32 – شېھىت بولۇش

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: شېھىت بولۇش.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

يۇھاننا 12:24-26

بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.

يۇھاننا 16:2-4

ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر.

ۋەھىي 6:9-11

قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ دېيىشەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 322 ئابزاسلار

يارىتىلىش 4:3-10

بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتتە شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، قابىل تۇپراقنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى. ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى. لېكىن قابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىغا قارىمىدى. شۇ ۋەجىدىن قابىلنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا: نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟ ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا [سېنى پايلاپ] بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى. قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ دېدى. خۇدا ئۇنىڭغا: سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ!

يارىتىلىش 22:1-13

بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: سەن ئوغلۇڭنى، يەنى سەن سۆيىدىغان يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يۇرتىغا بېرىپ، شۇ يەردە، مەن ساڭا ئېيتىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن، دېدى. ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى. ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتىن ئۇ يەرنى كۆردى. ئىبراھىم يىگىتلىرىگە: سىلەر ئېشەك بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن بالام بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، سەجدە قىلىپ، ئاندىن قېشىڭلارغا يېنىپ كېلىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىققا كېرەكلىك ئوتۇننى ئېلىپ، ئوغلى ئىسھاققا يۈدكۈزۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى. ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ دەپ سورىۋىدى، ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئاخىرىدا ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى. ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلىغىلى پىچاقنى ئالدى. شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ئىبراھىم، ئىبراھىم! دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ: مانا مەن، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، دېدى. ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇندى.

مىسىردىن چىقىش 12:5

ھەربىرىڭلار تاللايدىغان قوزاڭلار بېجىرىم، بىر ياشلىق ئەركەك بولسۇن؛ قوي ياكى ئۆچكە پادىلىرىدىن تاللانسىمۇ بولىدۇ.

مىسىردىن چىقىش 20:13

قاتىللىق قىلما.

يەشۇئا 1:9

مانا ساڭا: جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر.

سامۇئىل «1» 22:17-19

پادىشاھ ئۆز چۆرىسىدىكى چاپارمەنلىرىگە: ماڭ، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇلار ھەم داۋۇتقا ھەمدەم بولدى ھەم ئۇنىڭ قاچقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا خەۋەر بەرمىدى، دېدى. لېكىن پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قول كۆتۈرگىلى ئۇنىمىدى. ئەمدى پادىشاھ دوئەگكە: سەن بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. ئېدوملۇق دوئەگ بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈردى؛ بۇ كۈنى ئۇ كاناپتىن توقۇلغان ئەفود كىيگەن سەكسەن بەش ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇ كاھىنلارنىڭ شەھىرى نوبدا ئولتۇرغۇچىلارنى قىردى، يەنى ئەر ۋە ئاياللار، بالىلار ۋە بوۋاقلار، كالا، ئېشەك، قويلار ھەممىسىنى قىلىچلىدى.

پادىشاھلار «1» 18:4

يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى).

پادىشاھلار «1» 19:10

ئۇ جاۋاب بېرىپ: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن، يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.

تارىخ-تەزكىرە «1» 16:11

پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار.

تارىخ-تەزكىرە «2» 24:20-21

ئۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى زەكەرىياغا چۈشتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇلارغا: خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ سىلەر ھېچ راۋاجلىق كۆرمەيسىلەر، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار ۋە ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كەچتى»، دېدى. خالايىق [زەكەرىيانى] ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى؛ ئاخىر ئۇلار ئۇنى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

نەھەمىيا 9:26

لېكىن ئۇلار گەدەنكەشلىك قىلىپ سېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلىدى، ئۇلارنى يېنىڭغا ياندۇرماق ئۈچۈن ئاگاھ-گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەشەددىي كۇپۇرلۇق قىلدى.

ئايۇپ 1:20-21

ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چۈشكەن، ئۇ يەرگىمۇ يالىڭاچ قايتىمەن؛ ھەممىنى پەرۋەردىگار [ماڭا] بەرگەن، ئەمدى پەرۋەردىگار [مەندىن] ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! دېدى.

ئايۇپ 13:15

ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛

ئايۇپ 19:25-27

بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ! ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن! ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!

ئايۇپ 23:10-11

بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن. مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛ ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم.

زەبۇر 2:1-4

ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» دېيىشىدۇ. ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛

زەبۇر 5:11

شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛ سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛ سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ.

زەبۇر 16:8-11

مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛ چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن. سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.

زەبۇر 17:15

مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭگە قارىغۇچى بولىمەن؛ ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن!

زەبۇر 23:3-4

ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛ ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر.

زەبۇر 27:1-5

داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار. زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن. پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن. بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ.

زەبۇر 32:11

ئى ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىپ خۇرسەن بولۇڭلار؛ كۆڭلى دۇرۇسلار، خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار!

زەبۇر 37:12-15

رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى

زەبۇر 44:22

بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛ بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز.

زەبۇر 46:1-2

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر. شۇڭا يەر-زېمىن ئۆڭتۈرۈلۈپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ دېڭىز تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ دولقۇنلىرى شاۋقۇنلىنىپ قاينام بولسىمۇ، ئۆركەشلىرى بىلەن تاغلار سىلكىنىپ كەتسىمۇ، قورقمايمىز. سېلاھ.

زەبۇر 48:14

چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ!

زەبۇر 55:22

يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ.

زەبۇر 59:8-10

لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن! ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر. ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

زەبۇر 63:6-9

ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن. چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن. مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە. بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.

زەبۇر 68:3-4

بىراق ھەققانىيلار خۇشاللىنىدۇ، ئۇلار خۇدا ئالدىدا روھلىنىپ، تەنتەنە قىلىپ شادلىنىدۇ. خۇداغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىڭلار؛ چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچىگە بىر يولنى كۆتۈرۈپ ياساڭلار؛ ئۇنىڭ نامى «ياھ»دۇر؛ ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار.

