ئەر-ئايالغا قارىماي ئۇلارنى سۆرەپ چىقىپ زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى تارقىلىپ كەتكەنلەر تارقالغان يۇرتلاردا كېزىپ سۆز-كالامنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى.
”توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛ زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى.
”سىلەرنىڭمۇ يەھيا [پەيغەمبەر] چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
”پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى. شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: تېز تۇر! دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! دېدى. پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ [كامېردىن] چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى. ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.
”ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، دەپ نەسىھەت قىلدى.
”توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى. ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى.
”ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى. تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى. لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا: ئۆزۈڭگە زەرەر يەتكۈزمە، ھەممىمىز بار! دەپ ۋارقىرىدى. گۇندىپاي: چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دەپ سورىدى.
”خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى. كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى.
”رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر،
”ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛ پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە. لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن.
”بۇنداق قىلىپ ھەربىر ئىشلاردا مەن سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر-ئەمگەك ئارقىلىق ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا رەب ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ بەختلىكتۇر» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسەتتىم.
”لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن: سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، دېدى. بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ: رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! دېدۇق.
”ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى.
”شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى.
”لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز.
”شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى
”ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟ بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى [مەسىھنىڭ] ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن (چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ).
”مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار. شۇڭا گۇناھنىڭ ئۆلىدىغان تېنىڭلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماڭلار، ئۇنىڭ رەزىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنماڭلار، شۇنىڭدەك تېنىڭلارنىڭ ھېچ ئەزاسىنى ھەققانىيەتسىزلىققا قورال قىلىپ گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەردەك، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار ھەمدە تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ھەققانىيەتنىڭ قورالى قىلىپ خۇداغا ئاتاڭلار.
”ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا سىلەر زادى قانداق مېۋە كۆردۈڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئۆلۈمدۈر. بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.
”چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.
”نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟
”خۇلاسىلىساق، مەسىھ ئەيسادا بولغانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم بولمايدۇ. چۈنكى مەسىھ ئەيسادا بولغان ھاياتلىقنى بەخش ئېتىدىغان روھنىڭ قانۇنىيىتى ئادەمنى گۇناھقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قانۇنىيەتتىن سىلەرنى خالاس قىلدى. چۈنكى [گۇناھلىق] ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى [قىلدى]؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى [ئۆلۈمگە] مەھكۇم قىلىۋەتتى؛ بۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس] قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى ئەتكە ئەگەشمەيدىغان، بەلكى روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى ئەتكە بويسۇنىدىغانلار ئەتكە خاس ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا، شۇ روھقا ئائىت ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ. ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا ئائىت ئوي-نىيەتلەر ھاياتلىق ۋە خاتىرجەم-ئامانلىقتۇر؛ چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ ئەتتە بولغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ.
”ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس. لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر. ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، بىز ئەتكە قەرزدار ئەمەس، يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاشقا قەرزدار ئەمەسمىز. چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر. چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز. روھ بىزنىڭ ئۆز روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز.
”چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. چۈنكى يارىتىلغان كائىنات [خۇدانىڭ] [لەنىتى ئاستىدا قېلىپ]، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى يارىتىلغان كائىنات [خۇدانىڭ] [لەنىتى ئاستىدا قېلىپ]، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھازىرغىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، تۇغۇت تولغىقىنىڭ ئازابىنى بىرلىكتە تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى [مۇقەددەس] روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە [خۇدانىڭ] ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. بىز ئۈمىدكە باغلانغاچقا، قۇتقۇزۇلغانىكەنمىز. لېكىن ئۈمىد قىلىنغان نەرسە كۆرۈلگەن بولسا، ئۇ يەنە ئۈمىد بولامدۇ؟ كىممۇ كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ئۈمىد قىلسۇن؟ بىراق، تېخى كۆرمىگىنىمىزگە ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەكتۇر.
”شۇنىڭدەك، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا [مۇقەددەس] روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ چۈنكى قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگۈسىز نالە-پەرياد بىلەن بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ قارىغۇچى بولسا، [مۇقەددەس] روھنىڭ ئوي-نىيەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس بەندىلىرى ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] دۇئا قىلىپ ئۆتۈنمەكتە.
”شۇنداقلا شۇنى بىلىمىزكى، پۈتكۈل ئىشلار خۇدانى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۇنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ بەخت-بەرىكىتىگە بىرلىكتە خىزمەت قىلماقتا. چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. ئالدىن بېكىتكەن كىشىلەرنى ئۇ چاقىردى، چاقىرغان كىشىلەرنى ئۇ ھەققانىي قىلدى؛ ھەققانىي قىلغانلارغا ئۇ شان-شەرەپ ئاتا قىلدى.
