01 – مۇقەددەس ئىنجىل

بۇلار ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزى.
بىز ئىنسانلارنىڭ گېپىگە قىزىقمايمىز.
خۇدانى سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: مۇقەددەس ئىنجىل.

ئەڭ مۇھىم ئۈچ مىسرا

تىموتىيغا «2» 3:16

پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر.

ماتتا 5:18

چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ.

يۇھاننا 12:48

بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ.

مۇقەددەس تەرتىپ بويىچە ھەر بىر ئايەت – 343 ئابزاسلار

يارىتىلىش 1:4

خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ خۇدا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىدى.

يارىتىلىش 3:1

يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ دەپ سورىدى.

يارىتىلىش 6:5

پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى.

مىسىردىن چىقىش 15:3

پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ياھۋەھ ئۇنىڭ نامىدۇر.

مىسىردىن چىقىش 24:3-4

مۇسا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنى خالايىققا دەپ بەردى؛ پۈتكۈل خالايىق بىر ئاۋازدا: پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز! دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانگاھنى ياساپ، شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈكنى تىكلىدى.

چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 23:19

تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟

قانۇن شەرھى 4:2

مەن سىلەرگە تاپشۇرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان سۆزگە ھېچنېمىنى قوشماڭلار ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.

قانۇن شەرھى 4:5-6

مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم. سىلەر ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىڭلار؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ دانا ۋە يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىڭلار ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۇلار دەرۋەقە: «بۇ ئۇلۇغ ئەل دەرھەقىقەت دانا ھەم يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەن» دەيدۇ.

قانۇن شەرھى 4:10

سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن يېنىمغا يىغقىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرىمنى ئۆگىنىپ، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىدۇ ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ» دېگەنىدى.

قانۇن شەرھى 4:24

چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ھەممىنى يۇتقۇچى بىر ئوت، ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر.

قانۇن شەرھى 5:32

ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار!

قانۇن شەرھى 6:5-9

سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن. مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛ سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛ ئۇلارنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛ سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن.

قانۇن شەرھى 8:3

دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى.

قانۇن شەرھى 8:6

شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن.

قانۇن شەرھى 9:13

پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: «مەن بۇ خەلقنى كۆرۈپ يەتتىم؛ مانا، ئۇ بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر.

قانۇن شەرھى 10:12-13

ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟

قانۇن شەرھى 11:1

ئەمدى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيگىن، ئۇنىڭ تاپىلىغىنى، بەلگىلىمىلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى ھەم ئەمرلىرىنى ئىزچىل تۇتقىن.

قانۇن شەرھى 11:18-20

سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ جېنىڭلاردا ساقلاڭلار، قولۇڭلارغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋېلىڭلار، پېشانەڭلەرگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋېلىڭلار؛ سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛ ئۇلارنى ئۆيۈڭلەردىكى كېشەكلەرگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار.

قانۇن شەرھى 11:26-28

مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛ مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت-بەرىكەت بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، بەلكى سىلەر تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، مەن بۈگۈن تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كەتسەڭلار، سىلەرگە لەنەت چۈشىدۇ.

قانۇن شەرھى 12:32

مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.

قانۇن شەرھى 13:1-4

ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە، شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار.

قانۇن شەرھى 17:19

شۇ دەپتەر ئۇنىڭ يېنىدا دائىم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئوقۇشى كېرەك؛ شۇنداق قىلسا ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىدىن قورقۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.

قانۇن شەرھى 26:16

بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئەمر قىلدى؛ پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىل.

قانۇن شەرھى 27:26

«كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرمىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن.

قانۇن شەرھى 28:1

ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مەن بۈگۈن ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭ، خۇدايىڭ پەرۋەردىگار سېنى يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ قىلىدۇ؛

قانۇن شەرھى 28:15

لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرى بىلەن بەلگىلىمىلىرىنى تۇتمىساڭلار ھەم ئۇلارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ

قانۇن شەرھى 29:29

ھەربىر يوشۇرۇن سىرلار بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭكىدۇر؛ لېكىن ھەرقانداق ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەر بولسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر.

قانۇن شەرھى 30:10

سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمرلەر بىلەن بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىگە بۇرۇلساڭلارلا، شۇنداق بولىدۇ.

قانۇن شەرھى 30:19

مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛

قانۇن شەرھى 31:12

شۇنىڭ ئۈچۈن [شۇ چاغدا] بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن.

قانۇن شەرھى 31:26-27

ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر!