زەبۇر 73:23-26

ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛ ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن. ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن. ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر!

زەبۇر 89:15-16

تەنتەنە ساداسىنى بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ جامالىڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ، ئى پەرۋەردىگار! ئۇلار نامىڭدا كۈن بويى شاد بولار، ھەققانىيلىقىڭدا ئۇلار كۆتۈرۈلدى.

زەبۇر 91:1

ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ.

زەبۇر 108:5

ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!

زەبۇر 116:6-9

پەرۋەردىگار ناداننى ساقلايدۇ؛ مەن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم، ئۇ مېنى قۇتقۇزدى. ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛ چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن، ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن. مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛

زەبۇر 116:15

پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر!

زەبۇر 149:5

ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!

پەند-نەسىھەتلەر 3:5

ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛

ھېكمەت توپلىغۇچى 7:1

ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر.

يەشايا 25:8

ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان.

يەشايا 26:19

«ساڭا تەۋە ئۆلگەن ئادەملەر ياشايدۇ؛ مېنىڭ جەسىتىمنىڭ [تىرىلىشى بىلەن تەڭ] ئۇلارمۇ تىرىلىدۇ. ئى توپا-چاڭدا ياتقانلار، ئويغىنىپ ناخشا ياڭرىتىڭلار! شەبنىمىڭ تاڭ سەھەرنىڭ شەبنىمىدەكتۇر؛ يەر-زېمىن ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تۇغۇپ بېرىدۇ.

يەشايا 35:10

پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.

يەشايا 49:13

خۇشاللىقتىن توۋلاڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ئى يەر-زېمىن، شادلان؛ ناخشىلارنى ياڭرىتىڭلار، ئى تاغلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭ خار بولغان پېقىر-مۆمىنلىرىگە رەھىم قىلىدۇ.

يەشايا 50:6-7

دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا، مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛ خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛ بىراق رەب پەرۋەردىگار ياردىمىمدە بولىدۇ؛ شۇڭا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ شۇڭا مەن [نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ] يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم؛ خىجىللىققا قالدۇرۇلمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.

يەشايا 51:11

شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.

يەشايا 53:3-12

ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق! لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق. ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى. ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى. كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس. بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ. بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى».

يەشايا 55:12

چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛

يەشايا 57:1-2

ھەققانىي ئادەم ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛ مېھرىبان ئادەملەر يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بىراق ھېچكىم ئويلاپ چۈشىنەلمەيدۇكى، ھەققانىي ئادەملەر يامان كۈنلەرنى كۆرمىسۇن دەپ يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛ يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ.

يەشايا 61:3

زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.

يەشايا 61:10

ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن، جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛ چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك، توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك، ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.

يەشايا 63:9

ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛ «ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان، ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛ ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛

دانىيال 3:12-15

سىلى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن بىرنەچچە يەھۇدىي، يەنى شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار بار؛ ئى ئالىيلىرى، بۇ ئادەملەر سىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولمىدى ياكى پادىشاھ ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگىمۇ سەجدە قىلمايدۇ، دېدى. شۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ نېبوقادنەسار دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۈچەيلەننى پادىشاھ ئالدىغا ئەپكەلدى. نېبوقادنەسار ئۇلارغا: شادراك، مىشاك، ئەبەددنېگو، سىلەر راستتىن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنىڭ خىزمىتىدە بولمىدىڭلارمۇ ھەم مەن ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدىڭلارمۇ؟ ھازىر سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن ياساتقان ھەيكەلگە سەجدە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار، ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار، سىلەر دەرھال دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قانداق ئىلاھ كېلىپ سىلەرنى چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزۇۋالىدىكىن، قېنى؟! دېدى.

دانىيال 3:16-18

شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار پادىشاھقا جاۋابەن: ئى نېبوقادنەسار، بۇ ئىشتا بىز ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىز ھاجەتسىز. بىز سەجدە قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدايىمىز بىزنى دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداندىن قۇتقۇزالايدۇ؛ ئى ئالىيلىرى، ئۇ چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىن بىزنى قۇتقۇزىدۇ. لېكىن بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەنىلا ئىلاھلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولمايمىز ۋە سىلى ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، دېدى.

دانىيال 3:19-23

بۇنى ئاڭلىغان ھامان پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ تەرى بۇزۇلۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارغا قاتتىق غەزەپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئادەملىرىگە خۇمداننى ئادەتتىكىدىن يەتتە ھەسسە قاتتىق قىزىتىشنى بۇيرۇدى. ئۇ قوشۇنىدىكى ئەڭ قاۋۇل پالۋانلارغا شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى باغلاپ، دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى. پادىشاھنىڭ ئەمرىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن خۇمداندىكى ئوت ئىنتايىن يالقۇنلاپ يېنىپ تۇراتتى، شۇڭلاشقا خۇمداندىن چىقىۋاتقان يالقۇن شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەن باغلاقلىق ھالدا دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا چۈشۈپ كەتتى.

دانىيال 3:24-28

ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن: بىز باغلاپ ئوت ئىچىگە تاشلىغىنىمىز ئۈچ ئادەم ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن «شۇنداق، ئى ئالىيلىرى! دېدى. پادىشاھ جاۋابەن: مانا، مەن تۆت ئادەمنىڭ باغلاقسىز ھالدا ئوت ئىچىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئۇلار قىلچە كۆيگەندەك ئەمەس؛ ھەمدە تۆتىنچى كىشى ئىلاھلارنىڭ ئوغلىدەك تۇرىدۇ! دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ: شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئالىي ئىلاھنىڭ قۇللىرى، چىقىڭلار، ماياققا كېلىڭلار! دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقتى. بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى. نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى: شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا شۈكۈر-سانالار بولغاي! ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە تايانغان قۇللىرىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا خىزمەت قىلماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئۆز خۇدايىمىزنىڭلا ئىبادىتىدە بولىمىز دەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى.