”ئۇنداقتا، بۇ ئىشلارغا يەنە نېمە دەيلى؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟! ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرغان [خۇدا]، ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەممىنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلماي قالارمۇ؟ كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟! خۇدا ھەققانىي قىلغان يەردە، كىممۇ گۇناھقا مەھكۇم قىلالىسۇن؟ ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن [خۇدانىڭ ئالدىدا] تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ شۇنداق قىلارمۇ؟!
”كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟ [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز».
”بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛ شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.
”مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار. چۈنكى مېنىڭ بۇرادەرلىرىم، يەنى جىسمانىي جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم بولغان ئىسرائىللارنى [نىجات تاپقۇزالىسام] [خۇدانىڭ] لەنىتىگە قېلىپ مەسىھتىن مەھرۇم قىلىنىشىمنى تىلەشكە رازى ئىدىم؛ ئۇلار ئىسرائىللار! ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى، [خۇدانىڭ] شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشى، ئەھدىلىرى، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئامانەت بولۇشى، ئىبادەت خىزمەتلىرى ۋە [تەۋرات] ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى.
”خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس».
”مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس». چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ. چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ».
”شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ [خۇداغا] قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.
”ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار.
”بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز. چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر.
”ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.
”ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم؛ مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا شۇنداق ئادەم بولدۇم.
”ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر.
”بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر. بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ.
”چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار.
”ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
”ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر.
”چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!»
”رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، رەھىمدىللىقلارنىڭ ئىگىسى ئاتا، بارلىق رىغبەت-تەسەللىنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلغاي! بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت-تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت-تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت-تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق. چۈنكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت-تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز. ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت-تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز.
”چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئاسىيادا بىز دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمىز؛ ئۇ ۋاقىتلاردا بىز چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق، ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد ئۈزگۈدەك بولغانىدۇق؛ ئەمما ئۆزىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگۈچى خۇداغا تايىنىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندەك يۈرەتتۇق. ئۇ بىزنى بۇنداق دەھشەتلىك بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ۋە ھازىر قۇتقۇزماقتا، ۋە بىزنى يەنىلا قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدۇق؛
”ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز. مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
”شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر.
”چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز. ئەمدى بۇ [كونا ئۆيىمىزدە] تۇرغىنىمىزدا ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى كىيىۋېلىشقا زور ئىنتىزار بىلەن ئاھ ئۇرماقتىمىز
”شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمىشە يۇرەكلىك بولىمىز؛ ھەمدە تېنىمىزدە ماكان تۇتقىنىمىزدا رەبدىن نېرى بولغان مۇساپىر بولىمىز دەپ بىلىمىز (چۈنكى بىز كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد بىلەن ماڭىمىز)؛ بىز يۇرەكلىك بولۇپ، شۇنىڭدەك تەندىن نېرى بولۇپ رەب بىلەن بىللە بىر ماكاندا بولۇشقا تېخىمۇ خۇرسەنمىز.
”چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز.
”شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى!
”بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا، قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ-توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا، پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن،
”نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھورمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق-يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛ دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز.
”مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز. سىلەرگە باغلىغان ئىشەنچىم زور، سىلەردىن بولغان پەخرىم زور؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەت-تەسەللىگە تولدۇرۇلدۇم، بارلىق جاپا-مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزدە خۇشاللىقىم ئېشىپ تاشتى.
”چۈنكى بەرھەق، ماكېدونىيەگە كىرگىنىمىزدىمۇ ئەتلىرىمىز ھېچ ئارام تاپالماي، ھەرتەرەپتىن قىسىلىپ قالدۇق؛ سىرتىمىزدا جېدەل-كۈرەشلەر، ئىچىمىزدە قورقۇنچلار بار ئىدى. ئەمما چۈشكۈنلەرگە رىغبەت-تەسەللى بەرگۈچى خۇدا بىزگە تىتۇسنىڭ كېلىشى ئارقىلىق رىغبەت-تەسەللى بەردى؛
”چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى مانا، دەل مۇشۇ ئىش، يەنى خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئەستايىدىللىق، ئۆزلىرىڭلارنى ئەيىبتىن نەقەدەر خالاس قىلىش، شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، شۇنچە كۆپ تەقەززارلىق، شۇنچە كۆپ قىزغىنلىق ۋە جازالاشقا شۇنچە تەييار بولۇشنى ئېلىپ كەلدى! سىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبتىن خالاس بولۇشۇڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار.
”ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛
”ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات-شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ. [مۇقەددەس يازمىلاردا] پۈتۈلگىنىدەك: «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ». ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل-مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛
”ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛ يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم، ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛ ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم. بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن. ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟ ھەركىم ئېزىپ پۇتلاشقان بولسا، مەن ئۆرتەنمىدىممۇ؟! ئەمدى ئەگەر ماختىنىشىم زۆرۈر بولسا، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن.
”شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن.
”ھەتتا ماختىناي دېسەممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن؛ چۈنكى مەن ھەقىقەتنى ئېيتقان بولاتتىم؛ ئەمما بىرسى مەندە كۆرگىنىدىن ياكى مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىدىن مېنى (ماڭا ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەرنىڭ غايەت زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن) يۇقىرى ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ماختىنىشتىن يىغدىم. مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن، يەنى مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈندۇر. بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛ لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛ شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.
”مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر. سىلەر مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان [بەخت-سائادەتكە] مىراسخوردۇرسىلەر.
”ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق،
”بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.
”بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛
”شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ
”ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، [خۇدانىڭ] سىلەرنى چاقىرغان [بۈيۈك] چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ،
”چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر. مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر.
”ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛ مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي. مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە] دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار].
”چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛ مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛
”چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر.
”ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى.
”چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز.
”مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ،
”ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ.
”رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار! سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر! ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛ شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ.
”مەن ئوسال ئەھۋالدا ياشاشنى بىلىمەن، ھەم كەڭرىچىلىكتە ياشاشنىمۇ بىلىمەن. ھەر ئىشتا، ھەر ئەھۋالدا، ھەم توقلۇقتا ھەم ئاچلىقتا، ھەم باياشاتچىلىقتا ھەم موھتاجلىقتا ياشاشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالدىم. ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم. ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار.
”ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ.
”بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر. بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر. ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛
”ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛
”سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ. كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ. ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر.
”مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار.
”سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق.
”[بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر. چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر. شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم.
”لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، [ئاراڭلاردىكى] [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، [ئەيسا قايتا كەلگىنىدە]، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛
”ھەردائىم شادلىنىڭلار. توختىماي دۇئا قىلىڭلار. ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر.
”خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئۆزۈل-كېسىل پاك-مۇقەددەس قىلغاي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە پۈتكۈل روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ.
”شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟
”ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي! ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي!
”خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!
”(ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن).
”چۈنكى بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز. شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىك يېتەرلىك بولسىلا بۇلاردىن قانائەت قىلىمىز.
”چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.
”شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى. مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم.
”بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ! ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، [خۇدا] تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن. تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز. قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.
”لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.
”لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن.
”چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى. گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، بىردىنبىر ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم. ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ [غەلىبە] تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ.
”تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي! لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم. رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن!
”(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛
”مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن سۆيۈملۈكىمىز ۋە خىزمەتدىشىمىز فىلېمونغا
”لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ
”پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى.
”چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.
”ئەمدى ئۇنىڭ ئاراملىقىغا كىرىپ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى [بىزگە] قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇنچتا ئېھتىيات قىلايلى. چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى [چۆلدىكى ئىسرائىللارغا] ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز-كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ دېگەن». خۇدانىڭ ئەمەللىرى بولسا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىلا ھەممىسى تاماملانغانىدى؛ چۈنكى يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى». يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىككى، خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرەلەيدىغانلار بار، ئەمما ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىرەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ [ئاراملىق توغرىسىدا] ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان: «بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!» ئەگەر يەشۇئا [پەيغەمبەر] [ئىسرائىللارنى] ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر [ئاراملىق] كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى. قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە.
”چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر. شۇڭا يۈرىكىمىز توق ھالدا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا شاپائەت تېپىش ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت [ئايان قىلىنغۇچى] تەختكە يېقىنلىشايلى.
”[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى.
”ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار. چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدا] مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»، «كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ كېچىكمەيدۇ. بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ».
”بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئادەمدىن، يەنى ئۆلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى.
”بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى.
”ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ زات بولغاندىن كېيىن، «پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى» دېگەن ئاتاقتا تۇرىۋېرىشنى رەت قىلىپ، گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى. ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى [ئەرشتىكى] ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى. ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. [جاپا-مۇشەققەتكە] چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى.
”مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، [خۇدا] ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى، دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى. [ئېتىقادى بولغاچقا]، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى. يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛ ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى (ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق. ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ.
”ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى. ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى. كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار.
”گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار. خۇدانىڭ سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ جېكىلەيدىغان [مۇقەددەس يازمىلاردىكى] مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلار: «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ». ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟ ئەمدى [خۇدانىڭ] تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟ ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بەرھەق پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ئازغىنە ۋاقىت بىزنى تەربىيىلىگەن. لېكىن ئۇ بولسا بىزگە پايدىلىق بولسۇن دەپ، پاك-مۇقەددەسلىكىدىن مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. ئەمدى قاتتىق تەربىيە بېرىلگەن ۋاقتىدا ئادەمنى خۇش قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادەمنى قايغۇغا چۆمدۈرىدۇ؛ بىراق بۇنىڭ بىلەن تۈزەلگەنلەرگە ئۇ كېيىن ھەققانىيلىقتىن چىققان تىنچ-خاتىرجەملىكنىڭ مېۋىسىنى بېرىدۇ.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار» ۋە «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار.
”زىندانغا تاشلانغانلارنى ئۇلار بىلەن بىللە [زىنداندا] زەنجىرلەنگەندەك ياد ئېتىڭلار. خورلانغانلارنى ئۆزۈڭلارمۇ تەندە تۇرۇۋاتقان بەندە سۈپىتىدە ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار.
”مېڭىش-تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن». شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى، «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»
”شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى. چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز.
”شۇڭا، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا قۇربانلىق سۈپىتىدە مەدھىيىلىرىمىزنى توختاۋسىز ئاتايلى، يەنى ئۆز لەۋلىرىمىزنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى. ئەمدى خەير-ساخاۋەت قىلىشنى ۋە بارىڭلاردىن ئورتاق تەقسىملەشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.
”ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر.
”سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
”پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭلار. بىز مانا مۇشۇنداق [سەۋر-تاقەت بىلەن] بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك دەپ ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى، شۇنداقلا «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان»لىقىنى كۆرگەنسىلەر.
”ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ [بېشىغا] ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.
”سىلەر بۇ [نىجاتتىن] زور شادلىنىسىلەر گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ. ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ [قايتا] ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ.
”چۈنكى ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلسا، بۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. چۈنكى ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك ئۇرۇلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نېمىسى بار! لېكىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس». ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى. ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.
”لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛
”چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، [ئەلۋەتتە]. چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛
”ئەمدى مەسىھ تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. (چۈنكى [خۇدا يولىدا] ئۆز تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولىدۇ؛
”سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار. بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر. سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ. ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىل، ئوغرى، رەزىل ياكى چېپىلغاق بولۇش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام [بىلەن] [ئاتالغانلىقى] ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن.
”شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن.
”ئەمدى مەن ئاراڭلاردىكى ئاقساقاللاردىن (مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە) شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،
”ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛ سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ. ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ.
”بۇ [دۇئايىمنىڭ] ئاساسى بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى.
”ئەمدى شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رەب ئىخلاسمەنلەرنى دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزۇشنى ۋە شۇنىڭدەك ھەققانىيسىزلارنى سوراق كۈنىگىچە جازالىنىشقا ساقلاپ قويۇشنى بىلىدۇ.
”ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. رەب ئۆز ۋەدىسىنى [ئورۇنداشنى] (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ [ۋاقىتنى سوزماقتا].
”ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر.
”بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز. چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز. مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر.
”چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟
”ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ. ئۇنى ھەرنېمە تىلىگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ دەپ بىلگەنىكەنمىز، دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق، دەپ بىلىمىز.
”ئى سۆيۈمكۈك [دوستۇم]، جېنىڭ گۈللەنگەندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
”ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر!
”قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ جەننىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە مۇيەسسەر قىلىمەن».
”ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن. ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
”قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!».
”قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. تاش ئۈستىدە يېڭى بىر ئىسىم پۈتۈكلۈك بولىدۇ، شۇ ئىسىمنى ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».
”غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. مانا بۇ ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر: «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ». مەن ئۇنىڭغا تاڭ يۇلتۇزىنىمۇ ئاتا قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
”غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
”غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
”غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» «كىچىك ئاسىيا»دىكى يەتتە جامائەت
”ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، دېدىم. ئۇ ماڭا: بۇلار دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان. شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، دېدى.
”قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.
”مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: «بۇنىڭدىن كېيىن رەبدە ۋاپات بولۇپ ئۆلگەنلەر بەختلىكتۇر! دۇرۇس، دەيدۇ روھ، ئۇلار ھازىر ئۆز ئىشلىرىدىن توختاپ ئارام ئالالايدۇ. چۈنكى قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»».
”پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ [تۆكۈلگەن قانلىرى]، شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى».
”ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى
”ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». تەختتە ئولتۇرغۇچى: مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، دېدى. ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن. غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.
”