22 – مۆجىزە

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: مۆجىزە.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

ماتتا 10:1

ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.

ماركۇس 11:22-24

ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:12-16

روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق [ئېتىقادچىلار] بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى). شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 266 ئابزاسلار

يارىتىلىش 1:1-3

مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى. ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى. خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.

يارىتىلىش 2:7

ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى.

يارىتىلىش 41:15-16

پىرەۋن يۈسۈپكە: مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئاڭلىسام، سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، دېدى. يۈسۈپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس؛ لېكىن خۇدا پىرەۋنگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب بېرىدۇ، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 3:2-5

شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. مانا، ئازغانلىق ئوتتا كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئازغان ئۆزى كۆيۈپ كەتمىگەنىدى. مۇسا: مەن بېرىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ باقاي؛ ئازغانلىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇنى كۆرگىلى يولدىن چەتنەپ [ئازغانلىققا] كەلگىنىنى كۆردى؛ خۇدا ئازغانلىق ئىچىدىن ئۇنى: مۇسا! مۇسا! دەپ چاقىردى. ئۇ: مانا مەن! دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئۇنىڭغا: بۇ يەرگە يېقىن كەلمە؛ پۇتلىرىڭدىن كەشىڭنى سالغىن؛ چۈنكى سەن تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس جايدۇر.

مىسىردىن چىقىش 4:2-5

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: قولۇڭدىكى بۇ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: بۇ بىر ھاسا، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: ئۇنى يەرگە تاشلا، دېدى. ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ بىر يىلانغا ئايلاندى؛ مۇسا ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ئۇنى قۇيرۇقىدىن تۇت، دېۋىدى، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتتى. ئۇ يەنە ئۇنىڭ قولىدا ھاسىغا ئايلاندى. [پەرۋەردىگار يەنە]: بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنىگە ئىشىنىدۇ، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 4:6-9

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، مانا، قولى پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا: قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، قولىنى قوينىغا سالدى. ئۇنى يەنە قوينىدىن چىقىرىۋىدى، مانا، ئۆز ئەكسىگە كېلىپ ئەتلىرىنىڭ باشقا يەرلىرىدەك بولدى. پەرۋەردىگار يەنە: شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمەي، ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە يەنىلا ئىشەنمىسە ۋە يا سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنداقتا سەن [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆككىن. شۇنىڭ بىلەن سەن دەريادىن ئالغان سۇ قۇرۇق يەر ئۈستىدە قانغا ئايلىنىدۇ، دېدى.

مىسىردىن چىقىش 4:30-31

ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى بايان قىلدى ۋە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. بۇنى كۆرۈپ، خەلق ئىشەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى يوقلاپ، ئۇلار ئۇچرىغان خارلىقلارنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ سەجدە قىلىشتى.

مىسىردىن چىقىش 7:3

لېكىن مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەن مىسىر زېمىنىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن.

مىسىردىن چىقىش 7:9-12

ئەمدى پىرەۋن سىلەرگە: ئۆزۈڭلارنى تەستىقلاپ بىر مۆجىزە كۆرسىتىڭلار، دېسە، سەن ھارۇنغا: ھاساڭنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا تاشلىغىن، دەپ ئېيتقىن. شۇنداق قىلىشى بىلەنلا ھاسا يىلانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن ھاسىسىنى پىرەۋن بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىدى؛ ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى.

مىسىردىن چىقىش 7:20-23

مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن پىرەۋن ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاسىنى كۆتۈرۈپ، دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرۇۋىدى، پۈتۈن دەريانىڭ سۈيى قانغا ئايلىنىپ كەتتى. دەريادىكى بېلىقلار ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كەتتى. مىسىرلىقلار دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، پۈتكۈل مىسىر زېمىنى قانغا تولدى. لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ھەم شۇنداق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق بولۇپ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە پىرەۋن ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ، بۇ ئىشقا ھېچ پىسەنت قىلمىدى.

مىسىردىن چىقىش 8:1-7

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئىبادەت قىلىشقا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن. دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، [دەريادىن] چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ. پاقىلار ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىبېشىغا، خەلقىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا يامىشىپ چىقىۋالىدۇ» دېگىن، دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: سەن ھارۇنغا: پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ھاساڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ ئۈستىگە شىلتىغىن، دېگىن دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ شۇنداق قىلىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى. لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى.

مىسىردىن چىقىش 8:16-19

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: سەن ھارۇنغا: ھاساڭنى ئۇزىتىپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېگىن، دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلدى؛ ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرۇۋىدى، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى پاشا باستى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلاندى. جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن شۇنداق قىلىپ پاشا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار بولسا ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى. ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.

مىسىردىن چىقىش 8:20-24

پەرۋەردىگار مۇساغا: ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر! چۈنكى ئەگەر قوۋمىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ، خەلقىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىڭگە كۆكۈيۈنلەرنى ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەتتا ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ كۆكۈيۈنلەر بىلەن تولىدۇ. لېكىن شۇ كۈنىدە ئۆز قوۋمىم تۇرۇۋاتقان گوشەن يۇرتىنى باشقىچە قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يەردە كۆكۈيۈنلەر تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن. شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قوۋمىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن؛ بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت ئەتە يۈز بېرىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. پىرەۋننىڭ ئۆيلىرىگە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكۈيۈنلەر توپ-توپ بولۇپ كىردى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى كۆكۈيۈنلەر تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا باشلىدى.

مىسىردىن چىقىش 9:1-7

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئىبادەت قىلىشىغا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارپايلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ» دېگىن، دېدى. پەرۋەردىگار ۋاقىتنى بېكىتىپ: ئەتە پەرۋەردىگار زېمىندا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى. ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى؛ مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق چارپايلىرى ئۆلدى؛ لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى. پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىۋىدى، مانا، ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىگەنىدى. لېكىن پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق قىلىنىپ، ئۇ قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى.

مىسىردىن چىقىش 9:8-12

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: خۇمداننىڭ كۈلىدىن چاڭگىلىڭلارنى توشقۇزۇپ ئېلىڭلار، ئاندىن مۇسا ئۇنى پىرەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ چاچسۇن. شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدىغان چاڭ-توزان بولىدۇ ۋە مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەردە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقىرىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى ۋە مۇسا ئۇنى ئاسمانغا قارىتىپ چاچتى؛ ئۇ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقاردى. جادۇگەرلەر چاقىلار دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى؛ چۈنكى جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىنىمۇ، باشقا بارلىق مىسىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش چاقا بېسىپ كەتكەنىدى. لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ شۇڭا پەرۋەردىگار دەل مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.

مىسىردىن چىقىش 9:22-27

پەرۋەردىگار مۇساغا: مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەردە، ئادەملەر ئۈستىگە، ماللارنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا مىسىر زېمىنىدىكى دالالارنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن، دېدى. مۇسا شۇنىڭ بىلەن ھاسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار گۈلدۈرمامىنى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇردى، يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى. مۆلدۈر يېغىپ، مۆلدۈر بىلەن ئوت ئارىلاش چۈشتى؛ مۆلدۈر شۇنچە ئېغىر بولدىكى، مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى. مۆلدۈر پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەر يېرىدە چۈشۈپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇردى؛ مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە ئوت-چۆپنى ئۇرۇپ، يەردىكى ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى. پەقەت ئىسرائىللار ئولتۇرۇشلۇق گوشەن زېمىنىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى. پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى.

مىسىردىن چىقىش 10:12-16

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنداق قىلساڭ، چېكەتكىلەر مىسىر زېمىنىنى بېسىپ، زېمىندىكى ھەرخىل ئوتياشلارنى، يەنى مۆلدۈردىن ئامان قالغاننىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدۇ، دېدى. مۇسا ھاسىسىنى مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار شۇ كۈنى ۋە كېچىسى زېمىن ئۈستىگە شەرق شامىلى چىقاردى. سەھەردە، شەرق شامىلى چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەلدى. چېكەتكىلەر مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا يېيىلىپ، مىسىرنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنىمۇ باستى. ئاپەت ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ ئىلگىرى بۇنداق چېكەتكە ئاپىتى بولۇپ باقمىغان، مۇندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بولمايدۇ. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننىڭ يۈزىنى قاپلىدى، يەر قاراڭغۇلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار مۆلدۈردىن ئامان قالغان زېمىندىكى ھەممە ئوتياشلارنى ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ بارلىق مېۋىلىرىنى يەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنى تەۋەسىدىكى دەل-دەرەخلەردە ياكى دالادىكى گۈل-گىياھلاردا ھېچ يېشىللىق قالمىدى. ئاندىن پىرەۋن ئالدىراپ-تېنەپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: مەن ھەم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھ قىلدىم.

مىسىردىن چىقىش 10:21-23

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، ھەتتا ئادەم سىلىسا قولىغا تۇيۇلغۇدەك قويۇق قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېدى. ئاندىن مۇسا قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، قويۇق بىر قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى ئۈچ كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى. ئۈچ كۈنگىچە بىرى يەنە بىرىنى كۆرەلمەس ۋە يا ھېچكىم ئۆز جايىدىن قوزغىلالماس بولدى؛ لېكىن بارلىق ئىسرائىللار ئولتۇرغان جايلاردا يورۇقلۇق بار ئىدى.

مىسىردىن چىقىش 12:29-33

ۋە شۇنداق بولدىكى، يېرىم كېچە بولغاندا، پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان تۇنجىسىدىن تارتىپ زىنداندا يېتىۋاتقان مەھبۇسنىڭ تۇنجىسىغىچە، مىسىر زېمىنىدىكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، شۇنداقلا ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى. ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئۆي قالمىغاچقا، شۇ كېچىسى پىرەۋننىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق مىسىرلىقلار كېچىدە ئورنىدىن قوپتى؛ مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن قاتتىق پەرياد كۆتۈرۈلدى. پىرەۋن كېچىدە مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: تۇرۇڭلار، سىلەر ۋە ئىسرائىللار بىلەن بىللە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئېيتقىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بويىچە قوي، ئۆچكە، كالا پادىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار؛ مەن ئۈچۈنمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار، دېدى. مىسىرلىق پۇقرالارمۇ «ھەممىمىز ئۆلۈپ كەتكۈدەكمىز» دېيىشىپ، خەلقنى زېمىندىن تېز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كېتىشكە ئالدىراتتى.