دانىيال 6:10-15

دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى. لېكىن ھېلىقى ئادەملەر بىللە كېلىپ دانىيالنىڭ خۇداغا دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىدى. پادىشاھ: دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆز-ئۆزىگە كايىپ، كۆڭۈل قويۇپ دانىيالنى قۇتقۇشۇشقا ئامال تاپماقچى بولۇپ، ئۇ كۈن پاتقۇچە ھەرخىل قۇتقۇزۇش ئامالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈردى. لېكىن ئاخىردا ئۇ كىشىلەر يەنە ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ ئۇنىڭغا: ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، مېدىئالار ۋە پارسلارنىڭ قانۇنى دەل شۇكى، پادىشاھنىڭ بېكىتكەن ھەرقانداق قارارى ياكى پەرمانىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دېيىشتى.

دانىيال 6:16-23

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن دانىيال تۇتۇپ كېلىنىپ، شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. پادىشاھ دانىيالغا: سەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزىۋالىدۇ! دېدى. بىر تاش ئېلىنىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئۇنىڭ بىلەن ئېتىلدى؛ دانىيالنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن دەپ ئۇنى پادىشاھ ئۆز مۆھۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى بىلەن مۆھۈرلىدى. ئاندىن پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كېچىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزدى؛ ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە باردى. پادىشاھ ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىپ ئازابلانغان ھالدا دانىيالنى چاقىرىپ: ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قۇلى، سەن ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزىۋالمىدىمۇ؟ دەپ توۋلىدى. دانىيال جاۋابەن: ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى.

دانىيال 7:25

ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

دانىيال 12:1-3

ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ».

ناھۇم 1:7

پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛ ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ.

ھاباككۇك 3:18

مەن ھامان پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن، ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىمدىن شادلىققا چۆمۈلىمەن،

ماتتا 5:10-12

مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.

ماتتا 5:44

بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.

ماتتا 6:19-20

يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ.

ماتتا 10:17-20

ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ. ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ. چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.

ماتتا 10:21-23

قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ. ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش [ۋەزىپىڭلار] تۈگىمەيدۇ.

ماتتا 10:28

تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار.

ماتتا 10:38-39

ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.

ماتتا 11:28-30

ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر.

ماتتا 12:14

بىراق پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى.

ماتتا 13:20-21

تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ.

ماتتا 13:44-46

ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، خەزىنىنىڭ شاد-خۇراملىقى ئىچىدە بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ. يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ. سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقاندا، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ.

ماتتا 14:2-12

خىزمەتكارلىرىگە: بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولىدۇ، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسەتمەكتە، دېدى. ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «بۇ ئايالنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى. ھېرود [شۇ سەۋەبتىن] يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالايىقتىن قورققانىدى، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ بىلەتتى. ئەمما ھېرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەنگەندە، ئايالى ھېرودىيەنىڭ قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرودقا بەك ياقتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇنىڭغا: ھەرنېمە تىلىسەڭ شۇنى ساڭا بېرەي، دەپ قەسەم قىلدى. لېكىن قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن: چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكەلسىلە، دېدى. پادىشاھ بۇنىڭغا ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، [كاللىسىنى] ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن كاللىسى بىر تەخسىگە قويۇلۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. [يەھيانىڭ] مۇخلىسلىرى بولسا بېرىپ، جەسەتنى ئېلىپ دەپنە قىلدى؛ ئاندىن بېرىپ ئەيساغا بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلدى.

ماتتا 16:21

شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى.

ماتتا 16:24-25

ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.

ماتتا 19:27

بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: مانا، بىز ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ساڭا ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ دەپ سورىدى.

ماتتا 20:18-19

ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ.

ماتتا 21:33-39

يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ. ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.

ماتتا 23:34-35

شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر. شۇنداق قىلىپ، ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە، ھەققانىيلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان بارلىق قان قەرزلىرى بۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلىدۇ.

ماتتا 24:9-10

ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.

ماتتا 24:13

لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.

ماتتا 24:21-22

چۈنكى ئۇ چاغدا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايتتى؛ لېكىن [خۇدانىڭ] ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.

ماتتا 26:4

ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى.

ماتتا 26:35

پېترۇس ئۇنىڭغا: سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى.

ماتتا 26:59

باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى.

ماتتا 26:67

بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:

ماتتا 27:1-2

تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.

ماتتا 27:26

بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى.

ماتتا 27:30-31

ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.

ماتتا 27:35

لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى.

ماركۇس 4:16-17

بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ.

ماركۇس 6:14-29

ئۇنىڭ نامى مەشھۇر بولغاچقا، ھېرود پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم [چوقۇم] ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسىتىدۇ» دەيتتى. باشقىلار: «ئۇ ئىلياس [پەيغەمبەر]» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى. بىراق بۇلارنى ئاڭلىغان ھېرود: مەن كاللىسىنى ئالغان يەھيانىڭ ئۆزى شۇ ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ! دېدى. ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن ئادەم ئەۋەتىپ يەھيانى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى. ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن ئادەم ئەۋەتىپ يەھيانى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودىيە يەھياغا ئاداۋەت ساقلايتتى؛ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق قىلالمايتتى. چۈنكى ھېرود يەھيانى دىيانەتلىك ۋە مۇقەددەس ئادەم دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى قوغدايتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئالاقزادە بولۇپ كېتەتتى، لېكىن يەنىلا سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. ئەمما [ھېرودىيە كۈتكەن] پەيت ئاخىر يېتىپ كەلدى؛ ھېرود تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز ئەمەلدارلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى كاتتا ئەربابلارنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى؛ ھېلىقى ھېرودىيەنىڭ قىزى سورۇنغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرود ۋە ھەمداستىخان بولغانلارغا بەكمۇ ياراپ كەتتى. پادىشاھ قىزغا: مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى بېرىمەن، دېدى. ئاندىن ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسەڭمۇ شۇنى بېرىمەن، دېدى. قىز سىرتقا چىقىپ، ئانىسىدىن: نېمە تەلەپ قىلاي؟ دەپ سورىۋىدى، ئانىسى: چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، دېدى. قىز دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىرىپ: چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ھازىرلا بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكىلىشلىرىنى خالايمەن، دېدى. پادىشاھ بۇنىڭغا ناھايىتى ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سۆزىدىن يانغۇسى كەلمىدى. شۇڭا پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ئەمر قىلدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر قەبرىگە قويدى.