يەشۇئا 1:8

بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى قىلماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز زىكىر قىلىپ ئويلا؛ شۇنداق قىلساڭ يوللىرىڭدا غەلىبىلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ روناق تاپىسەن.

سامۇئىل «1» 12:24

پەقەت سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ كارامەتلەرگە قاراڭلار!

سامۇئىل «1» 15:22-24

سامۇئىل: پەرۋەردىگار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتىن سۆيۈنەمدۇ، يا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن سۈيۈنەمدۇ؟ مانا ئىتائەت قىلماقلىق قۇربانلىق قىلماقلىقتىن ئەۋزەل، كۆڭۈل قويۇش قوچقار يېغىنى سۇنۇشتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر، باشپاشتاقلىق قەبىھلىك ۋە بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغىنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى. سائۇل سامۇئىلغا: مەن گۇناھ سادىر قىلدىم، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدىن ۋە سېنىڭ سۆزۈڭدىنمۇ چىقتىم؛ چۈنكى مەن خەلقتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىردىم.

سامۇئىل «2» 22:22-23

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛ چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چەتنەپ كەتمىدىم؛

پادىشاھلار «2» 17:14

لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بويۇنلىرىنى قاتتىق قىلدى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 34:21

بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە ئىسرائىلدا ھەم يەھۇدادا قالدۇرۇلغان خەلق ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابتا بارلىق پۈتۈلگەنلەرگە ئەمەل قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تۇتمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە تۆكۈلىدىغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، دېدى.

تارىخ-تەزكىرە «2» 36:16

بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

ئەزرا 7:10

چۈنكى ئەزرا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى چۈشىنىپ تەھسىل قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئىچىدە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىشكە نىيەت قىلغانىدى.

ئەزرا 9:4

ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم.

ئايۇپ 21:14

ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» دەيدۇ،

ئايۇپ 23:12

مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم.

ئايۇپ 38:1-4

ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟ ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ شۇندا مەن سەندىن سوراي، ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل! مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر.

زەبۇر 1:2

ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ.

زەبۇر 12:6-7

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛ ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان، ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛ سەن [مۆمىنلەرنى] مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛

زەبۇر 18:21

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛

زەبۇر 18:30

تەڭرىم ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر.

زەبۇر 19:7-11

پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر، ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ، ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر. ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛ ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛ ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر.

زەبۇر 26:3

چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن.

زەبۇر 29:4

پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛

زەبۇر 31:5

مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ سەن ماڭا نىجاتلىق قىلىپ ھۆرلۈككە چىقارغانسەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەق تەڭرى.

زەبۇر 32:8-9

ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن. ئەقلى يوق بولغان ئات ياكى ئېشەكتەك بولما؛ ئۇلارنى چەكلەشكە تىزگىنلەيدىغان يۈگەن بولمىسا، ئۇلار ھەرگىز ساڭا يېقىن كەلمەيدۇ».

زەبۇر 33:8

پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛

زەبۇر 33:11

پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ قەلبىدىكى ئويلىرى دەۋردىن-دەۋرگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

زەبۇر 34:11

كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە

زەبۇر 40:7-10

شۇڭا جاۋاب بەردىمكى «مانا مەن كەلدىم!» دېدىم. ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن: ــ «خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر». بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن. ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم.

زەبۇر 50:16-17

لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟ ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ، سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟

زەبۇر 51:10

مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن.

زەبۇر 68:11

رەب ئەمر قىلدى؛ ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر!

زەبۇر 78:10

ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى.

زەبۇر 81:11-15

ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛ شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى. ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى! ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تېزلا ئېگىلدۈرەر ئىدىم، قولۇمنى رەقىبلىرىگە بۇراپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم. پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛

زەبۇر 86:11

ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، ۋە سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرىمەن؛ نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن.

زەبۇر 89:7

تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر.

زەبۇر 105:28

پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، [زېمىننى] زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ [مىسىرلىقلار] ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟

زەبۇر 107:11-12

(چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى) ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى.

زەبۇر 107:20

ئۇ سۆز-كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ، ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.

زەبۇر 111:7-8

ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر.

زەبۇر 111:10

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.

زەبۇر 112:1

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!

زەبۇر 118:8-9

پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر.

زەبۇر 119:1

نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار،

زەبۇر 119:6

شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئەتىۋارلىسام، مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.

زەبۇر 119:9

ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار

زەبۇر 119:10

پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛ مېنى ئەمرلىرىڭدىن ئاداشتۇرمىغايسەن؛

زەبۇر 119:11

گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن، سۆزۈڭنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈۋالدىم.