مىسىردىن چىقىش 14:19-29

ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يۈرۈۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ، مىسىرلىقلارنىڭ چېدىرگاھى بىلەن ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ ئارىلىقىدا توختىدى؛ بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتە كېچىنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كېچە بىر قوشۇن يەنە بىر قوشۇنغا يېقىن كېلەلمىدى. مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار پۈتۈن كېچە شەرقتىن كۈچلۈك بىر شامال چىقىرىپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى؛ ئۇ سۇنى ياندۇرۇپ دېڭىزنى قۇرۇق يەر قىلدى، سۇلار ئىككىگە بۆلۈندى. شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى. ئەمما مىسىرلىقلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەلدى. تاڭ ئاتقاندا شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇرۇپ مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا قارىدى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا پاراكەندىچىلىك چۈشۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى پاتقۇزۇپ، ھەيدەپ مېڭىشىنى مۈشكۈل قىلدى. مىسىرلىقلار: يۈرۈڭلار، ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قاچايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. پەرۋەردىگار مۇساغا: سۇلار يېنىپ مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ بېرىپ، ئۇلارنى چۆكتۈرۈۋەتسۇن دەپ قولۇڭنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتقىن، دېدى. مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزىتىۋىدى، تاڭ ئاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى يەنە ئەسلىي ھالىتىگە يېنىپ كەلدى. قېچىۋاتقان مىسىرلىقلار ئېقىنغا قارشى يۈگۈرۈشتى، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا موللاق ئاتقۇزدى. سۇ ئەسلىگە يېنىپ كېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەن پىرەۋننىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى غەرق قىلىۋەتتى؛ ئۇلاردىن بىرىمۇ ساق قالمىدى. لېكىن ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى.

مىسىردىن چىقىش 15:26

«ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن».

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 12:6

ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن.

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 14:22

ھالبۇكى، مېنىڭ جۇلايىمنى، مىسىردا ۋە چۆل-جەزىرىدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى مۇشۇنداق ئون قېتىملاپ سىناپ يەنە ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغانلار،

قانۇن شەرھى 4:11-13

سىلەر يېقىن كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردۇڭلار؛ بۇ تاغنىڭ ئوتى ئاسمانلارنىڭ باغرىغىچە كۆيۈپ يەتتى، ھەمدە قاراڭغۇلۇق، بۇلۇتلار ۋە سۈر تاغنى قاپلىدى؛ پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار. ۋە ئۇ شۇ چاغدا سىلەرگە ئەمر قىلغان ئەھدىسىنى، يەنى «ئون ئەمر»نى ئايان قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تاش تاختاي ئۈستىگە پۈتتى.

قانۇن شەرھى 4:33-34

سىلەرگە ئوخشاش، خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن چىققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىرىك قالغان باشقا بىر خەلق بارمۇ؟ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدا قىلغانلىرىدەك، قىيىن سىناقلار بىلەن، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن، كارامەتلەر بىلەن، ئۇرۇش بىلەن، كۈچلۈك قول ھەم ئۇزىتىلغان بىلەك بىلەن ۋە دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن سىلەردىن باشقا بىر خەلقنى يات بىر ئەلنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ ئۆزىگە خاس قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟

قانۇن شەرھى 6:22

پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ھەم ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى؛

قانۇن شەرھى 7:15

پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ.

قانۇن شەرھى 7:19

ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.

قانۇن شەرھى 8:3-4

دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ قىرىق يىلدا كىيىم-كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى.

قانۇن شەرھى 34:10-12

مۇسادىن كېيىن ئۇنىڭدەك پەرۋەردىگار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەن ئىككىنچى بىر پەيغەمبەر ئىسرائىل ئىچىدە چىقمىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مىسىر زېمىنىغا ئەۋەتىشى بىلەن ئۇ شۇ يەردە پىرەۋنگە، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە پۈتكۈل زېمىنىدىكىلەر ئالدىدا كۆرسەتكەن ھەممە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرگە، ئايان قىلىنغان شۇ بارلىق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ۋە مۇسانىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن بارلىق دەھشەتلىك ھەيۋىسىگە تەڭ تۇرغۇدەك ھېچقانداق ئادەم چىقمىدى.

يەشۇئا 3:14-17

ئەمدى شۇنداق بولدىكى، خەلق چېدىرلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچىلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، پۇتلىرى سۇغا تېگىشى بىلەنلا (ئورما ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن تېشىپ چىقىدۇ)، يۇقىرى ئېقىندىكى سۇلار خېلى يىراقتىلا، زارەتاننىڭ يېنىدىكى ئادەم شەھىرىنىڭ يېنىدا توختاپ، دۆڭ بولدى؛ ئاراباھ تۈزلەڭلىكى بويىدىكى دېڭىزغا، يەنى «شور دېڭىزى»غا ئېقىپ چۈشۈۋاتقان كېيىنكى ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ خەلق بولسا يېرىخو شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن [دەريادىن] ئۆتۈپ ماڭدى. پۈتكۈل ئىسرائىل قۇرۇق يەرنى دەسسەپ، بارلىق خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغۇچىلىك، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مەزمۇت تۇردى.

يەشۇئا 6:15-20

يەتتىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ئوخشاش ھالەتتە يەتتە قېتىم شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندى؛ پەقەت شۇ كۈنىلا ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلاندى. يەتتىنچى قېتىم ئايلىنىپ بولۇپ، كاھىنلار بۇرغا چالغاندا يەشۇئا خەلققە: ئەمدى توۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى! لېكىن شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغانلىقى ئۈچۈن [سىلەرگە] «ھارام»دۇر؛ پەقەت پاھىشە ئايال راھاب بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرلا ئامان قالسۇن؛ چۈنكى ئۇ بىز ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. لېكىن سىلەر قانداقلا بولمىسۇن «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار؛ بولمىسا، «ھارام» قىلىنغان نەرسىلەردىن ئېلىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھارام قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىمۇ ھارام قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىسىلەر. ئەمما بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان نەرسىلەر بولسا پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنسۇن؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە كىرگۈزۇلسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق توۋلىشىپ، كاھىنلار بۇرغا چالدى. شۇنداق بولدىكى، خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا ئىنتايىن قاتتىق توۋلىۋىدى، سېپىل تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى؛ خەلق ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ئاتلىنىپ كىرىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى.

يەشۇئا 10:12-13

ئاندىن يەشۇئا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلدى، يەنى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا تاپشۇرغان كۈنىدە ئۇ ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توختاپ تۇر! ئەي ئاي، ئايجالون جىلغىسى ئۈستىدە توختاپ تۇر!» شۇنى دېۋىدى، خەلق دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىپ بولغۇچىلىك قۇياش ماڭماي توختاپ تۇردى، ئايمۇ توختاپ تۇردى. بۇ ۋەقە ياشارنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ قۇياش تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ ئولتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى.

باتۇر ھاكىملار 14:5-6

ئەمدى شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھقا چۈشتى؛ ئۇلار تىمناھدىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يېتىپ كەلگەندە، مانا بىر ياش شىر ھۆركىرىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئېتىلدى. شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ قولىدا ھېچنېمە بولمىغان ھالەتتە شىرنى تۇتۇپ، ئۇنى ئوغلاقنى يىرتقاندەك يىرتىپ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دېمىدى.

باتۇر ھاكىملار 16:29-30

شىمشون شۇلارنى دەپ ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنى تۇتۇۋالدى؛ بىرىنى ئوڭ قولى بىلەن، يەنە بىرىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ تۇردى. ئاندىن: «فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتسەم!» دەپ بەدىنىنى ئېگىپ كۈچىنى يىغىپ [ئىتتىرىۋىدى]، ئۆي ئۆرۈلۈپ، ئۇ يەردىكى ئەمىرلەر بىلەن بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆلۈمى بىلەن ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن كۆپ بولدى.

سامۇئىل «1» 5:2-4

ئۇ يەردە فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ داگون بۇتخانىسىغا ئەكىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى. ئاشدوددىكىلەر ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا داگون بۇتى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى. شۇڭا ئۇلار داگون بۇتنى ئېلىپ يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. لېكىن ئەتىسى سەھەر قوپۇپ كەلسە، مانا، داگون پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يىقىلغىنىچە دۈم ياتاتتى؛ داگوننىڭ بېشى ھەم قوللىرى بوسۇغىدا چېقىلغانىدى؛ داگوننىڭ پەقەت بېلىقسىمان تېنى قالغانىدى.

سامۇئىل «1» 5:6-12

ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاشدوددىكىلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق چۈشۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشدود بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇردى. ئاشدوددىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ: ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزلەردە تۇرمىسۇن! چۈنكى ئۇنىڭ قولى بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق بېسىۋالدى، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ ھەممە غوجىلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ ئۇلاردىن: ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتقا چەت يول بىلەن يۆتكەلسۇن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەرگە چەت يول بىلەن يۆتكىدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇنى چەت يول بىلەن يۆتكىگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈردى. ئۇ كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە شەھەردىكىلەرنى ئۇردى، ئۇلار ھۈررەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكرونغا ئەۋەتتى. لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئەكرونغا يېتىپ كەلگەندە، ئەكروندىكىلەر پەرياد قىلىپ: بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بىزگە يۆتكىدى! دېدى. ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنى قىچقارتىپ جەم قىلىپ ئۇلارغا: بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز جايىغا كەتكۈزۈڭلار، دېدى؛ چۈنكى قاتتىق ۋەھىمە شەھەرنى باسقانىدى؛ خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئېغىر چۈشكەنىدى. ئۆلمىگەن ئادەملەر بولسا ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ پەريادى ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.