ماركۇس 8:31

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى [مۇخلىسلىرىغا] ئۆگىتىشكە باشلىدى.

ماركۇس 8:34-35

ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ.

ماركۇس 9:31

چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى.

ماركۇس 10:33-34

ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ۋە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلىدۇ، دېدى.

ماركۇس 12:1-8

ئاندىن، ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ؛ ئۇ بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارىنى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. ئۈزۈم پەسلى كەلگەندە، باغۋەنلەردىن ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىلەردىن [تېگىشلىكىنى] ئەكېلىش ئۈچۈن بىر قۇلىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. خوجايىن يەنە بىر قۇلنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇنى بولسا ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ، باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. خوجايىن يەنە بىرسىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلار ئۆلتۈرۈپتۇ. يەنە تولا قۇللارنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار بەزىلىرىنى دۇمبالاپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. خوجايىننىڭ يېنىدا پەقەت ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بىر ئوغلىلا قالغاچقا، ئۇلار ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرى بولۇپ باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن شۇ باغۋەنلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، شۇنىڭ بىلەن مىراسى بىزنىڭكى بولىدۇ!» دېيىشىپتۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ.

ماركۇس 13:9-13

سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر. لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك. ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ [سوراققا] تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ.

ماركۇس 14:1

«ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيتتى.

ماركۇس 14:31

لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا: سەن بىلەن بىللە ئۆلىدىغان ئىش كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، دېدى. قالغان ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى.

ماركۇس 14:55

باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى.

ماركۇس 14:64-65

ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ دېدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتى. ئاندىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، [پەيغەمبەرچىلىك] [قىلىپ] بېشارەت بېرە!» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى.

ماركۇس 15:13-15

ــ ئۇلار يەنە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ئۇنى كرېستلىگىن! دەپ ۋارقىرىشاتتى. پىلاتۇس ئۇلارغا: نېمىشقا؟ ئۇ نېمە رەزىللىك ئۆتكۈزۈپتۇ؟ دېدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ: ئۇنى كرېستلىگىن! دەپ ۋارقىراشتى. شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى.

ماركۇس 15:20

ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى.

ماركۇس 15:24-25

ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى. ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى.

ماركۇس 15:37

ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى.

لۇقا 1:47

روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى،

لۇقا 6:22-23

كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك! شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى [بۇرۇنقى] پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان.

لۇقا 6:27-28

ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.

لۇقا 6:35

لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ.

لۇقا 9:7-9

ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر [قايتا] پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى.

لۇقا 9:22

ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، دېدى.

لۇقا 9:23-24

ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ.

لۇقا 11:47-51

سىلەرگە ۋاي! چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار قىلغانلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر. بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ». شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزلىرى، يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان [كاھىن] زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋردىن ئېلىنىدىغان بولىدۇ! شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزلىرى، يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان [كاھىن] زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋردىن ئېلىنىدىغان بولىدۇ!

لۇقا 12:4-5

مەن سىلەر دوستلىرىمغا شۇنى ئېيتىمەنكى، تەننى ئۆلتۈرۈپ، باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار!

لۇقا 12:32-33

قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى. مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، [كەمبەغەللەرگە] خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ.

لۇقا 14:26-27

ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس. كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس.

لۇقا 14:33

شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم [كۆڭلىدە] ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس.

لۇقا 17:33

كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.

لۇقا 18:32-33

چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى قامچىلىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ۋە ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، دېدى.

لۇقا 20:9-15

ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. [ئاخىردا] ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ. بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟

لۇقا 20:35-36

لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر.

لۇقا 21:12-17

بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر.

لۇقا 21:19

سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر.

لۇقا 22:2

باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى.

لۇقا 22:28

سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر.

لۇقا 22:33

ــ ئى رەب، دېدى پېترۇس، مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن!

لۇقا 22:63-64

ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! دەپ سوراشتى

لۇقا 23:21-23

لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ: كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! دەپ ۋارقىراشتى. [پىلاتۇس] ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، دېدى. بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى.

لۇقا 23:33-34

ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. ئەيسا: ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.

لۇقا 23:43

ئەيسا ئۇنىڭغا: بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، دېدى.

لۇقا 23:46

ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

لۇقا 24:20

باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى.

يۇھاننا 5:24-25

ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.

يۇھاننا 5:28-29

بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ.

يۇھاننا 6:50-51

لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ. ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.

يۇھاننا 7:19

مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ دېدى.

يۇھاننا 8:51

بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ.

يۇھاننا 10:11

ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ.

يۇھاننا 10:15-18

ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ. ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن.

يۇھاننا 11:25-26

ئەيسا ئۇنىڭغا: تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟

يۇھاننا 11:53

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى.

يۇھاننا 12:10

لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛

يۇھاننا 12:24-26

بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.

يۇھاننا 13:37

پېترۇس ئۇنىڭغا: ئى رەب، نېمە ئۈچۈن ھازىر سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن؟ سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي! دېدى.

يۇھاننا 15:13

ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر.

يۇھاننا 15:18-21

بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ. بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ.

يۇھاننا 16:2-4

ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر.

يۇھاننا 16:22

شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.

يۇھاننا 16:33

سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!

يۇھاننا 17:14

مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.

يۇھاننا 19:1-3

شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى. لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا [شاھانە] سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى.

يۇھاننا 19:6

باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ: ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! دەپ ۋارقىراشتى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! دېدى.

يۇھاننا 19:11

ئەيسا جاۋابەن: ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، دېدى.