زەبۇر 119:13

لەۋلىرىم بىلەن مەن بايان قىلىمەن، ئاغزىڭدىكى بارلىق ھۆكۈملىرىڭنى.

زەبۇر 119:18

تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، كۆزلىرىمنى ئاچقايسەن!

زەبۇر 119:20

ھۆكۈملىرىڭگە ھەرقاچان ئىنتىزار بولۇپ، يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتەي دەپ قالدى.

زەبۇر 119:21

سەن لەنەتكە بۇيرۇلغان تەكەببۇرلارغا تەنبىھ بېرىسەن، ئۇلار ئەمرلىرىڭدىن ئادىشىپ كېتىدۇ.

زەبۇر 119:29

مەندىن ئالدامچى يولنى نېرى قىلغايسەن؛ شەپقەت قىلىپ ماڭا تەۋرات-قانۇنۇڭنى بېغىشلىغايسەن؛

زەبۇر 119:30

مەن ھەقىقەت-ساداقەت يولىنى تاللىۋالدىم؛ ھۆكۈملىرىڭنى ئالدىمدا قويدۇم.

زەبۇر 119:34

مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن، شۇنداقلا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن.

زەبۇر 119:44

شۇندا مەن سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھەر قاچان تۇتىمەن، بەرھەق، ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇتىمەن؛

زەبۇر 119:47

ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن، چۈنكى ئۇلارنى سۆيۈپ كەلدىم؛

زەبۇر 119:53

تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن، ئوتلۇق غەزەپ مەندە قايناپ تاشتى.

زەبۇر 119:60

مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا.

زەبۇر 119:71

ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم.

زەبۇر 119:72

مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر.

زەبۇر 119:89

ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر

زەبۇر 119:97

شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى

زەبۇر 119:103

سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر!

زەبۇر 119:104

كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.

زەبۇر 119:105

چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا

زەبۇر 119:112

مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە [ئەمەل قىلىشقا]، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.

زەبۇر 119:115

مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!

زەبۇر 119:118

بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.

زەبۇر 119:126

پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! چۈنكى ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

زەبۇر 119:136

كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ.

زەبۇر 119:139

ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ، چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ.

زەبۇر 119:141

مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن، بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.

زەبۇر 119:142

سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر، تەۋرات-قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر.

زەبۇر 119:148

ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ.

زەبۇر 119:160

سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر.

زەبۇر 119:161

سەۋەبسىزلا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ ھۆكۈمدارلار، قەلبىم پەقەت كالامىڭدىن قورقۇپ تۇرار

زەبۇر 119:162

بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن.

زەبۇر 119:174

مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سېنىڭ تەۋراتىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.

زەبۇر 138:2

پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن.

پەند-نەسىھەتلەر 1:7

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 1:22

ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!

پەند-نەسىھەتلەر 1:29-31

ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن، مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن، ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ، ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛

پەند-نەسىھەتلەر 2:2-5

ئەگەردە دانالىققا قۇلاق سالساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بەرسەڭ، ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ، ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ، ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن [ھەقىقىي] قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 3:3

مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتىۋال.

پەند-نەسىھەتلەر 3:5

ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛

پەند-نەسىھەتلەر 4:5-6

دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما. [دانالىقتىن] ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 4:20-21

ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، گەپلىرىمگە قۇلاق سال. ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن.

پەند-نەسىھەتلەر 4:25-27

كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛ ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ. ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت.

پەند-نەسىھەتلەر 6:23

چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 8:13

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن.

پەند-نەسىھەتلەر 9:8

ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ.

پەند-نەسىھەتلەر 9:10

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر.

پەند-نەسىھەتلەر 14:27

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار.

پەند-نەسىھەتلەر 16:16

دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!

پەند-نەسىھەتلەر 23:9

ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما، چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس.

پەند-نەسىھەتلەر 28:9

كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار.

پەند-نەسىھەتلەر 30:5-6

تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ.

ھېكمەت توپلىغۇچى 12:13

بىز پۈتۈن ئىشقا دىققەت قىلايلى؛ خۇدادىن قورققىن ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تولۇق مەجبۇرىيىتىدۇر؛

يەشايا 5:24

شۇڭا، ئوت يالقۇنلىرى سامانلارنى يۇتۇۋەتكەندەك، يالقۇنلاردا مەڭگەنلەر سولىشىپ يوقالغاندەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلىرى چاڭ-توزاڭدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇق-قانۇنىنى چەتكە قاققان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆز-كالامىنى كۆزگە ئىلمىغانىدى.

