30 – ھاۋادا ئۇچرىشىش
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ھاۋادا ئۇچرىشىش.
بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ھاۋادا ئۇچرىشىش.
ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
”چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛ ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.
”ئى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنىشىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمىزكى، ئەگەر سىلەر «مەلۇم روھتىن كەلگەن ۋەھىي»دىن بولسۇن، بىرسىنىڭ سۆز-تەلىمىدىن بولسۇن ياكى «بىزنىڭ نامىمىزدا» يېزىلغان مەلۇم خەتلەردىن بولسۇن «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار! بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «[چوڭ] يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ. شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ.
”ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن».
”بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ! ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن! ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!
”ئاخىر زامانلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلكتىن ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ. نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» دېيىشىدۇ. چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. ئۇ ئەللەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇشنى ئۆگەنمەيدۇ.
”ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھشىتىدىن، ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر، [خادا] تاشلار ئىچىگە كىرىۋال، توپا-چاڭلار ئىچىگە مۆكۈۋال! چۈنكى ئادەمنىڭ تەكەببۇر كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى پەس قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)، شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ ئېگىز، پەلەككە يېتىدىغان بارلىق كېدىر دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، باشاندىكى بارلىق دۇب دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەممىسىگە، يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بارلىق دۆڭلەرنىڭ ئۈستىگە، ھەربىر ھەيۋەتلىك مۇنارنىڭ ئۈستىگە، ھەربىر مۇستەھكەم سېپىلنىڭ ئۈستىگە، تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى چۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ. ئادەملەرنىڭ كۆرەڭلىكى تۆۋەن قىلىنىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ تەكەببۇرلىقى پەس قىلىنىدۇ، شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ. بۇتلار بولسا ھەممىسى كۆزدىن يوقىلىدۇ. پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش غارلىرىنىڭ ئىچىگە، يەر يۈزىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە كىرىۋالىدۇ؛ شۇ كۈنىدە كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنۇشقا ياسىغان كۈمۈش بۇتلىرى ۋە ئالتۇن بۇتلىرىنى قارىغۇ چاشقانلارغا ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ؛ پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ، خادا تاش چاكلىرىنىڭ ئىچىگە، يارلارنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ؛
”شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن، زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ. شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي، شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت، كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛ چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ.
”چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ.
”پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ. ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ. مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا، رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛ ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ. چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛ قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ، ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ. مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن، قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛ ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛ زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن. مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن، ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن. شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە، ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە، مەن [خۇدا] ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن، يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛
”ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان.
”چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەرگە قارىتا غەزىپى بار، ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ھالاكەتكە پۈتۈپ قويغان، ئۇلارنى قىرغىنچىلىققا تاپشۇرۇۋەتكەن؛ ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سىرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ، جەسەتلىرىدىن سېسىقچىلىق پۇرايدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئېرىتىلىدۇ؛ ئاسمانلاردىكى جىمىكى جىسىم-قوشۇنلار چىرىپ يوق بولىدۇ، ئاسمانلار يۆگىمە كىتابدەك تۈرۈلىدۇ؛ ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ، سولىشىپ چۈشكەندەك، يىگلەپ كەتكەن ئەنجۈر شېخىدىن چۈشكەندەك، ئۇلارنىڭ جىمىكى جىسىم-قوشۇنلىرى يىقىلىدۇ؛ چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا [قان بىلەن] سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ بىر شەمشىرى بار؛ ئۇ قانغا بويالدى؛ ئۇ ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى، ئېدومدا زور بىر قىرغىنچىلىقى بار. مۇشۇ قىرغىنچىلىقلار بىلەن ياۋايى كالىلار، تورپاقلار ۋە كۈچلۈك بۇقىلارمۇ يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا چۆمۈلىدۇ، توپا-چاڭلىرى ياغ بىلەن مايلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان بىر كۈنى، زىئون دەۋاسىدىكى ھېساب ئالىدىغان يىلى بار. [ئېدومدىكى] ئېقىنلار قارىمايغا، ئۇنىڭ توپىلىرى گۈڭگۈرتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ زېمىنى بولسا كۆيۈۋاتقان قارىماي بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوتى كېچە-كۈندۈز ئۆچۈرۈلمەيدۇ؛ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈگە ئۆرلەيدۇ؛ ئۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە خارابىلىكتە تۇرىدۇ؛ ھېچكىم ئىككىنچى ئۇ يەرگە ئاياغ باسمايدۇ.
”ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر، ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار! چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛ مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەن، مۇشۇ سۆز ھەققانىيلىق بىلەن ئاغزىمدىن چىقتى، ھەرگىز قايتمايدۇ: «ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار ماڭا [ئىتائەت ئىچىدە] قەسەم ئىچىدۇ».
”مەن: «مېنىڭ بېكىتكىنىم ئورۇنلىنىدۇ، كۆڭلۈمگە بارلىق پۈككەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن» دەپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى باشتىلا، ئالدىنئالا تېخى قىلىنمىغان ئىشلارنى ئايان قىلىپ ئېيتقۇچىدۇرمەن؛
”كۆزەتچىلىرىڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلا! ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ توۋلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ!
”چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ.
”چۈنكى مەن يارىتىدىغان يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا دائىم تۇرغاندەك، سېنىڭ نەسلىڭ ھەم ئىسمىڭ تۇرۇپ ساقلىنىدۇ.
”ئايھاي، شۇ كۈنى دەھشەتلىكتۇر! ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇلىدۇ.
”چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن ئۆزۈم ئۆز قويلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورايمەن؛ پادىچى ئۆزىنىڭ قويلىرى ئارىسىدا، تاراپ كەتكەن قويلارنى تېپىپ باققاندەك، مەنمۇ قويلىرىمنى ئىزدەپ باقىمەن؛ ئۇلار بۇلۇتلۇق قاراڭغۇ كۈندە تارىلىپ كەتكەن ھەربىر جايلاردىن مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ئۇلارنى خەلقلەردىن ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەردىن يىغىمەن، ئۆز زېمىنىغا ئاپىرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، ئېرىق-ئۈستەڭلەر بويىدا ۋە زېمىندىكى بارلىق تۇرالغۇ جايلاردا باقىمەن؛
”شۇڭا بېشارەت بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن گۆرۈڭلەرنى ئېچىپ، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقىرىمەن، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئېلىپ كىرىمەن؛ مەن گۆرۈڭلەرنى ئاچقىنىمدا، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقارغىنىمدا، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر.
”بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ
”ــ ئەي ئالىيلىرى، سىلى غايىبانە ئالامەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرغان گىگانت بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەل ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، زور نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى. ھەيكەلنىڭ بېشى ئېسىل ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، بەل ۋە ساغرىلىرى مىستىن، يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان. ئۆزلىرى ئۇنى كۆرۈۋاتقان چاغلىرىدا، ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاش كېلىپ ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتىنى چېقىۋەتتى. ئۇنىڭدىكى تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش، ئالتۇنلار شۇئان پارچە-پارچە قىلىنىپ، شامال ئۇلارنى بەئەينى يازلىق خاماندىكى توپىلارنى ئۇچۇرغاندەك، قايتا ھېچ تېپىلمىغۇدەك قىلىپ ئۇچۇرىۋەتتى. لېكىن ھېلىقى تاش يوغىناپ، پۈتكۈل جاھاننى قاپلىغان غايەت زور بىر تاغقا ئايلاندى.
”كۆرگەن چۈشلىرى مانا شۇدۇر. ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز. بابىل ئىمپېرىيەسى ئەي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ بىر پادىشاھى، ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە پادىشاھلىق، نوپۇز، كۈچ ۋە شۆھرەت ئاتا قىلدى. ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا. پارس ئىمپېرىيەسى ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ. گرېتسىيە
”ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. تۆمۈر بارلىق باشقا نەرسىلەرنى چېقىۋېتىپ بويسۇندۇرغىنىدەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۆمۈر پادىشاھلىق ئۆز ئالدىنقى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىپ چېقىۋېتىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى ئۆزلىرى كۆرگەندەك تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇت ۋە بارماقلار بۇ پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمە بولۇپ كېتىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ پادىشاھلىق تۆمۈردەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى سىلى كۆرگەندەك، تۆمۈر بىلەن لاي ئارىلاشقان. تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتنىڭ بارماقلىرى ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزلىرى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردىلە. بۇ ئۇ [پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى پادىشاھلىقنىڭ] پۇقرالىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۆمۈر لاي بىلەن ئارىلاشمىغاندەك، بىرلىشىپ كېتەلمەيدۇ.
”ئۇ [ئاخىرقى] پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە. شۇڭا ئۇلۇغ خۇدا ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگەن. كۆرگەن چۈشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بېرىلگەن تەبىر مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر.
”كېچىدە كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈشتە مەنكى دانىيال شۇنى كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ تۆت تەرىپىدىن شامال چىقىپ، «ئۇلۇغ دېڭىز» يۈزىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى. دېڭىزدىن شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت زور مەخلۇق چىقتى. بىرىنچى مەخلۇق شىرغا ئوخشايتتى، لېكىن بۈركۈتنىڭ قانىتى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمدا، قاناتلىرى يۇلۇندى؛ ئاندىن ئۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى پۇتى يەرگە دەسسىتىلىپ ئادەمدەك تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي بىر قەلب بېرىلدى. مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» دېدى. قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا يەنە بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى، دۈمبىسىدە قۇشنىڭكىدەك تۆت قانىتى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بېشى تۆت ئىدى. ئۇنىڭغا ھاكىملىق ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى. مەن بۇ مۈڭگۈزلەرنى كۆزىتىۋاتقىنىمدا، مانا مۈڭگۈزلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچى يۇلۇۋېتىلدى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزى ۋە چوڭ سۆزلەيدىغان ئاغزى بار ئىدى.
”مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ يەرگە بىرنەچچە تەختنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلارنىڭ بىرىدە، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق، چاچلىرى ئاپئاق قوزا يۇڭىدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلار بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى.
”ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈزنىڭ يوغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئاۋازىدىن دىققىتىم شۇنىڭغا تارتىلىپ قاراپ تۇراتتىم. قاراپ تۇرغىنىمدا، تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ھالاك قىلىنىپ، ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلدى. قالغان ئۈچ مەخلۇق بولسا، ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى يەنە بىر مەزگىل ئۇزارتىلدى.
”كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس.
”«بۇ تۆت زور مەخلۇق كەلگۈسىدە دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆت پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە شۇنداق بولىدۇ».
”مەن باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇق، يەنى زور قورقۇنچلۇق، تۆمۈر چىشلىق، مىس تىرناقلىق، ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، ئاندىن قالدۇقلىرىنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيدىغان ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون مۈڭگۈزىنىڭ ۋە كېيىن ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈز توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق بىلمەكچى بولدۇم ئۇنىڭ، يەنى ھېلىقى كىچىكىنىڭ ئالدىدا ئەسلىدە بار بولغان باشقا ئۈچ مۈڭگۈز يۇلۇۋېتىلگەن، كۆزلىرى ۋە يوغان گەپ قىلىدىغان ئاغزى بار بولۇپ، ئەنە باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى. قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ كىچىك مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى؛ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» كەلگەندە، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، [خۇدانىڭ] مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى.
”[تەبىر بەرگۈچى] چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: «تۆتىنچى مەخلۇق كەلگۈسى دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆتىنچى بىر پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا ھەرقانداق پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى يۇتۇپ، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ. ئون مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن چىقىدىغان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن يەنە بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئاندىن خۇدانىڭ سوتى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھوقۇقى، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلارنىڭ سەلتەنىتى ۋە شۆھرىتى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە، يەنى خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ بىر پادىشاھلىقتۇر، دۇنيادىكى پۈتۈن ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ».
”بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتى، ساماۋىي قوشۇندىكىلەردىن ۋە يۇلتۇزلاردىن بىرمۇنچىسىنى يەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى (ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلىنىپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى بىلەن تەڭ بولماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىدا سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەمدە سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئاسىيلىق تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ خەلقى ۋە كۈندىلىك قۇربانلىق چوڭ مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلىدۇ). ئۇ ھەقىقەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. كەينىدىن، بىر مۇقەددەس [پەرىشتىنىڭ] سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس [پەرىشتە] سۆز قىلغان [پەرىشتىدىن]: غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ھېلىقى پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: بۇ ئىشلار ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدىن كېيىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي» پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، دېدى.
”بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، مەنكى دانىيال ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلاۋاتقىنىمدا، مانا، ئالدىمدا ئادەمنىڭ قىياپىتىدە بىرسى پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى. ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. [جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، دېدى. ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مەن ھازىر ساڭا [خۇدانىڭ] غەزىپى كەلگەن مەزگىلدە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت زامانلارنىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى نۇقتىسى توغرىسىدىدۇر.
”بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى توشۇشى بىلەن تولىمۇ نومۇسسىز، چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ كۈچى خېلى زور بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ كۈچ ئۆزلۈكىدىن چىقمايدۇ؛ ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى جەزمەن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ۋە [خۇدانىڭ] مۇقەددەس مۆمىن خەلقىنى يوقىتىدۇ. ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ. ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر».
”ــ «[خۇدا] تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر. شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ. بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر. ئۇ [ئەمىر خۇدانىڭ] خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر [دوستلۇق] ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» [مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، [يەنى خۇدا] بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ».
”مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر».
”كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ. [شىمالىي پادىشاھ] نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
”بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ. چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە [خۇدانىڭ] ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ.
”بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ.
”شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
”ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ. ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ. كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ».
”ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ». ئۇ ماڭا يەنە: ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، دېدى.
”مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ. ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن: بۇ كارامەت ئىشلار تۈگىگىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. [خۇدانىڭ] مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، دېدى.
”ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ.
”كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن».
”ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن.
”زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، مۇقەددەس تېغىمدا ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ زېمىندا تۇرغۇچى ھەممەيلەن دىر-دىر تىترىسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، ئۇ يېقىندىدۇر. ئۇ كۈن بولسا قاراڭغۇ ھەم سۈر كۈن، بۇلۇتلار قاپلانغان ھەم قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كۈن، تاڭ سەھەر تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، زور ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇچىلار بولۇپ باقمىغان، ئۇلاردىن كېيىنمۇ، دەۋردىن-دەۋرگە يەنە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا بىر يالقۇن كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ؛ كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن «ئېرەن باغچىسى»دەك، بىراق ئۇلارنىڭ تاپىنى تەگكەندىن كېيىن گۈل-گىياھسىز چۆل-باياۋان بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئاتلىق لەشكەردەك چاپىدۇ. جەڭ ھارۋىلىرى گۈلدۈرلىگەندەك سادا بىلەن ئۇلار تاغ چوققىلىرىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ؛ پاخالنى پاراسلاپ كۆيدۈرگەن ئوت ئاۋازىدەك تاراسلاپ ماڭىدۇ، دەبدەبىلىك سەپ تۈزەپ تۇرغان كۈچلۈك قوشۇندەك يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەللەر قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ھەممە چىراي تاتىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار پالۋانلاردەك يۈگۈرىدۇ؛ جەڭچىلەردەك سېپىلدىن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ؛ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ؛ سەپلىرىنى ھېچ بۇزمايدۇ. ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشىنى قىستىمايدۇ؛ ھەرقايسىسى ئۆز يولىدا ماڭىدۇ؛ قوراللارغا ئېتىلسىمۇ، يارىلانماي ئۆتۈپ ماڭىدۇ؛ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە چېپىشىدۇ؛ سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ؛ ئۆيلەرگە يامىشىپ چىقىدۇ؛ دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ. ئۇلار ئالدىدا يەر-زېمىننى تىترەك باسىدۇ، ئاسمانلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز قوشۇنى ئالدىدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارگاھى پايانسىزدۇر؛ ئۇنىڭ سۆزىنى ئورۇنلىغۇچى كۈچلۈكتۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى ئۇلۇغ، ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر؛ كىم ئۇنى كۆتۈرەلىسۇن؟
”ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللار ئۈستىگىمۇ، دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن.
”مەن ئاسمانلاردا، زېمىندە كارامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كەلمىگۈچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ھەم شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار دېگىنىدەك، زىئون تېغىدا ھەم يېرۇسالېمدا، ھەمدە پەرۋەردىگار چاقىرماقچى بولغان «قالدىسى»لار ئۈچۈن قۇتقۇزۇش-نىجات بولىدۇ.
”ئورغاقنى سېلىڭلار، چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر، ئىدىش-كۈپلەر تولۇپ تاشىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر» ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى. قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار ئۆز جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. پەرۋەردىگار زىئوندىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئاسمانلار، زېمىنلار سىلكىنىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە باشپاناھ، ئىسرائىل بالىلىرىغا كۈچ-ھىمايە بولىدۇ.
”شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، ئۆز مۇقەددەس تېغىم زىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر؛ يېرۇسالېم پاك-مۇقەددەس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ. ھەم شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدادىكى بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە لىق سۇ ئاقىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن بىر بۇلاق چىقىدۇ، شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ. مىسىر بولسا بىر چۆللۈك، ئېدوم ئادەمزاتسىز بىر چۆل-باياۋان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يەھۇدا بالىلىرىغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار بۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قانلارنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن. بىراق يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ، يېرۇسالېم دەۋردىن-دەۋرگىچە قالىدۇ؛ ھەم مەن ئۇلارنى تۆككەن قانلارنىڭ پاكلاندۇرۇلمىغان گۇناھلىرىدىن پاكلاندۇرىمەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوندا ماكانلاشقاندۇر.
”بىراق ئاخىرقى زاماندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلىكتىن ئۈستۈن قىلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ. نۇرغۇن قوۋم-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، ۋە بىز ئۇنىڭ ئىزلىرىدا ماڭىمىز» دېيىشىدۇ. چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇ كۈچلۈك ئەللەر، يىراقتا تۇرغان ئەللەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ؛ بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ؛ چۈنكى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى.
”پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛ بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛ ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى! يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ. شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن، كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن، ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن، زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن، بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن، ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ. مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك، ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.
”شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە چۈنكى مېنىڭ قارارىم ئەللەرنى يىغىش، پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى، ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.
”چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن،
”چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛ مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».
”مانا، پەرۋەردىگارغا خاس كۈن كېلىدۇ؛ [ئۇ كۈنى] ئاراڭدىن مال-مۈلكۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ بۆلۈشۈۋېلىنىدۇ. مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا يىغىمەن؛ شەھەر ئىشغال قىلىنىدۇ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ؛ شەھەرنىڭ يېرىمى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ تىرىك قالغان خەلق شەھەردىن ئېلىپ كېتىلمەيدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ.
”ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. ۋە سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ؛ سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيانىڭ كۈنلىرىدە بولغان يەر تەۋرەشتە قاچقىنىڭلاردەك قاچىسىلەر. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ! شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، نۇر توختاپ قالىدۇ؛ پارلاق يۇلتۇزلارمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ؛ بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ. شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ھاياتلىق سۇلىرى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ؛ يازدا ۋە قىشتا شۇنداق بولىدۇ.
”پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] بىردىنبىر ئۇنىڭلا نامى بولىدۇ.
”گېبادىن يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان پۈتۈن زېمىن «ئاراباھ»دەك تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ؛ ئادەملەر يەنە ئۇنىڭدا تۇرىدۇ. «ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ. ۋە پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغان بارلىق ئەللەرنى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن ۋابا شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئۆرە بولسىلا گۆشلىرى چىرىپ كېتىدۇ؛ كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ؛ تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ. شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەرۋەردىگاردىن زور بىر ئالاقزادىلىك چۈشىدۇ؛ ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىنى تۇتۇشىدۇ، ھەربىرىنىڭ قولى يېقىنىنىڭ قولىغا قارشى كۆتۈرۈلىدۇ. يەھۇدامۇ يېرۇسالېمدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى جەم قىلىپ يىغىلىدۇ سان-ساناقسىز ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەر بولىدۇ. ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارگاھلىرىدا بولغان بارلىق مال-ۋارانلار ئۈستىگە چۈشكەن ۋابا يۇقىرىقى ۋاباغا ئوخشاش بولىدۇ.
”شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن ھەممە ئەللەردىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھەر يىلى يېرۇسالېمغا، پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، يەر يۈزىدىكى قوۋم-جەمەتلەردىن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەتكە چىقمىغانلار بولسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغمايدۇ. مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ مىسىرنىڭ جازاسى، شۇنداقلا «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەرنىڭ جازاسى بولىدۇ.
”شۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولسۇن!» دەپ يېزىلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ قۇربانگاھ ئالدىدىكى قاچىلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ؛ يېرۇسالېمدىكى ۋە يەھۇدادىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ قۇربانلىق قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى پىشۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ.
”ــ بىراق ئۇنىڭ كەلگەن كۈنىدە كىم چىدىيالىسۇن؟ ئۇ كۆرۈنگەندە كىم تۇرالىسۇن؟ چۈنكى ئۇ تاۋلىغۇچىنىڭ ئوتى، كىرچىنىڭ ئاقارتقۇچ شولتىسىدەك بولىدۇ؛ ئۇ كۈمۈشنى تاۋلىغۇچى ھەم ئېرىغدىغۇچىدەك تاۋلاپ ئولتۇرىدۇ؛ لاۋىينىڭ بالىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىقتا قىلىنغان قۇربانلىق-ھەدىيەنى سۇنىدۇ.
”ئېتىزلىق بولسا دۇنيا. ياخشى ئۇرۇق بولسا [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، لېكىن كۈرمەك رەزىل بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار پەرىشتىلەردۇر. كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ، خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. ئۇ چاغدا ھەققانىيلار ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا خۇددى قۇياشتەك جۇلالىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
”ــ يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەرخىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. تور توشقاندا، [بېلىقچىلار] ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، قاچىلارغا قاچىلاپ، ئەرزىمەسلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
”بىراق ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: كەچقۇرۇن سىلەر قىزىل شەپەقنى كۆرگىنىڭلاردا، «ھاۋا ئەتە ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەر ۋە ئەتىگەندە: «بۈگۈن بوران چىقىدۇ، چۈنكى ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل ھەم تۇتۇق»، دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگى-رويىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، لېكىن بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيسىلەر!
”چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.
”ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئالەمدىكى ھەممە قايتىدىن يېڭىلانغىنىدا، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈم چىقىرىسىلەر.
”ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ [قايتىپ] كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مەسىھ مەن بولىمەن» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس. چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا ئاچارچىلىق، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس.
”ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئىتائەتسىزلىك-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، [خۇدانىڭ] پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ.
”دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن؛ ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چۈشمەيلا [قاچسۇن]. ئېتىزلىقتا تۇرغان كىشىمۇ چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىش ياكى شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن [خۇدانىڭ] ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.
”ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «[مەسىھ] ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، قالتىس مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنىمۇ ئازدۇراتتى. مانا، مەن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، ئۇ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بارماڭلار. «قاراڭلار، ئۇ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. چۈنكى چاقماق شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ قانداق چاققان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى جەسەت قايسى يەردە بولسا، ئۇ يەردىمۇ قۇزغۇنلار توپلىشىدۇ!
”ئۇ كۈنلەردىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ پەرىشتىلىرىنى زور جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن، ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەريەردىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
”ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] ھەممىسىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. لېكىن شۇ كۈنى ۋە ۋاقىت-سائىتىنىڭ خەۋىرىنى بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەتتا ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتاملا بىلىدۇ. ئەمدى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى [قايتىپ] كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، [شۇ زاماندىكى] كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى. توپان تۇيۇقسىز كېلىپ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
”ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىككى كىشى تۇرغان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ؛ ئىككى ئايال تۈگمەن بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلارنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيسىلەر. لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قايسى جېسەكتە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سەگەك تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆينى تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ!
”خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈكىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلىگەن ئىشەنچلىك ۋە پەملىك چاكار كىم بولىدۇ؟ خوجايىن [ئۆيىگە] قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. لېكىن مۇبادا شۇ چاكار رەزىل بولۇپ كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ، باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا، شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. شۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
”ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز. پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ. پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ. يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار [ماي] ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ. كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ. بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى نە ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى نە سائىتىنى بىلمەيسىلەر.
”ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ.
”ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار! چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
”ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ.
”ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر.
”چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ.
”ئۇ ئۇلارغا يەنە: مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.
”ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ ئىشلار قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نېمە ئالامەت بولىدۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلگەنلىكى ئەمەس. چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ، ئاچارچىلىقلار ۋە قالايمىقانچىلىقلار بولىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس.
”سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر. لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك. ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ [سوراققا] تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.
”«ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن. ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىگە چۈشمەي ياكى ئۆيىدىكى بىرەر نېمىنى ئالغىلى ئىچىگە كىرمەي [قاچسۇن]. ئېتىزلاردا تۇرۇۋاتقان كىشى بولسا چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! [قاچىدىغان] ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا ياراتقان دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنغاندىن بۇيان مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ.
”ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنى ھەم ئازدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار. مانا، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
”ئەمدى شۇ كۈنلەردە، شۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن، زېمىننىڭ چەتلىرىدىن ئاسماننىڭ چەتلىرىگىچە يىغىپ جەم قىلىدۇ.