يۇھاننا 19:15-18

لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن: قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! دەپ [توۋلاشتى]. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. [لەشكەرلەر] ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. [لەشكەرلەر] ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى.

يۇھاننا 19:30

ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن: تامام بولدى! دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

يۇھاننا 21:18-19

بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، دېدى. ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، دېدى.

يۇھاننا 21:22-23

ئەيسا ئۇنىڭغا: ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، دېدى. بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:23-24

ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:18

روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:33

ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ [روسۇللارنى] ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:40-41

ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى. روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:51-56

ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر! پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار، ئى سىلەر تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئەمرى-تاپىلىغانلىرى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچىلار!» [ئىستىپاننىڭ] بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان [ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر] يۈرىكىگە [خەنجەر] سانجىلغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ــ قاراڭلار! ئاسمانلار ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:57-60

ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرۈپ ۋارقىرىشىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى، ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. [ئۇنى ئەرز قىلغان] گۇۋاھچىلار [ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال] چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى. ئۇلار ئىستىپاننى چالما-كېسەك قىلغىنىدا ئۇ: ئى رەب ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! دەپ نىدا قىلدى. ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:1-3

ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى جامائەتكە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قوزغالدى. روسۇللاردىن باشقا بارلىق جامائەتتىكىلەر يەھۇدىيە ۋە سامارىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق يىغا-زارلارنى كۆتۈرۈشتى. لېكىن سائۇل جامائەتكە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، ئەر-ئايالغا قارىماي ئۇلارنى سۆرەپ چىقىپ زىندانغا تاشلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:32-33

ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى».

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:1-5

ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە [مەسىھ] يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى. سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:23-24

كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى. لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:29

ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:1-4

شۇ چاغلاردا، ھېرود پادىشاھ جامائەتتىكىلەردىن بەزىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇپ ئۇلارغا قول سالدى. ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ يەھۇدىيلارغا ياققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ پېترۇسنىمۇ تۇتقۇن قىلدۇرۇدى (شۇ چاغدا «پېتىر نان ھېيتى» مەزگىلى ئىدى). پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:5-6

ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى. لېكىن ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەردىن قېچىپ لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى داۋاملىق جاكارلاۋەردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:22

ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، دەپ نەسىھەت قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:26

بۇ ئىككىيلەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەردۇر.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:22-24

توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى. ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى. ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:26-28

ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. بۇلارنىڭ مەقسىتى «ئىنسانلار مېنى ئىزدىسۇن، بەلكىم سىلاشتۇرۇپ تاپسۇن» دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھېچقايسىمىزدىن يىراق ئەمەس. چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!».

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:22-24

ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛ پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە. لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:13-14

لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن: سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، دېدى. بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ: رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! دېدۇق.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:31

بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى [ئۇرۇپ] ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق [رىم] قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22:4-5

مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم. بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى [يەھۇدىي] قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ [يولدىكىلەرنى] جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22:19-20

مەن، «ئى رەب، ئۇلار مېنىڭ ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى زىندانغا سولاپ، ھەربىر سىناگوگلارغا كىرىپ ئۇلارنى ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. سېنىڭ گۇۋاھچىڭ بولغان ئىستىپاننىڭ قېنى تۆكۈلگىنىدە، مەنمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بەردىم!» دېدىم.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 23:12-15

ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى. بۇ سۇيىقەست قەسىمىنى ئىچكەنلەر قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. ئۇلار باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە تېتىماسلىققا قاتتىق قەسەم ئىچتۇق. ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋەكىل ئەۋىتىپ ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى مىڭبېشىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ بۇ يەرگە يېقىن كەلمەيلا ئۇنى جايلىۋېتىشكە تەييار تۇرىمىز، دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:9-11

دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم. مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:21

بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى.

رىملىقلارغا 2:7

ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛

رىملىقلارغا 5:3

شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز.

رىملىقلارغا 5:6-10

چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟!

رىملىقلارغا 6:3-7

ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟ بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى [مەسىھنىڭ] ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن (چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ).

رىملىقلارغا 6:8-11

مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار.

رىملىقلارغا 8:13-14

چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر. چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.

رىملىقلارغا 8:17-18

خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز. چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن.

رىملىقلارغا 8:22-23

چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھازىرغىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، تۇغۇت تولغىقىنىڭ ئازابىنى بىرلىكتە تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى [مۇقەددەس] روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە [خۇدانىڭ] ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.

رىملىقلارغا 8:28-30

شۇنداقلا شۇنى بىلىمىزكى، پۈتكۈل ئىشلار خۇدانى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۇنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ بەخت-بەرىكىتىگە بىرلىكتە خىزمەت قىلماقتا. چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. ئالدىن بېكىتكەن كىشىلەرنى ئۇ چاقىردى، چاقىرغان كىشىلەرنى ئۇ ھەققانىي قىلدى؛ ھەققانىي قىلغانلارغا ئۇ شان-شەرەپ ئاتا قىلدى.

رىملىقلارغا 8:31-32

ئۇنداقتا، بۇ ئىشلارغا يەنە نېمە دەيلى؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟! ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرغان [خۇدا]، ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەممىنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلماي قالارمۇ؟

رىملىقلارغا 8:35-39

كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟ [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز». بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛ شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.

رىملىقلارغا 11:3-5

«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» دېگەن. خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن [ئىسرائىلدىن] ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار.

رىملىقلارغا 12:1-2

شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ [خۇداغا] قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر.

رىملىقلارغا 12:12-14

ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار.

رىملىقلارغا 12:18-20

ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛ ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، [يامانلىق] مەن قايتۇرىمەن». شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن».

رىملىقلارغا 13:1-4

ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ (چۈنكى ھۆكۈمرانلار ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلغۇچىلارغا قورقۇنچ كەلتۈرىدۇ). ھۆكۈمرانلاردىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا ياخشى ئەمەل قىل. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىدىن تەرىپلىنىسەن. چۈنكى ھۆكۈمرانلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. لېكىن يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭ كېرەك! [ھۆكۈمران] قىلىچنى بىكارغا ئېسىۋالمايدۇ، ئۇ يامانلىق قىلغۇچىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىدىغان جازا بەرگۈچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر.