يەشايا 6:9

ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر.

يەشايا 8:20

ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ!

يەشايا 30:8-13

ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن، گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن، ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن. چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، نائەھلى ئوغۇللار، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر. ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛ سەنلەر [دۇرۇس] يولدىن چىقىش، [توغرا] تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» دەيدۇ. ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛

يەشايا 40:8

ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!»

يەشايا 53:1

بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟

يەشايا 55:8-9

چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛ چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.

يەشايا 55:11

مانا مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم شۇنداقتۇر؛ ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە، ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە، ئۇ ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ.

يەشايا 57:13

چىرقىرىغانلىرىڭدا سەن يىغىپ توپلىغان [بۇتلار] كېلىپ سېنى قۇتقۇزسۇن! بىراق شامال پۈۋ قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، بىر نەپەسلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ بىراق ماڭا تايانغۇچى زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

يەشايا 59:21

مەن بولسام، مانا، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئەھدەم شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم، شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا قۇيغان سۆز-كالامىم بولسا، بۇنىڭدىن باشلاپ ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆز ئاغزىڭدىن، نەسلىڭنىڭ ئاغزىدىن ياكى نەسلىڭنىڭ نەسلىنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ! دەيدۇ پەرۋەردىگار.

يەشايا 66:2

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان، ئۇلار شۇنداق بولغاچقىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمىدى؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار، لېكىن مەن نەزىرىمنى شۇنداق بىر ئادەمگە سالىمەن: مۆمىن-كەمتەر، روھى سۇنۇق، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ تىترەك باسىدىغان بىر ئادەمگە نەزىرىمنى سالىمەن.

يەشايا 66:4-5

شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى تاللايمەن؛ ئۇلار دەل قورقىدىغان ۋەھىمىلەرنى بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن چاقىرغىنىمدا، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى؛ مەن سۆز قىلغىنىمدا، ئۇلار قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلدى، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىدى». «ئى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئالدىدا قورقۇپ تىترەيدىغانلار، ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭلار: «سىلەرنى نامىمغا [سادىق بولغانلىقىڭلار] تۈپەيلىدىن چەتكە قاققانلار بولسا، يەنى سىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە: «قېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلارنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز!» دېدى؛ بىراق شەرمەندىلىكتە قالغانلار ئۆزلىرى بولىدۇ.

يەرەمىيا 5:3-4

ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» دېدىم.

يەرەمىيا 6:19

ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان.

يەرەمىيا 7:23-24

بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدىم. لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان.

يەرەمىيا 8:9

دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟

يەرەمىيا 13:17

بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر.

يەرەمىيا 15:16

سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا!

يەرەمىيا 17:5

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادەمگە تايانغان، ئادەمنىڭ ئەت-كۈچىنى تايانچى قىلغان، قەلبى پەرۋەردىگاردىن چەتنىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا لەنەت بولسۇن!

يەرەمىيا 17:23

لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئاڭلىماسلىققا ھەم تەربىيىنى قوبۇل قىلماسلىققا بوينىنى قاتتىق قىلغان.

يەرەمىيا 19:15

ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە قاراپ ئېيتقان بالايىئاپەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ مېنىڭ سۆزلىرىمنى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان.

يەرەمىيا 23:16

ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە بېشارەت بېرىۋاتقان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ ئۇلار سىلەرنى بىمەنىلىككە يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە تەسەۋۋۇر قىلغان بىر كۆرۈنۈشنى سۆزلەۋاتىدۇ.

يەرەمىيا 23:29

ــ مېنىڭ سۆزۈم خۇددى كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت ۋە تاشنى چاقىدىغان بازغان ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

يەرەمىيا 25:4

ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار.

يەرەمىيا 26:4-6

سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار، مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)، ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن».

يەرەمىيا 26:13

ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ.

يەرەمىيا 29:8-9

چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرنىڭ پالچىلىرىڭلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن؛ سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەسمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

يەرەمىيا 31:31-34

مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، دەيدۇ پەرۋەردىگار. چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ئەزاكىيال 18:25

ئەمما سىلەر: «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئەمدى، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ئاڭلاڭلار؛ مېنىڭ يولۇم ئادىل ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئادىلسىزلىك ئەمەسمۇ؟

ئەزاكىيال 44:23

ئۇلار خەلقىمگە پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىينىڭ پەرقىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنى قانداق پەرق ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ھوشىيا 4:6

مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن.