سامۇئىل «1» 6:19-20

ئەمما بەيت-شەمەشتىكىلەر ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلاردىن يەتمىش ئادەمنى، جۈملىدىن چوڭلاردىن ئەللىكنى ئۇردى. پەرۋەردىگار خەلقنى مۇنداق قاتتىق ئۇرغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ماتەم تۇتتى. بەيت-شەمەشتىكىلەر: بۇ مۇقەددەس خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كىم ئۆرە تۇرالايدۇ؟ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭ بۇ يەردىن كىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىلىشى كېرەك؟ دېدى.

سامۇئىل «1» 17:34-37

داۋۇت سائۇلغا: قۇللىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كەلدىم. بىر شىر ياكى ئېيىق كېلىپ پادىدىن بىر قوزىنى ئېلىپ كەتسە، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئۇنى ئۇرۇپ قوزىنى ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ ئالاتتىم. ئەگەر قوپۇپ ماڭا ھۇجۇم قىلسا مەن ئۇنى يايلىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتىم. قۇللىرى ھەم شىر ھەم ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن؛ بۇ خەتنىسىز فىلىستىيمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت كەلتۈردى دېدى. داۋۇت سۆزىنى داۋام قىلىپ: مېنى شىرنىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بۇ فىلىستىينىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. سائۇل داۋۇتقا: بارغىن، پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، دېدى.

سامۇئىل «1» 17:45-51

داۋۇت فىلىستىيكە: سەن قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتما نەيزىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدىڭ؛ لېكىن مەن سەن ھاقارەت قىلغان، ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭغا ھۇجۇمغا چىقتىم دېدى. «دەل بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ. مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ بېشىڭنى كېسىپ ئالىمەن؛ مەن لەشكەرگاھدىكى فىلىستىيلەرنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلىرىغا يەم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جاھان ئىسرائىلدا بىر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇ پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت بېرىشىنىڭ قىلىچ، نەيزە بىلەن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ جەڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، ئۇ سېنى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ». فىلىستىي داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى قوپۇپ يېقىن كەلگەندە داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى فىلىستىي قوشۇنىنىڭ سېپىگە قاراپ يۈگۈردى. داۋۇت قولىنى خالتىسىغا تىقىپ بىر تاشنى چىقىرىپ سالغۇغا سېلىپ فىلىستىيگە قارىتىپ ئاتتى؛ تاش فىلىستىينىڭ پېشانىسىگە تەگدى. تاش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پېتىپ كەتتى، ئۇ دۈم چۈشۈپ يەرگە يىقىلدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت فىلىستىينى سالغۇ ۋە تاش بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ داۋۇتنىڭ قولىدا ھېچ قىلىچ يوق ئىدى. داۋۇت يۈگۈرۈپ بېرىپ، فىلىستىينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قىلىچىنى قىنىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئالدى. فىلىستىيلەر ئۆز باتۇرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپلا، بەدەر قاچتى.

سامۇئىل «2» 6:6-7

لېكىن ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە، كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇززاھ قولىنى سوزۇپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تۇتىۋالدى. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇززاھقا قوزغالدى؛ ئۇ خاتا قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنى خۇدا شۇ يەردە ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا يىقىلىپ ئۆلدى.

پادىشاھلار «1» 17:1

ئەمدى گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلاردىن بولغان تىشبىلىق ئىلىياس ئاھابقا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ سۆزۈمسىز بۇ يىللاردا نە شەبنەم نە يامغۇر چۈشمەيدۇ، دېدى.

پادىشاھلار «1» 17:12-16

ئەمما ئۇ: پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھاياتى بىلەن، ساڭا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە ھېچ نان يوق، پەقەت ئىدىشتا بىر چاڭگال ئۇن، كوزىدا ئازغىنە ماي بار، مانا ئىككى تال ئوتۇن تېرىۋاتىمەن؛ ئاندىن بېرىپ ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمغا نان ئېتىپ، ئۇنى يەپ ئۆلىمىز، دېدى. ئىلىياس ئۇنىڭغا: قورقمىغىن؛ بېرىپ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن؛ لېكىن ئاۋۋال بىر كىچىك توقاچ ئېتىپ، ماڭا ئېلىپ كەلگىن؛ ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغلۇڭغا نان ئەتكىن. چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان كۈنگىچىلىك ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ ۋە كوزىدىكى ماي كېمەيمەيدۇ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، ئىلىياسنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى ۋە ئۇ، ئىلىياس ۋە ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلەر خېلى كۈنلەرگىچە يېدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى مايمۇ كېمەيمىدى.

پادىشاھلار «1» 17:17-24

شۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى. ئايال ئىلىياسقا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن، دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ئى خۇدايىم پەرۋەردىگار، مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بالا چۈشۈردۇڭمۇ؟ دەپ نىدا قىلدى. ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم ئۆزىنى چاپلاپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە يېنىپ كىرسۇن! دەپ نىدا قىلدى. پەرۋەردىگار ئىلىياسنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدى؛ بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا يېنىپ كىرىشى بىلەن ئۇ تىرىلدى. ئىلىياس بالىنى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئىلىياس: مانا ئوغلۇڭ تىرىكتۇر، دېدى. ئايال ئىلىياسقا: مەن شۇ ئىش ئارقىلىق ئەمدى سېنىڭ خۇدانىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىڭنى، ئاغزىڭدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم، دېدى.

پادىشاھلار «1» 18:32-39

شۇ تاشلاردىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر قۇربانگاھنى ياسىدى. ئۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدە ئىككى سېئاھ دان پاتقۇدەك ئازگال كولىدى. ئاندىن ئۇ ئوتۇننى راستلاپ، بۇقىنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ تۆپىسىگە قويدى. ئۇ: تۆت ئىدىشنى سۇغا توشقۇزۇپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار، دېدى. ئاندىن: يەنە بىر قېتىم قىلىڭلار» دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە: ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلغاندا سۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، كولانغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى. كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن. ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى. خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ: پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى.

پادىشاھلار «2» 2:8

ئىلىياس يېپىنچىسىنى قاتلاپ، ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ئۇرىۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇردى؛ ئۇلار ئىككىسى قۇرۇق يولدىن ئۆتتى.

پادىشاھلار «2» 2:11-14

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ ماڭغاندا، مانا، ئوتلۇق بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئوتلۇق ئاتلار نامايان بولدى؛ ئۇلار ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى ۋە ئىلىياس قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى! دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. ئاندىن ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۇچىسىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسىنى يەردىن ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسى بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: «ئىلىياسنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار نەدىدۇر؟»، دېدى. ئېلىشا سۇنى شۇنداق ئۇرغاندا سۇ ئىككىگە بۆلۈندى؛ ئېلىشا سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى.

پادىشاھلار «2» 2:23-24

ئېلىشا يېرىخودىن چىقىپ بەيت-ئەلگە باردى. ئۇ يولدا كېتىپ بارغاندا، بەزى بالىلار شەھەردىن چىقىپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ: چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! دەپ ۋارقىراشتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئورمانلىقتىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، بالىلاردىن قىرىق ئىككىنى يىرتىۋەتتى.

پادىشاھلار «2» 4:2-7

ئېلىشا ئۇنىڭدىن: سېنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ دېگىنە، ئۆيۈڭدە نېمەڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: دېدىكىڭنىڭ ئۆيىدە كىچىك بىر كوزا مايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، دېدى. ئۇ: بېرىپ ھەممە قوشنىلىرىڭدىن چۆگۈن-كوزا، يەنى بوش چۆگۈن-كوزىلارنى ئۆتنە ئالغىن، ئۇلار ئاز بولمىسۇن. ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ ئۆيگە كىرگىن، ئىشىكنى يېپىپ ھەممە چۆگۈن-كوزىلارغا ماي قاچىلىغىن. توشقانلىرىنى بىر چەتكە ئېلىپ قويغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئوغۇللىرى چۆگۈن-كوزىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ ماي قۇيدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، چۆگۈن-كوزىلارنىڭ ھەممىسى تولغاندا ئۇ ئوغلىغا: يەنە بىر كوزا ئېلىپ كەل، دېدى. ئەمما ئوغلى: ئەمدى كوزا قالمىدى، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ماي توختاپ قالدى. ئەمدى ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمىگە خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ: بېرىپ ماينى سېتىۋەت، قەرزىڭنى تۈگەتكىن؛ ئاندىن قالغان پۇل بىلەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ جېنىنى بېقىڭلار، دېدى.

پادىشاھلار «2» 4:32-35

ئېلىشا ئۆيگە كېلىپ قارىسا، مانا، بالا ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئۆلۈك ياتاتتى. ئۇ بالا بىلەن ئۆزىنى ئايرىم قالدۇرۇپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى قويۇپ ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا، كۆزلىرنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، قوللىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا يېقىپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى. ئۇ چۈشۈپ ئۆيدە ئۇ ياق-بۇ ياققا مېڭىپ ئاندىن يەنە كارىۋاتقا چىقىپ يەنە بالىنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. ئۇ ۋاقىتتا بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى، ئاندىن كۆزلىرىنى ئاچتى.

پادىشاھلار «2» 4:40-44

ئاندىن ئۇلار يەڭلار دەپ ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەردى. لېكىن ئۇلار تاماقنى يېگىلى باشلىغاندا: ئى خۇدانىڭ ئادىمى، قازاندا ئۆلۈم بار، دەپ ۋارقىراشتى. ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېيەلمىدى. ئېلىشا: ئازراققىنە ئۇن ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇ شۇنى قازانغا تاشلاپ: خەلققە ئۇسۇپ بەرگىن، يېسۇن، دېدى. ۋە مانا، قازاندا ھېچ زەھەر قالمىدى. ئەمدى بائال-شالىشاھدىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە ئارپا ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسىدىن ئاش-نان، يەنى يىگىرمە ئارپا ناننى ۋە بىر خالتا كۆك باشنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇ: خەلققە يېگىلى ئالدىغا قويغىن، دېدى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى: شۇنى بىر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا قانداق قويالايمەن؟ دېدى. ئېلىشا: خەلققە يېگىلى بەرگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار يەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويدى؛ ئۇلار يېدى ۋە دەل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالدى.