رىملىقلارغا 14:8-9

بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز. چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:7-9

ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، [تەۋراتتا] پۈتۈلگەنندەك: «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر».

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 3:16

ئەجەبا، ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 4:9

چۈنكى خۇدا روسۇللار بولغان بىزلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئادەملەردەك ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ سازايى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، دەپ ئويلايمەن؛ چۈنكى بىز پۈتكۈل ئالەمگە، يەنى ھەم پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا بىر خىل تاماشا بولدۇق.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 4:11-13

ھازىرقى دەقىقىگىچە ئاچ-يالىڭاچ، چاڭقاپ يۈرمەكتىمىز، دۇمبالىنىپ، سەرگەردان، ماكانسىز بولۇپ يۈرمەكتىمىز؛ ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ جاپا تارتماقتىمىز؛ ئاھانەتكە قالغاندا ياخشىلىق تىلەۋاتىمىز؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، چىداۋاتىمىز؛ تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا، [بىز ئۇلارنى] چىرايلىقچە [توۋىغا] ئۈندەيمىز؛ بىز جاھاننىڭ داشقىلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز، تا ھازىرغىچە شۇنداق.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 6:19-20

سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 11:26

چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 13:3-7

ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى [خۇدانىڭ يولىدا] قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ. مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ، نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛ ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛ ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ [خۇداغا] ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:20

ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:26

ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:31

رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، [ئى قېرىنداشلىرىم]، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:36

ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:42-44

ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. [تەن] چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:53-55

چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!»

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 1:3-7

رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، رەھىمدىللىقلارنىڭ ئىگىسى ئاتا، بارلىق رىغبەت-تەسەللىنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلغاي! بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت-تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت-تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت-تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق. چۈنكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت-تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز. ئەمما بىز جاپا-مۇشەققەتتە قالساقمۇ بۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللى ۋە نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇلار سىلەرنىڭ بىز تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چىدىشىڭلار بىلەن سىلەردىمۇ ھاسىل قىلىنىدۇ؛ بىز رىغبەت-تەسەللى تاپساقمۇ ئۇ سىلەرنىڭ رىغبەت-تەسەللىرىڭلار ۋە نىجاتىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا بىزنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى سىلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولساڭلار، ئوخشاشلا رىغبەت-تەسەللىدىن ئورتاق نېسىۋىلىك بولىسىلەر دەپ بىلىمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 1:8-10

چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئاسىيادا بىز دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمىز؛ ئۇ ۋاقىتلاردا بىز چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق، ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد ئۈزگۈدەك بولغانىدۇق؛ ئەمما ئۆزىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگۈچى خۇداغا تايىنىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندەك يۈرەتتۇق. ئۇ بىزنى بۇنداق دەھشەتلىك بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ۋە ھازىر قۇتقۇزماقتا، ۋە بىزنى يەنىلا قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدۇق؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:7-12

ئەمما قۇدرەتنىڭ غايەت زورلۇقى بىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن بولغانلىقى كۆرۈنسۇن دەپ بۇ گۆھەرگە ساپال ئىدىشلاردا قاچىلاقلىق ھالدا ئىگىدارلىق قىلىمىز. مانا بىز ھەرتەرەپتە قىستىلىپ قالدۇق، ئەمما يەنجىلمىدۇق؛ تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق؛ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز، ئەمما ھەمدەمسىز قالمىدۇق؛ يىقىتىلدۇق، ئەمما ھالاك بولمىدۇق؛ ئەيسانىڭ ھاياتى تېنىمىزدە ئايان قىلىنسۇن دەپ، ھەردائىم تېنىمىزدە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز. چۈنكى ئەيسانىڭ ھاياتى ئۆلىدىغان ئەتلىرىمىزدە ئايان قىلىنسۇن ئۈچۈن، تىرىك قالغان بىزلەر ھەردائىم ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلماقتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئۆلۈم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەمما ھايات سىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:16-18

شۇڭا بىز بەل قويۇۋەتمەيمىز؛ گەرچە تاشقى ئىنسانلىقىمىز سولاشسىمۇ، دەرھەقىقەت ئىچكى ئىنسانلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:1-5

چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز. ئەمدى بۇ [كونا ئۆيىمىزدە] تۇرغىنىمىزدا ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى كىيىۋېلىشقا زور ئىنتىزار بىلەن ئاھ ئۇرماقتىمىز (بەرھەق، [ئاسماندىكى ئۆيىمىزنى] كىيىۋالساق يالىڭاچ قالمايمىز). چۈنكى مۇشۇ چېدىردا تۇرغىنىمىزدا، ئېغىرچىلىقتا ئاھ ئۇرماقتىمىز؛ بۇ بىزنىڭ يالىڭاچلىنىشنى خالىغىنىمىز ئەمەس، بەلكى كىيىندۈرۈلۈشنى، يەنى بىزدە ئۆلىدىغان نېمە بولسا، ئۇنىڭ ھايات تەرىپىدىن يۇتۇلۇشىنى خالايمىز. ئەمدى بىزنى دەل مۇشۇ ئىشقا تەييارلىغۇچى بولسا خۇدادۇر؛ ئۇ بىزگە «كاپالەت» بولغان ئۆز روھىنىمۇ ئاتا قىلدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:6-9

شۇنىڭ بىلەن بىز ھەمىشە يۇرەكلىك بولىمىز؛ ھەمدە تېنىمىزدە ماكان تۇتقىنىمىزدا رەبدىن نېرى بولغان مۇساپىر بولىمىز دەپ بىلىمىز (چۈنكى بىز كۆرۈش سېزىمى بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد بىلەن ماڭىمىز)؛ بىز يۇرەكلىك بولۇپ، شۇنىڭدەك تەندىن نېرى بولۇپ رەب بىلەن بىللە بىر ماكاندا بولۇشقا تېخىمۇ خۇرسەنمىز. شۇنىڭ بىلەن، مەيلى تەندە بولايلى، مەيلى تەندىن نېرى بولايلى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستەك-نىشان قىلىپ ئىنتىلىمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:14-15

چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز. ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 5:16-17

شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز. شۇڭا ئەمدى بىرسى مەسىھدە بولسا، ئۇ يېڭى بىر يارىتىلغۇچىدۇر! كونا ئىشلار ئۆتۈپ، مانا، ھەممە ئىش يېڭى بولدى!