ھوشىيا 7:13

ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى! ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە، ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ!

ئاموس 8:11

مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن، نانغا بولغان قەھەتچىلىك ئەمەس، ياكى سۇغا بولغان چاڭقاشمۇ ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاشقا بولغان قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن.

زەكەرىيا 7:11-13

بىراق [ئاتا-بوۋىلىرىڭلار] ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛ ئۇلار تەۋرات قانۇنىنى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھى بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆڭلىنى ئالماستەك قاتتىق قىلغانىدى؛ شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپ چۈشكەن؛ شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،

ماتتا 4:4

لېكىن ئۇ جاۋابەن: [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ پۈتۈلگەن، دېدى.

ماتتا 5:17-19

مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.

ماتتا 6:24

ھېچكىم [بىرلا ۋاقىتتا] ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

ماتتا 7:13-14

تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.

ماتتا 7:21-23

ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.

ماتتا 7:24-27

ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ. يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن كېلىپ، بوران چىقىپ سوقسىمۇ، ئۇ ئۆي ئۆرۈلمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان. بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ھەربىرى ئۆيىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقكە ئوخشايدۇ. يامغۇر ياغقاندا، كەلكۈن كەلگەندە، بوران چىققاندا شۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!

ماتتا 10:14-15

سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.

ماتتا 10:32-33

شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن.

ماتتا 10:37-40

ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ.

ماتتا 13:11

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر قىلىندىڭلار، لېكىن ئۇلارغا نېسىپ قىلىنمىدى.

ماتتا 13:13-23

ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان بېشارەتتىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ قاراشنى قارايسىلەر، بىراق كۆرمەيسىلەر. چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى ئۇخلىغاندەك يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم. لېكىن، كۆزلىرىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار كۆرىدۇ؛ قۇلىقىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار ئاڭلايدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ھەققانىي ئادەملەر سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئاڭلىمىغان. ئەمدى ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار: ئەگەر بىرى [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى [قەلبىدىكى] سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.

ماتتا 15:13

لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ.

ماتتا 22:29

ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر.

ماتتا 22:37-40

ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ.

ماتتا 24:14

بارلىق ئەللەرگە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن، [خۇدانىڭ] پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىنىدۇ؛ ئاندىن زامان ئاخىرى بولىدۇ.

ماتتا 24:35

ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.

ماتتا 28:18

ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.

ماركۇس 1:14-15

ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى. ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.

ماركۇس 4:11-20

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرىنى بىلىشكە سىلەر نېسىپ بولدۇڭلار. لېكىن سىرتتىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن: «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛ ئاڭلاشنى ئاڭلايدۇ، بىراق چۈشەنمەيدۇ؛ شۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، كەچۈرۈم قىلىناتتى» [دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ]. ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، قانداقمۇ باشقا ھەرخىل تەمسىللەرنى چۈشىنەلەيسىلەر؟ دېدى. ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ. ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.

ماركۇس 5:36

لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول! دېدى.

ماركۇس 7:13

شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر.

ماركۇس 8:34-38

ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ.

ماركۇس 12:24

ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئازغان ئەمەسمۇسىلەر؟

ماركۇس 13:10

لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك.

ماركۇس 13:31

ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.

ماركۇس 16:15-16

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ.

ماركۇس 16:20

مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى.

لۇقا 2:35

شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ!

لۇقا 4:4

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، دېدى.

لۇقا 4:32

ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.

لۇقا 6:46-49

ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي. ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان كىشى بولسا، قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئۇلسىز ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. [كەلكۈن] ئېقىمى شۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!

لۇقا 8:10-15

ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ». ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، [ئېتىقادتىن] تېيىلىپ كېتىدۇ. تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ.

لۇقا 8:21

لېكىن ئۇ جاۋابەن: مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى.

لۇقا 9:23-26

ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ.

لۇقا 9:59-62

ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە: ماڭا ئەگەشكىن! دېدى. لېكىن ئۇ: رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، دېدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، دېدى. يەنە بىرسى: ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، دېدى. ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، دېدى.

لۇقا 11:28

بىراق ئۇ جاۋابەن: بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! دېدى.

لۇقا 13:23-24

بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ دەپ سورىدى. ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ.

لۇقا 14:26-27

ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس. كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس.

لۇقا 16:16-17

تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى [چۆمۈلدۈرگۈچى] يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ [پادىشاھلىققا] كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر. لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر.

لۇقا 16:29-31

بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [ئاگاھ-گۇۋاھلىقى] بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» دېدى. لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» دېدى. ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» دېدى.