”ــ ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. لېكىن شۇ كۈنى ياكى ۋاقىت-سائىتى توغرۇلۇق خەۋەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەتتا نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتىلا بىلىدۇ. ھوشيار بولۇڭلار، سەگەك بولۇپ دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. بۇ خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئۇ قۇللىرىغا ئۆز ھوقۇقىنى بېكىتىپ، ھەربىرىگە ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ ۋە دەرۋازىۋەننىڭمۇ سەگەك بولۇشىنى تاپىلايدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ سەگەك بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ [قايتىپ] كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ ئۇنى بىلەلمەيسىلەر؛ ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمىسۇن! سىلەرگە ئېيتقىنىمنى مەن ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: سەگەك تۇرۇڭلار!
”شۇنداق، مەن ئۆزۈم، دېدى ئەيسا، ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.
”چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.
”سىلەر بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىڭلارنى ياندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ خۇددى خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان بولىدۇ. خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ! ۋە ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر! لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى! شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ.
”خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. لېكىن مۇبادا شۇ چاكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ، باشقا چاكارلار ۋە دېدەكلەرنى بوزەك قىلىشقا ۋە يەپ-ئىچىپ، مەست بولۇشقا باشلىسا، شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. ئەمدى خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەييارلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلمىغان چاكار بولۇشىغا تاياق يەيدۇ.
”ئەيسا يەنە توپلاشقان ئادەملەرگە مۇنداق دېدى: سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتىن بۇلۇتنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، دەرھال «يامغۇر ياغىدۇ» دەيسىلەر، ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. جەنۇب تەرەپتىن شامالنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر يەر بىلەن كۆكنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، قانداقسىگە بۇ زاماننى پەرق ئېتەلمەيسىلەر؟!
”كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر. شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ.
”لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر. ۋە نۇھ [پەيغەمبەرنىڭ] كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، [بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ] ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ.
”شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا [ئۆيىگە] ھېچ يانمىسۇن. لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار! كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
”سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ». ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ!
”ئۇ شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز نىدا قىلىۋاتقان تاللىغان بەندىلىرىگە قانداق قىلار؟ گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە [رەزىللىككە] ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ دېدى.
”ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ.
”بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ! سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر.
”ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ [دۈشمەن] قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار. ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن. چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس يازمىلاردا] بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە [ئەرشتىكى] غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ.
”ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر.
”ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار. ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن. چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، دېدى.
”ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ.
”ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار. بولمىغان بولسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتقان بولاتتىم؛ چۈنكى مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.
”ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، دېدى.
”چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.
”چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ».
”ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!
”ئەمدى بىرسى بۇ ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك تاشلار، ياغاچ، چۆپلەر، سامان سالسا، ھەربىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنى ئاشكارە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئوتتا كۆرۈلىدۇ؛ ئوت ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنى، قانداق ماھىيەتتىن بولغانلىقىنى سىنايدۇ. بىرسىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قۇرغان ئىشى پۇختا ساقلىنىپ قالسا، ئۇ ئىنئامغا ئېرىشىدۇ؛ بىرسىنىڭ قۇرغىنى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ زىيان تارتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قۇتۇلىدۇ، ئەمما گويا ئوتتىن ئۆتۈپ قۇتۇلغان بىرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
”شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ.
”شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن. سىلەرنىڭ چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ياخشى ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ» دەپ بىلمەمسىلەر؟
”ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا [ئۆلۈمدە] ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز! بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛
”ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
”ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر.
”چۈنكى [بىز بارغانلىكى جايدىكى] كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ.
”لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، [ئاراڭلاردىكى] [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، [ئەيسا قايتا كەلگىنىدە]، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛
”چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛ ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.
”لېكىن ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇ ئىشلارنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە زامانلىرى توغرىسىدا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر، رەبنىڭ كۈنى خۇددى كېچىدە كىرگەن ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش [تۇيۇقسىز] كېلىدۇ. ئەمدى كىشىلەر «[دۇنيا] تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، قاراڭغۇلۇقتا تۇرغۇچىلار ئەمەسسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىدەك چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ.
”چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن. ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆلدى مەقسىتى، ھايات قېلىپ ئويغاق تۇرساقمۇ ياكى [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.
”شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ.
”ئى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنىشىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمىزكى، ئەگەر سىلەر «مەلۇم روھتىن كەلگەن ۋەھىي»دىن بولسۇن، بىرسىنىڭ سۆز-تەلىمىدىن بولسۇن ياكى «بىزنىڭ نامىمىزدا» يېزىلغان مەلۇم خەتلەردىن بولسۇن «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار! بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «[چوڭ] يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ. شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ.
”مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقىنىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟ ۋە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ئۇنى توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىلەرگە مەلۇم. چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا؛ لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر؛ ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە شۇنداق توسۇقلۇق پېتى تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ. «قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر. شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
”رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، [خۇدانىڭ] بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن. ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن! ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن!
”ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.
”مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن. چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ. لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن.
”ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ [غەلىبە] تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ.
”ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ.
”خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: «سەن، ئى رەب، ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىڭ، ئاسمانلارنى بولسا قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر».
”خوش، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ بۇيۇملار مۇشۇنداق [قۇربانلىقلار] بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاردىن ئېسىل قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى. [يەر يۈزىدىكى] باش كاھىننىڭ يىلمۇيىل ئۆز قېنىنى ئەمەس، بەلكى [قۇربانلىقلارنىڭ] قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرىپ تۇرغىنىدەك، ئۇ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى قايتا-قايتا ئاتاش ئۈچۈن كىرگىنى يوق. ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ.
”بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.
”[ئېتىقادى بولغاچقا]، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى.
”ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار. بايلىقىڭلار چىرىپ كەتتى، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كەتتى، ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا دات باستى، بۇ دات [قىيامەتتە] ئۆزۈڭلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ، گۆشۈڭلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەندەك يەۋېتىدۇ. سىلەرنىڭ بايلىقلارنى توپلىشىڭلار ئاخىرقى كۈنلەردە بولدى!
”شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى.
”ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان مازاقچىلار چىقىپ: «قېنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن ۋەدىسى؟! ئاتا-بوۋىلىرىمىز [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغاندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ. شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى. ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ.
”ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. رەب ئۆز ۋەدىسىنى [ئورۇنداشنى] (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ [ۋاقىتنى سوزماقتا].
”لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك [كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا] بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ. ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئېرىپ يوقىلىدىغان يەردە، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ ھاياتىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ۋە ئىخلاسمەنلىكتە ئۆتكۈزۈپ، خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ. لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر.
”ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ. ئەزىز بالىلىرىم، زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ۋە سىلەر دەججالنىڭ [ئاخىر زاماندا] كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن دەججاللار مەيدانغا چىقتى؛ بۇنىڭدىن زاماننىڭ ئاخىرقى سائىتى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم. ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە بىزلەردىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەگەر بىزلەردىن بولغان بولسا، ئارىمىزدا تۇرىۋەرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسلىدە بىزدىكىلەردىن بولمىغانلىقى پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىمىزدىن چىقىپ كەتتى.
”سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى. خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر: ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ. ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس. بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى. ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ. بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز.
”چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى. ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە دەججالدۇر. بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.
”ئادەمئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانوخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بېشارەت بەرگەن: «مانا، رەب تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەسلىرى بىلەن كېلىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ».
”بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى، يەنى خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ قۇلى يۇھانناغا ئالامەتلەر بىلەن ئايان قىلدى.
”مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن!
”سەن مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىمنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناشقا پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشىدىغان ۋابالىق سىناقنىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە سېنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قوغداپ قالىمەن. مەن پات ئارىدا كېلىمەن. تاجىڭنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ تۇتقىن. غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن.
”سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم! سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن. سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل.
”ئاندىن مەن قارىۋىدىم، مانا، ئاسماندا بىر ئىشىك ئېچىقلىق تۇراتتى. مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز ماڭا: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇلاردىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتەي» دېدى
”ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ئىچ ۋە تاش تەرىپىگە خەت پۈتۈلگەن ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازمىنى ئېچىپ، پېچەتلەرنى يېشىشكە كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان قاۋۇل بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. لېكىن نە ئەرشتە نە يەر يۈزىدە نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئاچالايدىغان ياكى ئىچىگە قارىيالايدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئورام يازمىنى ئېچىشقا ياكى ئىچىگە قاراشقا لايىق بىرەرسى تېپىلمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، ــ دېدى. ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. يازمىنى ئالغاندا، تۆت ھايات مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت ئاقساقال قوزىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىلتارى ۋە خۇشبۇي بىلەن تولغان ئالتۇن چىنىلىرى بار ئىدى (بۇ خۇشبۇي مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىدى). ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، كاھىنلار قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ».
”ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى.
”ئاندىن قوزا يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنى ئاچقاندا، مەن قاراپ تۇردۇم. تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى.
”قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى.
”قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كۆردۈمكى، مانا بىر قارا ئات كەلدى. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: «بىر تاۋاق بۇغداي بىر دىنارىئۇس پۇلغا، ئۈچ تاۋاق ئارپا بىر دىنارىئۇس پۇلغا سېتىلىدۇ. ئەمما زەيتۇن يېغىغا ۋە شارابقا زەرەر يەتكۈزمىگىن!» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
”قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى.
”قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ دېيىشەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى.
”ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈمكى، مانا دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى، قۇياش بەئەينى قارا يۇڭدىن توقۇلغان بۆزدەك قاپقارا رەڭگە، تولۇن ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن ئەنجۈر غورىلىرى يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. ئاسمان خۇددى ئورام يازمىنىڭ تۈرۈلگىنىدەك غايىب بولدى، ھەربىر تاغ ۋە ئارال ئورنىدىن يۆتكەلدى؛ ھەمدە دۇنيادىكى پادىشاھلار، مۆتىۋەرلەر، سەردارلار، بايلار، كۈچلۈكلەر، قۇللار ۋە ھۆرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. ئۇلار تاغلارغا ۋە قورام تاشلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ھەم قوزىنىڭ غەزىپىدىن يوشۇرۇڭلار ۋە ساقلاڭلار! چۈنكى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك غەزەپ كۈنى كەلدى، ئەمدى كىم پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!».
”ئۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆردۈمكى، تۆت پەرىشتە يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇراتتى. ئۇلار ھەرقانداق شامالنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرگە ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن چىقىدىغان شامالنى تىزگىنلەپ تۇراتتى. مەن ھايات خۇدانىڭ مۆھۈرىنى ئالغان، كۈن چىقىشتىن كۆتۈرۈلىۋاتقان باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى ۋەيران قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە: «بىز خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلماڭلار!» دەپ توۋلىدى.
”مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى، يەنى: ــ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، رۇبەن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، گاد قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، ئاشىر قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، نافتالى قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، شىمېئون قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، لاۋىي قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، ئىسساكار قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى مىڭ كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.
”بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان-ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «نىجات تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدايىمىزغا ۋە قوزىغا مەنسۇپ بولغاي!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. بارلىق پەرىشتىلەر تەختنىڭ، ئاقساقاللارنىڭ ۋە تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: ــ «ئامىن! ھەمد-مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» ئەمدى ئاقساقاللاردىن بىرى مەندىن: بۇ ئاق تون كىيدۈرۈلگەن كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ دەپ سورىدى. ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، دېدىم. ئۇ ماڭا: بۇلار دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان. شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، دېدى.
”قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. ئالتۇن خۇشبۇيدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، خۇشبۇيگاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرلىكتە تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە [خۇداغا] ئاتاپ سۇنۇشقا ئۇنىڭغا كۆپ خۇشبۇي بېرىلدى. ۋە خۇشبۇينىڭ تۈتۈنلىرى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. ئاندىن پەرىشتە خۇشبۇيداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى، چاقماقلار چېقىلدى ۋە بىر يەر تەۋرەش بولدى. ئاندىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى.
”بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن مۆلدۈر ۋە ئوت قان ئارىلاش پەيدا بولۇپ يەر يۈزىگە تاشلاندى، زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيدۈرۈلدى.
”ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن گوياكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يوغان بىر تاغدەك غايەت زور [بىر جىسىم] دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى ۋە دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى؛ كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى.
”ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز چۈشتى؛ ئۇ دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشتى. يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «كەكرە» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كەكرىدەك بولۇپ كەتتى، سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەم سۇدىن ئۆلدى.
”تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئاينىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇرۇلدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلاشتى، كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىمۇ شۇنداق بولدى. يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «كاناينى چېلىشقا تەمشەلگەن قالغان ئۈچ پەرىشتىنىڭ كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلانسا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ۋاي، ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
”بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان قۇدۇقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى، ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى. تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى. ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە زەرەر يەتكۈزمەڭلار، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھۈرى بولمىغان ئادەملەرگىلا زەرەر قىلىڭلار، دەپ ئېيتىلدى. ئۇلارغا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى بەش ئايغىچە قىيناشقا يول قويۇلدى؛ ئۇلار يەتكۈزىدىغان ئازاب ئادەمنى چايان چاققاندىكىدەك ئازاب ئىدى. شۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ. چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجقا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بولۇپ، چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى. چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى؛ قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش قۇيرۇقلىرى ۋە نەشتەرلىرى بار ئىدى. ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالىدىغان كۈچ بولسا قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھى، يەنى تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى. بىرىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى. مانا، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى «ۋاي» كېلىدۇ.
”ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە: چوڭ ئەفرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات، دېدى. ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانگاھنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، بۇ ئاۋاز كاناينى تۇتقان ئالتىنچى پەرىشتىگە: چوڭ ئەفرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات، دېدى. دەل شۇ سائەت، شۇ كۈن، شۇ ئاي، شۇ يىل ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلەر قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم. غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئۈستىگە مىنگەنلەر مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرىكىدىكى ساۋۇتى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىدەك ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت چىقىپ تۇراتتى. بۇ ئۈچ بالادىن، يەنى ئاتلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئوت ۋە تۈتۈن ۋە گۈنگۈرتتىن ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلتۈرۈلدى. چۈنكى ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانلارغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى. قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي بۇزۇقلۇق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى.
”ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛ قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى. يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، دېدى.
”مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ: بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى. مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى. مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا: سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى.
”ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن. لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ. مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ» (بۇلار يەر-زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر). بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار بېشارەت-ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىكە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا-ۋابا بىلەن يەر-زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە.
”ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى. ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى.
”لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى. ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى.
”ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ». خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ «شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا، ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ. ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى، ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش، قۇل-خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى، مۇقەددەس بەندىلەرنى، تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى». ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى.
”ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى. ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى. ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.
”ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. [باش پەرىشتە] مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى. لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى. ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى! چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛ قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار! لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ، غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!».
”ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. ئايالنىڭ يىلاننىڭ يۈزىدىن دالدىلىنىشى، چۆلدە ئۆزى [ئۈچۈن ھازىرلانغان] ماكانىغا بېرىپبىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل بېقىلسۇن دەپ شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى. ئاندىن يىلان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەل بىلەن ئېقىتىپ يوقاتماقچى بولدى. لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھا ئاغزىدىن پۈركۈپ چىقارغان دەريانى يۇتۇۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى.
”ئاندىن، دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا كۇپۇرلۇق ناملىرى يېزىقلىق ئىدى. مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا ئۇنىڭغا ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتكۈل دۇنيا دىۋىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ ئۇنىڭغا [ئەگەشتى]. ئەجدىھا دىۋىگە [سەلتەنەتلىك] ھوقۇق بەرگەچكە ئۇلار ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: دىۋىنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟ دېدى. دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى. ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، شۇنداقلا ئەرشنى ماكان قىلغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئاغزىنى ئاچتى.
”ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. قۇلىقى بارلار، بۇنى ئاڭلىسۇن! ««تۇتقۇن بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ، «قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ». مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ.
”مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان ئاۋۋالقى دىۋىگە چوقۇندۇرىدۇ. ئۇ زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى. دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى.
”ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى. مانا بۇ يەردە ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن؛ چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر.
”ئاندىن مەن كۆردۈمكى، مانا، قوزا زىئون تېغى ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە ئۆز نامى ۋە ئاتىسىنىڭ نامى يېزىلغان بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى بار ئىدى. ئاسماندىن خۇددى [شارقىراپ ئېقىۋاتقان] نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ۋە قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار چىلتارلارنى چالغان ئاۋازغا ئوخشايتتى؛ ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى [گۇناھلىرىنىڭ] بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى. ئۇلار ئاياللار تەرىپىدىن گۇناھتا بۇلغانمىغان، چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر. قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان. ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ.
”ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! دەيتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن».
”ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەرىشتە، يەنى ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمدىكىم دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ تامغىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا قوبۇل قىلسا، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ ئەبجەش قىلىنمىغان ساپ شارابىنى ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە قىينىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ». مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ.
”مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: «بۇنىڭدىن كېيىن رەبدە ۋاپات بولۇپ ئۆلگەنلەر بەختلىكتۇر! دۇرۇس، دەيدۇ روھ، ئۇلار ھازىر ئۆز ئىشلىرىدىن توختاپ ئارام ئالالايدۇ. چۈنكى قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»».
”مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى. ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ئورغىقىڭنى سال ۋە ئورۇشقا باشلا! چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى، دېدى. بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.
”ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانگاھدىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملىرى پىشىپ يېتىلدى، دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ چوڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى. شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە چىقىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.
”ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).
”مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: «ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر، ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى! ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».
”بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى! يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.
”شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
”بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى.
”ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى.
”ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن، ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى! مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر». ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: «شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
”تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى.
”بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى.
”ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى.
”ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى («مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»). ئەمدى [ناپاك روھلار] [پادىشاھلارنى] ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى.
”يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى. شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛ ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ئاسماندىن ياغدى. مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق دەھشەتلىك بولدىكى، ئادەملەر ئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغاشتى.
”يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم. ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. پېشانىسىگە بىر سىر «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى. مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم. پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.
”سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ. مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت: يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ.
”دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر». پەرىشتە ماڭا يەنە: پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر. سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز-كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ [ئون پادىشاھنىڭ] كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى. سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، دېدى.
”ئۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ جۇلالىلىقىدىن يورۇپ كەتتى. پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى، ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى! چۈنكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىدىن ئىچىشتى؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتى، يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئەيش-ئىشرىتىنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن بېيىشتى».
”ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھلىرى پەلەككە يەتكۈدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ باشقىلارغا ياندۇرغىنىدەك ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق ئىككى ھەسسە قوشلاپ قايتۇرۇڭلار؛ ئۇ [باشقىلارغا] ئەبجەش قىلىپ بەرگەن قەدەھتە ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە قويۇق ئەبجەش قىلىڭلار. ئۇ ئۆزىنى قانچىلىك ئۇلۇغلىغان بولسا، قانچىلىك ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىينىلىش ۋە دەرد بېرىڭلار؛ ئۇ كۆڭلىدە: «مەن تۇل ئەمەس، بەلكى تەختە ئولتۇرغان خانىشمەن؛ مەن دەرد-ئەلەمنى ئەسلا كۆرمەيمەن» دېگىنى تۈپەيلىدىن، بۇ ۋەجىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەر، يەنى ئۆلۈم، دەرد-ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق كېلىدۇ، ئۇ ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سوراق قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا قۇدرەتلىكتۇر!».
”ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! چۈنكى بىر سائەت ئىچىدىلا جازايىڭ بېشىڭغا چۈشتى!» يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كېمىدىكى يۈك-ماللىرىنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتلىك ياقۇتلار، ئۈنچە-مەرۋايىت، نەپىس لىباس رەخت، سۆسۈن رەخت، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەرخىل خۇشبۇي تۇرۇنج ياغاچلار، پىل چىشى بۇيۇملىرى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، شۇنىڭدەك قوۋزاقدارچىن، تېتىتقۇلار، خۇشبۇي، مۇرمەككى، مەستىكى، شاراب، زەيتۇن مېيى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر. ([ئى بابىل]، جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى، بارلىق ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مال-دۇنيالىرىڭ سەندىن يوقالدى. ئۇلار بۇلارنى ئەمدى ھەرگىز تاپالمايدۇ!) بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر بولسا شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى: ــ «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! نەپىس لىباس رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا ئورىلىپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇتلار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنسەن! بىر سائەت ئىچىدىلا شۇنچە كاتتا بايلىقلار ۋەيران بولدى!» بارلىق كېمە خوجايىنلىرى، كېمىدىكى بارلىق يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: بۇ كاتتا شەھەرگە قايسى شەھەر تەڭ كېلەلىسۇن؟ دەپ پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلار باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرياد كۆتۈرۈشۈپ، يىغا-زار قىلىشىپ: ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئۇ كاتتا شەھەر! ئۇ ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۆلىتىدىن، دېڭىزدا كېمىسى بارلار بېيىغانىدى! بىر سائەت ئىچىدىلا ۋەيران بولدى بۇ شەھەر! دېيىشىدۇ. ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار، ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر! چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!». ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ، ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ! چىلتارچىلارنىڭ، سازچىلارنىڭ، نەيچىلەر ۋە سۇنايچىلارنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، ھەرخىل ھۈنەرنى قىلىدىغان ھۈنەرۋەن سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز تېپىلمايدۇ، تۈگمەننىڭمۇ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ،
”ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ، توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛ چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى، بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ [تۆكۈلگەن قانلىرى]، شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى».
”بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ھەمدۇسانا!نىجات، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر! چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر؛ ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز بۇزۇقلۇقى بىلەن بۇزغان چوڭ پاھىشىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى، دېيىشەتتى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ! يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي ئۇنىڭ بارلىق قۇل-خىزمەتكارلىرى، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان كاتتىلار بولسۇن، تۆۋەنلەر بولسۇن، ھەممىڭلار خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەڭلار!» ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى!
”شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!» قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر). ئاندىن، [پەرىشتە] ماڭا: مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، دېدى. مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ: ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر، دېدى.
”ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر. ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.
”ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە پالۋانلارنىڭ، ئاتلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مىنگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ، قۇللارنىڭ ھەم ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ھەم تۆۋەنلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار! دېدى.
”شۇنىڭ بىلەن مەن دىۋە، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى كۆردۈم. ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. قالغىنى بولسا ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن قىرىلدى. بارلىق پۈتۈن ئۇچار-قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشى بىلەن يەپ تويۇندى.
”ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى. ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر.
”ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى (ئۆلگەنلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيدۇ). بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. دەسلەپكى تىرىلىشتىن نېسىۋە بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ كاھىنلىرى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ.
”مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلانغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بارگاھىنى، يەنى خۇدا سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ.
”ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ.
”ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ. مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. دېڭىز ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارامۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ھەركىمنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ئوت كۆلىدۇر. كىمنىڭ ئىسمىنىڭ «ھاياتلىق دەپتىرى»دە يېزىلمىغانلىقى بايقالسا، ئوت كۆلىگە تاشلاندى.
”ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم؛ چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولمىدى. مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم.
”ئەرشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە ماكانلىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». تەختتە ئولتۇرغۇچى: مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، دېدى. ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن. غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ. لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر». ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: كەل! ساڭا قوزىنىڭ جورىسى بولىدىغان قىزنى كۆرسىتىپ قوياي، دېدى.
”ئاندىن ئۇ مېنى روھنىڭ ئىلكىدە بولغان ھالدا يوغان ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ قويدى. ئۇ يەردىن ماڭا خۇدادىن چىققان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ شان-شەرىپى بار ئىدى، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرنىڭ، يېشىل ياقۇتتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى بار ئىدى؛ سېپىلنىڭ ئون ئىككى دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازىلاردا ئون ئىككى پەرىشتە تۇراتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. مەشرىق تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، شىمال تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا ۋە مەغرىپ تەرىپىدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئىككى ئىسىم، يەنى قوزىنىڭ روسۇلىنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈكلۈكتۇر. ماڭا سۆز قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ۋە ئۇنىڭ سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان ئالتۇن قومۇش ئۆلچىگۈچ ھاسا بار ئىدى. شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ھاسا بىلەن ئۆلچىدى ئون ئىككى مىڭ ستادىيون كەلدى (ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭدۇر). ئۇ سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ [قېلىنلىقى] ئىنسانلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە، يەنى شۇ پەرىشتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر يۈز قىرىق تۆت جەينەك كەلدى. سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا يېشىل ياقۇتتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇللىرى ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل ياقۇت، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل قاشتاش، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى سۇس يېشىل ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى پىروزا ئىدى. ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، دېمەك دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى.
”شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر. ئەللەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا يۈرىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار شانۇشەۋكىتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى كۈندۈزدە ھەرگىز تاقالمايدۇ (ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە كېچە زادى بولمايدۇ). ھەرقايسى ئەللەرنىڭ شانۇشەۋكىتى ۋە ھۆرمەت-ئىززىتى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. ھەرقانداق ھارام نەرسە ۋە ھەرقانداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغۇچى ياكى يالغانچىلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.
”«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.
”