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 6:3-10

[رەبنىڭ] خىزمىتىگە داغ كەلتۈرۈلمىسۇن دەپ ھېچقانداق ئىشتا ھېچكىمنىڭ ئىمانىغا توسالغۇلۇق قىلمايمىز؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا، قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ-توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا، پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى بىلەن، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن، ھەم ئىززەت-شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە [ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق]؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي-سادىق بولۇپ، نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھورمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق-يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛ دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 7:3-4

مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز. سىلەرگە باغلىغان ئىشەنچىم زور، سىلەردىن بولغان پەخرىم زور؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەت-تەسەللىگە تولدۇرۇلدۇم، بارلىق جاپا-مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزدە خۇشاللىقىم ئېشىپ تاشتى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 8:2

ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 11:23-28

ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛ يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم، ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛ ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم. بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 12:7-10

ھەتتا ماختىناي دېسەممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن؛ چۈنكى مەن ھەقىقەتنى ئېيتقان بولاتتىم؛ ئەمما بىرسى مەندە كۆرگىنىدىن ياكى مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىدىن مېنى (ماڭا ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەرنىڭ غايەت زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن) يۇقىرى ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ماختىنىشتىن يىغدىم. مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن، يەنى مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈندۇر. بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛ لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛ شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.

گالاتىيالىقلارغا 1:13

چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر.

گالاتىيالىقلارغا 2:20

مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر.

گالاتىيالىقلارغا 4:29

لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ.

گالاتىيالىقلارغا 5:24

لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ.

گالاتىيالىقلارغا 6:8

ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ.

گالاتىيالىقلارغا 6:14

ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [ئۆلۈمى]دىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3:1

شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3:13-14

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ). مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى،

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:1-2

ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، [خۇدانىڭ] سىلەرنى چاقىرغان [بۈيۈك] چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ،

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:2

شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار.

فىلىپپىلىقلارغا 1:12-14

بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛

فىلىپپىلىقلارغا 1:20

ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن!

فىلىپپىلىقلارغا 1:21-23

چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛ مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛

فىلىپپىلىقلارغا 1:28-29

شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛ چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر.

فىلىپپىلىقلارغا 2:8

ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛

فىلىپپىلىقلارغا 2:17

ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن.

فىلىپپىلىقلارغا 2:30

چۈنكى ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ، سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى.

فىلىپپىلىقلارغا 3:3

چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز.

فىلىپپىلىقلارغا 3:7-11

ئەمما ماڭا نېمە ئىش «پايدىلىق» بولسا، بۇلارنى مەسىھ سەۋەبىدىن زىيانلىق دەپ ھېسابلىدىم؛ مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى زىيانلىق دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى، مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق (تەۋرات قانۇنىدىن چىققان ھەققانىيلىق)تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن؛ مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن.

فىلىپپىلىقلارغا 3:20-21

ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ.

فىلىپپىلىقلارغا 4:4

رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار!

فىلىپپىلىقلارغا 4:6-7

ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛ شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ.

كولوسسىلىكلەرگە 1:24

ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛

كولوسسىلىكلەرگە 3:1-5

سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ. كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ. ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر. شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛

كولوسسىلىكلەرگە 3:24

چۈنكى مىراسنىڭ ئىنئامىغا رەبدىن مۇيەسسەر قىلىنغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر رەب مەسىھنىڭ ئىبادەت-قۇللۇقىدىدۇرسىلەر.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 1:6

شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار،

تېسالونىكالىقلارغا «1» 2:15

ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ،

تېسالونىكالىقلارغا «1» 3:3-4

[بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر. چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 4:13-15

لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، [ئاراڭلاردىكى] [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، [ئەيسا قايتا كەلگىنىدە]، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛

تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:10

ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆلدى مەقسىتى، ھايات قېلىپ ئويغاق تۇرساقمۇ ياكى [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:16-18

ھەردائىم شادلىنىڭلار. توختىماي دۇئا قىلىڭلار. ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر.

تېسالونىكالىقلارغا «2» 1:4-10

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ.

تىموتىيغا «1» 6:19

ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، ھەقىقىي ھاياتنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا بىر ئاساس-ئۇل بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ.

تىموتىيغا «2» 1:7-10

چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى. شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى.

تىموتىيغا «2» 1:12

مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم.

تىموتىيغا «2» 2:3-4

ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن. جەڭچى بولغان كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىغان سەردارىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزىگە ھەلەك قىلىۋالماسلىقى كېرەك.

تىموتىيغا «2» 2:8-12

سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت. بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ! ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، [خۇدا] تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن. تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا بىللە ياشايمىز. قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.

تىموتىيغا «2» 3:10-12

لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.

تىموتىيغا «2» 4:5-8

لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن. چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى. گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، بىردىنبىر ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم. ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ [غەلىبە] تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ.

فىلېمونغا 1:1

مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن سۆيۈملۈكىمىز ۋە خىزمەتدىشىمىز فىلېمونغا

فىلېمونغا 1:9

لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ

ئىبرانىيلارغا 2:9-10

لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى. چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى.

ئىبرانىيلارغا 2:14-15

پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى.