لۇقا 21:33

ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.

لۇقا 24:25

ئەيسا ئۇلارغا: ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار!

لۇقا 24:27

ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى.

لۇقا 24:44-45

ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى

يۇھاننا 1:1

مۇقەددەمدە «كالام» بار ئىدى؛ كالام خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم كالام خۇدا ئىدى.

يۇھاننا 1:17

چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.

يۇھاننا 2:22

شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى.

يۇھاننا 3:12

سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟

يۇھاننا 3:16-18

چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان.

يۇھاننا 3:34

چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى [ئۇنىڭغا] ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس.

يۇھاننا 3:36

ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.

يۇھاننا 4:24

خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.

يۇھاننا 5:24-25

ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.

يۇھاننا 5:38-39

ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر. مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر.

يۇھاننا 6:63

[ئىنسانغا] ھاياتلىق بەرگۈچى روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر.

يۇھاننا 8:24

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، دېدى.

يۇھاننا 8:31-32

ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، دېدى.

يۇھاننا 8:43-47

سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. قايسىڭلار مېنى گۇناھى بار دەپ دەلىللىيەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر!

يۇھاننا 8:51

بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ.

يۇھاننا 10:26-27

بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.

يۇھاننا 10:35

خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ)

يۇھاننا 12:25-26

كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.

يۇھاننا 12:37-43

گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى: «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟» خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، [دەيدۇ پەرۋەردىگار]». خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، [دەيدۇ پەرۋەردىگار]». بۇ سۆزلەرنى يەشايا [پەيغەمبەر] [مەسىھنىڭ] شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى. ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى.

يۇھاننا 12:48

بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ.

يۇھاننا 12:49-50

چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن. ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن.

يۇھاننا 14:6

ئەيسا ئۇنىڭغا: يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.

يۇھاننا 14:15

ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.

يۇھاننا 14:21

كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن».

يۇھاننا 14:23-24

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بىركىم مېنى سۆيسە، سۆزۈمنى تۇتىدۇ؛ ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ ۋە [ئاتام] بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز. مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر.

يۇھاننا 15:7

سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ.

يۇھاننا 16:13

لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ.

يۇھاننا 17:14

مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.

يۇھاننا 17:17

ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر.

يۇھاننا 18:37

شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟ ئەيسا جاۋابەن: شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم: ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، دېدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:29

لېكىن پېترۇس ۋە [باشقا] روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىش كېرەك!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:46

ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر [يەھۇدىي خەلقىگە] يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز [سىلەردىن] بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز!

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17:11

ئۇ يەردىكى [سىناگوگدىكىلەر] تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:9

لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا [رەبنىڭ] يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20:29-31

چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ، ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 28:26-27

ــ «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»».

رىملىقلارغا 1:1-2

روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى خېلى بۇرۇنلا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى.

رىملىقلارغا 1:16-22

چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! چۈنكى [خۇش خەۋەردە] ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر. [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ». چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا. چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن (چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛

رىملىقلارغا 3:1-4

ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە] يېزىلغىنىدەك: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن».

رىملىقلارغا 3:10-11

دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر، يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر، خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر.

رىملىقلارغا 3:31

ئەمدى ئېتىقاد پرىنسىپى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.

رىملىقلارغا 7:6

لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا [خۇدانىڭ] قۇللۇقىدا بولىمىز.

رىملىقلارغا 7:12

بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر.

رىملىقلارغا 7:25

رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن.

رىملىقلارغا 8:7

چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛

رىملىقلارغا 10:15-17

شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!». بىراق، خۇددى يەشايا [پەيغەمبەرنىڭ] «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس. شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.

رىملىقلارغا 11:8

خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى».

رىملىقلارغا 15:4

چۈنكى بۇرۇندا [ۋەھىي بىلەن] پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر.

رىملىقلارغا 16:17-18

قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 1:18

چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:6-7

ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 2:13-15

بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى [مۇقەددەس] روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز. ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر. روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 7:19

سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ [ھېساب بولىدىغىنى] خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 15:1-2

ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر.

كورىنتۇسلۇقلارغا «1» 16:22

ھەركىم رەب ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچى بولمىسا، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن! رەببىمىز، كەلگەيسەن!