پادىشاھلار «2» 5:10-14

ئېلىشا بىر خەۋەرچىنى ماڭدۇرۇپ نائامانغا: بېرىپ ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنۇپ كەلگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئەتلىرىڭ ئەسلىگە كېلىپ پاكىز بولىسەن، دېدى. لېكىن نائامان ئاچچىقلىنىپ يېنىپ كېلىپ: مانا، ئۇ چوقۇم چىقىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ، [يارا] جاينىڭ ئۈستىدە قولىنى سىلكىپ، ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. دەمەشقنىڭ دەريالىرى، يەنى ئابارنا بىلەن فارپار [دەرياسىنىڭ سۇلىرى] ئىسرائىلنىڭ ھەممە سۇلىرىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇلاردا يۇيۇنسام پاكىز بولمامدىم؟ دېدى. ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇرۇلۇپ يولغا چىقتى. لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئى ئاتام، ئەگەر پەيغەمبەر سىلىگە ئېغىر بىر ئىشنى تاپىلىغان بولسا، قىلماسمىدىلا؟ ئۇنداق بولغان يەردە، ئۇ سىلىگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ، پاكىز بولىسىلا، دېگەن بولسا شۇنداق قىلماملا؟ دېيىشتى. شۇڭا ئۇ چۈشۈپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىگە بىنائەن ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتى پاكلىنىپ، كىچىك بالىنىڭ ئېتىدەك بولۇپ ساقايدى.

پادىشاھلار «2» 6:5-7

لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ۋارقىراپ: ۋاي غوجام، بۇ ئۆتنە ئالغان پالتا ئىدى، دېدى. خۇدانىڭ ئادىمى: نەگە چۈشتى، دەپ سورىدى. ئۇ چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بىر شاخنى كېسىپ، ئۇنى سۇغا تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى. ئۇ: ئۇنى قولۇڭغا ئالغىن، دېۋىدى، ئۇ كىشى قولىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.

پادىشاھلار «2» 6:8-12

سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پالانچى-پوكۇنچى يەردە بارگاھ تىكىمەن، دەپ بېكىتەتتى. خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر ئەۋىتىپ: سەن پالانچى-پوكۇنچى يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى سۇرىيلەر ئۇ يەرگە چۈشمەكچى، دېدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئادىمى ئۆزىگە كۆرسەتكەن جايغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئادەملىرىگە ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم بولدى. بۇنىڭ سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پادىشاھى كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلاردىن: ئارىمىزدىن كىمنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىلەر؟! دەپ سورىدى. لېكىن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرى: ئى غوجام پادىشاھ ئۇنداق ئەمەس؛ بەلكى ئىسرائىلدا تۇرىدىغان ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر سەن ياتقان ھۇجراڭدا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئىسرائىل پادىشاھىغا ئېيتىپ بېرىدۇ، دېدى.

پادىشاھلار «2» 6:15-20

خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ مالىيى سەھەردە تۇرۇپ چىقسا، مانا، بىر ئاتلىقلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرى قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. مالاي ئۇنىڭغا: ئاپلا، ئى غوجام، قانداق قىلارمىز؟ دېدى. لېكىن ئۇ: قورقمىغىن؛ مانا بىز بىلەن بىرگە بولغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن كۆپتۇر، دېدى. ئەمدى ئېلىشا دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، مالايىمنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇ ئەينى ئەھۋالنى كۆردى؛ مانا، پۈتكۈل تاغ ئېلىشانى چۆرىدەپ تۇرغان يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى. سۇرىيلەر چۈشۈپ ئۇ تەرەپكە كەلگەندە، ئېلىشا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: بۇ خەلقنى كورلۇق بىلەن ئۇرغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ تىلىكى بويىچە ئۇلارنى كورلۇق بىلەن ئۇردى. ئېلىشا ئۇلارغا: بۇ [سىلەر ئىزدىگەن] يول ئەمەس ۋە [سىلەر ئىزدىگەن] شەھەر ئەمەس؛ مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىڭلار، سىلەرنى سىلەر ئىزدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دەپ ئۇلارنى سامارىيەگە باشلاپ باردى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە ئېلىشا: ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى؛ ۋە مانا، ئۇلار سامارىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى.

پادىشاھلار «2» 13:21

بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، خەلق بىر ئۆلگەن ئادەمنى يەرلىكىگە قويۇۋاتقاندا، مانا، ئۇلار بىر توپ بۇلاڭچىلارنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار جەسەتنى ئېلىشانىڭ گۆرىگە تاشلىدى. جەسەت ئېلىشانىڭ ئۇستىخىنىغا تەگكەندە، ئۇ تىرىلىپ، قوپۇپ تىك تۇردى.

پادىشاھلار «2» 20:9-11

يەشايا: پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن شۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى، سەن قۇياشنىڭ پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ياكى ئون باسقۇچ كەينىگە يېنىشىنى خالامسەن؟ دېدى. ھەزەكىيا: قۇياش سايىسىنىڭ ئون باسقۇچ ئالدىغا مېڭىشى ئاسان؛ سايە ئون باشقۇچ كەينىگە يانسۇن، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى ۋە ئۇ قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي باسقۇچىلىرى ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ياندۇرۇپ، ئون باسقۇچ كەينىگە ماڭدۇردى).

تارىخ-تەزكىرە «2» 16:12

ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى؛ ۋە كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ ئاغرىغاندىمۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىدى، بەلكى پەقەت تېۋىپلاردىنلا ياردەم ئىزدىدى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 26:16-20

لېكىن ئۇ كۈچەيگەندىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ كەتتى ۋە بۇ ئىش ئۇنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى. ئۇ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە خۇشبۇي ياقىمەن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. كاھىن ئازارىيا بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقا كاھىنلىرىدىن سەكسەن ئەزىمەت ئۇنىڭ ئارقىدىن كىردى؛ ئۇلار پادىشاھ ئۇززىيانى توسۇپ: ئى ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يېقىش ساڭا تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى خۇشبۇي يېقىشقا مۇقەددەس خىزمەتكە ئاتالغان كاھىنلار بولغان، ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپتۇر؛ مۇقەددەسخانىدىن چىققىن، چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قىلىپ قويدۇڭ؛ سەن خۇدا پەرۋەردىگاردىن ئىززەت تاپالمايدىغان بولۇپ قالىسەن، دېدى. ئۇززىيا قاتتىق غەزەپلەندى؛ ئۇ خۇشبۇي ياققىلى تۇرغان ھالەتتە، قولىدا بىر خۇشبۇيداننى تۇتۇپ تۇراتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خۇشبۇيگاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كاھىنلارغا غەزەپلىنىۋاتقان چاغدا، كاھىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىقتى. باش كاھىن ئازارىيا بىلەن باشقا كاھىنلار قارىسا، مانا، بىردىنلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا ماخاۋ ئۆرلەپ چىققانىدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە ئىتتەردى؛ ئۇ ئۆزىمۇ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇرغانىدى.

نەھەمىيا 9:10

سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق يوغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن پىرەۋن، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق خەلققە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام-شۆھرەتنى تىكلىدىڭ.

ئايۇپ 5:8-9

ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم. ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.

ئايۇپ 13:4

سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر.

زەبۇر 30:2

ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، سەن مېنى ساقايتتىڭ.

زەبۇر 41:3-4

ئورۇن تۇتۇپ زەئىپلىشىپ ياتقىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا دەرمان بولىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنى راسلاپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرىسەن. مەن ئىلتىجا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەيسەن، جېنىمغا شىپالىق بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم» دېدىم.

زەبۇر 77:14

مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ.

زەبۇر 103:3-5

ئۇ پۈتكۈل قەبىھلىكلىرىڭنى كەچۈرىدۇ، بارلىق كېسەللىرىڭگە داۋا قىلىدۇ؛ ھاياتىڭنى ھاڭدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزىدۇ، بېشىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ھەم رەھىمدىللىقلارنى تاج قىلىپ كىيگۈزىدۇ. كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ؛ ياشلىقىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يېڭىلىنىدۇ.

زەبۇر 147:3

ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ.

يەشايا 7:14

شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ.

يەشايا 53:5

لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق.

يەرەمىيا 30:17

چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن.

يەرەمىيا 32:20-21

ــ سەن بۈگۈنكى كۈنگىچە مىسىر زېمىنىدا، ئىسرائىل ئىچىدە ھەم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھەم كارامەتلەرنى ئايان قىلىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە سېنىڭ نامىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە. سەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر قۇدرەتلىك قولۇڭ، سوزۇلغان بىلىكىڭ ۋە دەھشەتلىك ۋەھشەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغانسەن؛

ئەزاكىيال 37:1-10

پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى. ئۇ مېنى سۆڭەكلەر ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتكۈزدى؛ مانا، بۇ ئوچۇق جىلغىدا [سۆڭەكلەر] ئىنتايىن نۇرغۇن ئىدى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئىنتايىن قۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇ مەندىن: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر قايتىدىن ياشنامدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، دېدىم. ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىگە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «ئى قۇرۇق سۆڭەكلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار بۇ سۆڭەكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر. مەن ئۈستۈڭلەرگە پەي-سىڭىرلەرنى سالىمەن، سىلەرنى تېرە بىلەن ياپىمەن، سىلەرگە روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر». شۇڭا مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە بېشارەت بەردىم؛ مەن بېشارەت بېرىشىمگە، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى، مانا جالاق-جۇلاق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، سۆڭەكلەر جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىگە قوشۇلدى. مەن كۆردۇم، مانا، پەي-سىڭىرلەر ۋە ئەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى قاپلىدى؛ بىراق ئۇلاردا ھېچ روھ-نەپەس بولمىدى. ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس، ۋە مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تىرىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈۋلەڭلەر» دېدى. شۇڭا مەن بۇيرۇلغاندەك بېشارەت بېرىۋىدىم، روھ-نەپەس ئۇلارغا كىردى-دە، ئۇلار ھايات بولۇپ تىك تۇردى بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى.