ئىبرانىيلارغا 4:9-11

قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە. چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. شۇڭا ھېچقايسىمىزنىڭ ئەنە شۇ [ئىسرائىللاردەك] ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھالىتىدە يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىققا كىرىشكە ئىنتىلەيلى.

ئىبرانىيلارغا 5:7-9

[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ،

ئىبرانىيلارغا 10:32-35

ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار. چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ.

ئىبرانىيلارغا 11:13-16

بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى. بۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر ۋەتەننى تەشنا بولۇپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. دەرۋەقە، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى چىققان بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان.

ئىبرانىيلارغا 11:25-27

گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى. ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى [ئەرشتىكى] ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى. ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. [جاپا-مۇشەققەتكە] چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى.

ئىبرانىيلارغا 11:32-38

مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، [خۇدا] ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى، دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى. [ئېتىقادى بولغاچقا]، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى. يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛ ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى (ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى.

ئىبرانىيلارغا 12:1

ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى.

ئىبرانىيلارغا 12:2-4

ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى. كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار. گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار.

ئىبرانىيلارغا 13:12-14

شۇڭا ئەيسامۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاكلاپ خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھاقارەتكە ئورتاق بەرداشلىق بېرەيلى. چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز.

ياقۇپ 1:2-4

ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر.

ياقۇپ 1:12

سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.

ياقۇپ 5:10-11

پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭلار. بىز مانا مۇشۇنداق [سەۋر-تاقەت بىلەن] بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك دەپ ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى، شۇنداقلا «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان»لىقىنى كۆرگەنسىلەر.

پېترۇس «1» 1:4-5

دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا. ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر.

پېترۇس «1» 2:4-5

ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛

پېترۇس «1» 2:21-23

چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ «ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس». ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى.

پېترۇس «1» 3:14

لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛

پېترۇس «1» 3:18

چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛

پېترۇس «1» 4:12-14

سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار. بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر. سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ.

پېترۇس «1» 4:16

بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام [بىلەن] [ئاتالغانلىقى] ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن.

پېترۇس «1» 4:19

شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن.

پېترۇس «1» 5:4

شۇنداق قىلساڭلار، باش پادىچى ئاشكارە بولغاندا، مەڭگۈ توزۇماس شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.

پېترۇس «1» 5:6-10

ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛ سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ. ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ.

يۇھاننا «1» 3:12

ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.

يۇھاننا «1» 3:13-16

شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ. قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز.

يۇھاننا «1» 4:4

ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر.

يۇھاننا «1» 5:4-5

چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟

ۋەھىي 1:7-8

مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا.

ۋەھىي 1:18

ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر!

ۋەھىي 2:7

قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ جەننىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە مۇيەسسەر قىلىمەن».

ۋەھىي 2:8-10

ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن. ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.

ۋەھىي 2:11

قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!».

ۋەھىي 2:13

ــ مەن سەن ئولتۇرغان يەرنى، يەنى شەيتاننىڭ تەختى بولغان جاينى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھەتتا سادىق گۇۋاھچىم ئانتىپاس ماكانىڭدا، يەنى شەيتان تۇرغان جايدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ، ماڭا قىلغان ئېتىقادىڭدىن تېنىپ كەتمىدىڭ.

ۋەھىي 2:17

قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. تاش ئۈستىدە يېڭى بىر ئىسىم پۈتۈكلۈك بولىدۇ، شۇ ئىسىمنى ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».

ۋەھىي 2:26-29

غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. مانا بۇ ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر: «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ». مەن ئۇنىڭغا تاڭ يۇلتۇزىنىمۇ ئاتا قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

ۋەھىي 3:5-6

غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

ۋەھىي 3:12-13

غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

ۋەھىي 3:21-22

غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن. قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»   «كىچىك ئاسىيا»دىكى يەتتە جامائەت

ۋەھىي 6:9-11

قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ: ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ دېيىشەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى.

ۋەھىي 7:9

بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان-ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.

ۋەھىي 7:13-17

ئەمدى ئاقساقاللاردىن بىرى مەندىن: بۇ ئاق تون كىيدۈرۈلگەن كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ دەپ سورىدى. ــ تەقسىر، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، دېدىم. ئۇ ماڭا: بۇلار دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ ئاپئاق قىلغان. شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ تەختتە ئولتۇرغۇچى بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چېدىرىنى سايىۋەن قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيى بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ھەربىر كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ، دېدى.

ۋەھىي 11:18

ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى، ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش، قۇل-خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى، مۇقەددەس بەندىلەرنى، تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى».

ۋەھىي 12:11

قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.

ۋەھىي 12:17

بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى.

ۋەھىي 13:7

ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى.

ۋەھىي 13:15-18

دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى. ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى. مانا بۇ يەردە ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن؛ چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر.

ۋەھىي 14:12-13

مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: «بۇنىڭدىن كېيىن رەبدە ۋاپات بولۇپ ئۆلگەنلەر بەختلىكتۇر! دۇرۇس، دەيدۇ روھ، ئۇلار ھازىر ئۆز ئىشلىرىدىن توختاپ ئارام ئالالايدۇ. چۈنكى قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»».

ۋەھىي 17:6

مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.

ۋەھىي 18:23-24

ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ، توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛ چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى، بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ [تۆكۈلگەن قانلىرى]، شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى».

ۋەھىي 19:13-14

ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى.

ۋەھىي 20:4-6

ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى (ئۆلگەنلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيدۇ). بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. دەسلەپكى تىرىلىشتىن نېسىۋە بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ كاھىنلىرى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ.

ۋەھىي 21:4-6

ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر تامچە ياشنى سۈرتىدۇ؛ ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى». تەختتە ئولتۇرغۇچى: مانا، ھەممىنى يېڭى قىلىمەن! دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: بۇلارنى خاتىرىلىۋال! چۈنكى بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر، دېدى. ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن.

ۋەھىي 21:7

غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.

ۋەھىي 22:12-13

«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن».

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net