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 2:15-16

چۈنكى بىز خۇداغا يەتكۈزۈلىۋاتقان مەسىھنىڭ خۇشپۇرىقىدۇرمىز، ھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا ھەم ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا شۇنداقمىز؛ كېيىنكىلەرگە ئۆلۈمگە بولغان ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى، ئالدىنقىلارغا ھاياتلىققا بولغان ھاياتلىقنىڭ پۇرىقىدۇرمىز؛ ئەمدى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 3:6-9

ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشقا ئىقتىدارلىق قىلدى؛ بۇ ئەھدە پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەرگە ئەمەس، بەلكى روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى پۈتۈكلۈك سۆز-جۈملىلەر ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ؛ لېكىن روھ بولسا ئادەمگە ھايات كەلتۈرىدۇ. ئەمما سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاشلارغا ئويۇلغان، ئۆلۈم كەلتۈرىدىغان خىزمەت شان-شەرەپ بىلەن بولغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈزىدە جۇلالانغان شان-شەرەپتىن ئۇنىڭ يۈزىگە كۆزلىرىنى تىكىپ قارىيالمىغان يەردە (گەرچە شۇ شان-شەرەپ ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ)، روھ بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان خىزمەت تېخىمۇ شان-شەرەپلىك بولمامدۇ؟ چۈنكى ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىدىغان خىزمەت شەرەپلىك بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان خىزمەتنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئېشىپ تاشمامدۇ!؟

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 4:2-4

ئەمدىلىكتە شەرمەندىلىككە ئائىت يوشۇرۇن ئىشلارنى تاشلاپ، نە ئالدامچىلىقتا ماڭماي، نە خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىماي، بەلكى ھەقىقەتنى ئەينەن ئايان قىلىش بىلەن خۇدا ئالدىدا دۇرۇسلۇقىمىزنى ھەر ئادەمنىڭ ۋىجدانىغا كۆرسىتىمىز. ئەمما خۇش خەۋىرىمىز چۈمكەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھالاك بولۇۋاتقانلارغا نىسبەتەن چۈمكەلدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 11:3

ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 11:13-14

چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر. بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ.

كورىنتۇسلۇقلارغا «2» 13:8

چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس.

گالاتىيالىقلارغا 1:6-9

سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن! ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس. لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!

گالاتىيالىقلارغا 2:5

لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛

گالاتىيالىقلارغا 3:10

لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ».

گالاتىيالىقلارغا 3:13-14

ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئىبراھىمغا ئاتا قىلىنغان بەخت يات ئەللىكلەرگىمۇ كەلتۈرۈلۈپ، بىز ۋەدە قىلىنغان روھنى ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلالايمىز.

گالاتىيالىقلارغا 3:16

شۇنىڭدەك، [خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى] ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. [مۇقەددەس كىتابتا] ئۇ: «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر.

گالاتىيالىقلارغا 3:24

شۇ تەرىقىدە، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ، بىزنى مەسىھكە يېتەكلىدى.

گالاتىيالىقلارغا 4:16

ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 1:17-18

تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:14

شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5:26

[مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر،

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 6:17

ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛

فىلىپپىلىقلارغا 1:9-10

مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر

فىلىپپىلىقلارغا 2:16

شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن.

كولوسسىلىكلەرگە 1:23

(ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم.

كولوسسىلىكلەرگە 2:8

ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛

كولوسسىلىكلەرگە 4:3

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛

تېسالونىكالىقلارغا «1» 1:6

شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار،

تېسالونىكالىقلارغا «1» 2:2

سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق.

تېسالونىكالىقلارغا «1» 2:13

خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ [سۆز-كالام] ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە.

تېسالونىكالىقلارغا «2» 1:7-9

شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ.

تېسالونىكالىقلارغا «2» 2:8-12

ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ. «قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر. شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.

تىموتىيغا «1» 1:8-11

ئەمدى بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر. چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن. بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.

تىموتىيغا «1» 2:3-4

بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ.

تىموتىيغا «1» 3:15

مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر.

تىموتىيغا «1» 4:1

ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ.

تىموتىيغا «1» 4:6

بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ.

تىموتىيغا «1» 4:13

مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن.

تىموتىيغا «1» 4:16

ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن.

تىموتىيغا «2» 1:8

شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛

تىموتىيغا «2» 2:12

قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ.

تىموتىيغا «2» 2:15

ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛

تىموتىيغا «2» 2:24-25

ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛

تىموتىيغا «2» 3:7

بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ.

تىموتىيغا «2» 3:15-17

ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.

تىموتىيغا «2» 4:2-4

[خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن. چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ.

تىتۇسقا 1:9

ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

تىتۇسقا 1:13

بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن.