دانىيال 2:26-30

پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا: «سەن مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئايان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلەمسەن؟ دېدى. دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى: ئى ئالىيلىرى، سىلى سورىغان بۇ سىرنى دانىشمەن، پىر-ئۇستاز، رەمچى-پالچى ۋە مۇنەججىملار ئۆزلىرىگە يېشىپ بېرەلمەيدۇ. بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇخلاشقا ياتقاندا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىلا. سىرلارنى بىردىنبىر ئاشكارىلىغۇچى ئۆزلىرىگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى. ماڭا كەلسەك، بۇ سىرنىڭ ماڭا ئايان قىلىنغىنى مېنىڭ باشقا جان ئىگىلىرىدىن ئارتۇق ھېكمەتكە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى، شۇنداقلا شاھ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر.

دانىيال 3:19-30

بۇنى ئاڭلىغان ھامان پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ تەرى بۇزۇلۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارغا قاتتىق غەزەپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئادەملىرىگە خۇمداننى ئادەتتىكىدىن يەتتە ھەسسە قاتتىق قىزىتىشنى بۇيرۇدى. ئۇ قوشۇنىدىكى ئەڭ قاۋۇل پالۋانلارغا شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى باغلاپ، دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى. پادىشاھنىڭ ئەمرىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن خۇمداندىكى ئوت ئىنتايىن يالقۇنلاپ يېنىپ تۇراتتى، شۇڭلاشقا خۇمداندىن چىقىۋاتقان يالقۇن شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەن باغلاقلىق ھالدا دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا چۈشۈپ كەتتى. ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن: بىز باغلاپ ئوت ئىچىگە تاشلىغىنىمىز ئۈچ ئادەم ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن «شۇنداق، ئى ئالىيلىرى! دېدى. پادىشاھ جاۋابەن: مانا، مەن تۆت ئادەمنىڭ باغلاقسىز ھالدا ئوت ئىچىدە ئەركىن مېڭىپ يۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئۇلار قىلچە كۆيگەندەك ئەمەس؛ ھەمدە تۆتىنچى كىشى ئىلاھلارنىڭ ئوغلىدەك تۇرىدۇ! دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ: شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئالىي ئىلاھنىڭ قۇللىرى، چىقىڭلار، ماياققا كېلىڭلار! دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئوتتىن چىقتى. بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى. نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى: شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا شۈكۈر-سانالار بولغاي! ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە تايانغان قۇللىرىنى قۇتقۇزىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا خىزمەت قىلماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلماسلىق ئۈچۈن، پەقەت ئۆز خۇدايىمىزنىڭلا ئىبادىتىدە بولىمىز دەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ھاياتىنى تەۋەككۇل قىلدى. ئەمدى مەن شۇنداق پەرمان چۈشۈرىمەنكى: قايسى ئەل-يۇرت بولسۇن، قايسى تائىپىلەردىن كەلگەن بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا قارا چاپلايدىكەن، پۈتۈن تېنى قىيما-چىيما قىلىنسۇن، ئۆيلىرى ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلسۇن! چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان باشقا ئىلاھ يوق. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەننى ئۆستۈرۈپ، بابىل ئۆلكىسىدە يۇقىرى مەنسەپكە تەيىنلىدى.

دانىيال 4:1-3

«مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇنىڭ كارامەتلىرى نېمەدېگەن قالتىس! ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتمەس-تۈگىمەستۈر، ئۇنىڭ ھاكىملىقى دەۋردىن-دەۋرگىچە داۋاملىشىدۇ!

دانىيال 5:5-6

دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ، چىرايى تاتىرىپ، كۆڭلىدە ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. پۇت-قوللىرى بوشىشىپ، پۇتلىرى تىترەپ كەتتى.

دانىيال 6:16-24

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ئەمر قىلىشى بىلەن دانىيال تۇتۇپ كېلىنىپ، شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. پادىشاھ دانىيالغا: سەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزىۋالىدۇ! دېدى. بىر تاش ئېلىنىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئۇنىڭ بىلەن ئېتىلدى؛ دانىيالنىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئارىلاشمىسۇن دەپ ئۇنى پادىشاھ ئۆز مۆھۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەمىر-ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرى بىلەن مۆھۈرلىدى. ئاندىن پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كېلىپ كېچىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزدى؛ ئۆزىنىڭ توقال-كېنىزەكلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئۆز يېنىغا كەلتۈرمىدى، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. تاڭ ئېتىشى بىلەنلا پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە باردى. پادىشاھ ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىپ ئازابلانغان ھالدا دانىيالنى چاقىرىپ: ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قۇلى، سەن ئۈزۈلمەس ئىبادەت قىلىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزىۋالمىدىمۇ؟ دەپ توۋلىدى. دانىيال جاۋابەن: ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! خۇدايىمنىڭ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ شىرلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇشى بىلەن ئۇلار ماڭا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىدى؛ چۈنكى ئۇ مەندىن ھېچقانداق ئەيىب كۆرمىدى. ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ھېچقانداق زىيان يەتكۈزگۈدەك ئىش قىلمىدىم، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى. ئاندىن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈردى، [نەۋكەرلىرى] دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بالا-چاقىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن قوشۇپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆڭكۈر تېگىگە چۈشۈپ بولمايلا شىرلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ چايناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتتى.

دانىيال 6:25-27

شۇ ئىشتىن كېيىن دارىئۇس پادىشاھ يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەممە تائىپىلەر، ھەر تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق پۈتۈك چۈشۈردى: «ھەممىڭلارغا ئامانلىق ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! مەن ئۇشبۇ يارلىقنى چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر يۇرتتىكى پۇقرالار دانىيالنىڭ خۇداسى ئالدىدا تىترەپ قورقسۇن! چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈ مۇستەھكەم ئۆزگەرمەستۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھالاك قىلىنماس، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە بولىدۇ. ئۇ بالايىقازادىن قوغدايدۇ ۋە قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئاسمانلاردىمۇ، يەر يۈزىدىمۇ ئالامەت-كارامەتلەرنى يارىتىدۇ، ئۇ دانىيالنى شىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى».

يوئېل 2:28-31

ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللار ئۈستىگىمۇ، دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن. مەن ئاسمانلاردا، زېمىندە كارامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كەلمىگۈچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ماتتا 4:23-24

ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.

ماتتا 8:2-3

ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ: تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: خالايمەن، پاك بولغىن! دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى.

ماتتا 8:14-15

ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى. ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. [ئايال] دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.

ماتتا 8:16-17

كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى. بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

ماتتا 8:24-27

ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى. مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز دېدى. ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى. مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! دەپ كېتىشتى.

ماتتا 8:28-34

ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار: ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ دەپ توۋلىدى. شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا: ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشتى. ئۇ ئۇلارغا: چىقىڭلار! دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى. لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى. ۋە مانا، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رايونىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى.

ماتتا 9:2-8

ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، دېدى. ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟ «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ پالەچ كېسەلگە: ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، دېدى. ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.

ماتتا 9:20-22

ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ: قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى.

ماتتا 9:23-26

ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى. [شۇنى ئاڭلاپ] كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى. كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى. بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى.

ماتتا 9:27-31

ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! دەپ نىدا قىلىشتى. ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ دەپ سورىدى. ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا: بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى. لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى.

ماتتا 9:32-33

ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، دېيىشتى.

ماتتا 9:35

ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى.

ماتتا 10:1

ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.

ماتتا 10:8

ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار.

ماتتا 11:5

كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» دەپ ئېيتىڭلار.

ماتتا 12:10-13

ۋە مانا، ئۇ يەردە بىر قولى يېگىلەپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا سەۋەب تاپماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن: شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: بىرەرسىڭلارنىڭ قويى شابات كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ ئىنسان بولسا قويدىن شۇنچە ئەتىبارلىقتۇر! شۇڭا، شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. ئاندىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: قولۇڭنى ئۇزات، دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ماتتا 12:15

ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛

ماتتا 12:22-23

شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ دېيىشتى.

ماتتا 12:28

لېكىن مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىغان بولسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرۋەقە ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولدى.

ماتتا 13:58

ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ئۇ ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى.

ماتتا 14:14

ئۇ [قىرغاققا] چىقىپ كەتكىنىدە، زور بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتتى.

ماتتا 14:15-21

كەچ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئاندىن ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە ئوزۇق سېتىۋالسۇن، دېدى. لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئوزۇق بېرىڭلار، دېدى. لېكىن مۇخلىسلار: بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، دېيىشتى. ئۇ: ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇ خالايىقنى چۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتتى. ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلىرى خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. ئوزۇقلانغانلارنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلاردىن باشقا تەخمىنەن بەش مىڭ كىشى ئىدى.

ماتتا 14:25-27

كېچە تۆتىنچە جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بولۇپ: ئالۋاستى ئىكەن! دەپ قورقۇپ چۇقان سېلىشتى. لېكىن ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! دېدى.

ماتتا 14:28-33

پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: ئى رەب، بۇ سەن بولساڭ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭغا بېرىشىمغا ئەمر قىلغايسەن، دېدى. كەل، دېدى ئۇ. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، ئەيساغا قاراپ كېتىۋاتاتتى؛ لېكىن بوراننىڭ قاتتىق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ، سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى: رەب، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسەن! دەپ ۋارقىرىدى. ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: ئەي ئىشەنچى ئاجىز بەندە، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ دېدى. ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. كېمىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: بەرھەق، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، دېيىشتى.

ماتتا 14:35-36

ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئەتراپتىكى بارلىق جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەللىمازا ساقايدى.

ماتتا 15:22-28

مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى. لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، دېدى. ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، دېدى. ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! دەپ يالۋۇردى. ئۇ ئۇنىڭغا: بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، دېدى. لېكىن ھېلىقى ئايال: دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا: ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.

ماتتا 15:30-31

ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى.

ماتتا 15:32-38

ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدا بولدى، يېگۈدەك بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن، دېدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: بۇ چۆلدە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويغۇزغۇدەك كۆپ ناننى نەدىن تاپىمىز؟ دېيىشتى. ئەيسا ئۇلاردىن: قانچە نېنىڭلار بار؟ دەپ سورىدى. يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىق بار، دېيىشتى ئۇلار. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى. ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى. تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى.

ماتتا 17:2

ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.

ماتتا 17:14-18

ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، دېدى. ئەيسا جاۋابەن: ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى.

ماتتا 17:19-20

كېيىن، ئەيسا ئايرىم قالغاندا، مۇخلىسلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىۋېتەلمىدۇق؟ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا: ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ.

ماتتا 17:27

بىراق [باج يىغقۇچىلارغا] پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، دېڭىزغا بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئاچساڭ، تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ مەن ۋە سەن ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، دېدى.

ماتتا 18:18-20

مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ. مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.

ماتتا 19:26

ئەمما ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، دېدى.

ماتتا 20:30-34

ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ توۋلىدى. كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى. ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ دەپ سورىدى. يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! دېيىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ماتتا 21:14

ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.

ماتتا 21:19-22

ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ: ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! دېدى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ. دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر.

ماتتا 28:2

ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، [قەبرىگە] بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى.

ماتتا 28:6-7

ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛ ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، دېدى.

ماتتا 28:18

ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.

ماركۇس 1:23-28

سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ: ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! دەپ توۋلايتتى. لېكىن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىپ: ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! دېدى. ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، دېيىشتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۆھرىتى شۇ ھامان پۈتۈن گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىغا پۇر كەتتى.

ماركۇس 1:29-31

ئۇلار سىناگوگدىن چىقىپلا، ياقۇپ ۋە يۇھاننا بىلەن سىمون ۋە ئاندرىياسنىڭ ئۆيىگە باردى. ئەمما سىموننىڭ قېينئانىسى قىزىتما ئىچىدە يېتىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى [ئەيساغا] ئېيتتى. ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزدى. ئۇنىڭ قىزىتمىسى دەرھال ياندى ۋە ئۇ ئۇلارنى كۈتۈشكە كىرىشتى.

ماركۇس 1:32-34

كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.

ماركۇس 1:39

شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز-كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى.

ماركۇس 1:40-45

ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! دەپ ئۆتۈندى. ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: خالايمەن، پاك قىلىنغىن! دېۋىدى، شۇ سۆز بىلەنلا ماخاۋ كېسىلى دەرھال بىماردىن كېتىپ، ئۇ پاك قىلىندى. ئۇ ئۇنىڭغا: ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ [مەسئۇل] كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، كاھىنلاردا گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان [قۇربانلىقلارنى] سۇنغىن، دەپ ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ [مەسئۇل] كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، كاھىنلاردا گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان [قۇربانلىقلارنى] سۇنغىن، دەپ ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى. بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى كۆپ يەرلەردە جار سېلىپ، كەڭ يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئوچۇق-ئاشكارا كىرەلمەي، بەلكى شەھەرلەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ خالايىق ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى.

ماركۇس 2:3-12

مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن [ئەيسانىڭ ئالدىغا] چۈشۈردى. ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە: بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، دېدى. لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ: «بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى. ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟ مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟ ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا [ئۆيدىن] چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ: مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، دېيىشتى.

ماركۇس 3:1-5

ئۇ يەنە سىناگوگقا كىردى. شۇ يەردە بىر قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. [پەرىسىيلەر] ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى. ئەيسا قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىققىن! دېدى. ئاندىن، سىناگوگدىكىلەردىن: تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى. ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە: قولۇڭنى ئۇزات، دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ماركۇس 3:10-12

چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقىنى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق ۋابا-كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا [قولۇمنى] بىر تەگكۈزۈۋالسام دەپ قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. ناپاك روھلار [چاپلىشىۋالغانلار] قاچانلا ئۇنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. لېكىن ئۇ [ناپاك روھلارغا] ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىققا قاتتىق تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇراتتى.

ماركۇس 3:14-15

ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا، كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى.

ماركۇس 4:37-41

ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى. لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ دېدى ئۇ ئۇلارغا. ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! دەپ كېتىشتى.

ماركۇس 5:2-17

ئۇ كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ھېچكىم زەنجىرلەر بىلەنمۇ باغلىيالمايتتى. چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. ئۇ كېچە-كۈندۈز مازارلىقتا ۋە تاغلار ئارىسىدا توختاۋسىز ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى، ئۆز-ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ يارىلاندۇراتتى. لېكىن ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ: ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! خۇدا ھەققى، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما! دېدى (چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن: ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئىسمىم «قوشۇن» چۈنكى سانىمىز كۆپ، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. جىنلار ئۇنىڭغا: بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارغا ئەۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە يول قويغايسەن، دەپ يالۋۇرۇشتى. ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى. توڭگۇز باققۇچىلار بولسا ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ ئىشلارنى پۇر قىلدى. شۇ يەردىكىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى چىقىشتى. ئۇلار ئەيسانىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىلگىرى جىنلار چاپلىشىۋالغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ئولتۇرغىنىنى يەنى «قوشۇن جىنلار» چاپلاشقان شۇ ئادەمنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەر جىنلار چاپلاشقان ئادەمدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خەلققە بايان قىلىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيساغا: يۇرتلىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.

ماركۇس 5:25-34

خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب تارتىپ، بار-يوقىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئايال ئەيسا ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ تونىنى سىلىدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا ساقايماي قالمايمەن» دەپ ئويلىغانىدى. خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى. ئەيسا دەرھال ۋۇجۇدىدىن قۇدرەتنىڭ چىققانلىقىنى سېزىپ، خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ: كىيىمىمنى سىلىغان كىم؟ دەپ سورىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: خالايىقنىڭ ئۆزۈڭنى قىستاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى سىلىغان كىم؟» دەپ سورايسەنغۇ؟ دېيىشتى. بىراق ئەيسا ئۆزىنى سىلىغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن تېخىچە ئەتراپىغا قاراۋاتاتتى. ئۆزىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال قورقۇپ-تىترىگەن ھالدا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئېيتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-خاتىرجەملىكتە قايت! كېسىلىڭنىڭ ئازابىدىن ساقايغىن، دېدى.

ماركۇس 5:35-42

ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! دېيىشتى. لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول! دېدى. ئۇ پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننا بىلەن يولغا چىقتى؛ باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى. ئۇ سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، قىيقاس-چۇقاننى، خالايىقنىڭ قاتتىق نالە-پەرياد ۋە ئاھ-زار كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: نېمىشقا قىيقاس-چۇقان ۋە ئاھ-زار كۆتۈرىسىلەر؟ بالا ئۆلمەپتۇ، ئۇخلاپ قاپتۇ، دېدى. ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى؛ لېكىن ئۇ ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆز ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، بالا ياتقان ئۆيگە كىردى. ئۇ بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى (ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىشقا مۇتلەق ھەيران قېلىشتى.

ماركۇس 6:2

شابات كۈنى كەلگەندە، ئۇ سىناگوگدا تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. تەلىمىنى ئاڭلىغانلاردىن كۆپ ئادەم ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: بۇ ئادەم بۇلارغا نەدىن ئېرىشكەندۇ؟ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دانالىق قانداق بېرىلگەن؟ ئۇنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مۆجىزىلەر قانداق يارىتىلىدىغاندۇ؟

ماركۇس 6:5

شۇنىڭ بىلەن قوللىرىنى بىرقانچە بىمارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا، شۇ يەردە ئۇ ھېچقانداق مۆجىزە يارىتالمىدى.

ماركۇس 6:7

ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بەردى. ئۇ ئون ئىككىيلەننى يېنىغا چاقىردى ۋە [خەلق ئارىسىغا] ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا ناپاك روھلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى؛

ماركۇس 6:13

ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى.

ماركۇس 6:35-44

كەچ كىرىپ قالغاندا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى كەنت-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە نان سېتىۋالسۇن؛ چۈنكى ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق، دېدى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، دېدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ئىككى يۈز كۈمۈش دىنارغا ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرامدۇق؟ دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇلارغا: قانچە نېنىڭلار بار؟ بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، دېدى. ئۇلار قاراپ باققاندىن كېيىن: بەشى بار ئىكەن، يەنە ئىككى بېلىقمۇ بار ئىكەن، دېيىشتى. ئۇ ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىمەندە ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى. ئۇ بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى، ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بېرىپ تۇراتتى؛ ئىككى بېلىقنىمۇ ھەممەيلەنگە تارقىتىپ بەردى. ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. نانلارنى يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە ئىدى.

ماركۇس 6:48-51

ئۇ مۇخلىسلىرىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ چۈنكى شامال تەتۈر يۆنىلىشتە چىققانىدى. كېچە تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ چۇقان سېلىشتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى. لېكىن ئۇ دەرھال ئۇلارغا: يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! دېدى. ئۇ كېمىگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققاندىلا، شامال توختىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ھوشىدىن كەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق ھەيران قېلىشىپ، نېمىنى ئويلاشنى بىلمەيتتى؛

ماركۇس 6:54-56

ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، [خالايىق] ئۇنى دەرھال تونۇۋېلىپ، ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە «ئۇ پالانچى يەرگە چۈشۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە [ئۇنىڭ ئالدىغا] ئېلىپ بېرىشتى. ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.

ماركۇس 7:24-30

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى. دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى (ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا تۇرۇپ بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭ تۈپەيلىدىن يولۇڭغا قايت، جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، دېدى. ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، مانا قىز كارىۋاتتا ياتاتتى، جىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى.

ماركۇس 7:32-37

خالايىق ئۇنىڭ ئالدىغا تىلى ئېغىر، گاس بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈشتى. ئۇ ئۇ ئادەمنى خالايىقتىن ئايرىپ بىر چەتكە تارتىپ، بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، [بارمىقىنى] ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. ئاندىن ئۇ ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ خورسىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى دەرھال ئېچىلىپ، تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئەيسا ئۇلارغا بۇنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. لېكىن ئۇلارغا ھەرقانچە تاپىلىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەرنى يەنىلا شۇنچە كەڭ تارقىتىۋەتتى. خالايىق [بۇ ئىشقا] مۇتلەق ھەيران قېلىشىپ: ئۇ ھەممە ئىشلارنى قالتىس قىلىدىكەن! ھەتتا گاسلارنى ئاڭلايدىغان، گاچىلارنى سۆزلەيدىغان قىلىدىكەن، دېيىشتى.