تىتۇسقا 2:1

لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك.

ئىبرانىيلارغا 2:1-3

بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن [ھەقىقىي يولدىن] تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ [جازادىن] قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛

ئىبرانىيلارغا 3:7-12

شۇڭا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرۈپ، چۆل-باياۋاندا ئۇنى سىنىغان كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار! مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قىرىق يىل كۆرۈپ كەلگەنىدى. مەن شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: «بۇلار كۆڭلىدە دائىم ئاداشقانلار، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن. شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېدىم». ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛

ئىبرانىيلارغا 4:2-3

چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى [چۆلدىكى ئىسرائىللارغا] ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز-كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ دېگەن». خۇدانىڭ ئەمەللىرى بولسا دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىلا ھەممىسى تاماملانغانىدى؛

ئىبرانىيلارغا 4:12-13

چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.

ئىبرانىيلارغا 6:4-6

چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا.

ئىبرانىيلارغا 8:10

چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: «مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.

ئىبرانىيلارغا 10:16

«ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ

ئىبرانىيلارغا 10:26-29

ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟

ئىبرانىيلارغا 11:6

ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.

ئىبرانىيلارغا 12:25

بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى رەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلغانلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتە بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدىن يۈز ئۆرۈسەك، ھالىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولمامدۇ؟

ئىبرانىيلارغا 12:29

چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر.

ياقۇپ 1:5

بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.

ياقۇپ 1:21-24

شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ.

ياقۇپ 4:4-10

ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «[خۇدا] قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟ لېكىن [خۇدا] بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ [شۇنداق قىلساڭلار] ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ. خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. [گۇناھلىرىڭلارغا] قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.

پېترۇس «1» 1:22-25

سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى. چۈنكى [خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: «بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس، ئۇلارنىڭ بارلىق شان-شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز-كالام دەل شۇدۇر.

پېترۇس «1» 2:2

رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ [كامالىتىگە] يېتىپ ئۆسىسىلەر.

پېترۇس «1» 2:7-8

ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر. ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر.

پېترۇس «1» 4:17

چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟

پېترۇس «2» 1:18-21

مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر). شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر.

پېترۇس «2» 2:1-3

لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ.

پېترۇس «2» 3:16-17

بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، [مەن ئېيتقان] بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار.

يۇھاننا «1» 2:3-6

بىزنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. «ئۇنى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغۇچى كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز. «خۇدادا تۇرۇپ ياشايمەن» دېگۈچى بولسا [ئەيسانىڭ] ماڭغىنىدەك ئوخشاش مېڭىشى كېرەك.

يۇھاننا «1» 4:1

سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى.

يۇھاننا «1» 4:6

بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز.

يۇھاننا «1» 5:2

بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر.

يۇھاننا «1» 5:10

(خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق باردۇر؛ بىراق خۇداغا ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنى يالغانچى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى تەستىقلىغان گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن)

يۇھاننا «2» 1:6

(مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر.

يۇھاننا «2» 1:9-11

كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.

يەھۇدا 1:5

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېسىڭلارغا قايتىدىن سېلىشنى خالايمەنكى (گەرچە سىلەر بۇرۇن ھەممە ئىشلاردىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولساڭلارمۇ)، بۇرۇن رەب [ئۆزى ئۈچۈن] بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى [ئۆزىگە] ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى.

ۋەھىي 1:16

ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى.

ۋەھىي 2:2

ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.

ۋەھىي 2:16

شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن.

ۋەھىي 3:16-17

سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن. سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە،

ۋەھىي 12:17

بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى.

ۋەھىي 14:6-7

ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! دەيتتى.

ۋەھىي 15:4

ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».

ۋەھىي 19:12-13

ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ۋەھىي 19:15

ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر.

ۋەھىي 19:21

قالغىنى بولسا ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن قىرىلدى. بارلىق پۈتۈن ئۇچار-قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشى بىلەن يەپ تويۇندى.

ۋەھىي 22:18-19

مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

Uyghur - ئۇيغۇرچە - UG (RTL)

UG'BSS - Uyghurche Bible - 2010

This Bible text is from Bible In Uyghur Arabic Script
https://find.bible/bibles/UIGARA/
provided by: Mukeddes Kalam Uyghur Bible Translation Committee, available by Creative Commons CC-BY-SA-4.0,
and this new compilation is shared as www.creativecommons.org/licenses/by-sa/4.0.
Languages are made available to you by www.ipedge.net