ماركۇس 8:1-9

شۇ كۈنلەردە، يەنە زور بىر توپ خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يېگۈدەك ھېچنېمىسى بولمىغاچقا، ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۇلاردا يېگۈدەك ھېچنەرسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بەزىلىرى يىراقتىن كەلگەنىكەن، دېدى. مۇخلىسلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: بۇنداق خىلۋەت بىر جايدا بۇ كىشىلەرنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ دېيىشتى. ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ دەپ سورىدى ئۇ. يەتتە، دېيىشتى ئۇلار. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇشقا مۇخلىسلىرىغا بەردى. ئۇلار خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. [مۇخلىسلاردا] يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى. خالايىق تويغۇچە يېدى؛ ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە تېرىۋالدى. يېگەنلەر تۆت مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى،

ماركۇس 8:22-25

ئۇلار بەيت-سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى. ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى.

ماركۇس 9:2-3

ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى.

ماركۇس 9:17-27

خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان. ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، دېدى. ئۇ جاۋابەن: ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار دېدى. ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن: بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ دەپ سورىدى. ئۇ: كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق، جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! دېدى. بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ. ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! دېدى. شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى. لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى.

ماركۇس 10:27

ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇدا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، دېدى.

ماركۇس 10:46-52

ئۇلار يېرىخو شەھىرىگە كەلدى. [ئەيسا] مۇخلىسلىرى ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە يېرىخودىن چىققان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ «ناسارەتلىك ئەيسا»نىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! دەپ توۋلاشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى «ئۈن چىقارما» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن ئۇ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن، دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى. ئەيسا توختاپ: ئۇنى چاقىرىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قارىغۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: يۈرەكلىك بول! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! دېيىشتى. ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: سەن مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ دەپ سورىدى. قارىغۇ: ئى ئىگەم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: يولۇڭغا قايتساڭ بولىدۇ، ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، دېۋىدى، ئۇ شۇئان كۆرەلەيدىغان بولدى ۋە يول بويى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ماركۇس 11:22-24

ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ماركۇس 16:6

لېكىن ئۇ ئۇلارغا: دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي!

ماركۇس 16:17-18

ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.

ماركۇس 16:19

شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.

ماركۇس 16:20

مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى.

لۇقا 1:37

چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، دېدى.

لۇقا 4:33-37

ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! دەپ توۋلاپ كەتتى. لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى.

لۇقا 4:38-39

ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

لۇقا 4:40-41

كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

لۇقا 5:4-9

سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا: كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، دېدى. سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، [بېلىقلارنى] ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى. سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! دېدى. چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى.

لۇقا 5:12-15

شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن: تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! دەپ يالۋۇردى. ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: خالايمەن، پاكلانغىن! دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر [قۇربانلىقنى] سۇنغىن، دېدى. لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى.

لۇقا 5:17-26

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى. شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى. بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ [پالەچكە]: بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! دېدى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ دەپ ئويلاشتى. بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟ «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ پالەچ كېسەلگە: ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! دەپ بۇيرۇدى. ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى. ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا: بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! دېيىشتى.

لۇقا 6:6-10

يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى. ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ دەپ سورىدى. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: قولۇڭنى ئۇزات، دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى.

لۇقا 6:17-19

ئەيسا [روسۇللىرى] بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى. بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى.

لۇقا 7:2-10

ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى. يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ [يەھۇدىي] ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى. ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن. شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ». ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ [يۈزبېشىغا] تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا: دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! دېدى. يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى.

لۇقا 7:12-17

ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى. رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: يىغلىمىغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! دېدى. ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. [ئەيسا] ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» دېيىشتى. ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.

لۇقا 7:21-22

دەل شۇ ۋاقىتتا [ئەيسا] ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا]: سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» دەپ ئېيتىڭلار.

لۇقا 8:2

ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)،

لۇقا 8:22-25

ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى. كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى. مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! دېدى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى. ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! دەپ كېتىشتى.

لۇقا 8:27-37

ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! دەپ توۋلاپ كەتتى. چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى). ئەيسا بۇ ئادەمدىن: ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ئىسمىم «قوشۇن»، دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى. ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم-كېچەكنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى. بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى. ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى.

لۇقا 8:43-48

ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. ئۇ [ئەيسانىڭ] ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى. ئەيسا: ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ دەپ سورىدى. ھەممەيلەن ئىنكار قىلغاندا، پېترۇسمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغانلارمۇ: ئۇستاز، خالايىق توپ-توپ بولۇپ تۆت ئەتراپىڭنى ئولىشىپ، سېنى قىستىشىۋاتقان يەردە، سەن «ماڭا تەگكەن كىم؟»، دەپ سورايسەنغۇ؟ دېدى. لېكىن ئەيسا: ياق! بىرسى ماڭا تەگدى؛ چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن قۇدرەتنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدىم، دېدى. ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. ئەيسا ئۇنىڭغا: يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! دېدى.

لۇقا 8:49-56

ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا: قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، دېدى. لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، دېدى. ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ: بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! دېدى. ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى. لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، دەپ چاقىردى. [قىزنىڭ] روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى.

لۇقا 9:1-2

ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى.

لۇقا 9:6

مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.

لۇقا 9:11

بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى.

لۇقا 9:12-17

كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، دېدى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، دېدى. بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! دېيىشتى ئۇلار. چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: خالايىقنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى. ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى. ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى.

لۇقا 9:29

ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى.

لۇقا 9:38-43

مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى. مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. [جىن] ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، دېدى. ئەيسا جاۋابەن: ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن دېدى. بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى:

لۇقا 10:8-9

سىلەر قايسى شەھەرگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلار ئالدىڭلارغا نېمە قويسا شۇنى يەڭلار. ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار.

لۇقا 10:19-20

مانا، مەن سىلەرگە يىلان-چايانلارنى دەسسەپ يانجىشقا ۋە دۈشمەننىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ تاشلاشقا ھوقۇق بەردىم. ھېچقاچان ھېچقانداق نەرسە سىلەرگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. لېكىن سىلەر روھلارنىڭ سىلەرگە بويسۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن شادلانماڭلار، بەلكى نامىڭلارنىڭ ئەرشلەردە پۈتۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن شادلىنىڭلار، دېدى.

لۇقا 11:14

ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى.

لۇقا 13:10-17

بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! دېدى. ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى. شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟! ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟! ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى.

لۇقا 13:32

ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار.

لۇقا 14:2-4

ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى.

لۇقا 17:5-6

شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، دېيىشتى. ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى.

لۇقا 17:12-19

بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى. ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، [ماخاۋدىن] پاكلاندى. ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى. ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى. ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! دېدى. ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» دېدى.

لۇقا 18:27

ئەمما ئۇ جاۋابەن: ئىنسانلارغا مۇمكىن بولمىغان ئىشلار خۇداغا مۇمكىندۇر دېدى.

لۇقا 18:35-43

ۋە شۇنداق ئىش بولدىكى، ئۇ يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، بىر كور كىشى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: نېمە ئىش بولغاندۇ؟ دەپ سورىدى. خەق ئۇنىڭغا: ــ ناسارەتلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ. ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى. ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ دەپ سورىدى. ئى رەببىم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! دېدى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، دېدى. ۋە ئۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى؛ ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇدانى ئۇلۇغلاپ ماڭدى. ۋە بارلىق خالايىقمۇ بۇنى كۆرۈپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.

لۇقا 22:50-51

ۋە ئۇلاردىن بىرى [قىلىچىنى كۆتۈرۈپ]، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى. بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: بولدى، توختا! دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى.

لۇقا 24:6

ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! دېدى.

يۇھاننا 2:3-11

تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، دېدى. ئانىسى چاكارلارغا: ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، دېدى. ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. ئەيسا چاكارلارغا: كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى. توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ھەربىر [توي قىلغۇچى] ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! دېدى. بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.

يۇھاننا 2:23

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى.

يۇھاننا 3:2

بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئۇستاز، سېنىڭ خۇدادىن كەلگەن تەلىم بەرگۈچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا، ھېچكىمنىڭ سەن كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، دېدى.

يۇھاننا 4:46-53

ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). [شۇ كۈنلەردە]، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: [ئۆيۈمگە] چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: سىلەر [گالىلىيەلىكلەر] مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! دېدى. ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا: تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! دېدى. ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى. ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، دېيىشتى. بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى.

يۇھاننا 5:2-9

يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن. ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: ساقىيىشنى خالامسەن؟ دەپ سورىدى. بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن: تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى.

يۇھاننا 6:2

زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

يۇھاننا 6:5-14

ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: بۇلارغا يەيدىغانغا ناننى نەدىن ئالىمىز؟ دەپ سورىدى (لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى). فىلىپ جاۋابەن: ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ، ھەربىرىگە كىچىككىنە بىر چىشلەمدىن يېيىشكىمۇ يەتمەيدۇ! مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا: ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! دېدى. ئەيسا: كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، دېدى (ئۇ يەردە ئوت-چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى. ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. ھەممەيلەن يەپ تويۇنغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ئاشقان پارچىلارنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەش ئارپا نېنىدىن يەپ ئاشقان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى. ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى.

يۇھاننا 6:19-21

مۇخلىسلار پالاق ئۇرۇپ ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا، ئەيسانىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا: بۇ مەن، قورقماڭلار! دېدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋالغۇسى كەلدى؛ ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى.

يۇھاننا 8:59

بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى؛ لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.

يۇھاننا 9:1-8

ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ دەپ سوراشتى. ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان. كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» [ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ]، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى. قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: بۇ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ دېيىشىپ كەتتى.

يۇھاننا 9:32-33

دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى.

يۇھاننا 11:39-44

ئەيسا: تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! دېدى. بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن! بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! دەپ توۋلىدى. ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! دېدى.

يۇھاننا 11:47

شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ: قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئادەم نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ.

يۇھاننا 12:37

گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.

يۇھاننا 14:11-12

مېنىڭ ئاتىدا بولغانلىقىمغا، ئاتىنىڭ مەندە بولغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ياكى ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كېتىمەن.

يۇھاننا 14:13-14

ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن».

يۇھاننا 15:7

سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.

يۇھاننا 20:19-20

شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا [كۆرۈنۈپ]، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! دېدى. بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى.

يۇھاننا 20:25-28

شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: بىز رەبنى كۆردۇق! دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، دېدى. سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! دېدى. ئاندىن ئۇ توماسقا: بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! دېدى. توماس ئۇنىڭغا: مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! دەپ جاۋاب بەردى.

يۇھاننا 20:30

ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى.

يۇھاننا 21:3-11

سىمون پېترۇس: مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، دېدى. كۆپچىلىك: بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن شۇ بىر كېچە ھېچنەرسە تۇتالمىدى. تاڭ ئاتاي دېگىنىدە، ئەيسا قىرغاقتا تۇراتتى، بىراق مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. شۇڭا ئەيسا: بالىلار، سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟ دەپ سورىدى. يوق، دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى [شۇ ياققا] تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا: بۇ رەبقۇ! دېدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى [بېلىنىڭ ئاستى] يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى. قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى. ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. ئەيسا: ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، دېدى. سىمون پېترۇس [كېمىگە] چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى.

يۇھاننا 21:20-23

پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى). پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن: ئى رەب، بۇ ئادەم كېيىن قانداق بولار؟ دەپ سورىدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، دېدى. بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى.

يۇھاننا 21:25

ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1:3

ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1:8-9

بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:2-6

ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى. ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى. ئەمدى [ئېتىقادچىلارنىڭ] بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە [ئېتىقادچىلارنىڭ] ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:17-20

ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ. مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت-شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:22

ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:43

ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:2-11

شۇ پەيتتە بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭغا نەزىرىنى سالدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: بىزگە قارا! دېدى. ئۇ ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! دېۋىدى، ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. [ساقايغان كىشى] پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا [ئىبادەتخانىدىكى] «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:12

بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:16

مانا ئۇنىڭ نامىغا قىلغان ئېتىقاد ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامى سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەمگە دەرمان كىرگۈزدى؛ ئۇنىڭ ئارقىلىق بولغان ئېتىقاد ئۇ كىشىنى كۆز ئالدىڭلاردا سەللىمازا ساق-سالامەت قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:13-16

پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:29-31

ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز-كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛ ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن. ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:1-11

ئەمدى ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سافىرا بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى. ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ئانانىياس، نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتىپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇردۇڭ؟ يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! دېدى. ئانانىياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى. تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، [ئانانىياسنىڭ] ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى. پېترۇس ئۇنىڭدىن: ماڭا ئېيتقىن، سىلەر يەرنى مۇشۇ پۇلغا ساتتىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى. شۇنداق، مۇشۇنچىلىك پۇلغا ساتتۇق، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. پېترۇس: سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناشقا تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قارا، ئېرىڭنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرى ئىشىك تۈۋىدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىمۇ ئەكېتىدۇ! دېدى. ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:12-16

روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق [ئېتىقادچىلار] بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى). شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:19-25

لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار دەپ تاپىلىدى. روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى كەلگەندە، ئۇلار ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلسۇن دەپ قاماقخانىغا ئادەم ئەۋەتتى. لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە: ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! دەپ مەلۇمات بەردى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى [مەسئۇل] كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار: «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى. دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: قاراڭلار، سىلەر زىندانغا قامىغان ئادەملەر ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ خالايىققا تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! دەپ خەۋەر قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6:8

ۋە ئىستىپان [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6:15

كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ پەرىشتىنىڭكىدەك پارقىراق ئىكەنلىكىنى كۆردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:30

قىرىق يىل توشقاندىن كېيىن، سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە، كۆيۈۋاتقان بىر چاتقاللىقنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:36

ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى [مىسىردىن] چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:6-8

توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛ زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:13

سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە [فىلىپ] كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8:39-40

ئۇلار سۇدىن چىققاندا، رەبنىڭ روھى فىلىپنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئاغۋات ئۇنى قايتا كۆرمىدى، ئەمما ئۇ شادلىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى؛ ئۇ شۇ يۇرتنى كېزىپ، شۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلگۈچە بولغان ھەممە شەھەرلەردە خۇش خەۋەر جاكارلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:3-9

سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن. ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:17-18

بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا: قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، دېۋىدى، سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:33-35

ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. پېترۇس ئۇنىڭغا: ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. [ئەنېياسنى] كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:37-42

شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» دەپ يېلىندى. پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى. لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ: تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدا ئولتۇردى. پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10:38

سىلەرنىڭمۇ يەھيا [پەيغەمبەر] چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:4-11

پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى. شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: تېز تۇر! دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! دېدى. پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ [كامېردىن] چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى. ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:8-12

لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى. بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ ئۇنىڭغا: ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! دېدى. شۇئان، بىر خىل تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنى باستى. ئۇ يولنى سىلاشتۇرۇپ، كىشىلەردىن مېنى قولۇمدىن يېتىلەڭلار، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى. يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:3

شۇڭا [پاۋلۇس بىلەن بارناباس] ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا [خۇش خەۋەرنى] جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14:8-10

شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە پۇتلىرىدا ماغدۇرى يوق، ھېچ مېڭىپ باقمىغان بىر تۇغما پالەچ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس سۆز قىلىۋاتقاندا، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ ئۇنىڭ ساقايتىلىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ئورنۇڭدىن دەس تۇر! دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:12

[بۇ سۆزدىن كېيىن]، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16:25-27

تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:11-12

خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى. كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:9-12

ئەۋتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇس سۆزلەپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، ئۇنى مۈگدەك بېسىۋاتقانىدى. ئاندىن ئۇ غەرق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۇ ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بولغانىدى. پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئازابلانماڭلار، ئۇ تىرىككەن! دېدى. قايتىدىن ئۆيگە چىقىپ، ناننى ئوشتۇپ يېگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن سۆزلەشتى ۋە ئۇ بۇ يەردىن يولغا چىقتى. [تروئاستىكىلەر] بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 28:3-6

پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن ئېتىلىپ چىققان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىنى چىشلىگىنىچە چاپلىشىۋالدى. شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، دېيىشتى. لېكىن پاۋلۇس يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە سىلكىپ ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. خەلق ئۇنىڭغا بەدىنى ئىششىپ كېتىدۇ ياكى ئۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدۇ دەپ قاراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ھالەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويلىغىنىدىن يېنىپ: بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! دېيىشتى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 28:7-9

ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا، ئارال باشلىقى (پۇبلىيۇس دەپ ئاتالغان)نىڭ بىرنەچچە يەر-ئېتىزلىرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، ئۈچ كۈن قىزغىن مېھمان قىلىپ كۈتتى. ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى.

رىملىقلارغا 10:17

شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.

رىملىقلارغا 15:19

چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:22-24

چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:1-5

مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛ مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛ مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:7-11

ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ. چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛ يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق [كېسەللەرنى] ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى، بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 12:28-31

خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟ ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟ ئەمما سىلەر چوڭراق ئىلتىپاتلارنى تەقەززا بولۇپ قوغلاڭلار؛ ھالبۇكى، مەن ھازىر سىلەرگە ھەممىدىن ئەۋزەل بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرەي.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 13:1-2

مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:1-6

مېھىر-مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ ئۇنى قوغلىشىڭلار ۋە ھەم روھىي ئىلتىپاتلارغا، بولۇپمۇ بېشارەت بېرىشكە ئىنتىزار بولۇڭلار. چۈنكى نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلاردىن ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ روھتا سىرلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. لېكىن بېشارەت بېرىدىغان كىشى بولسا ئادەملەرنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە تەسەللى بېرىشكە سۆزلەيدۇ. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرىدۇ. ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بېشارەت بېرىشىڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى سۆزىنى تەرجىمە قىلمىسا، جامائەتنىڭ ئېتىقاد قۇرۇلۇشىدا بېشارەت بەرگۈچى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا كېلىپ، نامەلۇم تىللاردىلا سۆزلىگىنىم بىلەن مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىمنى يەتكۈزمىسەم، مەن سىلەرگە نېمە پايدا تەگكۈزىمەن؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:22-25

شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟ ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 14:39

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 12:12

دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن.

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3:20

ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ

ئىبرانىيلارغا 2:4

ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئىبرانىيلارغا 11:1

ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر.

ئىبرانىيلارغا 11:6

ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.

ياقۇپ 1:6

بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ.

ياقۇپ 5:14-16

ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ [بېشىغا] ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.

ياقۇپ 5:17-18

ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى. ئۇ يامغۇر ياغمىسۇن دەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى؛ نەتىجىدە، زېمىنغا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ھېچ يامغۇر ياغمىدى. ئاندىن ئۇ يەنە دۇئا قىلدى ۋە يامغۇر قايتا ياغدى، يەرمۇ ھوسۇل-مېۋىسىنى يەنە بەردى.

ۋەھىي 1:12-16

ماڭا سۆز قىلغان ئاۋازنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. ئۇنىڭ باش-چېچى ئاق يۇڭدەك، ھەتتا قاردەك ئاپئاق ئىدى ۋە كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. پۇتلىرى خۇمداندا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ئىدى. ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى.

ۋەھىي 21:1-2

ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم؛ چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى، دېڭىزمۇ مەۋجۇت بولمىدى. مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدادىن چىققان، خۇددى ئۆز يىگىتىگە توي پەردازلىرىنى قىلىپ ھازىرلانغان قىزدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقنى كۆردۈم.

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net